bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 22:26:36

(bilgejan) سول ياكى ئوڭ مېڭىلىك ئەپسانىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-1 08:53  

تەتقىقاتچىلار «ئوڭ مېڭىلىك» ۋە «سول مېڭىلىك» كىشىلىك خاراكتىر ئەپسانىسىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىدى
Researchers debunk myth of 'right-brained' and 'left-brained' personality traits
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2013-يىلى 14-ئاۋغۇست
ئۇچۇر مەنبەسى: ئامېرىكا يۇتا ئۇنىۋېرستېتى ساغلاملىق پەنلىرى مەركىزى
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە


خۇلاسە: نېرۋولوگىيە ئالىملىرى نۆۋەتتە مېڭىنى سايىلەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنىڭ ئوڭ مېڭىلىك ياكى سول مېڭىلىك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھېچقانداق پاكىت يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى زامانىۋى كۈلتۈردە، كىشىلەر ئوڭ مېڭىلىك ۋە سول مېڭىلىك دېگەن ئۇقۇملارنى كىشىلەرنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكىنى بەلگىلەشتە ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار بەزى كىشىلەر ئوڭ مېڭىنى كۆپرەك ئىشلەتسە، يەنە بەزىلەر سول مېڭىنى كۆپرەك ئىشلىتىدۇ دەپ قارىغان. تەتقىقاتچىلار ئوڭ مېڭە ۋە سول مېڭىدىكى ئوڭ-سولغا بۆلۈنۈشنى كونتىرول قىلىدىغان ئېنىق مېڭە تورلىرىنى ئايرىش ئارقىلىق بۇ ئەپسانىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ بەردى.

تولۇق مەزمۇنى: سىز كىشىلەرنىڭ «ئوڭ مېڭىلىك» ياكى «سول مېڭىلىك» ئويلىغۇچى دەپ ئاتىلىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز ئىنتايىن ئېھتىمالغا يېقىن. سىز لوگىكىلىق تەپەككۇر، ئىنچىكىلىكنى ئاساس قىلىش ۋە ئانالىز قىلىشقا ئامراقمۇ؟ مانا بۇلار سول مېڭىلىك قىلمىشتۇر. سىز ئىجادچان، چوڭقۇر ئويلايدىغان، ۋە سۇبىيكىتپ خىيالغا باي كىشىمۇ؟ ئۇنداقتا سىزنىڭ ئوڭ مېڭىڭىزنىڭ فۇنكىسىيىسى كۈچلۈكرەك. راستىنلا شۇنداقمۇ؟ ھېچبولمىغاندا ئۇزۇندىن بۇيانقى پەرەز شۇ بولۇپ كەلگەن.
ئەمما يېقىندا يۇتا ئۇنىۋېرستېتىدىكى نېرۋولوگىيە ئالىملىرى مېڭىنى سايىلەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنىڭ ئوڭ مېڭىلىك ياكى سول مېڭىلىك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھېچقانداق پاكىت يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى زامانىۋى كۈلتۈردە، كىشىلەر ئوڭ مېڭىلىك ۋە سول مېڭىلىك دېگەن ئۇقۇملارنى كىشىلەرنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكىنى بەلگىلەشتە ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدى.
ئىككى-يىللىق تەتقىقاتتىن كېيىن، يۇتا ئۇنىۋېرستېتى تەتقىقاتچىلىرى  ئوڭ مېڭە ۋە سول مېڭىدىكى ئوڭ-سولغا بۆلۈنۈشنى كونتىرول قىلىدىغان ئېنىق مېڭە تورلىرىنى ئايرىش ئارقىلىق بۇ ئەپسانىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ بەردى. مېڭە فۇنكىسىيىسىنىڭ ئوڭ-سولغا بۆلۈنۈشى دېگىنىمىز مەلۇم ئەقلىي پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسلىقى ئوڭ ياكى سول مېڭىگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەتقىقات جەريانىدا، يەتتە ياشتىن 29 ياشقىچە بولغان 1،011 نەپەر كىشىنىڭ ئارام ھالىتىدىكى مېڭە سايىسىنى ئانالىز قىلغان. ھەر بىر كىشىدە، ئۇلار مىڭلىغان مېڭە رايونلىرىدا فۇنكىسىيەنىڭ ئوڭ-سولغا بۆلۈنۈش ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلغان بولۇپ، ئېرىشلگەن نەتىجىلەر بىر كىشىنىڭ سول مېڭە تورلىرى ياكى ئوڭ مېڭە تورلىرىنى كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق باغلىنىشىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
مەلۇم مېڭە فۇنكىسىيىلىرىنىڭ بۇ ياكى ئۇ مېڭە رايونىدا يۈز بېرىدىغانلىقى بىر مۇتلەق ھەقىقەتتۇر. تىل سول مېڭىگە بەكرەك مەركەزلەشسە، دېققەت ئوڭ مېڭىگە بەكرەك مەركەزلىشىدۇ. ئەمما كىشىلەر كۈچلۈكرەك سول-تەرەپلىك ياكى كۈچۈلۈكرەك ئوڭ-تەرەپلىك مېڭە فۇنكىسىيىسىگە ئىگە ئەمەس. ئەسلىدە «ئارام ھالىتىدىكى فۇنكىسيىلىك ئۇلانما ماگنېتلىك رېزونانىس سايىلەش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ ئوڭ-مېڭىلىك ياكى سول-مېڭىلىك پەرىزىنىڭ توغرىلىقىنى بېكىتىش» دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقاتنىڭ باش ئاپتورى دوختۇر، دوكتور جېف ئاندېرسون مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئۇلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك قىلىدۇ». بۇ تەتقىقات ئايلىق ئىلمىي ژورنال PloS ONE (پىلوس بىر) دا ئېلان قىلىنغان.
http://www.plosone.org/article/info%3Adoi%2F10.1371%2Fjournal.pone.0071275

تەتقىقاتچىلار ئۇلار تەتقىق قىلغان مېڭە سايىلەش سۈرەتلىرىگە INDI (خەلىقئارالىق نېرۋاسايىسى سۈرەتلىرى سانلىق مەلۇمات-ھەمبەھىرلەش تەشەببۇسى) دەپ ئاتالغان سانلىق مەلۇمات ئامبېرىدىن ئېرىشكەن. قاتناشقۇچىلارنىڭ مېڭە سايىلىرى بىر فۇنكىسيىلىك ئۇلىنىشنى كۆرسەتكۈچى MRI ئانالىزى جەريانىدا تارتىلغان سۈرەتلەر بولۇپ، بۇ ھەر بىر قاتناشقۇچىنىڭ سايىلىغۇچ ئاستىدا 5 مېنۇتتىن 10 مېنۇتقىچە ئارام ھالىتىدا ياتقاندىكى مېڭە پائالىيىتىنىڭ ئانالىز قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
مېڭە پائالىيىتىنى سۈرەتلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئالىملار بىر مېڭە رايونىنىڭ پائالىيىتىنى يەنە بىر مېڭە رايونىغا ئۇلىيالايدۇ. بۇ تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلار مېڭىنى جەمئىي 7،000 رايونغا بۆلۈپ قايسى رايونلاردىكى نېرۋا ئۇلانمىلىرىنىڭ بەكرەك ئوڭ ياكى سولغا مايىل ئىكەنلىكىنى تەكشۈرىدۇ. ئۇلار ئۇلانمىلارنى ياكى مېڭە رايونلىرىدىكى بارلىق مۇمكىن بولغان بىرىكمىلەرنى ئىزدىگەن بولۇپ،   ئوڭ-سولغا بۆلۈنۈش مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەكشۈرىدۇ ۋە ئاخىرىدا ھەر بىر مېڭە رايونىدىكى نېرۋا ئۇلانمىلىرىنىڭ ئوڭ-سولغا بۆلۈنۈش قېتىم سانىنى قوشىدۇ. بىر دەرسلىك سۈپىتىدە بۇ تەتقىقاتنى ئىلىپ بېرىشقا قاتناشقان جارىد نىيلسېن ئىسىملىك نىرۋولوگىيە ئاسپىرانتى: «مېڭە سايىلەش سۈرەتلىرىدىن نېمە ئۈچۈن مېڭىدىكى ئۇلانمىلارنىڭ ئوڭ ياكى سولغا بۆلۈنىدىغانلىقىنىڭ ئەندىزىسىنى بايقىدۇق» دەيدۇ.

«ئەگەر سىزنىڭ بەزى نېرۋا ئۇلانمىلىرىڭىز كۈچلۈك سولغا ئاغقان بولسا، پەقەت ئىككىلى تۈركۈم ئۇلانمىلارنىڭ ئورتاق مېڭە رايونى بولغاندىلا بۇ چوقۇمكى كۈچلۈك باشقا ياققا ئاغقان ئۇلانمىلارغا تۇتۇشىدۇ» - دەيدۇ، نىيىلسېن.

نېيىلسېن يەنە: "بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى بۆسۈش خاراكتىرلىك دېيىشكە بولىدۇ چۈنكى بۇ نەتىجىلەر كىشىلەرنىڭ ئوڭ-مېڭىلىك ياكى سول-مېڭىلىك دېگەن نەزەرىيىگە بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن" دەيدۇ.

ئاخىرىدا نېيىلسېن مۇنداق خۇلاسە چىقىرىدۇ: « ھەر بىر كىشى سول-مېڭىلىك ياكى ئوڭ-مېڭىلىك بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك خارەكتىر ھەققىدە تونۇشقا ئىگە بولۇپ قويسا بولىدۇ، ئەمما بىز بەزى كىشىلەردە سول-مېڭە ئۇلانمىلىرىنىڭ كۆپرەك ياكى يەنە بەزىلىرىدە ئوڭ-مېڭە ئۇلانمىلىرىنىڭ كۆپرەك بولۇشىنى بايقىمىدۇق. بەلكىم خاراكتىر تۈرلىرى قايسى مېڭە يېرىم شارىنىڭ ئاكتىپراق، كۈچلۈكرەك ياكى كۆپرەك ئۇلانغانلىقى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز بولۇشى مۇمكىن».

تامام.


تۆۋەندىكى ئۇلانمىلاردىن بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ تەپسىلىي بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز:
http://www.plosbiology.org/article/info%3Adoi%2F10.1371%2Fjournal.pbio.1001767

http://www.plosone.org/article/info%3Adoi%2F10.1371%2Fjournal.pone.0071275

http://www.sciencedaily.com/releases/2013/08/130814190513.htm

http://www.npr.org/blogs/13.7/2013/12/02/248089436/the-truth-about-the-left-brain-right-brain-relationship

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 00:11:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-1 00:14  

يۇقىرىدىكى ئوبزور «ئىلىم-پەن» كۈندىلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىتا يېزىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل PloS Biology دەپ ئاتالغان بىئولوگىيە ساھەسىدىكى داڭلىق ئىلمىي ژورنالدىمۇ مېڭىنىڭ ئوڭ-سولغا ئايرىلىشىغا قارىتا كۈچلۈك رەددىيە بېرىلگەن. بۇ ماقالىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرگىلى بولىدۇ:
ئوڭ مېڭە، سول مېڭە: پاكىتلار ۋە فانتازىيىلەر

ئىلىنوي ئۇنىۋېرستېتىنىڭ داڭلىق نېرۋولوگىيە ئالىمى دوكتور كارا فېدىرمېيىرمۇ ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىئو ئىستانىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا  بۇ ھەقتە ناھايىتى نوپۇزلۇق ئۇچۇلارنى تەمىنلىگەن:

http://www.npr.org/blogs/13.7/2013/12/02/248089436/the-truth-about-the-left-brain-right-brain-relationship

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: [1] 2 3 4 5 6 7
: (bilgejan) سول ياكى ئوڭ مېڭىلىك ئەپسانىسى