huxhui يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 09:02:03

تۇرمۇش، ئادەم ۋە ئۆلۈم( نىجات يۈسۈپ ئوغۇزى)

تۇرمۇش، ئادەم ۋە ئۆلۈم
  نىجات يۈسۈپ ئوغۇزى

  ئەگەر «ياخشى يېيىش-ئىچىش، ياخشى كىيىش، ياخشى ئويناشلا - تۇرمۇش» دېيىلسە، ئۇنداقتا چوڭ ئۇقۇشماسلىق بولغان بولىدۇ.تۇرمۇش - ئويغانغانلارنىڭ كۈرەش مەيدانى، شۇنداقلا غەلىبە مېۋىسىنىتەبرىكلەيدىغان چوڭ سەيلىگاھى. ئەكسىچە تۇرمۇش بىخۇدلارنىڭ مەڭگۈلۈك قەبرىگاھى. تۇرمۇش - سەمىمىي ئادەملەرنىڭ دوستى، ساختىپەزلەرگە جازا مەيدانى. تۇرمۇش - تۇز سېلىنمىغان بىر قاچا شورپا؛ تۇزسىز ئىچسەڭ بەتتام، تۇزنى كۆپ سېلىۋەتسەڭ قىرتاق، تۇز سېلىش ھوقۇقى سېنىڭ قولۇڭدا بولغان ئەھۋالدا ئۇنىقانداق ئىچىش پۈتۈنلەي ئۆزۈڭگە باغلىق.
  تۇرمۇش - تاپقىلى بولمايدىغان تېپىشماق، تۇرمۇش ھەققىدە تۈمەنلىگەن ئادەمنىڭ تۈمەنلىگەن جاۋابى بولىدۇ. تۇرمۇش - يەشكىلى بولمايدىغان بىر مەسىلە، مەيلى سەن ئۇنى قانداق ھېسابلا، ھەممىسىئەجىر-مېھنەتتىن ئىبارەت. تۇرمۇشنىڭ ئادىللىقىشۇ يەردىكى، مەيلى كەمبەغەل ياكى باي بولسۇن، ھەممىسىنىڭلا غەم-قايغۇسى بولىدۇ. شۇڭا كىشىلىك تۇرمۇشنى سانسىزلىغان كىچىك قايغۇلاردىن تىزىلغان تەسۋى دەيمىز. تۇرمۇشنىڭ ئاداۋەتخورلۇقى شۇ يەردىكى، سەن ئۇنى ئالدىساڭ، ئۇ سەندىن ھېساب ئالماي قالمايدۇ. ئادەم تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدۇ، تۇرمۇشمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئادەمنى ئۆزگەرتىدۇ.
  ئادەمنىڭ بىچارە يېرى شۇكى، ئۇ تۇرمۇشنى ھەقىقىيچۈشەنگەن چاغدا، ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان بولىدۇ؛ ئادەم قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى بىلگەن ۋاقىتتا تۇرمۇش ئەكسىچە ئۆز لەززىتىنىيوقاتقان بولىدۇ. ئازاب-ئوقۇبەت ئادەمگەتۇرمۇشنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرىدۇ. ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ھەمىشە ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ باشقىلارغا ۋە تۇرمۇشقا لايىقلىشىدۇ. شەخسىيەتچى كىشىلەر دائىم باشقىلاردىن ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
  ياشلار ئۆزى خالىغانچە ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا ئۇلار دائىم كونا قائىدىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ؛ ياشانغانلار رىتىملىق ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆزىگە سىغمايدىغان ئىشلار دائىم دېگۈدەك كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەرلەر تۇرمۇشنىڭئومۇمىي ئەھۋالىنى چۈشەنگەچكە، كۆپىنچە بىپەرۋا كېلىدۇ؛ ئاياللار تۇرمۇشنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغىمۇ سەل قارىمايدۇ، شۇڭا كۆپىنچە ھاللاردا زىل، ئەستايىدىل كېلىدۇ.
بېكارچىلىق ئىنتايىن زېرىكىشلىك ھايات؛ ھېچقانداق ئىشقا قىزىقماسلىق قىلچە ئەھمىيىتى بولمىغان ھاياتتۇر؛ ھېچنېمىگە پىسەنت قىلماي ئۆتكەن تۇرمۇش پالەچ بولغان ھاياتتۇر؛ تېڭىرقاش ئىچىدە ئۆتكۈزگەن تۇرمۇش ئىلاجىسىزلىققا تولغان ھاياتتۇر.
