malak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 16:34:42

دادا، يۈزۈمنى كۆرەلمىدىڭ، مەن جىنازاڭنى كۆتۈرۈپ ماڭدىم!


گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى يازمىسى
گۈلسۈمخان ئانا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئوغلىنىڭ ھالىغا قاراپ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ، ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ، شۇنچە يىلدىن تېلېفون دەپتىرىدە ساقلاغلىق ئەمما بىرەر قېتىممۇ تېلېفوندا بېسىلىپ باقمىغان نومۇرغا تېلېفون قىلدى. تېلېفون ئۇلاندى، دېمەك قارشى تەرەپ شۇنچە يىلدىن بۇيان، بۇ نومۇرنى ئىزچىل ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانىدى. ئۇ مەيدىسىنى تۇتۇپ، ئۆزىنى يىغلاپ تاشلىماسلىق ئۈچۈن بەزلەپ، تېلېفون كۇرۇپكىسىنى قۇلىقىغا يېقىنراق ياقتى:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،-ھەقىقەتەن تېلېفون ئۇلانغانىدى، ھەم نەۋرىسى ئالغانىدى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كىمۇ؟- رىنات مومىسىنى تونۇمايتتى. چۈنكى ئۇ ئېسىنى بىلىپ پەقەت بىرلا قېتىم مومىسىنى كۆرۈپ باققان. ئالدى-كەينىدە بىرەر قېتىممۇ ئالاقىلىشىپ باقمىغانىدى.
- رىناتجانمۇ سەن بالام؟ مەن ئۈرۈمچىدىكى موماڭ...
-نېمە؟ مومام؟ ئاپا، تېلېفوننى ئالە، بىرسى موماڭ دەيدۇغۇ؟- رىنات تېلېفوننى ئاپىسىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، كىرسلودا ئۇزىراپ ياتتى، چىرايى بىردەمدە ئۆزگەرگەنىدى. چۈنكى ئۇ موماڭ دېگەن گەپتىنلا ئېسىگە شۇ ئاچچىق ئەسلىمە كەلدى، ئۇ تېلىۋىزورنىڭ تىزگىنىكىنى ئېلىپ، پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاۋازىنى بولۇشىچە قويۇۋەتتى. ئەيتاۋۇر شۇ مومىسىنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ قالغۇسى كەلمىگەندۇ.
-نېمە؟ رېشىت ئۇ.... ماقۇل، ماقۇل. بارسۇن ھازىرلا ماڭسۇن...-بۇ گەپلەرنى دەپلا كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاققۇزغان ئامىنىخان زەردە بىلەن تىزگىنەكنى ئېلىپ، تېلىۋىزورنى ئۆچۈرۋەتتى-دە، تېز تېز قەدەم ئېلىپ، ئوغلىنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. رىناتمۇ ئەگىشىپلا كىردى:
- نېمە بولدى ئاپا؟ ئۇ خوتۇن ساڭا نېمە دەيدۇ؟
- ھازىرلا ئۈرۈمچىگە ماڭايلى!
- نېمىشقا؟ شۇلارنىڭ ئۆيىگە بارامدۇق؟ قىزىپ قالمىغانسە ئاپا؟- رىنات گۆدەك قەلبىگە ئورناپ كەتكەن شۇ جاراھەتنى ھالا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنتۇيالمىغانىدى.
دېمىسىمۇ راست، شۇ چاغلاردا رىنات تېخى باشلانغۇچنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرى ئىدى. ئامىنىخان ئۇنى يېتىلەپ، مىڭ تەستە شۇ قېينئاپىسىنىڭ ئۆيىنى تېپىپ كېلىپ، ئۇلارغا تونۇشلۇق بەرمەكچى بولغانىدى. ئەمما، ئىشىكتىن كىرگەندىن كېيىنكى سوغۇق مۇئامىلە، ئاپىسىنى شۇ يات بىر خوتۇننىڭ سەت تىللاپ ھاقارەتلەشلىرى، گەدىنىدىن ئىتتىرىپ ئۆيدىن چىقىرۋېتىشلىرى سەبىي رىناتقا ئۆچمەس يارا ئىزى قالدۇرغانىدى. شۇندىن بۇيان ئامىنىخان بىلەن رىنات ئۇلارنى قايتا ئىزدەپمۇ باقمىدى، ھەم ئۆزئارا تىلغا ئېلىپمۇ باقمىدى. چۈنكى ھەرئىككەيلەننىڭ يارىسى ئوخشاشلا ئېغىر.
