dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 18:09:37

يانفۇن سىزنى « سۈزۈك ئادەم» گە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ

يانفۇن سىزنى « سۈزۈك ئادەم» گە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ

داداش تەرجىمىسى


كىم سىزنى ئەڭ چۈشىنىدۇ؟

بۇ ئالاقە تورى (ئىنتېرنېت) دەۋرىدە زادى كىم سىزنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدۇ؟ بەزىلەر ئاتا-ئانا دېيىشى، يەنە بەزىلەر ھەمراھى ، يەنە بەزىلەر يېقىن دوستلىرى دېيىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ، بۈگۈنكى كۈندە سىزنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغىنى بەلكىم سىز يېنىڭىزدىن ئايرىمايدىغان ئەشۇ ئامراق يانفونىڭىز بولۇشى مۇمكىن.
چۈنكى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن خۇددى ئادەم تېنىدىكى بىر ئەزاغا ئايلىنىپ قالدى، توردا ئالاقىلىشش، ئويۇن ئويناش، مال سېتىۋېلىش، سەپەر قىلىش.... ئەيتاۋۇر ئادەملەر بارغانسېرى يانفوندىن ئايرىلالماس بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. يانفۇن سىزنىڭ ھەرىكىتىڭىزنى بەش قولدەك ئىنىق بىلىدۇ، ھەتتا ئۇسىزنى سىزگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ.
يانفۇن سىزنىڭ كىملەرگە ئەڭ قىزغىن ئىكەنلىكىڭىزنى ، ئۇلار بىلەن نېمە ھەققىدە پاراڭلىشىدىغانلىقىڭىزنى، قايسى يېمەكلىككە ئامراقلىقىڭىزنى، نېمە قىلىۋاتقىنىڭىزنى بىلىدۇ، ھەتتا ئۆزىڭىزنىڭ نەدە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەي تۇرغان ۋاقتىڭىزدىمۇ ئۇ سىزگە ئورۇن بەلگىلەش ئارقىلىق ئېيتىپ بېرەلەيدۇ.
راست، يانفۇن ئىنسانلارغا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.  لېكىن، ئەشۇ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزغا نىسبەتەن يانفۇن مەخپىيەتلىك ساقلىيالامدۇ؟
«تەكشۈرمىگىچە بىلمەك تەس، مېنىڭ يانفۇنۇمغا قاچىلانغان 20 دىن ئارتۇق يۇمشاق دېتال مېنىڭ ئالاقىداشلىرىمنىڭ ئۇچۇرىنى ئوقالايدىكەن، بەزىلىرى ھەتتا ئۈنگە ئېلىش، سۈرەتكە ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن، قاچىلىغان ۋاقتىمدا بۇلارغا ئازراقمۇ دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن» - دەيدۇ، بىر نەپەر ئەقلىي يانفۇن ئابۇنتى ئۈمىدسىزلىنىپ.
ھازىرقى نۇرغۇن ھەقسىز يانفۇن يۇمشاق دېتاللىرىنى چۈشۈرگەن ھامان ، ئالاقىداشلار ئۇچۇرىنى بەھىرلەش قاتارلىق ئەسكەرتىشلەرنى چىقىرىپ قاراپ تۇرىۋالىدۇ، ناۋادا رەت قىلسىڭىز ئۇنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.

