tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 22:11:16

ئەھ! بىنا ئۆينىڭ ئۆلگۇرتوك يولى خەرىتىسى

1. موشۇ بۇگۇن بىر ئاغىنىلەرنىڭبىنا ئۆيىنىڭ توكى بۇزۇلۇپ قاپتىكەن .بىزنىڭ ئىدارىدىكى ئابلەت ئاكامنى ئىزدەپ تېپىپ ، ئاشۇ توك يولىنى ئوڭشاپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدىم ،. ئىشقىلىپ بارغۇ موشۇ بىنا ئۆيدە بىرەر قېتىم توك بۇزۇلىدىغان ئىشلار بولمايدۇ دىگىلى بولمايدىكەن جۇما .

2. بولاپمۇ بىزنىڭ موشۇ ئۇيغۇر ئۆي بىزەكچىلىرى بارغۇ يامان قارام دەيمەن . يا بولمىسا پەن بىلەن چاپلاپلا توك ئىغزىنى يوقلا قىلۋېتىدۇ ،ناۋادا بۇ يەردىكى ئېغىزنى چاپىلۋىتپسەن دىسڭىز پالتا بىلەن چېپىپلا تۆشۇك ئاچىدۇ ،مېنىڭ ئۆيۇمنىمۇ ئاشۇنداق قەھرىمان بىزەكچىدىن بىرسى بىزىگەندە توك ئېغىزىنى چىقىرىمەن دەپ پالتا بىلەن چېپپلا توكنى سىمىغا پالتا تىگىپ قىسقا تۇتاش بولۇپ قېلىپ بىراقلا ئۆينىڭ يېرىمىدە توك يوق بوپ قالغان ، ھازىرغىچە بىرنىمىلەر قىلىپ توك بار جايدىن ئۇلاپ دىگەندە ئىشلىتىۋاتىمەن ، خوتۇن بىلمەيدۇبۇ ئىشنى بىلىدىغان بولسا ماڭا ئاراملىق نەدە .
ئەمما ئۇيغۇر بىزەكچىلەر ئىشنى پۇختا قىلىدۇ ، بۇنىڭغىمۇ قايىل بولماي قالمايسىز ، خاتۇنۇم داۋاملىق بىزنىڭ ئۆينىڭ بىزەكلىرىنىڭ ئون يىلىدىن ئاشسسىمۇ ئازراقمۇ بۇزۇلمىغانلىقىدىن داۋاملىق ئىچى پۇشۇدۇ . لېكىنزە موشۇ ئۆي بىزەتكەندە ئاشۇ بىر پالتىنىڭ كاساپىتى دەڭا ،ئۇنىڭدىن باشقا دەل ئۆينىڭ يېرىمغا ئۇلىغان سىم قىسقا تۇتاشتا ئاجراپ كىتىپتۇ دەپ ئابلەت ئاكام ئىزلەپ يۇرۇپ ئاخىرى ئارلىق ئۆيدىكى تام ئەينەكنى كۆرسىتىپ توختاپ قالدى ،ئەسلىدە ھېلقى ئاجرىغان تۇگۇن دەل ئاشۇ تام ئەينەكنىڭ كەينىدە قاپتىكەن .
دىمەكچى ئۆي بىزەتمەكچى بولغانلار موشۇ ئۆينىڭ توك يولىغىزە يامان ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشساق ، ھەرگىزمۇ كېرىكى يوق، ئۇندىغەي بۇندىغەي دەپ پۇتەي قىلۋېتىدىغان ئەخماقانە ئىشنى قىلىپ سالمىساق ، كىيىن چاتىغى چىقىپ قالسا ئاۋارچىلىقمۇ ياخشى ، خوتۇن قۇلاققا تولا كوتۇلداپ پاڭ قىلۋېىتىدۇ ، ھە تورداشلار ماندا ئىشنىمۇ بىلىپ قويۇش كېرەك دەيمەن .