   رېشىت ھازىر سەكراتقا چۈشۈپ قاپتۇ، ئۇنىڭ ئېسىدە ئوغلى بار ئىكەن-ھە؟! توۋا، خۇدايىم بەندىسىنىڭ دىلىغا سالسا شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ. رېشىت ئەسلى ئاپتونۇم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق چوڭ بىر نازارەتنىڭ نازىرىنىڭ ئوغلى ئىدى. مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقۇماي، كىچىكىدىنلا ھاراققا ئۆگىنىۋېلىپ، مەكتەپتىن قېچىپ، جېدەل تېرىپ يۈرگەچكە، دادىسى شۇ ئىدارىنىڭ پار قازانغا ئوت قالايدىغان يېرىگە ئىشلەيدىغانغا كىرگۈزۈپ قويغانىدى. چۈنكى باشقا نەگىمۇ ئورۇنلاشتۇرىدۇ؟ ھوقۇق دېسە بار، ئەمما نەچچە قېتىملاپ قولغا ئېلىنغانلىق تارىخى بار تۇرسا، ئامال قانچە؟ مۇشۇنىڭغىمۇ شۈكرى دەپ ئولتۇرسا بولىدۇ.
ئەمدى ئامىنە بىلەن رېشىتنىڭ زادى نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
گەپنى 18 يىل بۇرۇنقى شۇ يازدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمدىلا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ئامىنە، ئۈرۈمچىدىكى تاغىسى بەدىرىدىننىڭ دەۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە چىقىۋالدى. ئۇ چاغلار ھەممىگە ئايان، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرسىلا خىزمەت ئاساسەن تەييار، ئەگەردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇسا مەركىزىي شەھەردىكى دەرىجىسى يۇقىرىراق ئورگانلاردا خىزمەت قىلىدۇ. بولمىسا شۇ ناھىيە يېزىلاردا ئوقۇتقۇچى بولسىمۇ بولاتتى. ئەپسۇس، بەدىرىدىن ئۆزىنىڭ جىيەن قىزىغا ئۇنچە كۆيۈنۈشنى خالىمىدىمۇ ياكى، بىرەر مەنپەئەت بەرمىسە ھەل قىلمامدۇ ۋە ياكى پىچىقى ئۆتمەمدۇ، ئەيتاۋۇر، ئامىنەنى ئۈرۈمچىگە ئاتايىن ئەچىقىۋالغىنى بىلەن، ئۇنى پەقەت ئائىلە خىزمەتچىسى ياق مالايلىقىغا سالدى. كۈندە سەھەردە تۇرۇپ، ئۆي تازىلايتتى، يېزىدا ئۇ بىنالاردا ئولتۇرۇپ باقمىغان، لېكىن ئۈرۈمچىدە بىناغا چىقىۋالغان بىلەن نەچچە كۈنگىچە كۈن كۆرمەيتتى. تاماق ئېتىشقۇ ئەسلا ئامىنەنىڭ كۆتۈرە ئېلىۋالغان ئىشىدەكلا. ھەتتا ئۆزىدىن نەچچە ياشلا كىچىك بولغان بىر ئوغۇل ئىككى قىز نەۋرە ئۇكىلىرىنىڭ ھەم شۇنداقلا تاغىسى ۋە ھاممىسىنىڭ ئىچ-كىيىملىرىدىن تارتىپ ھەممىنى يۇياتتى، كېچىسى بولسا، شۇ نەۋرە ئۇكىلىرىغا بىر قاچىدىن سۈتنى ھەمدە ئاقلاپ قويغان مېۋىلەرنى ئېلىپ ئەكىرىپ بېرەتتى. ھەممىسى ئۇخلاپ بولغاندا، ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئۇخلايتتى. ھەممىدىن بۇرۇن تۇراتتى-دە، يەنە شۇلار ئۈچۈن ناشتىلىق تەييارلايتتى.