كىشىلەر دائىم سورىشىدۇ: يانفۇن راستىنلا شۇنداق خەتەرلىك بولۇپ قالدىمۇ؟


قىلىقسىز كارخانىلارنىڭ خالىغانچە مەخپىيەتلىك ئوغرلىشى

لىن خۇا يېقىندا كۆكپۇرچاق (豌豆荚) ئاندرويد ئەپ بازىرىدىن  بىر پايچىك ئويناش مەشغۇلات ياردەمچىسى (益盟操盘手ناملىق ئەپ) چۈشۈرۈپ قاچىلىغان بولۇپ، ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئارقا-ئارقىدىن شاڭخەيدىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالغان ، قارشى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئورگان تەرەپ خادىمى بولۇپ، ھەرقېتىمدا ئۆزلىرىنىڭ مالىيە مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ سېتىشقا ئۇرۇنغان. يەنە نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ، لىن خۇا يەنە ئارقا-ئارقىدىن ۋۇخەن، گۇاڭجۇلاردىن ئوخشاش مەزمۇندىكى تېلېفوننى قۇبۇل قىلغان.
ئەسلىدە ھېلىقى يۇمشاق دېتالنىڭ كۆچمە ئابۇنتلار ئېغىزى لىن خوانىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىۋەتكەن ئىدى. ئەگەرپەقەت بىرقانچە قېتىملىق تېلېفۇن پاراكەندىچىلىكى بولغان بولسا يانفۇن يوچۇقىنىڭ خەتىرى ئادەمنى قورقۇتىۋەتكىدەك دەرىجىدە ئەمەس.  لىن خۇا چۈشۈرگەن يۇمشاق دېتال ئابۇنىتنىڭ 7 تۈرلۈك شەخسى سىرىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، ئابۇنىتنىڭ ئورۇن ئۇچۇرى، سۆزلىشىش خاتىرىسى، ئۈسكۈنە ئۇچۇرى قاتارلىقلارغا ئېرىشەلەيدىغان بولۇپ، ئالاقىلەشكۈچىلەر تىزىملىكىنى زىيارەت قىلىپ، قىسقا ئۇچۇر خاتىرىسى قاتارلىقلارنى تەكشۈرەلەيدىكەن، بولۇپمۇ ئالدىنقى ئۈچ تۈرئادەمنى ھەقىقەتەنمۇ چۆچۈتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە يەنە نۇرغۇن ئەقلىيفۇن ئىشلەتكۈچىنىڭ لىن خۇانىڭكىگە ئوخشاش كەچۈرمىشى بار. بەزى قانۇنسىز شىركەتلەر مەنپەئەت ۋەسۋەسىدە پايدا ئۈندۈرۈۋېلىش ئۈچۈن  ئاقىۋەت بىلەن كارى يوق ھالدا، ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرىنى سېتىۋېتىدۇ. بەزى چوڭ كارخانىلارمۇ ئابۇنتلار ھەقىقى ئەھۋالدىن قىلچىمۇ بىخەۋەر ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارنىڭ يانفۇن نومۇرى، پائالىيەت تەرتىپى قاتارلىقلارنى قولىغا چۈشۈرۈپ، ئاتالمىش « تۈجۈپىلەپ تىجارەت قىلىش» ئېلىپ بارىدۇ، ئۇلارنىڭ ئابونتلارنىڭ شەخسى ئۇچۇر ھوقۇقى بىلەن قىلچىمۇ كارى يوق.



2011-يىلى 6-ئايدىن 2012-يىلى 2-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، گوگۇل ئالمايانفۇنىدىكى Safari توركۆرگۈچىنىڭ سۈكۈتتىكى تەڭشكىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، بىرقىسىم ئابونتلارنىڭ توركۆرگۈچىگە مەخپى ھالدا ، ئابونتلارنىڭ ئىزدەش ئادىتىگە ئاساسەن ئىز قوغلىيالايدىغان ھۆججەتنى قاچىلاپ قويغان، گوگۇل شۇئارقىلىق قاراتمىلىق ھالدا ئېلان يەتكۈزۈش مۇددىئاسىنى ئىشقا ئاشۇرغان.
كېيىن گوگۇلنىڭ بۇ قىلمىشى ئاشكارىلىنىپ قالدى، ئا ق ش فېدېراتسىيە سودا كومىتېتى بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. 2012-يىلى گوگۇل ئابونتلارنىڭ شەخسى ئۇچۇر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش قىلمىشى ئۈچۈن 22 مىليون 500مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. 2013-يىلى 11-ئايدا ، گوگۇل يەنە ئا ق ش دىكى 37 شتات ۋە كولومبىيە ئالاھىدە رايونىدا يۇقىرىقى قىلمىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئابۇنتلاربىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ 17مىليون ئامېرىكا دوللىرى تولۇقلىما تۆلەم تۆلىدى.
جۇڭگو ئىنتېرنېت نازارەت- تەتقىقات ئاپپاراتى DCCI نىڭ ئىنتېرنېت سانلىق مەلۇمات مەركىزى تارقاتقان «2013-يىللىق كۆچمە ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى شەخسى ئۇچۇر بىخەتەرلىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى»غا ئاساسلانغاندا ، سۆزلىشىش خاتىرىسىگە ئېرىشىدىغان كۆچمە قوللانمىلار ئىچىدە %73.1 تىنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىش دائىرىسى چەكلىمىدىن زور دەرىجىدە ئىشىپ كەتكەن. قولللىنىشچان پروگراممىلار مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلىرىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تەڭشەش باھانىسىدا، ئابونتلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى جىمجىتقىنا ئوغۇرلاپ كېتىدىكەن.  %61 قىسقا ئۇچۇر، %73 سۆزلىشىش خاتىرىسنى تەلەپ قىلىدىغان ئىقتىدار تەڭشىكىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ خىل تەلىپى پۈتۈنلەي ئورۇنسىز ئىكەن .  سۆزلىشىش خاتىرىسى، قىسقا ئۇچۇر خاتىرىسى، ئالاقىداشلار خاتىرىسى قاتارلىقلارنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىشى نۆۋەتتە ئابۇنتلار شەخسى ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىكى ئۈچ چوڭ خەۋەپلىك دائىرە بولۇپ قالدى.

نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر بىخەتەرلىكى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى جىياچۈنفۇ مۇنداق دەيدۇ:  ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلاردا كۆپ مىقداردا شەخسى ئۇچۇرلار ساقلانغان بولىدۇ، ئەقلىيفۇنلارنىڭ ئاپتۇماتىك تورغا ئۇلىنىشى ئالاھىدىلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن فىزىكىلىق ئايرىش چارىسى بىلەن ئۇچۇرلارنىڭ ئوغۇرلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ.  ئابونتلارنىڭ  شەخسى ئۇچۇرلىرى، يانفۇن ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلار ئۈچۈن بولسۇن، يۇمشاق دېتال بازارلىرى ياكى يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار ئۈچۈن بولسۇن ھەقىقەتەن زور دەرىجىدە سودا قىممىتىگە ئىگە، بەلكى نۆۋەتتە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش بولمىغان شارائىتتا ھەممەيلەن ئۆزىگە ئۆزى پۇختا بولۇش كېرەك.


يانفۇن ۋىرۇسلىرى -  بۇلاڭچىنىڭ دەل ئۆزى

ئەگەر بىرقىسىم كارخانىلارنىڭ ئابونتلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش قىلمىشىنى يانچۇقچىغا ئوخشاتساق، يانفۇن ۋىرۇسلىرىنى بۇلاڭچىغا ئوخشاتساق تامامەن بولىدۇ. چۈنكى كارخانىلارنىڭ ئوغرلاش قىلمىشى ئابۇنتلار سەزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، مال-مۈلۈككە بولغان بۇزغۇنچىلىق تەسىرى بىرقەدەر كىچىك بولىدۇ، ئەمما زور مىقداردا تارقىلىۋاتقان يانفۇن ۋىرۇسلىرى بۇجەھەتتە زور بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە.
2013-يىلىدىن بۇيان، «پۇل»غا چېتىشلىق يانفۇن ياغاچ ئات ۋىرۇسلىرى تۈركۈملەپ بارلىققا كەلدى، تارقالدى، بۇ ياغاچ ئات ۋىرۇسلىرى ئاساسەن قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق دەلىللەش نومۇرى، بانكا ھېساباتى نومۇرى قاتارلىق مۇھىم شەخسى ئۇچۇرلار ئارقىلىق پۇل ئوغرىلاش مەقسىتىگە يېتىدۇ. سېسىق نامى پۇركەتكەن يوشۇرۇن بۇلاڭچى - يانفۇن ياغاچ ئاتلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، داۋاملىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ تۇرىدۇ، ئەڭ يېقىنلىرىغا قارايدىغان بولساق تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ چىقىمدان ھېساباتىنى كونترول قىلىۋالىدۇ.

