waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 20:44:04

تەڭرىتاغ كوماندىسى جىجىياڭ گۇاڭشىياغا ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرىۋەتتى

ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى كەچ سائەت 30؛5دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئون ئۇچۇنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا،  جىجىياڭ گۇاڭشىيا ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى بىلەن بىلەن مۇسابىقىلەشتى.   شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا- سودا بانكىسى كوماندىسى باشتىن ئاخىرى ئكستۈنلۈكنى ئىگەللەپ تۆتىنچى چارەكلىك مۇسابىقىدە  20 نۇمۇر ئالدىدا تۇرغان بۇلسىمۇ  ئاخىرى 108-111 نەتىجە بىلەن رەقىبى جىجىياڭ گۇاڭشىيا كوماندىسى تەرىپدىن مەغلۇپ قىلىندى.
    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  ئالتە  ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ  34 نومۇر، 19 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 8 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 2 قېتىم توپ تارتىۋالدى؛  ئىستىفېن 20 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  قىرانبېك ماقان 15 نومۇر،  2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ شىرئەلىجان 12 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ؛ لىيۇۋىي 11 نومۇر،  1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  جۇ چى 8 نومۇر، 75 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 1 قىتىم قالپاق كىيگۈزدى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 12-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز  مەيدانىدا بىيجىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 22:09:21

ۋوي ئۈچ ئايلانما كۆرسەم خېلى ئالدىدا كېتىۋاتاتتى. ئۇتۇپ بولدى دەپتىمەن...ما كېلىشمەسلىكنى...:o

tokqi123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 08:06:01

بۇ مۇسابىقىنى مەنمۇ باشتىن -ئاخىر تولۇق كۆردۇم،20نومۇر ئالدىغا ئۆتكەندىن كېيىن ھامان ئۇتىمىزغۇ-دەپ ئويلاپ قالدىمۇ قانداق -ئاخىرى ئۇتتۇرۋەتتى،مانا بۇ ئەجەللىك ئاجىزلىق.يېڭىدىن كەلگەن چەتئەللىكمۇ تايىنلىققكەن،بۇ يىلمۇ چىمپىيون بولۇشىدىن چوڭ ئۇمۇت كۇتكىلى بولمىغىدەك.كۇچلۇك كوماندىلار ئالدىمىزدا تېخى؟

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 09:24:46

4-كونتۇر باشلىنىپلا سەپلىمە ئەزالارنى مەيدانغا چىقاردى، بۇ قارشى تەرەپكە پۇرسەت بولدى    ئۇلار پۇرسەتىنى چىڭ تۇتۇپ نۇمۇر پەرقىنى كىچكلەتتى      مۇشۇنداق ئەھۋالدا  ئاساسلىق ئەزالەرنى مەيدانغا چىقارماي يەنە ئوينىدى      قارشى تەرەپ يىتشىۋالاي دىگەندە  ئاندىن ئەزالارنى  ئالماشتۇردى         ماۋۇ يىڭىدىن كەلگەن تىرىنىرمۇ تايىنلىق ئوخشايدۇ          قارشى تەرەپ ھوجۇمىنى كۈچەيىسىمۇ  بىر ئۈنۇملۇك ئۇسۇلدا  تاقابىل تۇرالمىدې        بۇ قىتىملىق ئۇتتۇرۇش  تىرىنىرنىڭ سەۋەنلىكى           تىرىنىر سىلە  بىرىپ  كۆپرەك NBAنىڭ مۇسابىقىسىنى  كۆرەپ بەسىلە    خەخ  قانداق  ئوينايدىكىن  4-كونتورنى  

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:29:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ATLAN111 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-1 12:50  

مېنىڭچىمۇ مەغلۇب بولۇشتىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئاز دېگەندە %90 نى تېرنىر ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. تولۇق كۆرگەنتىم، كۆرۈپ بولۇپ بەكلا ئەپسۇسلىنىپ قالدىم.

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:54:05

ھەراس تېما ئىگىسى، شىنجاڭ كوماندىسىدىكىلەرنىڭ كىرىمىگە قىزىقىۋاتىمەن. بىلسىڭىز دەپ باقسىڭىز بوپتىكەن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 13:13:36

شىنجاڭ گۇاڭخۇيدىكى ماھىرلارنىڭ يىللىق مائاشى

  

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 14:43:34

ئا مائاشنى بويىغا قارتا بەدىمىكى دىسەم بويى شىردىن
پاكالا شىردىن يۇقىرى مائاش ئالدىكىنا ، شىرنىڭ پوقىغا كەممەيدىغان نىمىلەر شىردىن ئۈچ ھەسسە كۆپ مائاش ئاپتىيا
بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى جىجىياڭ گۇاڭشىياغا ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرىۋەتتى