malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 08:54:38

دادامنى بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھۆرمەتلەپ قويغىن ئانا!

  
-ساڭا دېسەمچۇ قارا، ئاتا-ئانام توي قىلغان مۇشۇ 30 يىلنىڭ ياقى ئانام دادامنىڭ ئالدىدا بىرەر قېتىممۇ يەل قويىۋېتىپ باقماپتىكەن. شۇڭىمۇ دادام ئانامنى بەكلا ھۆرمەتلەيدۇ.
- ھا! ھا! ھا! – ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ كۈلۈپ كەتتىم. ئاغزىمغا گەپ كەلمىدى، كۈلكىدىن كېيىن، خېلى بىر چاغلارغىچە كۆڭلۈم غەش بولدى. پەرىزە ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ نەقەدەر ئىناق تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنى مەلىكىدەك كۆرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئاغزى ئاغزىغا تەگمەيۋاتىدۇ. ئەجىبا پەرىزە بىلمەمدىغاندۇ؟
    مۇشۇ يوقىلاڭ ئىشلارغا ئارىلىشىۋالىدىغان خۇيۇمنى قانداق قىلىۋەتسەم بولار؟ ئەمما، مەن ئارىلاشمايمەن دېسەممۇ، شۇنداق ئىشلارنى ئاڭلاپ قالىمەن، كۆرۈپ قالىمەن، شۇنىڭ بىلەنلا ئۆزلىكىدىن ماڭا ئارىلىشىپ قالىدۇ بۇ ئىشلار! قانداق قىلاتتىم ئەمدى، ئىشلار ئارىلاشسا نېرى تۇر دېگىلى بولمىسا... شۇ كۆڭلۈمنىڭ يۇمشاقلىقىدە بۇ!