2014 -يىلى 2 -ئايدا ، جىجاڭلىق بىر خانىم تاۋباۋدا پۈتۈشۈش جەريانىدا، قارشى تەرەپ ئەۋەتكەن بىر ئىككىلىك كودنى سىكەننىرلىگەن، لېكىن كىم ئويلىسۇن ياغاچ ئات ۋىرۇسى ئۇنىڭ چىقىمدان ۋە قالدۇق پۇلدانىدىكى 180مىڭ يۈەن پۇلىنى قارشى تەرەپنىڭ چۆنتىكىگە يۆتكەپ كەتكەن.
دۆلەتلىك ئىنتېرنېت  جىددىي ئەھۋال مەركىزى تېخى يېقىندا بىر تورداشنىڭ ئەرزىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ مەلۇم ئېلېكترون بۇيۇملارسودا توربېكىتىدىن سېتىۋالغان ليەنشياڭ A820T تىپلىق يانفۇنغا ئالدىن ئالا يانفۇن ۋىرۇسى قاچىلاپ قويۇلغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ يانفۇنغا ئاندرويىد سىستېمىسى مۇلازىمىتى «SystemScan» قاچىلانغانلىقى مەلۇم بولغان، بۇ پروگرامما ئابۇنت ھېچنەرسىدىن خەۋەرسىز ئەھۋال ئاستىدا، ئارقا سۇپىدا يانفۇن نومۇرى، IP ئادرېسى، يانفۇننىڭ نۆۋەتتىكى ئورنى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىدىكەن ۋە بۇ ئۇچۇرلارنى پىرىسلىغاندىن كېيىن يىراقتىكى مۇلازىمىتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن.

ئۇدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ،دۆلەتلىك ئىنتېرنېت  جىددىي ئەھۋال مەركىزى شۇنى بايقىغانىدى، 2014 -يىلى 1- ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يانفۇنغا ئالدىن قاچىلاپ قويۇلغان ياغاچ ئات ۋىرۇسنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانى 2مىليون 160 مىڭ كىشىگە يەتكەن. بۇ قىلمىشىنىڭ كەڭ دائىرىدە يۈز بېرىشى چۈشەندۈرىدۇكى چوتكىلاش،ROM ياساش قاتارلىقلارنى مۇلازىمەت قىلغان توربېكەتلەر ئاساسەن  ئېغىر  دەرىجىدىكى بۇلغاش مەنبەسى بولغان .


خەتەرلىك بولغان « بېلىقچى Wi-Fi»لار

بۈگۈنكى كۈندە ھەقسىز Wi-Fi نۇقتىلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، بۇ يەردە بۇ ئىش ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلارنى ئېيتىپ ئولتۇرمىساقمۇ بولىدۇ، بىراق يانفوندىكى شەخسى ئۇچۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى دەل مۇشۇ ئىش تۈپەيلىدىن يەنە بىر زور خەۋپكە دۇچ كەلمەكتە.
دۆلەتلىك كومپيۇتېر ۋىرۇسنى جىددى بىرتەرەپ قىلىش مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇنلىغان يامان نىيەتتىكى ھەقسىز Wi-Fi نۇقتىلىرى بارلىققا كېلىۋاتقان بولۇپ، كومپيۇتېر ۋە يانفۇن ئابۇنتلىرىنى ھەقسىزلىق بىلەن قىزىقتۇرۇپ، ھېسابات نومۇرى، مەخپى شىفىر ۋە باشقا شەخسى ئۇچۇرلارنى ئوغرلاش مەقسىتىگە يېتىۋىتىپتۇ.

شىجۇاجۇاڭلىق لىيۇ خانىم يېقىندا بىر غەلىتە ئىشقا يولۇققان. بىركۈنى ئۇ مەلۇم قەھۋەخانىغا بارغان بولۇپ،  ئۇ يەردە ئىزدەش ئارقىلىق  بىر شىفىرسىز Wi-Fi سىگنالى تاپقان، ئۇ بۇھەقتە كۆپ ئويلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قاراپ، يانفۇنى بىلەن تورغا چىققان ھەم 100يۈەن چىقىم قىلىپ توردىن مال سېتىۋالغان . قەھۋە خانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي ، ئۇ بىرپارچە بانكا قىسقا ئۇچۇرى تاپشۇرۇپ ئالغان، ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىڭ ھېساباتىدىن 500يۈەن چىقىم قىلىنغان.
بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلمىگەن لىيۇخانىم ساقچىدىن ياردەم سورىغان، ئەسلىدە لىيۇ خانىم «بېلىقچى Wi-Fi »غا ئۇچراپ قالغان بولۇپ، قارماق تاشلىغان خايكېر ئۇنىڭ بانكاھېساباتى، مەخپى شىفىر ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەندىن كېيىن كارتا چوتكىلاش ئېلىپ بارغان.