    ئامىنەنىڭ ئاپىسى يەنى بەدىرىدىننىڭ ئۆز ھەدىسى ھەمراخان ئانا قىزىنىڭ نالىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ باقماق ئۈچۈن، يېزىدىن ئىنىسىنىڭ ئۆيىگە ئاتاپ، ئىككى تونۇر نان يېقىپ، يەرلىك مەھسۇلاتلارنى بىر خالتىغا سېلىپ، مىڭ تەسلىكتە ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئىنىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئەمدىلا كىرسلودا ئولتۇرۇپ، بۇ ئېسىل بېزەلگەن ياۋروپا تۈسىنى ئالغان ئۆيلەرگە ھەۋەس بىلەن قاراپ ئولتۇرغان ھەمراخان ئانا ھەرقانچە قاراپمۇ تويمايۋاتاتتى. ئولتۇرغان كىرسلونى يېنىش-يېنىشلاپ سىلاپ باقاتتى. شۇ ئەسنادا ئىشىك چېكىلدى:
-كىرىڭ!- بەدىرىدىننىڭ كىچىك قىزى يۈگرۈپ بېرىپ، ئىشىكنى ئېچىپ بەردى. ئىشىكتىن يوغانلا بىر قورساق ئاۋۋال مارىلىدى. ئەسلى ھەددىدىن زىيادە سېمىز بىر ئادەم ئىشىككە پاتمىغانلىقتىن ھالسىراپ يانتۇ مېڭىپ كىرىۋاتقانىكەن. بۇ ئادەم دەل شۇ رېشىتنىڭ دادىسى، ھازىرقى نازىرنىڭ ئۆزى ئىدى. كىرىپ كەلگەن ئەزىز مېھماننى كۆرگەن بەدىرىدىن دەرھال ھەدىسىگە قاراپ:
- سىز قوپۇپ كېتىڭ، تاپسىن ئايىقىدا ئولتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ! نازىر ئاكام ئولتۇرىدىغان ئورۇن بۇ! تۇرۇڭ، تۇرۇڭ!- شۇنداق دەپلا، ھەدىسىنىڭ دۈمبىسىدىن ئىتتىرىپ دېگۈدەك ئەكىلىپ لەپتىلا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. يۈرىكى قېرىندىشى تەرىپىدىن تىلغىنغان ھەمراخان كۆزىگە لۆممىدە ياش ئېلىپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، كۆرسەتكەن جايدا ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇ ئەكەلگەن نان ۋە يەرلىك مەھسۇلاتلار قاچىلانلار خالتىلارمۇ شۇ ئىشىك تۈۋىدىكى يەردىلا تۇراتتى. ئۇنى كۆرۈپ، رەھمەت ھەدە، جاپا چېكىپسىز دەپ، قوللىرىغا سۆيۈپ كېتەرمۇ، دەپ ئويلاپ كەلگەن ھەمراخان ئەمدىلىكتە ئۆزىدىن نومۇس قىلىۋاتقانىدى.
   بەدىرىدىندىن ئىنساب كۈتمەيمىز، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ئەمىلى ئۈچۈن، ئامىنەنى ئالدى بىلەن شەھەرلىك گېزىتخانىغا ۋاقىتلىق ئىشچى قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. ئامىنە ئەمەلىيەتتە تاغىسىنىڭ مەقسىتىنى بىلمەي، ئىنتايىن رازى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ قىلىشقا تىرىشتى. ئەپسۇس، ئامىنە ئىشقا چۈشۈپ، نەچچە ئاي ئۆتمەيلا، بەدىرىدىن جىيەنىنى شۇ يوغان قورساق نازىرنىڭ ھاراقكەش جودا ئوغلىنىڭ نىكاھىغا باغلىماقچى بولدى. ئامىنە ھەرقانچە قىلىپمۇ، تىرناقتا توختىغۇدەك باھانە تاپالمىدى، قارشىلىق كۆرسىتەي دېسە، خىزمىتىنى تېپىپ بەردى، ھەم بۇ دېگەن ئاتا يوللۇق تاغىسى. نېمىمۇ دېيەلىسۇن، بەلكىم تەقدىر ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسا، ھەر باھانىلەر بولسىمۇ بولىدىغىنى بولىدىغاندۇ.
