huxhui يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 09:02:49

تەشۋىقات ئېلان ئىسراپچىلىقى

ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلار بىرەر تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى كۈتۈۋالغاندا، ھەر قايسى تارماقلار تۈرلۈك خاتىرە كۈن ، بايرام ، تەشىۋىقات كۈنلىرىنى ئۆتكۈزگەندە ، كوچىلارغا دەبدەبىلىك ئىبارىلەر بىلەن تولغان تۈرلۈك لوزۇنكا، پىلاكاتلارنى ئېسىشىپ ، ھەتتا رادىئو كانىيى ئورنىتلىغان تەشىۋىقات ماشىنلىرىنى ئىشقا سېلىشىپ تەشۋىقات ۋە ئېلانچىلىقنى داغدۇغىسى بىلەن قىلىش نۆۋەتتە بىر خىل ئۇدۇم تۈسىنى ئالغان ، ھەممە ئادەم كۆنۈپ كەتكەن كونا شەكىلۋازلىق بولۇپ قالدى.
ئەلۋەتتە، لوزۇنكا ئېسىش، شۇئار چاپلاش ، تەشۋىقات ماشىنىسى سەپلەش قاتارلىق ئۇسۇللار مەلۇم كەيپىيات يارىتىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ بىرەر مەسىلە ياكى ھەرىكەت ۋە پائالىيەتكە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش، ئىجتىمائي ئۈنۈم يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. لېكىن قارىغۇلارچە ئىش كۆرىۋەرگەندە بۇنىڭ ئىجتىمائي ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئىقتىسادى ئۈنۈمىنىچۇ ، دەپ سورسىڭىز بۇنى ئېلانچىلىق ، بېزەكچىلىك شىركەتلىرى كۆرىدۇ. سەگەكلىك بىلەن ئويلايدىغان بولساق ، ئەتراپىمزدىكى تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەر ، خاتىرە كۈنلەر، بايراملار ؛ ئەسكەر قۇبۇل قىلىش ، كۆچەت تىكىش، مۇھىت ئاسراش... قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئائىت ئاممىۋىي تەشىۋىقاتلار ئومۇمەن ھەر يىلى تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. ئىلگىرىمۇ شۇنداق بولغان ھەم كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن ، ئېلان لوزۇنكا دېگەنلەرنى ئىشلىگەندە بىرەر قېتىم پۇختىراق ئىشلەپ ، ئوبدان ساقلاپ قويۇپ ، كېلەر قېتىم قايتا ئىشلەتسىمۇ ئىسراپچىلىقتىن ساقلانغلى بولىدۇ. بولسا تېخى ئېلان ، لوزۇنكىلارنى ئىدارە - ئورۇنلار ئۆزلىرى يېزىپ ئاسسا تېخىمۇ تېجەشلىك بولىدۇ. ھالبۇكى ، بىزدىكى نۇرغۇن ئىدارە - جەمئىيەتلەر بىر مۇنچە ئىقتسادىي ئىسراپچىلىق بەدىلىگە ھەر يىلى ئېلان ، بېزەكچىلىك شىركەتلىرىگە لوزۇنكا، ئېلان ، شۇئار ئىشلەتكۈزۈشۈپ ، يەنە تېخى ئالاقىدار ئورۇنلارغا « ئىېسىش ھەققى » تۆلەپ كوچىلارغا ئېسىشىدۇ . بۇ ئېلانچىلىق ، بېزەكچىلىك شىركەتلرىنىڭ ئاسان ۋەيرا بولمايدىغانلىقىدىكى بىر ئاممىۋى تېرەك . لېكىن ھەر يىلنىڭ شۇ مەزگىلىدە شۇ كۈنىدە دېگۈدەك پەيدا بولدىغان مۇئەللەقتە ئېسىلىپ تۇرىدىغان بۇنداق لوزۇنكا ، ئېلان ، شۇئارلارغا بىرەر كىشىنىڭ زەڭ قويۇپ ئوقۇۋاتقانلىقىنى ياكى بۇنىڭدىن نېمە مەنپەئەت ئالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ . يەنە ئويلىنىپ كۆرسەك ، بەزىلەر بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ تەشۋىقات مەزمۇنىنى ئۇنئالغۇغا ئالدۇرۇپ ، تەشۋىقات ماشىنىسىنى بېزەتكۈزۈپ ئاخىرى رادىئو كارنىيىنى ۋارقىراپ تۇرغان ماشىنا بىلەن كوچا ئايلىنىدۇ. بۇنداق قىلغاندا شۈبھسىزكى ، ھېچكىم بۇ ھەرىكەتچان ماشىنىدىكى كارنايدىن چىقىۋاتقان مەزمۇننى ئاڭلاي دەپمۇ تولۇق ئاڭلىيالمايدۇ. تەشىۋىقات مەزمۇنىنىڭ بىر جۈملىسىنى بۇ مەھەللىدىكى ئەمەت ئاڭلىسا ، يەنە بىر جۈملىسىنى ئۇ مەھەللىدىكى سەمەت ئاڭلايدۇ. ئاڭلايمەن دېگۈچىلەر ماشىنىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يۈرۈپ ئاڭلىسا بۇ باشقا گەپ .