كىچىكىمىزدىن دوستۇم پەرىزە بىلەن ئىككىمىز بەكمۇ يېقىن ئۆتەتتۇق، ئۇ ناھايىتى مىس-مىس، ئاسمان باقى بولغاچقا، مەكتەپكە بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنى چاقىرىپ چىقىپ، بىللە ماڭاتتۇق. توۋا، خۇدانىڭ ھەر قۇتلۇق كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرسەم، ئۇ ئەمدى ئورنىدىن تۇرغان ۋاقتىغا ئۇدۇل كېلىپ قالىمەن. ئۇ بولسا، كارىۋات بېشىدىكى ئانىسى تەييارلاپ قويغان كىيىملەرنى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئاستا كىيەتتى. ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىم سىقىلىپ ئۆلەيلا دەيتتىم. ماڭا قارىسىلا، بولە تېز! دېگەندەك قىلىپ كۆز ئىشارىسى قىلاتتىم.
-ئالدىرىماي، ماۋۇ چاينى ئىچىۋېلىپ ماڭ!- دادىسى مەمتىمىن تاغام قىزىغا يوغان چىنىدە ئۈستىگە چىقسا قەشقەر كۆرۈنگىدەك قىلىپ نان چىلاپ بېرەتتى. كۈندە شۇ چاغدا ماڭا قاراپ:
-سەن چاي ئىچتىڭمۇ؟ كېلىپ بىللە چاي ئىچ!-دەيتتى. مەن ئۆيدە ئۆزۈم تەييار قىلغان ناشتىلىقتا ئوبدانلا تويۇنۇپ چىققاچقا بىر ئېغىزدىلا سىلىق رەت قىلاتتىم. بىز كونا قوشنىلاردىن بولغاچقا ئارتۇق تەكەللۇپ قىلىشىپ كەتمەيتتۇق. ئۇ دوستۇم ناننى شۇنداق ئاستا چاينايدۇكى، ئوڭ قوۋزىنى بىر توشقۇزۇپ يۇتىۋېتىپ، سول قوۋزىنى بىر توشقۇزۇپ يۇتاتتى. ئۇف! ئەمدى يەپ بولدى، دېسەم، ئۇنىڭ ئانىسى قوپۇپ:
- يەنە يېرىم سائەت باركەنغۇ؟ ئۆينى سۈپۈرىۋېتىپ ماڭامسەن يا؟!-دېيىشى بىلەن، مۈرىسىگە ئارتىۋالغان سومكىسىنى ئاستا سىيرىپ چۈشۈرۈپ ماڭا تۇتقۇزىدۇ-دە، لەڭ-لەڭ-لەڭ  دەسسەپ بېرىپ، سۈپۈرگىنى ئېلىپ، شىرتىلداپ سۈپۈرۈشكە باشلايدۇ. ۋاي ئانىمەي! كۈندە مۇشۇنداق بىر سائەت ساقلايدىغان تۇرۇقلۇق، يا بىر ئۆيدىن كېيىنرەك چىقماي تۇرمىدىم... ئۆزۈمگىمۇ ئاز!
   ئۇنداق دېگىنىم بىلەن، مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىشكە ئامراق ئىدىم. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى شۇنداق ئىناق، چاقچاقلاشسىمۇ خۇددى يېڭى يۈرگەن مۇھەببەتلەردەك رومانتىك تۇيغۇ بېرەتتى. ئۇلارنىڭ قىززىقچىلىقلىرىغا مەن بەك ئامراق، چۈنكى بىزنىڭ ئۆيدە ئۇنداق كۈلكىدىن ئاساسەن ئەسەر يوق ئىدى. قاچانلا قارىسا، ئانامنىڭ قاقشاشلىرى:
  -مانا، يەنە قەرزگە بوغۇلدۇق، توي قىلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە تۆت بالىنىڭ دادىسى بولۇپ قالغان بىر ئەر كىشى تۇرۇپ، مۇشۇنداق لايغەزەل تۇرساڭ، بالىلار چوڭ بولۇۋاتىدۇ، ئالىي مەكتەپتە قانداق ئوقۇتىمىز دېگەن غەم كاللاڭغا كىرىپ چىقمايدۇ سېنىڭ! قاچانلا قارىسا ئۇخلاپ يۈرگەن!
دادام، ھەقىقەتەن بەك يۇۋاش ئادەم ئىدى. ئانامنىڭ قاقشاشلىرىدىن كېيىن، ۋېلىسپىتىنى مىنىپ چىقىپ كېتىپ، نەچچە سائەت يوقاپ كەتتى. دادام ئەزەلدىن كۆپ سۆزلىمىگەچكىمۇ، ھەممە ئىشنى ئىچىگە ئېلىپ كەتمىسۇن دەپ ئويلاپ، ئۆزۈمچە كەينىدىن ئىزدەپ چىقتىم. ئىزدەپ ئىزدەپ، بىزنىڭ ئېتىزلىققا باردىم، قىرغا يۆلەپلا سالغان بىر ئېغىزلىق ئۆيىمىزگە كىردىم. دېگەندىكىدەك، دادامنىڭ ھېلىقى چوڭ قارا ۋېلىسپىتى شۇ ئىشىك تۈۋىدە تىرەكلىك تۇراتتى. دادام بولسا، ئۆي ئىچىدە ئۇخلاپ چۈشلىرىدە بۇخاراغا كېتىپتۇ. توۋا، ئاچچىق بىر نەرسە گېلىمگە تۇرۇپ قالغاندەك، نەپسىم سىقىلدى. كۆزۈمگە ئاچچىق يىغا ئولاشتى، ئاتا-ئانامغا مەن نېمىمۇ دېيەلەيتتىم؟!  بوپتۇلا، بىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغىچە بىر ئامالى بولۇپ قالار... خۇدا ئۆزى دادامنىڭ دىلىغا سالمىسا، مەن بىر پەرزەنت نېمىمۇ دېيەلەيتتىم؟
