Qonasliq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 15:18:17

تەسىرات

كۆز ـــ ئىنسانىيەت ئاپىرىدە قىلىنىپ ھەرخىل مەنزىرىلەردىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئىبرەت، ئىلھام ۋە ھۇزۇر ئېلىش نۇقتىسىدىن كۆرسۈتۈپ بېرىش ئۈچۈن ئىنسانغا ئاتا قىلىنغان ئەڭ كاتتا نېمەت.
شۇنداق، ئۇ سىزگە سۈكۈنات ئىچىدە ۋولقان كەبى ئۆركەشلەۋاتقان لاۋا ئېقىنىنى، ئۇزۇندىن بىرى قەلىبلەرنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا  ئۆرتەپ  چىقالمايۋايتقان نالە-پەرياد، مۇڭ-پىغاننى باشقىلارنىڭ يۈزەكى خۇشاللىق قىياپىتىدىن كۆرسۈتۈپ قويۇپ سىزگە قەتئىي ئارامەيدىغان ئاجايىپ نەرسە. ھەر قېتىم مۇشۇنداق ئىشلارنى كۆرگۈنۈمدە كۆرمىسەمكەن دەيمەنۇ بىئىختىيار كۆرۈپ سېلىپ  خۇددى لاۋۇلداپ تۇرغان چوغقا دەسسىۋالغاندەك بولىمەن. ئەلۋەتتە بۇ قارا قاشلىق كۆزۈمدىن مىڭ مەررە رازى. يېقىندا چېچىمنى ياساتقىلى ساتىراشخانىغا كىرىپ قالدىم، ساتىراشخانىدا ئادەم جىق بولغانلىقى ئۈچۈن بىر دەم ساقلاپ تۇرۇشقا توغرا كېلىپ ئۆي ئۇتتۇرسىغا قويۇپ قويغان مەشنىڭ يېنىدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تۇردۇم. شۇ پەيتتە تۇيۇقسىز ئاپامنىڭ ئادەمگە راھەت بەخىش ئېتىدىغان مۇڭلۇق «ئەللەي» «ئىلىللاھ ئىل» كۈيلىرىنى كىچىكمدىن ئاڭلاپ تويمىغان، يىگىرمە نەچچە يىلدىن بۇيان ماڭا ئىزچىل ئەڭ يېقىن سىردا بولۇپ كەلگەن، نەچچە مىليۇن كىشىنىڭ زۇۋانى بولغان ئانا تىلىم ئۇيغۇرتىلىنى تېلېۋۇزۇردىن  ئاڭلاپ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر ھاياجان ئىچىدە ئىكرانغا قاردىم-دە، بۇ ھاياجان ئۇزۇنغا بارمايلا ئېغىر روھىي غېرىپلىققا ئايلىنىپ نۇرغۇنلىغان «نېمىشقا» دېگەن سۇئالنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. ئىكراندا ئەللىك -ئاتمىش  ياش ئەتراپىدىكى بىر ئاكىنىڭ مۇخبىر بىلەن دىئالوگلىشىۋاتقان جەريانى قۇيۇلىۋاتاتتى. چىرايىدىن ئۇزۇندىن بىرى كۈلمەي كۈلۈشنىڭ  سىماسىمۇ قالمىغان، كۈلۈشنىڭ ئورنىنى تەسۋىپسىز غەم-غۇسسىدىن كېلىپ چىققان ئېغىر خىياللار باسقان بىر ئاكىنىڭ ئاشۇ پەيتتە مۇخبىرنىڭ«سىزنىڭ كۈنىڭىز قاندارقراق؟ بەختلىكمۇ» دېگەن سۇئالىغا  تۇڭلىغانلىقدىنمۇ ياكى ئۆزىگە قارشى چوقان سېلىۋاتقان يۈرەك پىغانىنىڭ سەۋەبىدىنمۇ دىردىر تىترەپ تۇرۇپ  «مەن بەختلىك! كۈنۈممۇ ياخشى» دەپ كۈلۈشى، ئەقلى ھوشى جايىدىكى بىر ئادەمنىڭ بۇنىڭ «يالغان»لىقىنى سېزىۋېلىشى تەس ئەمەس. ئۇ ئاكىمىزنىڭ قارىشىدا مۇشۇنداق دېيىش ھازىرقى زاماننىڭ تەقەززاسى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىر جەمئىيەتنىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالىنى ئۆزىنىڭ چىقارغان ئاخباراتلىرى ئارقىلىق يۇقۇرى ئورگانلاردىكى كىشىلەرنىڭ خەۋەردار بولۇشىنى كەسىپ قىلغان بىر مۇخبىرگە نىسبەتەن بۇنداق ئىشلاغا قىلچە كۆڭۈل بولمەستىن ئىش قىلىشى ئۆزىنىڭ مۇخبىرلىق ۋىجدانىغا ۋە پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلاردىن كۈتكەن غايەت زور ئۈمىدىگە شەك-شۈبھىسىز خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدا يۇقۇرىغا دوكلات قىلىش ئىشى ئەلۋەتتە قولىدىن كېلىدۇ.
ئويلاپ باقايلى،  ئون ئىككىنچى ئاي كىرەي دېگەن مەزگىلدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن بەكراق سوغۇق بولىدىغان جايلىرىنىڭ بىر جايدىكى  قەھرىتان سوغۇقتا ئومۇمىيەتكە سىموۋلۇق قىلىدىغان بىر ياشانغان ئاكىنىڭ ئۈستىگە كۆڭلەك بىلەن نىپىز چاپان، ئاستىغا يازلىق ئاياق ۋە چىبەرقۇت ئىشتان كېيىپ كۆز ئالدىمىزدىكى  ئىكراندا زاھىر بولۇشى ئادەمگە خۇددى دىلىنى بىرسى پىچاق بىلەن قىرغاندەك ھېسسىيات ئاتا قىلىدۇ. بۇنداق مەنزىرىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم «نېماشقا» ئۇنداق بولىدۇ؟
ئۇلارنىڭ ئىشلەپ باشقىلاردەك سوغۇقنى تېرە چاپان ئىچىدە ئۆتكۈزدەك ھالى تۇرۇپ، «نېمىشقا» بۇنداق قىلمايدۇ؟، دېگەندەك نۇرغۇن «نېمىشقا»لارنى ئويلاپمۇ ئۈلگىرىدۇ.
سۇئال چىققانىكەن جاۋابىنىمۇ ئىزدەشكە ئۇرۇنىدۇ-دە،  بىزلەرنىڭ يەنە چۈشەندۈرۈشىمىزنىڭ ئورنىمۇ قالمايدۇ. شۇڭا بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ھەر بىر ئوقۇرمەن ئۆزى ئويلىنىۋالسۇن!
-قوناسلىق تەسىراتى