   رېشىت بىلەن ئامىنەنىڭ ئاددىيغىنا تويى بولدى. ئەمما، ئەسلا جېدەل قۇرۇمىدى. رېشىتنىڭ ئۈلپەتداشلىرى ھەقىقەتەنمۇ كۆپ، كۈندە ھاراقكەشلەر رېشىتنىڭ ئۆيىگە كېلىۋېلىپ قورساق باقارغا يېتىۋالىدۇ. ئامىنە بولسا، ھەممىسىگە تاماق ئېتىدۇ، ئىشقا بارىدۇ. تاغىسىنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ، قېينئانىسىنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئامىنەنىڭ بويىدا قالدى، مىڭ مەرتىۋە شۈكرى، ئامىنەنىڭ سېزىكى ئانچە قاتتىق بولمىغاچ، شۇ ئالدىراشچىلىقتا ھەش-پەش دېگۈچە توققۇز ئايمۇ توشۇپ، كۆزى يورۇدى.
   ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس! زىيادە ھاراقتىن باش كۆتۈرەلمىگەن يولدىشىدىن ئاخىرى قۇتۇلۇپ، تۇغۇتىنى يېزىدىكى مېھرىبان ئاپىسىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزگىلى كەلگەن ئامىنە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېتىشنى خالىمىدى. بۇنى ھەم بىلىۋالغاندەك، شۇ قىرقىسىغىچە ئولتۇرسىلا بولىدىغان ئايالىنى ۋە ئوغلىنى كۆرگىلى بىر قېتىممۇ كېلىپ قويمىغان رېشىت، يەنە بۇرۇنقى سەنىمى بويىچە، ھاراققا چىلىشىپ يۈردى. ھەتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر نازىر ۋە خانىمىمۇ يېزىلارنى ياراتمىدىمۇ، ئەتىمالىم، ھەتتا سالام ئېيتىپمۇ قويمىدى.
   رىنات بىر ياشقا كىرگەن يىلى، ھەمراخان ئانىنىڭ يولدىشى يەنى ئامىنەنىڭ دادىسى ئاچچىقىدا، رىناتنى ئۆزىنىڭ نوپۇسىغا ئېلىپ، سوتلىشىپ قىزىنى ئاجراشتۇرىۋالدى. يىڭنە چاغلىق نەرسىنى تەلەپ قىلمىدى. ئۇ دېدىكى:
-بىز نامرات دېھقان، ئەمما بىز سەنلەردىن باي! سەنلەرنىڭ بايلىقىڭلار بىز ئۈچۈن ھارام!
مۇشۇ سۆز سەۋەبلىك، بەدىرىدىن خېلى يىللارغىچە يەنى يېزنىسى ئالەمدىن ئۆتكىچە يۈزىگە قارىمىغانىدى. ھەتتا مېيىتىغىمۇ قاتناشمىدى.
  شۇنداق قىلىپ، شور پېشانە ئامىنە ئوغلى رىناتنى چوڭ ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ، سىرتلاردا ئىشلەپ يۈردى. ئەمما، باشلانغۇچقا چىققان رىنات، ئاپىسىدىن پات-پات سوراپ تۇرىۋالاتتى:
-ئاپا، نېمىشقا مېنىڭ دادام يوق؟ نېمىشقا ھەممىسىنىڭ ياش دادىسى بار؟ مېنىڭ پەقەت بوۋاملا بار؟
بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، ئامىنە ئوغلىنى ئېلىپ، ئۈرۈمچىگە كەلگەنىدى، ئەمما، رېشىت ئۆيگە كىرمەيدىغان زابوي بولغاچقا، ئۇ ئۆينى سېتىۋېتىپ باشقا يەرگە كۆچۈپ كېتىپتىكەن. مىڭ تەستە قېينئانىسىنىڭ ئۆيىنى تېپىپ كىرسە، نازىر خانىمى:
-ئاسراندى بالاڭنى نەگە ئاپارساڭ ئاپار! بىزنىڭ يۈزىمىزگە قارا چاپلىما! كىم بىلىدۇ، بىزنىڭ رېشىتجاننىڭ پۇشتىمۇ ياكى قايسى چۈپرەندىنىڭ ئاسراندىسى بۇ؟!-دەپ ھاقارەت قىلىپ، ئۇلارنى قوغلىۋەتكەنىدى. شۇ سەۋەبلىك رىناتنىڭ قەلبى جاراھەتلەنگەنىدى.