3. ئابلەت ئاكام بىلەن توك يولىنى تەكشۇرەۋېتىپ ،نەق گەپنى قىلغاندا بىز ئابلەت ئاكامغا ئەتۋىركە سۇنۇپ بىرىشتىن باشقىغا يارىمايدىكەنمىز . سوراپ قالدىم ، ئاكا بۇ بىنا ئۆينىڭ توك يولى خەرىتىسى دىگەندەك بىر نەرسە بولۇشى كېرەكتىغۇ ،-شۇنداق بولۇشى كېرەك ، ئەمما بىر ئىككى يىل بولغان ئۆيلەرنىڭ توك يولى خەرىتىسىنى تاپقىلى بولمايدۇ ، بۇنداق ئالتە يەتتە يىل بولغان ئۆيلەرنىڭ توك يولى خەرىتىسىنى نەدىن تاپىسىز دەيمەن . -ئەمدى ئاكا دىدىم مەنمۇ بولدى قىلماي ، -ناۋادا ماڭا موشۇ خەرىتە كېرەك چوقۇم كېرەك دىسەم نەدىن تاپقىلى بولار ، -بەلكىم ئۇكام بەلكىم بولدىلا تاپقىلى بولمايدۇ مەن دائىم موشۇ ئەل ئاغىنە ئۇرۇق تۇققان دوس بۇرادەرلەرگە خالىس توك رىمىنۇت ئىشلىرنى قىلىپ بىرىمەن .بۇنداق خەرىتىنى تاپقىلى بولمايدۇ ، بىزنىڭ بىنانىڭ ئىگىز قەۋەتتە توك كاشىلىسى چىقسىمۇ ، ئاشۇنداق سىلاپ سىپاپ بىر ئىش قىلىغىنىنى كۆرگەنئىدارىنىڭ توكچىلىرىنىڭ .


4. خوش ئۆينى نەچچە ئون تۇمەنگە ئېلىپ ئۆيگە مۇناسىۋەتلىك توك يولى خەرىتسىگە ئېرىشەلمەيمىزما شۇنداق قىلىپ ، بۇ يە بىر مەخپىيەتلىك بولمىسا ، بەش موچەنگە نۇسخىلاپ بىر ئۆيگە بىردىن توك ساندۇقىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويسىلا بولدىغان ئىشقۇ بۇ ، -بەلكىم ئاشۇ لەنىتى توك تارتقانلار قالايماقان تارتىپ قويغان بولسا سېلىشتۇرۇپ ئەرىز قىلىدىغانلار چىقمىسۇن دەپ ھەققى خەرىتىنى جىمىقتۇرىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن .

5.مەن بۇ بىنا ئۆيلەرنىڭ توك يولى خەرىتىسىگە قانداق ئېرىشىش كېرەكلىكىنى توردىكى ئادۇكات ۋە باشقا كەسىپ ئىگىلىرىگە قالدۇرۇپ قوياي ، ئۆزەم ئەقلىم يەتكەن بىرنۇقتىدا تورداشلارنى ئاگاھلاندۇرماقچى خالاس ، بۇ ئۆي سېتىۋالغاندا ئاشۇ ئۆينىڭ توك يولى خەرىتىىسنى تەلەپ قىلىڭ ، ۋە بىر ئىككى نۇسىخا ساقلاپ قويۇڭبۇنداق بولغاندا ئۆيدىكى توكتىن كاىشلا چىققاندا ئوشۇقچە ئاۋارچىلىقتىن ساقلانغىلى بولۇشى مۇمكىن .

aragon121 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 22:50:44

‏‏ناۋاتتەك ئەسكەرتىش !!!! دېمىسىمۇ بىز راس سەل قارايدىكەنمىز !لېكىن ئۇيغۇر بېزەكچىلىرىنىڭ قولىدىن ئىش ئاستا چىقىدىكەن ئۆي ئالدىم ، بېزەكلەتكىلى ئۇيغۇر ئۇستىلاغا بەرگەن ئىجارە ئالغان ئۆينى مۇشۇ يىلى يازدا يامان تەستە ئالتە ئايلىق ئىجارە ئالغان دەڭلا مانا ھازىرمۇ كۆچەلمەي يۈرمەمدىم ، ئىشقىلىپ بۇ ئۇستىلارغا ئاقىشىك قىلدىغان يەرگىمۇ يەتتى ، ئورۇنسىز جاپا تارتىۋالغىنىمچۇ تېخى ئويلىساملا تېرىكىمەن ، توك يول خەرىتىسىنى نۇسخىلىۋالغانتىم ئەسقئاتتى مانا

