bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 11:53:55

قان تىپىڭىز نېمە؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-7 08:57

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،

بىلگىنىمىزدەك نۇرغۇن كىشىلەر قان تىپى بىلەن ئۆزىنىڭ خاراكتېرىنى باغلاپ چۈشىنىدۇ. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا بىز A قان تىپلىق كىشىلەرنىڭ مىجەزى ئېغىر بېسىق، زېرەك بولىدۇ ياكى O قان تىپلىق ئادەملەر ئوچۇق-يورۇق كىلىدۇ.... دېگەندەك گەپلەرنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ قان تىپى بىلەن ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ قان تىپى بويىچە مىجەزى ماس كىلەمدۇ-يوق، دېگەنلەرگە قىزىقىش كۈچلۈكمىكىن، دەپ ئويلايمەن (مەنمۇ شۇنداقراق نەرسىلەرنى ئوقۇپ دەل كەلتۈرۈپ باققان ئۆز ۋاقتىدا :D). مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بۇ بىر قىزىقارلىق قاراش.

مەن مۇشۇ قاراش ئۈستىدە بىر كىچىككىنە تەكشۈرۈش ئىلىپ باراي دېگەن ئىدىم. ھەممىڭلارنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىپ تۆۋەندىكى ماس كېلىدىغان تۈرلەرگە بېلەت تاشلاپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بېلەت تاشلاش 6 كۈندىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ ۋە مەن ئاخىرىدا سىتاتىستىكا نەتىجىسىگە ئاساسەن ئۆزۈمنىڭ ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قارىشىنى خۇلاسىلەپ بۇ توغرىدا بىر ياخشى ماقالە يېزىپ سىلەرگە سۇنىمەن. قانداق، قوشۇلامسىلەر؟ ئامال بار بۇ تېمىنى كۆرگەن ھەممىڭلار بېلەت تاشلاپ قويساڭلار. رەھمەت!

ئەسكەرتىش: ئىختىيار قىلسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ قايسى تۈرنى تاللىغىنىڭىزنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويۇڭ.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:04:10

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:08:46

مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:12:50

مەن بىرىنچىسىنى تاللىدىم ، مەن مىجەزنى قان بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئويلايمەن ، ‹‹خلىت دىگەن جىگەردىن ئارجراپ چىقىدۇ›› دەپ بىر يەردىن ئاڭلىغاندەك قىلغان لىكىنجەزىملەشتۈرەلمەيمەن، خلىت ئادەم مىجەزىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ، ئەگەر شۇنداق بولسا قان بىلەن بىلەن خىلىت بىر يەردىن چىقىدۇ ، شۇڭا قان بىلەن مىجەزنى مۇناسىۋېتى بار دەپ قارايمەن:)

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:16:10

قان تىپى توغرىسىدىكى پاراڭلارنىڭ سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتى ئالمىشىپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن.
يەنى قانداق قان شەكلى بولغانلىقى ئۈچۈن قانداق مىجەز بولىدۇ ئەمەس،بەلكى مەن مۇنداق قان تىپى بولغانلىقىم ئۈچۈن مۇنداق مىجەزدە بولىشىم كېرەك دىگەندەك...........مىڭە يۇيۇش بىلەن ئوخشىشىپ كەتسە كېرەك........

ئەسلى قان تىپى بىلەن مىجەزنىڭ مۇناسىۋىتى يوق بولىشى كېرەك.
ئەمما ھازىر پۈتۈنلەي يوق دەپمۇ ئېيتالمايمىز.

uyghuryar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:18:02

مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن. بۇ ھەقتە ياپۇنىيە ئالىملىرىنىڭ ھەرخىل قان تىپتىكى باللارنىڭ خاراكتىردىكى پەرقنى ئىسپاتلاش توغۇرسىدا ئىلىپ بارغان تەجىرىبىسنى توردا كۆرگەنتىم.

kitabhumar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:23:32

قان بىلەن مىجەزنىڭ مۇناسىۋېتى بار دەپ قارايمەن

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:23:58

uyghuryar يوللىغان ۋاقتى2014-12-1 12:18 static/image/common/back.gif
مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن. بۇ ھەقتە ياپۇنىيە ئالىملىر ...

ئۇنى مەنمۇ كۆرگەن.
ئۇ ئالىملارنىڭ سىنىقى ئەمەس،كۆڭۈل ئېچىش پىروگىرامىسى:lol
قان تىپى.مۆچەل ياكى يۇلتۇز تۈركۈمى توغرىسدىكى پاراڭلار ئۇيۇن قاتارىدا بولسىلا بولىدۇ.
ئىملىيلىك ئىزدەپ ئىستاستىكا قىلىپ ئاخىرىدا ھەممە قان تىپىدىكىلەر ئەسلى ئادەملەركەن دىگەندەك ئاقماس نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشقان تەتقىقاتلار نۇرغۇن:lol

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:29:44

قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ دەپ قويىدۇ كونىلار
2.نى تاللىدىم