  قايتىپ كەلسەك، ئىككىيلەن ئاپتوبۇستا ياندىشىپ ئولتۇرغان بولسىمۇ، خىياللىرىدا مۇڭدىشىپ كېتىۋاتاتتى:
-ئاپا، ئۇ راستىنلا سەكراتتىمىكەن؟
-شۇنداق بالام، مەن ئۇنى كۆرۈپ باقمىغىلى 17 يىل بولدى. مانا سەنمۇ 16 ياشقا كىرىپ قالدىڭ. ئۇنى دادا دەپ چاقىرارسەنمۇ؟
-قانداقمۇ دادا دېيەلەيمەن ئاپا؟ ئۇ مېنى ئوغلى قاتارىدا كۆرۈپتىكەنمۇ؟
-نېمىلا بولسۇن، ئۇ سېنىڭ داداڭ. ئاخىرقى تىنىقىدا بولسىمۇ دادا دەپ چاقىرىپ قوي! مېھرىڭ بىلەن چاقىرىۋال بالام.
-ياق، ئاپا، مېنىڭ ئۇنداق دادام يوق! ئۇلارنىڭ يۈزىنى ھەم كۆرگۈم يوق، بارمايلىچۇ ئاپا. ماشىنىدىن چۈشۈپ قالايلى!
ئامىنىخان رىناتنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگەندەك، تېزلىكتە ئوغلىنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتىۋالدى. رىناتمۇ ئاپىسىنىڭ قولىنى مېھرى بىلەن سىقىپ قويدى.
ئامىنىخان بىلەن رىنات شۇ مۇز يېغىپ تۇرغان ئۆيگە كىردى. ئىشىك ئوچۇقلا بولغاچقىمۇ چېكىپمۇ باقماي كىرىۋەردى:
-ۋاي جېنىم بالام، كۆزۈڭنى ئاچقىنا، مېنى بۇنداق قورقۇتما!
-ۋاي بالام! ۋاي بالام! تېخى ياش ئىدىڭمۇ بالام!
- ئاكا، جېنىم ئاكا، قارىغىنا كىم كەلدى، ئوغلۇڭ كەلدىغۇ ئاكا! بىر كۆرۈۋالاي دېگەنىدىڭغۇ، مانا ئوغلۇڭ كەپتۇ ئاكا، كۆزۈڭنى ئاچقىنا!
   يىغا زارە باشلاندى. ئەپسۇس، رېشىتقا رىناتنى ۋە ئامىنىخاننى كۆرۈش نېسىپ بولمىدى. پەقەت شۇ ئون قەدەم ئارىلىق. ئۇلار ئىشىكتىن كىرىشى بىلەنلا رېشىت جان ئۈزدى. رىنات ئاپىسىنى قۇچاقلاپ ئېسەدەپ يىغلاپ تاشلىدى. ئامىنىخان رىناتنى دادىسىنىڭ قېشىغا كىرىپ يۈزىنى كۆرۈۋېلىشقا بۇيرىدى.
  رىنات ھېچنېمە دېيەلمەيتتى. پەقەت شىردەك ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتتى، ئۇ دادىسىنىڭ ئاقارغان مۇزدەك يۈزىنى كۆرۈپ، خۇددى ئۆزىنىڭ ئەينەكتىكى سىماسىنى كۆرگەندەك بولۇپ، دادىسىنىڭ ئەمدىلا قاتقان بەدىنىنى قۇچاقلاپ يىغلاۋاتاتتى. بۇنى كۆرگەن ئەتراپتىكىلەر تېخىمۇ ئېسەدەشكە باشلىدى.