     قايسى بىر يىلى بىزنىڭ ناھىيە مەلۇم بىر تەكشۈرۈش ئۆمكىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ناھىيە بازىرىنىڭ غول كوچىلىرىغا نەچچە يۈزلىگەن ئېلان ، شۇئار ، تەشۋىقاتلار يېزىلغان چىراغلىق ساندۇقلارنى ئورنىتىپ ، كوچىلارنى بېزەپ ئاجايىپ كۈتۈۋېلىش كەيپىياتى ياراتتى. ئەپسۇس، ئۆمەكنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈنلا زەربىدارلىق بىلەن ياسالغان بۇ « پار - پۇر ساندۇق » لار كۈتۈۋېلىشتىن كېيىن ئۇزنغا پايلىمىدى. بۇ ساندۇقلار تۆۋەن ئورنىتلغاچقا ، بەزىلىرىنى شامال بۇزۋەتتى، بەزىلىرىنى ئاپتوموبىللار سوقۇپ جۇلىقىنى چىقىرىۋەتتى، بەزىلىرىنىڭ ئىچىدىكى چىراغلىرى ئۆلۈپ رولىنى يوقاتتى. بېزەكچىلىك شىركەتلىرىگە زور پايدا ئېلىپ كەلگەن بۇ قىممەتلىك بۇيۇملار ئاخىرى شەھەرنى بېزىمەكتە يوق ، ئەكسىچە شەھەر ھۆسىنىگە داغ چۈشۈردى.
     ھالبۇكى ، مېنى قايىل قىلدىغىنى شۇكى ، بىز دائىم تېلېۋزوردىن كۆرۈپ تۇرىدىغان پايتەخىت بېڭجىڭدىكى تىيەنئەنمىن راۋىقىغا يېزىلغان«جۇڭخۇا خەلىق جۇمھىريتى ياشىسۇن » ، « دۇنيا خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتىپاقلىقى ياشىسۇن » دېگەن شۇئارلار 55 يىلدىن بۇيان ئۆزگەرمىدى. ئەھۋالدى خەۋەردارلارنىڭ ئېيتىشچە ، بۇ شۇئارلارنى ھەر يىلى بىرەر قېتىم سىرلاپ يېڭىلاپ تۇرىدىكەن ، خالاس. پايتەخىت دېگەن بىر دۆلەتنىڭ باش ئاپپاراتى جايلاشقان جاي، يەنە كېلىپ تىيەنئەنمىن بولسا پايتەخىتنىڭ ، جۇمھىرىيەتنىڭ سىموۋۇلى . مەنىتىقە بويىچە بۇ يەردىكى شۇئار ھەر خىل شەكىلدە يېزىلىپ ، قايتا - قايتا لايھىلىنىپ ، مەزمۇنى ئۆزگەرمىسىمۇ ، شەكلى ئۆزگىرىپ تۇرسا بولاتتى. لېكىن تىيەنئەنمىن راۋىقىدىكى شۇئار مۇش ۋاقىتقىچە « ئىقتسادچان » ۋە « ئاددى - ساددىلىقىنى » ساقلاپ قالدى. بۇ تۆۋەندىكى ھەر دەرىجىلىك رايونلارنىڭ ئېلان ، تەشۋىقاتچىلىق ، شۇئارچىلىقى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھەم ئۆرنەك قىلىشقا مۇتلەق ئەرزىيدىغان روشەن بىر مىسال .
    ھەممە ئىشتا ئەمەلىيەتچىل ، راستچىل ، ئىقتسادچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىش ئىزچىل تەكىتلىنىۋاتقان دەۋرىمىزدە ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ئېلان ، تەشۋىقاچىلىقتىمۇ شەكىلۋازلىقتىن ، بىيۇكراتلىقتىن ، ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىپ ، ئەمەلىيەتكە يەنىمۇ يېقىنلىشىپ ، ئۈنۈمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى زۆرۈر.
« كىروران » ژورنلىدىن ئېلىنغان .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 10:49:56