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 17:41:19

قوناسلىق دىگەن نىمە؟

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 17:47:42

taz يوللىغان ۋاقتى  2014-12-1 17:41 static/image/common/back.gif
قوناسلىق دىگەن نىمە؟

ئۇ تورداشنىڭ  ئىزدىنىشتىكى ئىسمى ئىكەن .

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 19:09:12

ئادەمنىڭ بەخىت تۇيغۇسى ئۇخشاش بۇلمايدۇ  
بەخىتنىڭ   قەلىپى بۇلمايدۇ
بەخىت  بەلكىم  قانائەت بۇلسا كېرەك

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 10:14:22

tursunjan1 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-1 19:09 static/image/common/back.gif
ئادەمنىڭ بەخىت تۇيغۇسى ئۇخشاش بۇلمايدۇ  
بەخىتنىڭ   قەل ...

مىنىڭچە بەخت دىگەن ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىدىن رازى بۇلۇشى دەپ ئويلايمەن.

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 10:22:32

قوناس دېگەن يەر ئىسمى .

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 10:40:21

بەخىت دىگەن ئاتالغۇ ئەسلى بىر قۇرۇق گەپ ئۇ خۇددى ئېغىلغا قايتقان ئىشەكنىڭ ماڭلىيىغا تاياقتا تېڭىلغان بىدىگە ئوخشايدۇ.
ھەر كىمنىڭ بىدىسى ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدا، كىچىككىنە قانائىتىنىڭ شەكلىدە بولىدۇ. مەسىلەن ئاشۇ بىمەنە سوئالغا جاۋاپ بەرگۈچى ئاكىنىڭ (بىدىسى) بەلكىم بىز ئويلاپ يىتەلمەيدىغان يەنە بىر شەكىلدە بولىشى مۇمكىن، ھەممە ئادەم بەخىت دەپ ئىزدىنىۋاتقاندا، شۇ كىشىگە بۇ ئۇقۇم تەسىر قىلماي قالامدۇ، بەلكىم ئۇ بىر ئورام موخوركىنى قېنىپ شورىۋىلىشنى بەخىت دەپ بىلىدىغاندۇ.
ھەمىمىز ئوخشاش. {:92:}

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 12:49:05

قوناس نەچچىنچى دادۈي؟:lol

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 13:05:32

مۇشۇ ئۈرۈمچىدە قىش بولمىغان بولسا دەھشەت بەختلىك بوپ كېتەتتىم... مۇشۇ باشقىلارمۇ توڭلامدىغاندۇ؟

Qonasliq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 13:22:22

شەھلا ئەيلانىڭ بەخت ھەققىدە ئوتتۇرغا قويغان پىكىردىن ھېس قىلىشىمچە «ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىنى قاندۇرۇش» «بەخت» بولۇپ ھېسابلىنىدىغاندەك تۇيۇلدى بەلكىم خاتا چۈشىنىۋالغاندىمەن. ئەمما مېنىڭ نەزىرىمدە بەخت سوبېيكتىب مەۋجۇتلۇق دەپ قارايمەن.

HAliS98 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 14:23:44

باللا قوناس دەمدۇق قاناس دەمدۇق ؟

HAliS98 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 14:24:07

ياكى ئىككىسىسى ئايرىممۇ
بەت: [1]
: تەسىرات