    جىنازىنىڭ ئەڭ بېشىدا كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان رىنات بېشىغا سەللىنى يۆگەپ، بېلىغا ھەم ئاق داكىنى چىگىپ، ھەقىقىي ھازىدار بولغان ئىدى. ئۇ قاتتىق پۇشايمان ئىلكىدە تولغۇناتاتتى، ئۆكسۈيتتى. نېمىشقا بالدۇرراق دادامنى ئىزدىمىگەندىمەن؟ ئۇ مېنى كۆرەلمەي كېتىپ قالدىغۇ؟! مەن ئۆزۈمنىڭ ئاداۋەتخورلۇقىنى قەتئىي كەچۈرەلمەيمەن! مەن نائىنساب بالا. مېنى كەچۈر دادا!

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 21:19:06

بالسىنىڭ خىلى ئىنسابى باركەن ھەر ھالدا  
ياخشى ئەسەركەن  ھاراقكەشلەر  ھەم باللىرىغا ئىگە بولماۋاتقانلارغا ئىبرەت بولغۇدەك

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 23:57:50

ۋەقەلىكنى ياخشى تاللاپسىز. ئەدەبىي ئۇچرىكمۇ، ياكى ھېكايىمۇ؟ ماۋزۇسىنى تاپالمىدىم. ياكى بولمىسا  : « دادا، يۈزۈمنى كۆرەلمىدىڭ، مەن جىنازاڭنى كۆتۈرۈپ ماڭدىم! » - نى ماۋزۇ-دەپ بىلسەم بولامدۇ؟

يەنە بىر ئازلا تىرىشسىڭىز، .... بولدى، سىزگە مەدەت بېرىش كېرەك. قايسى كۈنى بىر قىز ئۈچ كۇپلىت قوشاق يېزىپتىكەن. قوشاقلىرى سۆيگۈ دېگەنگە چىلىشىپلا كېتىپتۇ. ئۇ قىز ئۆز ئىسمىنىمۇ ئوچۇقلا يازغان چېغى.  بىر كۇپلىت قوشاق يېزىپ، چاقچاق قىلسام، يامانلاپ، ئىزدىنىشتىن چىقىپ كەتتى. تولۇق پىشىپ  يېتىلگىچە  ئىسمىنى يوشۇرۇپ، تەخەللۇس قوللانسا، يولى راۋان بولارمىش. ئۇتۇق تىلەيمەن. رىناتىڭىز دادىسىنىڭ سوغاق يۈزىنى كۆرگەن دەقىقىلەر ئىچىمنى شۇنچىلىك ئۆرتىدى.:'(  ئاۋۇ ھايۋانغۇ ئۆلۈپ تۈگەپتۇ. بىراق گۆدەك رىنات بىر ئۆمۈر ھەسرەتتە ياشايدىغان بولدى. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن. ياخشى تىرىشىڭ.

malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 08:58:05

jan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-1 23:57 static/image/common/back.gif
ۋەقەلىكنى ياخشى تاللاپسىز. ئەدەبىي ئۇچرىكمۇ، ياكى ھېك ...

رەھمەت سىزگە، ماۋزۇسى شۇ «دادا، يۈزۈمنى كۆرەلمىدىڭ، مەن جىنازاڭنى كۆتۈرۈپ ماڭدىم!» دېگەننىڭ ئۆزى شۇ. ئىزدىنىشتا يازما يوللاشنىڭ ئۆزى بىر مەن ئۈچۈن سەھنە. بۇ مۇنبەردە قەلىمى كۈچلۈك، تەپەككۇرى ئىلغار تورداشلار كۆپ، شۇڭا باھا ۋە پىكىرلەر مەن ئۈچۈن مۇھىم!
بەت: [1]
: دادا، يۈزۈمنى كۆرەلمىدىڭ، مەن جىنازاڭنى كۆتۈرۈپ ماڭدىم!