مەن تېخى شىركەتلەرنىڭ ئىشىنى دەۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن ...
تەرەققى قىلغان شىركەتلەردە ئېلان خىراجىتى ئوممىي مەبلەغنىڭ 10 پىرسەنتىدىن ئېشىپ كىتەرمىش ، پەقەت ئېلان خىراجىتىگە پۇل ئاجرىتالىغاندا ئاندىن تەرەققى قىلالايدىكەن ...

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 11:19:04

بۇ يىل قۇربان ھېيىتتا قارمايغا بارغان ، دۆلەت بايرىمىغا ئاتاپ  شەھەرگە ئون نەچچە كىلومىتىر كىلىدىغان جايدىن باشلاپ يولىنىڭ ئىككى تەرپىدىكى پۈتۈن يول چىراقلىرىنىڭ ھەر بىرسىگە قوشلاپ دۆلەت بايرىقىنى قادىۋاپتۇ . شۇنچىۋالا بايراققا نەچچە پۇل كەتكەندۇ دەيمەن . شەكلىۋازلىق نىمانداق ئېغىر بۇ ئەمەلدارلاردا ، يەردىن چىققان بايلىق تۈگمەسمۇ ئاخىر .

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 11:19:37

بىر ئورگاننىڭ خىزمىتىنى باھالاش دېگەندە مۇشۇ شوئارغا قانچىلىك كۈچىگەنلىكىنى باھالايدۇ ھازىر. ئېچىنىشلىق يېرى مەكتەپلەردىمۇ شۇ!

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 15:13:42



ما نەرسىنى بىز يېمەيمىز، لېكىن دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. پەقەت تاللا بازىرىدىلا ئۇچرايدۇ. دەنشىدە ياكى باشقا بىر يەرلەردە ئېلانلىرىنى ئىشقىلىپ مەن ئۇچراتمىدىم. لېكىن ئۇنىڭ  ياراتقان ئىقتىسادى قىممىتى «ئېلان دېگەن كارخانىنىڭ جېنى» دېگەندەك گەپلەرنى نۆلگە تەڭ قىلىۋېتىدۇ دېسە مېنىڭچە لاپ گەپ ئەمەس.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 15:42:23

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-12-1 15:13 static/image/common/back.gif
ما نەرسىنى بىز يېمەيمىز، لېكىن دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. پ ...

ما رەسىمنى نەدىن تاپتىڭىز ...
بەت: [1]
: تەشۋىقات ئېلان ئىسراپچىلىقى