  تۈمەنلىگەن ئادەمنىڭ تۈمەن خىل ياشاش ئۇسۇلى بولىدۇ. ھاياتقا، تۇرمۇشقا بولغان ساداقىتىمۇئوخشاشمايدۇ. شۇڭا ھەممە ئادەمنى بىر خىل ئۇسۇلدا ياشاشقا مەجبۇرلىماسلىق لازىم، بولمىسا تۇرمۇش خىرەلىشىپ قالىدۇ. زىيادە سەمىمىيلىك بىلەن، مېھرىبانلىق بىلەن باشقىلارغا قانداق ياشاش توغرىسىدا سۆزلەۋەرمەسلىك كېرەك. ھەربىر تۇرمۇش ئۆلچىمى بىر كونا كىيىمگە ئوخشايدۇ، ئۆزىگە دەل كەلگەن بىلەن باشقىلارغا دەل كېلىشى ناتايىن. ھاياتنى سۆيۈش بىلەن چوقۇم تۇرمۇشنى سۆيۈش كېرەك، تۇرمۇشنى سۆيگەندىلا، ئاندىن ھاياتنى سۆيگىلى بولىدۇ.
  بىز بۇ دۇنياغا كەلگەندە ھەربىرىمىزنىڭ دۈمبىسىدە بىردىن سېۋەت بولىدۇ. ھەربىر قەدەم ماڭغاندا بۇ دۇنيادىن بىر نەرسىنى تېرىۋالىمىز، شۇڭا دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىمىز. تۇرمۇش ئەتىگەندىن كۈن ئولتۇرغانغا قەدەر مانا مۇشۇنداق ئۆتۈۋېرىدۇ.
  ئۆلۈم بولسا ھەقىقەتەنمۇ كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ ئاخىرقى چوڭ ئىش. ئۇنىڭغا قانداق تەييارلىق قىلىش ھەربىر ئادەمنىڭ ھايات ھەققىدىكى پەلسەپىۋى چۈشەنچىسىگە باغلىق. ئەبەدىيلىك قانۇنىيىتىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس. ھايات، چۈشكە ئوخشاش ئىزسىزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەيلى بەگ بولسۇن، مەيلى قۇل بولسۇن، كەلمەسكە كېتىدۇ. بۇ دۇنيا بىۋاپا، ئاخىر ھەممىمىز كېتىمىز. نەچچە مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرسەكمۇ، ھېچ ۋاپا كۆرمەي ئاخىر سەپەر يولىنى كۈتىمىز.
  ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇنداق دېگەن: «كەمبەغەلمۇ ئۆلىدۇ، شۇنىڭدەك بايمۇ ئۆلىدۇ، ئىككى ماتا بىلەن قارا يەر قېتىغا كىرىپ كېتىدۇ؛ كەمبەغەل ئۆلسە جاپا-مۇشەققەتتىن قۇتۇلىدۇ، باي ئۆلسە مال-دۇنيالىرى قالىدۇ، ۋابالى بىللە كېتىدۇ. ئادەم بالىسى كارۋانغا ئوخشايدۇ، كارۋان قونالغۇدا ئۇزۇن تۇرالماس… دۇنيا بىر قونالغۇ، گۆرۈڭ بىر قونالغۇدۇر، بۇ قونالغۇدىن قوزغالساڭ، ئۇ دۇنيا ئاخىرقىقونالغۇ بولىدۇ».ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۇغۇلۇشنىڭ ئۆزى ياشاشقا مەجبۇر قىلىنغانلىق. مەن ياشاشتىكى مەقسىتىمنى ھەقىقەتكە، ھۆرلۈك، ئەركىنلىككە خىزمەت قىلىش، دەپ قارايمەن. مانا بۇ مېنىڭ ئېتىقادىم. ھاياتنى قىزغىن سۆيگەنلەرگە ئۆلۈم ئانچە مۈشكۈل تۇيۇلمايدۇ. ھەممە ئادەم ئۆلۈمدىن قورقىدۇ. ھەرقانچە قورقساقمۇ، چايكوۋىسكىي ئېيتقاندەك: «ئەجەل دېگەن بۇ بايقۇش مەلۇم بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقتىن توقمىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ بېشىمىزغا سالىدۇ». ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن پەيلاسوپلار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئۆلۈمگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەر خىل بولغان. ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىمۇ ھەر خىل بولغان: ھېمىڭۋايدەك ئۇلۇغ يازغۇچى «ئۆلۈم - ئەڭ گۈزەل جىمجىتلىق» دەپ ئۆلۈمنى مەدھىيىلىگەن ھەم ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋالغان. مەشھۇر سەنئەتكار چايكوۋىسكىي گۆرىستاننى «ئىپلاس ئۆڭكۈر» دەپ باقىي ئالەمگە كېتىشتىن دەككە-دۈككىدە بولغان.