   بىز ئالىي مەكتەپتىمۇ ئوقۇدۇق، مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يۇرتىمىزغا قايتىپ كېلىپ، يەنە شۇ كونا دوستلار، ساۋاقداشلار يىغىلىشتۇق.
بىر يىلى كەچ كۈز ئۇزاپ، تۇنجى قارنى كۈتۈۋالغان كۈنى، مەن خۇشلۇقۇمنى باسالماي، ئالدىراپ قىشلىق كىيىملىرىمنى كىيدىم-دە، سىرتقا ئۆزۈم يالغۇز سەيلە قىلىشقا چىقتىم. چەكسىز خىياللار ئىلكىدە لەيلەپ قالغاندەك كېتىۋاتىمەن. گۈزەل يۇرتۇمنىڭ تۇنجى قار مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتىۋاتىمەن. تۇيۇقسىز ئاپاراتنىڭ ئېكرانىدا تونۇش بىر گەۋدە پەيدا بولدى، يېقىنلىتىپ قارىدىم، دەل شۇ چىراي! سەل قېرىلىق يەتكەن، چاچلىرىنى قارىغا بويۇۋالغان بولسىمۇ، يۈزىدىكى قورۇقنى ياپالمىغان بۇ ئەر يېنىدىكى ناتونۇش ئايالنىڭ بېلىدىن تۇتۇپ، ماشىنىغا ئەچىقتى، قاراپ ھاڭۋېقىپ قاپتىمەن، ماشىنا ئۇزاپ كەتتى.
بۇ ئىشنى بەلكىم خاتا كۆرۈۋالغاندىمەن، دېگەن قىياستا ئۆتكۈزىۋەتتىم. ئۇزۇن ئۆتمەيلا، يەنە بىر ئىش يۈز بەردى. ئەمدى چىداپ تۇرالمىدىم، قانداق قىلىشىم كېرەك؟
نەۋرە سىڭلىم تۇرپاندىن كەلمەكچى بولغانىدى، مەن ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتىگە باردىم. بېكەت يېنىدىكى ئېسىل مېھمانخانىدىن چىقىۋاتقان ئىككى گەۋدە، يەنە شۇ تونۇش چىراينى كۆرۈپ داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. يەنە شۇ تونۇردەك سېمىز ئايالنىڭ بېلىدە تۇرغان ناكەس ئەرنىڭ يوغان قولى! كۆرمەسكە تېگىشلىك ئىشلار ماڭا كۆرۈنمىسە نېمە بولار؟
ئۇلار ئۇدۇل مېڭىپ، بېكەتكە كىرىپ كەتتى. كەينىدىن ماڭدىم، ئايال ئۈرۈمچىگە بېلەت ئالدى. ئەر ئۇنى ئۇزىتىپ قويغاچ، قولىغا چىرايلىق ئۈزۈكتىن بىرنى سېلىپ قويدى:
-ۋىيىي، نېمانداق چىرايلىق؟ قاچانلاردىن ئالدىڭىز؟ نەچچە كۈندىن بىللىلا ئىدۇققۇ؟
-سىزگە بىلدۈرۈپ ئالسام، رومانتىك بولمايدۇ، ئايگۈل.
-رەھمەت، بەك چىرايلىقكەن، ياقتۇردۇم.
-ياقتۇرسىڭىزلا بولدىغۇ!
خېلى يوغانلا تۇرغان ئالتۇن ئۈزۈك كۆزۈمگە چېلىقتى. ھىم، زادى رومانتىك ئەرلەر مۇشۇنداق ھەممە ئايالغا رومانتىك بولىدىغان ئوخشىمامدۇ؟
پەرىزەنىڭ ئۆيىگە كىردىم. چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ بىر سائەتتىن كېيىن كىرسەممۇ، بۇ ئۆيدە ئەمدى چۈشلۈك تاماق تەييار بولۇپتۇ. ئۇلار مېنى تاماققا تەكلىپ قىلدى، مەن يەنىلا رەت قىلىپ، پەرىزەنىڭ تاماقنى مىسىلداپ يەپ بولۇشىنى ساقلاپ ئولتۇردۇم. مەمتىمىن تاغامغا ھەم پەرىزەنىڭ ئانىسىغا بىردە بىردەم قاراپ قوياتتىم. ئۇلار بۇرۇنقىدەك چاقچاقلاشمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. تامىقىمۇ ئازلاپ، پەقەت بىرلا تەخسىدە تويىدىغان بولۇپ قاپتۇ. پەرىزەنىڭ ئانىسى بىردىنلا قېرىپ قالغاندەك، يۈزلىرى ياداپ، قورۇقلار ئاشكارىلا جىقلاپ قالغانىدى. ئۇنىڭغا قاراپلا كۆزلىرىدىن قۇرۇماي كېلىۋاتقان ياشلارنىڭ ئىزىنى كۆرگەندەك قىلدىم.