گەرچە ھەممىلا ھەقسىز Wi-Fi نۇقتىلىرى يامان غەرەزلىك بولمىسىمۇ، ئەمما كۆپىنچىسىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يېتەرلىك ئەمەس، ئابونتلارنىڭ يوللىغان سانلىق مەلۇماتلىرى يەتكۈزۈش جەريانىدا باشقىلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.

بىر خايكېر مۇنداق جاكارلىغان: قاۋاقخانا، ماكدونالد لار تەمىنلەۋاتقان ھەقسىز Wi-Fi مۇھىتىدا ، پەقەت بىردانە Win7 قاچىلانغان لەپتوپ، سىمسىز تور ۋە توربولىقىنى ئانالىزلاش دېتالى بولسىلا 15 مىنۇت ئىچىدە، يانفۇن ئارقىلىق تورغا چىقىۋاتقان ئابونتلارنىڭ ئىناۋەت كارتىسى، بانكاكارتىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ سىمسىز تورئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان Aruba شىركىتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ باش تېخنىكا نازارەتچىسى لىياڭ يىمىن مۇنداق دەيدۇ: «بېلىقچى  Wi-Fi » نۇقتىلىرىدا خاككىرلار خۇددى نىقابلىق قاراقچىلاردەك يىرىم يولدا «پوچتىكەش» نىڭ قولىدىكى ئۇچۇرلارنى ئېلىۋالىدۇ. ئەسلى ئىرىششىكە تىگىشلىك ئابۇنتنىڭ كۆرگىنى ھېچقانداق «زەخمە» سىز «لېپاپ» بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى «مەكتۇپ»نى ئاللىقاچان باشقىلار ئوقۇۋالغان ، ھەتتا بىرقىسىمىنى ئېلىۋالغان بولىدۇ.

يامان بولغىنى ، ئائىلىلەردە ئىشلىتىدىغان سىمسىز روتېردىمۇ بالايى-ئاپەت يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

يىقىندا بېيجىڭلىق ياش شىياۋليۇنىڭ يانفونى ۋە كومپيۇتېرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېتىلىپ چىقىدىغان كۆزنەكسىمان يالىڭاچ پاراڭلىشىش ئۇچۇرلىرى پەيدا بولۇپ قالغان. شىياۋليۇ ۋىروسخورلار بىلەن كومپيۇتېر ۋە يانفونىنى تازىلىغان، ھەتتا كومپيۇتېرنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى قايتا قاچىلىغان بولسىمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىغان.  كېيىن شىياۋليۇنىڭ بىر تېخنىكىسى ياخشى دوستى، مەسىلىنىڭ ئەسلىدە، شىياۋليۇنىڭ ئۆيىدىكى سىمسىز روتىرنىڭ  باشقىلارغا «تۇتقۇن» بولۇپ قالغانلىقىدا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بەرگەن.

2014-يىلى 4-ئايدا، دۆلەتلىك ئىنتېرنېت  جىددىي ئەھۋاللار مەركىزى دوكلات ئېلان قىلىپ، سىسكو(Cisco)، D-Link قاتارلىق سىمسىز روتېر كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا «ئارقا ئىشىك» مەۋجۈتلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى كۆرسەتمە بېرىپ، روتېردىكى ئارقا ئىشىك يوچۇقلىرىنىڭ ئائىلىدىكى بارلىق تورئۈسكۈنىلىرىگە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. خاككىرلار ئالدى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىنىڭ سىمسىزروتېرىنى كونترول قىلغاندىن كېيىن، بۇ روتېرغا ئۇلانغان بارلىق ئۈسكۈنىلەردىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشەلەيدىكەن. مەسىلەن؛ كومپيۇتېر، يانفۇن، ئەقلىي تېلېۋىزىيە قۇتىسى قاتارلىقلاردىكى زىيارەت خاتىرىسى، ھېسابات نومۇرى، مەخپى شىفىرى قاتارلىق شەخسى ئۇچۇرلار شۇنىڭ جۈملىسىدىن.