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 02:47:56

«ئەھ» دېگەن خەتنى كۆرۈپ كىرۋېتىيدېم، كىرگەنگە تۇشلۇق بىرمە ئوقامىدىمغو.

تېما ئىگىسى ئۆزلىرىمۇ زە ... ئەھ دېگەنكې باشقا قىزىق پاراڭلارنىمۇ قوشۇقويدىغانمە.

dartman211 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 07:55:49

دىققەت قىلىدىغان ئىشكەن بۇمۇ

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 08:05:01

بولاپمۇ بىزنىڭ موشۇ ئۇيغۇر ئۆي بىزەكچىلىرى بارغۇ يامان قارام دەيمەن . يا بولمىسا پەن بىلەن چاپلاپلا توك ئىغزىنى يوقلا قىلۋېتىدۇ ،ناۋادا بۇ يەردىكى ئېغىزنى چاپىلۋىتپسەن دىسڭىز پالتا بىلەن چېپىپلا تۆشۇك ئاچىدۇ:lol

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 08:13:27

بۇ ئىش مىنىڭ بېشىمغىمۇ كەلگەن يەتتە ئايدا ئاران پۇتتۇرۇپ بەرگەن

ZOR يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 08:28:50

بىنا ئۆينىڭ توك يو لى خەرىتىسىنى تېپىش ئۇسۇلى :1-شۇبىنا خەرىتىسىنى لاھىيلىگەن ئىدارىدا 50يىل ساقلىنىدۇ.لاھىيلەش ئىدارسىدىن خەرىتە ئېلىشنىڭ ئۇسۇلى ،سىز شۇبىنانى مەبلەغ سېلىپ سالدۇرغان شىركەتتىن، خوجايننىڭ ھاۋالىسى بىلەن كەلسىڭىز بېرىشى مومكىن ،يەنەبىرى لاھىيلەش ئىدارىسىدا ئىنجىنىر تونۇش بو لىشى كېرەك ،بولمىسا باشقا ئادەملەرگەخەرىتىنى بېرىشكە بولمايدۇ.
.
2.شۇ بىنانى مەبلەغ سېلىپ سالدۇرغان شىركەتتە بارلىق خەرىتە بولىدۇ .ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل موشۇلاردىن ئالغىلى بولىشى مومكىن.
3-بىنانى سالغان قۇرلۇش شىركىتى ،ۋەشۇقۇرلۇشنى نازارەت قىلغان شىركەتتە بىرنۇسخىدىن خەرىتە بولىدۇ لېكىن قۇرلۇش پۇتكەندە بۇخەرىتىلەرمۇ ئىچكىرىدىن كەلگەن ئىشلەمچىلەربىلەن يۇرتىغا قايتىپ تەڭ غايىپ بولىشى مومكىن.
4-بىناسېلىنغان شۇجايدىكى شەھەرلىك شەھەر پىلانلاش ئىدارىسى،ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى دېگەندەك ئىدارىلاردىمۇ بىر نۇسىخا ساقلانغان بولىدۇ.بۇئىدارىلاردىن خەرىتىنى ئىزدەپ تېپىش مۇمكىنچىلىكڭىز نۆل بو لىشى مۇمكىن.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:09:12