  قانداق قىلىشىم كېرەك؟ توسىمىسام، پەرىزە ئۇ قانداق قىلىدۇ؟ خەلقى ئالەم ئىچىدە سەتچىلىك ئەمەسمۇ؟ ھازىرقى يېشىمىزغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز توي قىلىش باسقۇچىغا كېلىپ قالدۇق. مەمتىمىن تاغا مۇشۇ ھالەتتە بولسا، بىلگەن ئادەم پەرىزەنىڭ ئەخلاقىدىنمۇ گۇمان قىلماسمۇ؟
   -سېنى ئانام چاقىرىدۇ،- پەرىزە مېنىڭ مۈرەمدىن نوقۇپ، خىيالىمدىن چۆچۈتتى. ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىردىم. ئانىسى ماڭا مىيىقىدا كۈلۈپ قاراپ، ئولتۇرۇشۇمنى ئىشارە قىلدى. ئۇنىڭ كۈلكىسىنىڭ نەقەدەر يالغان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.
-پەرىزە ئۇ تېخى ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭغا دېمىگىن، دوستۇڭنىڭ كۆڭلىنى ھەم بىزنىڭ ئائىلىنى ئايىغىن قىزىم. – بۇ گەپلەردىن ئۆزۈممۇ شۇنداق قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم. ئۇ ھەممىنى بىلىدىغاندەك تۇراتتى. گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ دېدى:
- سەن كۆرگەنلەرنى مەنمۇ ھەم كۆرگەن، ھەم ئاڭلىغان. ئەمما مۇشۇ ياشقا كىرگەندە نېمە ئامال دەيسەن؟ ئۆز بالىسىغا دېسە، دادىسىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمايدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن دادىسى ئەمەسمۇ، مەنمۇ ئوتتۇز يىل بىرگە ياشاپ كەپتىمەن، پۇل تاپتى دېگەن بىلەن، مەينەتچىلىكنىمۇ تەڭ تېپىپ كىردى. قانچىلىك ئۆمرىمىز قالدى بۇنى بىر خۇدا بىلىدۇ. ئاشكارىلاشنى خالىمىدىم، سەنمۇ چاندۇرما. بولامدۇ؟
مەن نېمە دېيىشىمنى ئۇقالمىدىم، پەقەت بېشىمنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇقۇمنى بىلدۈردۈم خالاس، پەرىزەنىڭ ئانىسىغا قاراپ، شۇ قەدەر ئىچىم ئاچچىق بولدۇكى، دەرھال ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭكىدىن تېزلا خوشلىشىپ چىقتىم.
   يۈگرىگەن پېتى كېتىۋاتىمەن. ئانامغا دەيدىغان سۆزلىرىم بار! دادامغا دەيدىغان سۆزلىرىم بار!
-ئانا، بولدى بەس! دادامنى لايغەزەل، پۇل تاپمايسەن دەپ ئۇنىڭغا قاقشاۋەرمە! ئۇمۇ بىر ئەركەك، دادامنىڭمۇ ئەرلىك غورۇرى بار، ئىشى ئەپلەشسە تاپىدۇ، ئەپلەشمىسە تاپالمايدۇ! قانچە قېتىملاپ، ساددىلىقىدىن، باشقىلارنىمۇ ئۆزىدەك ئاقكۆڭۈل سانىغانلىقىدىن نەچچە مىڭ يۈەننى ساختا پۇل ئېلىپ قېلىپ، سەندىن كۆپ تىل ئاڭلىدى. ئەمما، دادام شۇنداق بولۇشىنى بىلەمتى؟ بىلىپ تۇرۇپ قەستەن قىلارمىدى؟ دادام مەن دۇنيادا ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئەركىشى! ئۇ سېنى ئەمرىگە ئېلىپ تاكى بۈگۈنگە قەدەر بىرەر قېتىم تاك ئېتىپ ئۇرۇپ باقماپتۇ. كېچىسى بىرەر قېتىم سىرتلاردا قونۇپ قالماپتۇ، يا بىرەر قېتىم تاماكا ھاراق پۇراپ قالماپتۇ. بىزمۇ ئۆيلەردە ئەزەلدىن تاماكا ھاراق پۇراپ باقمىدۇق. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى بىرلا، چۈنكى دادام سېنى پەقەت سېنى ھەم ئائىلىمىزنى ياخشى كۆرىدۇ. دادامنى ھۆرمەتلەپ قوي ئانا! بىزنىڭ ئالدىمىزدا دادامنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغىن!
-دادا! سەن مېنىڭ قەلب دۇنيارىمدا ئەڭ ئېسىل ئەركىشى!