تېخىمۇ بەتەر بولغان خەۋپ شۇكى، ئەگەر سىمسىز روتېرنىڭ DNS ى خايكېر تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋىتىلسە، بۇ مەزگىلدە ئابۇنت زىيارەت قىلغان توربانكىسى قاتارلىقلار ئەمەلىيەتتە ئۇلار تەييارلاپ قويغان «يەمچۈك توربېكەت» بولىدۇ، دېمەك ئابۇنت كىرگۈزگەن بارلىق ھېسابات ئۇچۇرلىرى خاككىرلارنىڭ بولۇپ كېتىدۇ.


ئاسانلا سەل قارىلىدىغان «قىلتاق»لار

نۆۋەتتە يانفۇن تېرمىنالى، نومۇر ئوغرلاش قاتارلىقلاردىن كېلىدىغان خەۋىپمۇ ئاز ئەمەس. خەن خانقىز يېقىندا بىر دوستى ئەۋەتكەن  سەككىز پارچە غەلىتە ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغان، دوستى ئۇنىڭغا QQئارقىلىق سۆز قالدۇرغان بولۇپ، ئاساسەن خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرى ئىدى. ئۇ دوستىغا تېلېفۇن قىلىپ بۇنىڭ نېمە ئىشلىقىنى سۈرۈشتە قىلغاندا، ئۇنىڭ دوستى ئەندىكىپ كەتكەن ۋە يىقىندا QQ ئىشلەتمىگەنلىكىنى ئېيتقان...كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ يانفۇنىنىڭ ۋىرۇسلانغانلىقى ئېنىقلانغان.
بۈگۈنكى كۈندە، قەستكارلار QQ ھېساباتىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى QQ ئىگىسىنىڭ ئالاقىداشلىرىغا ساختا ئۇچۇر ۋە يەمچۈك بېكەتلىرىنىڭ ئادرېسىنى يوللاپ مەقسىتىگە يېتىدۇ.
بىلىپ قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر خەۋپ بولسا، يانفۇن ئالماشتۇرۇش ۋە ئېلىپ-سېتىشتىن كېلىپ چىقىۋاتقان شەخسى ئۇچۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدۇر.  يانفۇندىكى ئۇچۇرلارنى ئاددى ئۇسۇلدا ئۆچۈرگەندە، ئۇنى سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ياردىمىدە ئاسانلا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ،  ھەتتا زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا يانفۇنىڭىزنى باشقىلارغا سېتىپ بېرىشكە جۈرئەت قىلالامسىز؟
شۇڭا 360 يانفۇن بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسى مۇنداق ئەسكەرتىش بېرىدۇ: يانفۇندىكى ساقلىغۇچقا يېزىلغان ئۇچۇرلار ئۇزۇن مەزگىلگىچە ساقلىنىدۇ، ئۇنى ئۆچۈرگەندە ، مەزكۇر مەشغۇلات پەقەت مۇندەرىجىنى ئۆچۈرۈش بولۇپ، ھەرگىزمۇ فىزىكىلىق ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتىغا تەۋە ئەمەس. بۇنىڭ پرىنسىپى كومپيۇتېرنىڭكىگە ئاساسەن ئوخشاش.

ئۇنىڭدىن باشقا، تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە. %89 تىن ئوشۇقراق يانفۇن تېپىۋالغۇچى ئەسىلدىكى يانفۇن ئىگىسىنىڭ شەخسى سانلىق مەلۇماتلارنى زىيارەت قىلالىغان، %60 تىن كۆپرەك كىشى يانفۇن يۈتتۈرگۈچىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى، ئېلېكترونلۇق يوللانما مەزمۇنلىرىنى كۆرەلەيدىكەن؛%80 تىن ئوشۇق كىشى ساختا قىياپەتتە شەخسى ئۇچۇر دەلىللىتىشكە ئۇرۇنغان، يېرىمدىن كۆپ ساندىكى كىشى ئەسلىدىكى يانفۇن ئىگىسىنىڭ توربانكىسىنى زىيارەت قىلالىغان.
ئەپسۇسلىنارلىقى مۇتلەق كۆپ ساندىكى يانفۇن يۈتتۈرگۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە، يانفوننىڭ يۈتۈپ كېتىشى پەقەت شۇنچىلىكلا ئىقتىسادى زىياندىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن كېلىدىغان تېخىمۇ زور خەۋپنى ئويلىشىپمۇ قويمىغان.