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:51:06

كۆپ ساندىكى ھۈنەرۋەنلەردە مەسۇليەتسىزلىك ئەۋىجە ئەپكەتتى ،ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى سەھرادىن شەھەرگە يۈگۈرۈپ كىرىپلا تامنىڭ يوچقۇدىن قاراپلا ئۈگۈنۈپ ئۆزىنى ھۈنەرۋەن سانۋىلىۋاتقانلار ،،،شۇڭا بۇلارنى جايلاشنىڭ بىردىن بىر ئامالى توختام يازدۇرۇش ئاندىن توختام بويۇنچە ئىشنى قاتتىق سۈيلەپ تۇرۇش ھىجايغىنىغا ئۇنماسلىق ،،،ھەرقانداق ئىشنى قىلساڭلار شۇ ھۈنەرۋەندىن خەرىتە سىزدۇرۋىلىشنى يەنە قىلغان ئىشىنىڭ رىمۇت مۆھلىتىنى ئىنىق دىيشىپ ھۆجەت يازغۇزىۋىلىڭلار بولمىسا پۇل تاپماقنىڭ تەسلىكىدە قويلۇپ كىتىسلە ،،،كونىلارنىڭ دەۋاگەر سۇس بولسا قازى مۇتھەم بوپتۇ دىگنى بەك توغرا گەپ ،،،تەلەپنىچىڭ قويمىساڭلار ياسىلىپ كىتىۋىرسىلەر ئاغزىدىكى گەپ بىلەن ئەمىليىتىنى كۆرۈپ پۇل بەرسەڭلار بولدۇ

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 15:23:14

ئۆي بىزىگەنگە دات، يوقالسۇن مەسئۇلىيەتسىز بېزەكچىلەر

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 15:54:13

مەيلى نىمىلا بولمسىۇن بۇ ئۆزىمىزدىكى ئالدىن بىر تۇتاش پىلانلاش جەھەتتىكى كەتكۇزۇپ قويغان يەرلەر ئەمىليەتتە ئۇيغۇر بىزەكچىلەر ئشىنى ھەقىقەتەن پۇختا قىلدۇ ، مەن پەقەت ئۆي سېتۋېلىش ۋە بىزەش جەھەتتتىكى بەزى كەتكۇزۇپ قويغان ئىنچىكە نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلايلى دىمەكچى ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ بىزەكچىلىرىمىزنىڭ يامان گىپىنى قىلماقچى ئەمەس .
ئەمدى جۇڭگوچىلىقتا شەھەرلىشىش ئەمدى باشلاندى .بۇ ئشىلارنىڭ قېلىپلىشىپ ئىزغا چۇشۇشىگە بىرەر قۇر باسقۇچ كېرەك . تور يۇزىدە قاقشاشمۇ بۇ باسقۇچ دىگىنىمىزنىڭ كىچىك بىر قسىمى ئەلۋەتتە

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 11:00:12

ئۈگىنىڭ قىرىنداشلىرىم، بىر ئەرگە يەتمىش ئىككى خىل ھۆنەر ئازلىق قىلىدۇ دىگەن ئەژداتلىرىمىز ، شۇ ئىشنى پۇتۇنلەي قىلىشنى بىلمىسەكمۇ شۇ ئىش توغرىسىدا ئازراق ساۋاتقا ئىگە بولساقمۇ بولىدۇ. ھۆنەرۋەننى ئۆزىڭىز چاقىرىپ يەنە ئۆستىدىن قاخشاش كۇرىيەلىك ھامماچىلارنى ئەسلىتىدىكەن.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 11:26:03

تورغا ئىنكاس يازالىغان ئادەم ئۆينىڭ توك يولىنى چۈشەنمىسە قانداق بۇلىدۇ،ئۆزى داشۆنى پۈتتۈرۈپ تۇرۇپ پوقنى بىلمەيدۇ، باشلانغۇچنى ئاران پۈتتۈرگەن جاڭشۇچىنى توك يولىنى چۈشەنمەيدىكەن دەپ قاخشايدۇ.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 17:17:23

Bayawan يوللىغان ۋاقتى2014-12-2 11:26 static/image/common/back.gif
تورغا ئىنكاس يازالىغان ئادەم ئۆينىڭ توك يولىنى چۈشەنم ...

:lol
بەت: [1]
: ئەھ! بىنا ئۆينىڭ ئۆلگۇرتوك يولى خەرىتىسى