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:37:21

مىنىڭ ھىسقىلشىمچەئادەمنىڭ قانتىپى بىلەنمىجەز خۇلقى ئوتتۇرسىدا باغلىنىش مەۋجۈت !
يەنى قانتىپىنىڭ قانداق بولشى شۇ ئادەمنىڭ %30 پىرسەنىت خۇي پەيلىنىنىڭ قانداق بولشىنى بەلگۈلەيدۇ ،مىجەز ئالاھىدىلكىدە ئاتا_ ئانا ياكى بىر جەمەت قانقىرىنداشلىرنى دوراپ قىلىش دىگەندەك ،،قالغان %70پىرسەنىت مىجەز ئالاھىدىلكى ئادەمنىڭ تۇغۇلۇپ تاكى ھازىرغۇچە بولغان ئۆسۈپ يىتىلشىدە باشتىن كەچۈرگەن ئىسسىق سوغۇق
ئىجتىماھى جەميەتتىن ئالغان تەسىرى ۋە تەربىيسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن .
---------------------------------------------------------------------

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:39:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sabira تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-1 13:36



مەن2- نى تاللايمەن.

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:42:52

Erajan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:45:27

مەنمۇ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن !

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:48:46

مىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىم رىۋايەت تۈسىنى ئالغان تەسەۋۋۇردىن كەلگەن. مۇناسىۋىتى بار دەپ قارايمەن.گۈدەك چاغلىرىمدا چوڭ ئاپام ئادەم ئاتىنىڭ قىسسىسىنى سۆزلەپ بىرىدىغان.ئادەم ئاتىنىڭ ئەڭ دەسلىپىدە تۆت پەرزەنتى بولغانىكەن.تۆت خىل قان تىپنى شۇلاردىن قالغان دەپ تەسەۋۋۇر قىلىمەن.پەرزەنتنىڭ ئاتا ئانىنىڭ قىسمەن خاراكتىرىنى ئالىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز.شۇڭا ئىنسانلارنىڭمۇ مەلۇم تۆت چوڭ ئورتاق خاراكتىر توپلىرىغائايرىلىش مۇمكىنچىلىكى بارمىكىن دەپ ئويلايمەن.ئەخلەت كىتابلاردا دىيىلگەندەك ۋەياكى تورلاردا ئۈندىدارلاردا تارقىلىۋاتقان Aقان تىپلىقلار جۇشقۇن ئىنتىلىشچان.......بولىدىيەي B قان تىپىدىكىلەر مۇنداق بولىدىيەي دىگەندەك گەپلەرگە پەقەتلا ئىشەنمەيمەن.ئادەم دىگەن ئىنتايىن مۇرەككەپ جانلىق.ھەربىر ئادەمنىڭ خاراكتىرى بارماق ئىزىغا ئوخشاش قايتىلانمايدۇ دەپ ئويلايمەن.ئەلىپىسخىكا ئىيتقاندەك بىر ئادەمنىڭ جۇشقۇن بوپقالىدىغان ۋاقتى باتۇۇر بوپقالىدىغان ۋاقتى بوپقالغاندەك ئەكسىچە خاراكتىر ئىپادىلەيدىغان ۋاقتىمۇ بوپقالىدۇ. ماقالىڭىزنى كۈتىمىز.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:58:38

biotech0990 يوللىغان ۋاقتى2014-12-1 12:42 static/image/common/back.gif
مۈچەل، يۇلتۇز تۈركىمى قاتارلىقلار ئاستىرونومىيەگە ت ...

:lol
يا دىندا يە پەندە يوق نەرسىگە بەك قىزىقىپ كەتمەيمەن.
ئۇيۇن قاتارىدا پاراڭ بولسا قىلىشساق بولىدۇ.

acid يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:59:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   acid تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-1 13:01

3
بار دىسەك بار، لىكىن يوق.

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 13:02:22

قان تىپى بىلەن مىجەز - خارەكتېرنىڭ مۇناسىۋىتى بار- يوقلىقىغا ئالاقىدار ئىلمى تەكشۈرۈش خۇلاسىسى ئاڭلاپ باقمىدىم. بىراق پىسخىكىغا ئائىت ماتېرياللاردا قان تېپى بىلەن مىجەزنىڭ باغلىنىشلىقىنى كۆپ تەكىتلىگەنلىكى ۋە جەمئىيىتىمىزدە ئومۇملىشىپ كەتكەن ئاممىۋى قاراش بولغانلىقىدىن ، مىجەزنىڭ قان تىپى بىلەن مۇناسىۋىتى بار -دەپ قارايمەن. لېكىن بىلگەجان،سىزنىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈشىڭىزدىن كېيىن، باشقىچە ئىسپاتلانسا، قوبۇل قىلىمەن.:lol

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 13:07:14

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 13:08:49

خىلىتنىڭغۇ مۇناسىۋىتى بار.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 13:14:43

tadubeg يوللىغان ۋاقتى2014-12-1 13:08 static/image/common/back.gif
خىلىتنىڭغۇ مۇناسىۋىتى بار.

ياق، پەقەت قاننىڭ گېپى بولۇۋاتىدۇ. گەپنى ئەپقاچمىسىلا دەيمەن. :lol
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: قان تىپىڭىز نېمە؟