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 09:16:36

ھەتتا ئاجرىشىپ كەتكەن بولسىمۇ بالىسىغا دادىسىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ بالىسىغا غورۇر تۇيغۇسى بىرەلەيدىغان پەزىلەتلىك ئاياللارغا ھۆرمىتىم بار.:time:

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 09:43:56

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-1 09:16 static/image/common/back.gif
ھەتتا ئاجرىشىپ كەتكەن بولسىمۇ بالىسىغا دادىسىنىڭ ياخش ...

بۇرۇن ئۆزى يېقىن ئۆتكەن ئادەملىرنىڭ مەيلى  مۇھەببەتلىشىپ ئايرىلىپ كەتكەن ياكى توي قىلىپ ئاجرشىپ كەتكەن بولسۇن، دوسلۇقى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولسۇن، ئىشقىلىپ قانداق بولشىدىن قەتتىنەزەر ئۇلارنىڭ يامان گېپىنى قىلغانلىق ئۆزنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقان بىلەن باراۋەر. نىمىشقا ئۇنداق دەيسىز دىسىڭىز سىز باشقىلارغا ئۇلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ بەرسىڭىز باشقىلار سىزنىڭ ئارقىڭىزدىن بۇرۇن ئاشۇنداق ناچار ئادەم بىلەن ئارلىشىپتىكەن ئۇمۇ ناچار نەرسىكەن دەپ ئويلايدۇ خالاس.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 10:30:09

مەلەكنىڭ بۇرۇنقى باش سۈرتىگە ئاشىقتىم مەن:lol:lol

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:11:46

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 00:56:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-2 01:15  

« ئۆيدە ئۇنداق كۈلكىدىن ئاساسەن ئەسەر يوق ئىدى. قاچانلا قارىسا، ئانامنىڭ قاقشاشلىرى:
  -مانا، يەنە قەرزگە بوغۇلدۇق، توي قىلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە تۆت بالىنىڭ دادىسى بولۇپ قالغان بىر ئەر كىشى تۇرۇپ، مۇشۇنداق لايغەزەل تۇرساڭ، بالىلار چوڭ بولۇۋاتىدۇ، ئالىي مەكتەپتە قانداق ئوقۇتىمىز دېگەن غەم كاللاڭغا كىرىپ چىقمايدۇ سېنىڭ! قاچانلا قارىسا ئۇخلاپ يۈرگەن!
دادام، ھەقىقەتەن بەك يۇۋاش ئادەم ئىدى. ئانامنىڭ قاقشاشلىرىدىن كېيىن، ۋېلىسپىتىنى مىنىپ چىقىپ كېتىپ، نەچچە سائەت يوقاپ كەتتى. دادام ئەزەلدىن كۆپ سۆزلىمىگەچكىمۇ، ھەممە ئىشنى ئىچىگە ئېلىپ كەتمىسۇن دەپ ئويلاپ، ئۆزۈمچە كەينىدىن ئىزدەپ چىقتىم. ئىزدەپ ئىزدەپ، بىزنىڭ ئېتىزلىققا باردىم، قىرغا يۆلەپلا سالغان بىر ئېغىزلىق ئۆيىمىزگە كىردىم. دېگەندىكىدەك، دادامنىڭ ھېلىقى چوڭ قارا ۋېلىسپىتى شۇ ئىشىك تۈۋىدە تىرەكلىك تۇراتتى. دادام بولسا، ئۆي ئىچىدە ئۇخلاپ چۈشلىرىدە بۇخاراغا كېتىپتۇ. توۋا، ئاچچىق بىر نەرسە گېلىمگە تۇرۇپ قالغاندەك، نەپسىم سىقىلدى. كۆزۈمگە ئاچچىق يىغا ئولاشتى، ئاتا-ئانامغا مەن نېمىمۇ دېيەلەيتتىم؟!  بوپتۇلا، بىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغىچە بىر ئامالى بولۇپ قالار... خۇدا ئۆزى دادامنىڭ دىلىغا سالمىسا، مەن بىر پەرزەنت نېمىمۇ دېيەلەيتتىم؟»

ھېكايىڭىزنىڭ يۇقىرىدىكى بۆلىكىنى تۆۋەندىكىدەك تەھرىرلەپ باقتىم. كۆرۈپ باقارسىز....