ئاپتورلىرى: گوڭ ۋىن، نەن تىڭ، گاۋشاۋخۇا
ئەسلى مەنبە:  خەنزۇچە «ئوقۇرمەنلەر» تورژورنىلى 2014-يىللىق 18-سان

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 23:18:35

خۇدانىڭ ئۆزىگە ئامانەت جۇما!
قايسى كۇنى قانۇن ۋە پۇخرا دىگەندىمۇ مۇشۇ ھەقسىز ۋايفاي توغرسدا سۆزلىدى.
بىر قىز ئۆلتۇرۇلۇپتۇ شۇلارمۇ ۋايفاي ئارقىلىق قىزنىڭ ماتىرياللىرغا ئېرىشكەن ئىكەن

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 23:33:25

نېمىدىگەن قورقۇنۇشلۇق...يانفۇندا تەكشۈرسەم 126 خەت ساندۇقۇمدىكى خەت قىسقۇچ قۇپقۇرۇق بوپقاپتۇ. 2-3 كۈن بولدى. كومپيۇتېردا تېخى سىناپ باقمىدىم.126 نىڭ باشقا نامدىكى ۋە QQ خەت ساندۇقى ساپساق.... نەچچە يىلدىن بېرى ئاساسلىق ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان خەت ساندۇقى ئىدى... :(:@

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 23:38:14

ئۆيدىكى Wi-Fi غا پوختا بۇلغان تۈزۈك ! بولمىسا ئىش تېپىپ بىرىدۇ.ھەتتا پات-پات قۇلۇپمۇ سالمىغان Wi-Fiلارغا ئۈچراپ قالىمەن. بىزنىڭ رايۇنىمىزدا Wi-Fi نى ياخشى قۇغدىمىسا ئىقسادىي زىيان بىلەنلا تۈگۈمەيدۇ.:L

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 23:42:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-30 23:45  

Wi-Fi ئۇلىنىشىغا مەخپى نۇمۇر ئۇرناتقاندىن سىرىت Wi-Fi تەڭشەككىمۇ مەخپى نۇمۇر ئۇرنىتىش ،ھەم ناتۇنۇش مەك ئادرىسلىرىنى چەكلەش كىرەك،ھەم قەرەللىك ھالدا Wi-Fi غا ناتۇنۇش ئۈسكىنىلەر ئۇلنىۋاتامدۇ يوق .تەكشۈرۈپ تۇرۇڭلار!

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 01:17:42

刷卡
كارتا چوتكىلاش

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 06:34:22

ھەيھات!……

kasim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 07:12:05

ئەمدى بۇنىڭغا قانداق قىلغۇلۇق بىزنىڭئەتراپىمىزدىمۇ شۇنداق خاككىرلار بارمىدۇ؟

alijan0900 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 11:12:01

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  بۇ ئىشلا ئاساسەن شەخسىلەنىڭ قولىدىن  كەلمەيدۇ   مەخسۇس  ئالاقىسى چوڭ شىركەت گوروھلا قىلدۇ  دەپ قارايمە:)

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 11:59:06

2011-يىلى 6-ئايدىن 2012-يىلى 2-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، گوگۇل ئالمايانفۇنىدىكى Safari توركۆرگۈچىنىڭ سۈكۈتتىكى تەڭشكىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، بىرقىسىم ئابونتلارنىڭ توركۆرگۈچىگە مەخپى ھالدا ، ئابونتلارنىڭ ئىزدەش ئادىتىگە ئاساسەن ئىز قوغلىيالايدىغان ھۆججەتنى قاچىلاپ قويغان، گوگۇل شۇئارقىلىق قاراتمىلىق ھالدا ئېلان يەتكۈزۈش مۇددىئاسىنى ئىشقا ئاشۇرغان.
كېيىن گوگۇلنىڭ بۇ قىلمىشى ئاشكارىلىنىپ قالدى، ئا ق ش فېدېراتسىيە سودا كومىتېتى بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. 2012-يىلى گوگۇل ئابونتلارنىڭ شەخسى ئۇچۇر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش قىلمىشى ئۈچۈن 22 مىليون 500مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇر بولدى.