    20-ئەسىردىكى مەشھۇر پەيلاسوپ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى بېرتراند روسېل 98 يېشىدا «مەن بۇ دۇنيادىن بىزار بولۇپ ئايرىلدىم» دەپ ئۆلۈمنى «قۇتۇلۇش يولى» دەپ چۈشەنگەن. ئۇلۇغ ئالىم ئېينىشتىيىن ئۆزىنىڭ ھەرقانداق مەسىلىگە ئاددىي، ماس، مۇۋاپىق جاۋاب تېپىشتەك تەپەككۇر ئۇسۇلى بويىچە ئۆلۈم مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق يازغان: «راست، ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدا، پەقەت مۇشۇ نۇقتىدىلا ھەممە ئادەم باراۋەر. بەزى سىياسەتچىلەر قانداقتۇر: ھەممە ئادەم بابباراۋەر يارالغان، دەيدۇ. مىليونېر بايلار بىلەن كوچىدىكى قەلەندەرلەر ئوتتۇرىسىدا نەدىمۇ باراۋەرلىك بولسۇن ! باي ئاق تەنلىكلەرنىڭ بالىلىرى بىلەن نامرات نېگىرلارنىڭ بالىلىرى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپلا باراۋەر ئەمەس. ئۇلار خۇدا ئالدىدىمۇ باراۋەر ئەمەس. پەقەت ئەزرائىل ئالدىدىلا ھەممەيلەن بابباراۋەر».
  راست، ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ. ئۆلۈم ئەڭ ئاخىرقى قۇتۇلۇش، مەڭگۈلۈك ئەركىنلىك. ئۆلۈم ۋۇجۇدىمىزدىكى بارلىق كىشەنلەرنى پاچاقلايدۇ. ئۆلۈكنىڭ ئازاب چەككەنلىكىنى كىم كۆرۈپتۇ ! پەقەت ئۆلۈك ۋە تۇغۇلمىغان بوۋاقلا ئەتىكى بەختسىزلىك ۋە ئاپەتتىن قورقمايدۇ. لېكىن ئادەملەر ئۆلۈمدىن ئومۇميۈزلۈك قورقىدۇ، بۇنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. پەقەت شەخسىي ھايات ئاخىرلاشقاندىلا، ئاندىن تۈرلەر ھاياتىنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. تەبىئەت نېمىدېگەن ئەپچىل، نېمىدېگەن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغان-ھە!؟

(ئاپتور: شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتىدىن پېنسىيىگە چىققان مۇھەررىر)
جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلى2004 يىللىق 2- سانىدىن

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 11:23:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OCUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-1 11:25  

ماۋۇ تىمىدا ھاياتقا،ئادەمگە،تۇرمۇشقا،ئۆلۈمگە مۇپەسسەل تەبىر بىرىلىپتۇ،قالتىس!

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 11:57:13

تۇغۇلساق دۇنيا بىزنى كۈتۈۋالىدۇ، ئارقىدىن بىز ئۆلۈمنى كۈتىۋالىمىز. مۇشۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسى دەل تۇرمۇش

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 18:53:27

بەلەن يېزىلغان ئەسەر   
بۇ  ھاياتتىكى ئەڭ ئادىل بىر ئىش، ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ
بەت: [1]
: تۇرمۇش، ئادەم ۋە ئۆلۈم( نىجات يۈسۈپ ئوغۇزى)