ئۆيدە ئۇنداق كۈلكىدىن ئاساسەن ئەسەر يوق ئىدى. قاچانلا قارىسا، ئانامنىڭ قاقشاشلىرى:
  -مانا، يەنە قەرزگە بوغۇلدۇق، توي قىلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە مۇشۇنداق لايغەزەل تۇرساڭ، تۆت بالىنىڭ دادىسى بولۇپ قالغان بىر ئەر كىشى تۇرۇپ، بالىلارنىڭ غېمى كاللاڭغا كىرىپ چىقمايدۇ. بالىلار چوڭ بولىۋاتىدۇ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆيلۈك - ئوچاقلىق قىلىش - دېگەننى بىرەر قېتىممۇ ئويلاپ قويمايسەن!  قاچانلا قارىسا ئۇخلاپ يۈرگەن!
     دادام، ھەقىقەتەن بەك يۇۋاش ئادەم ئىدى. ئۇ ، ھەر قېتىم ئانامنىڭ قاقشاشلىرىدىن كېيىن، ئادىتى بويىچە ۋېلىسپىتىنى مىنىپ چىقىپ كېتەتتى - دە، سائەتلەپ  غايىپ بولاتتى. ئۇ  ئەزەلدىن كەم سۆز بولغاچقا، بىرەر كېلىشمەسلىك يۈز بېرىپ قالمىسۇن- دېگەندك ئەندىشە ئىچىدە، ئۆزۈمچە ئۇنىڭ كەينىدىن ئىزدەپ چىقاتتىم -دە، ئۇنىڭ بارىدىغان باشقا بىر يەرلىرى يوقتەك، ھېلىقى تېرىلغۇ يېرىمىزنىڭ  قىرغا يۆلەپلا سېلىۋالغان كەپىنىڭ ئىچىدىن تاپاتتىم. ئۇ بېخارامان خورەك تارتىپ،  چۈشىدە بۇخاراغا كېتىپ قالاتتى. بۇ مەنزىرە بەزىدە  ئىچىمنى ئېچىشتۇراتتى. نەپسىمنى سىقاتتى. كۆزۈمگە ئاچچىق، ئەلەملىك يىغا ئولىشاتتى. يەنە تۇرۇپلا  ئۆزۈمگە  تەسەللى بېرەتتىم - بۇلار ئاتا-ئانام تۇرسا، مەن نېمىمۇ دېيەلەيتتىم! بوپتۇلا، بىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغىدەك بولغىچە بىر ئامالى بولۇپ قالار... خۇدا ئۆزى دادامنىڭ دىلىغا سالمىسا، مەن بىر  پەرزەنت،  يەنە كېلىپ ئاجىزلىقىنى كۆزىدىن چاندۇرىدىغان بىر قىز نېمىمۇ دېيەلەيتتىم؟

---------------------
كەچۈرۈڭ.

malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 09:01:33

jan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 00:56 static/image/common/back.gif
« ئۆيدە ئۇنداق كۈلكىدىن ئاساسەن ئەسەر يوق ئىدى. قاچانل ...

چىن يۈرىكىمدىن سىزگە رەھمەت!  شۇنداق خۇش بولدۇم. ناشتىلىققا ئېسىل دۇردانىڭىزدىن ئېغىز تېگىپ ھەقىقەتەن خۇرسەن بولدۇم. مۇشۇنداق يول-يورۇق كۆرسەتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 13:33:59

dawanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-1 12:30 static/image/common/back.gif
مەلەكنىڭ بۇرۇنقى باش سۈرتىگە ئاشىقتىم مەن

ئۆزلىرى ساقمۇ-يا!

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 14:44:19

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 13:33 static/image/common/back.gif
ئۆزلىرى ساقمۇ-يا!

ساڭا قارىغاندا كۆپ ساقمەن ئۇكا...

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 09:06:34

بۇ  ئاپا ناھايىتى ئەتراپلىق ئىش قىلىدىغان ئايال ئىكەن. بۇ ئىشنى يۇغانتىۋىتىشكە بولمايدۇ. ئۆز-ئارا كېلىشىپ بىر تەرەپ قىلغان ئەۋزەل.

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 09:17:06

{:112:}
بەت: [1]
: دادامنى بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھۆرمەتلەپ قويغىن ئانا!