سۇگۇ تور كۆرگۈچىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. مەن نىمىنى ئىزدىسەم شۇنى يان تەرەپتە چىقىدىغان ئېلانغا قىستۇرۇپ تەييارلاپ قۇيىدۇ. ئەمما ئۇلارنى ئەرىز قىلاي دىسەم مەن ياكى چوڭ ئەمەلدار ئەمەس ياكى مىليانىر ئەمەس. ئەرىز قىلغىنىم ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىكتىن باشقا ئۈنۈم بەرمەيدۇ.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:13:58

Firefox نىڭ مۇشۇ ئىشىغا مەنمۇ ھەيران قالدىم.مەن تاۋبادىن نىمىنى ئىزدىسەم ، يان تەرەپتە شۇخىلدىكى نەرسىلەر چىقىدۇ.

yadlan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:17:27

ئۇنداقتا 360 نىڭ  Wi-Fi     ئىقتىدارىنى ئىشلەتسە  مەسىلە كۆرۈلەرمۇ ؟

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:21:57

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-1 12:13 static/image/common/back.gif
Firefox نىڭ مۇشۇ ئىشىغا مەنمۇ ھەيران قالدىم.مەن تاۋبادىن ن ...

بۇ مىنىڭچە ئوت تۈلكىسىنىڭ ئىشى ئەمەس بەلكى جوڭگو تەرەپ ھەمكارلاشقۇچىسى fire fox  سۈكۈتتىكى باش بىتىگە بەيدۇنى ھەم يەنە قالايمىقان نەرسىلىەرنى قۇيۇپ قۇيىدۇ. ئىشقىلىپ خېلى ياخشى نەرسىلەرمۇ جوڭگوغا كىرسە ئۆزگىرىپ ناچارلىشىشپ كىتىدىكەن.

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:26:28

مىنىڭچە مۇشۇ يانفۇندىكى سىستېما ئاسراش،ئەخلەت تازىلاش دىتاللېرىمۇ يەنە بىر جەھەتتىن ئىشپىيون ياكى ياغاچ ئات مىكىن دەپ قارايمەن. ئەمما بىز ھازىرقى ئەھۋالدا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
سىنوۋىدىننىڭ ئاشكارىلىغان بىر ماتىرىيالىدا خاتىرىلىنىشچە ئايفۇن ئىتىك ھالەتتىمۇ ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلېرىغا ئېرىشىش مۇمكىنكەن، ئەمەىسە ماۋۇ ئۇچۇق كودلۇق ئاندىرويىد نەدە قالىدۇ؟

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 12:29:04

يانفۇننى ۋە كومپىيۇتىرنى قوغدىيالايدىغان يۇمشاق دىتاللار يوقمىدۇ زادى ،،ھەقلىق بولسىمۇ مەيلىدە :(

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 19:27:05

قوغدايمە دەپ قوغداپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئاللابۇرۇن ھىس قىلغان ، شۇڭا ئارتۇقچە ئاۋارە بولمايمەن ...  نەچچە  مىليون ئادەمنىڭ ئىچىدىن ماڭا توغرا كىلىپ قالسا مىنى نەس بېسىپتۇ دەپ بىلىمەن   لىكىن ئۇشبۇ تىمىنىڭ ماڭا كۆپ پايدىسى بولىدىغىنى ئىنىق

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 05:35:27

yadlan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-1 12:17 static/image/common/back.gif
ئۇنداقتا 360 نىڭ  Wi-Fi     ئىقتىدارىنى ئىشلەتسە  مەسىلە كۆر ...

ئىشخانىلاردىكى سىمسىز روتېرلارنى يىغىۋەتكەندىن كېيىن شۇنى ئىشلىتىۋاتىمىز،  بىخەتەرلىك جەھەتتە پەرقى بولماسلىقى مۇمكىن..

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 14:35:47

ئەخلاق بىلەن مەدەنىيەتنىڭ بەشمىڭ يۇز يىلغا ساغلام بېرىشىنى ئۇمىد قىلىمەن.
بەت: [1]
: يانفۇن سىزنى « سۈزۈك ئادەم» گە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