[خەتلىك فىلىم] تەنھا ئارالدىكى ۋەھىمە
فىلىم نامى: تەنھا ئارالدىكى ۋەھىمە
ئېنگىلىزچە نامى: Shutter Island
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2010-يىلى
دۆلىتى: ئامېرىكا
تۈرى: ۋەھىمىلىك
تىلى: ئېنگىلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە / ئېنگىلىزچە
IMDB نومۇر: 8.1
رازمىرى: 1280x720
چوڭلىقى: 2.44GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 02:18:04
رېژىسسور: Martin Scorsese
باش روللاردا: Leonardo DiCaprio, Emily Mortimer, Mark Ruffalo, Ben Kingsley
فىلىم ھەققىدە:
1954-يىلى فېدېراتسىيە ساقچى ئەمەلدارى تېددىي ۋە ئۇنىڭ يېڭى ياردەمچىسى چاك، بىر روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىدىن قېچىپ چىققان ئايال جىنايەتچىنىڭ ئىز-دېرىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلىدۇ. بۇ روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئورنى بىر تەنھا ئارالدا بولۇپ، مەخسۇس روھىي كېسىلى بار جىنايەتچىلەرنى قوبۇل قىلاتتى. ئۆز قولى بىلەن بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئۇ ئايال جىنايەتچى ئامانلىقى شۇنچە قاتتىق قوغدىلىدىغان ئۇ دوختۇرخانىدىن سىرلىق ھالدا قېچىپ چىقىپ كەتكەن ئېدى. تېددىي ئۇنى داۋالاشقا مەسئۇل باش دوختۇر جون كاۋلىنى قەستەن ئىچكى ئەھۋاللارنى يوشۇردى دەپ گۇمانلىنىدۇ ھەمدە ياردەمچىسى چاكقا ئۆزىنىڭ بۇ ئارالغا كېلىشتىكى ھەقىقىي مەقسىدىنىڭ، ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئايالىغا ئوت قويۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن قاتىلنى ئىزدەش ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردە روھى كېسىلى بار جىنايەتچىلەردىن پايدىلىنىپ، ئادەم تېنى تەجرىبىسى ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. تېددىي بىلەن چاكنىڭ تەكشۈرۈشنىڭ چوڭقۇرلىشىشغا ئەگىشىپ، ھەقىقىي ئەھۋاللارمۇ بارا-بارا تېگىگە يەتكلى بولمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ...
كەسمە رەسىملەر:
http://kowruk.cn/post_image/shutterisland/01.jpg
http://kowruk.cn/post_image/shutterisland/02.jpg
http://kowruk.cn/post_image/shutterisland/03.jpg
http://kowruk.cn/post_image/shutterisland/04.jpg
http://kowruk.cn/post_image/shutterisland/05.jpg
بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن ياكى بەيدۇ بۇلۇت دېسكىسىدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ. ئېسىل كىنو بۇ، باشقىلارمۇ تەرجىمە قىلغاندەك ئېسىمدە ئامرىكا فىلىمى غەزەپ ھازىرغىچە قويولمىدىمۇ؟
ئىنگىلىزچە ياكى خەنزۇچە بولسىمۇ كۆرگەچ تۇرساق بولاتتى. ئادرىسىنى تاپالمايۋاتىمەن. udun007 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 17:03 static/image/common/back.gif
ئامرىكا فىلىمى غەزەپ ھازىرغىچە قويولمىدىمۇ؟
ئىنگىلى ...
قويۇلدى، ئوغرى نۇسخىسى مانا:
http://www.bttiantang.com/subject/26250.html چۈشۈرگىلى بولمايدىغۇ كۆۋرۈك بۇرادەر باللا قەتتىئي كىنوخانا ئوغرى نۇسقۇسىنى كۆرمەڭلار ،ئەڭ پەيزى فىلىممۇ شۇنچىلىك سەسكەندۇرۋىتىدىكەن سۇزۇك نۇسقۇسى چىققاندا كۆرگىسىمۇ كەلمەيدىكەن كىشىنىڭ .،ساقلاپتۇق ھامىنى سۇزۇك نۇسقۇسىنى ساقلايلى. ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
سىزنى بىر ياردەمگە چاقىرسام بولۇرمۇ؟
تور بېتىڭلاردا «ئېنگىلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭ» دېگەن قىسىملىق فىلىمنىڭ بىر قىسمى بار ئىكەن، چۈشۈرۈش ئادرېسى بىلەن تەمىنلىگىنى بولارمۇ؟
ئەگەر بۇ ياردەمنى قىلىشقا ماقۇل بولسىڭىز سىزدىن بەك مىننەتدار بولاتتىم، بۇرۇنمۇ تەرجىمە ئىشلىرىغا قاتنىشىپ باققان. روكنىڭ ئۆگىتىشى ھەم كۈلكە ئەپەندىم، رىتا قىزلارنىڭ ياردىمىدە «سەرەڭگە ئادەم» دېگەن كىنونى تەرجىمە قىلىپ چىققان ئىدىم، ئەگەر ماقۇل كۆرسىڭىز، بىرىنچى بۆلۈمدە ئۈچ قىسىم كامكەن، شۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەپ بەرسەم دەيمەن، لېكىن خەنزۇچە ياكى ئېنگلىزچە خەتلىكىنى تاپالمىدىم، پەقەت شۇ ئاڭلاپ تەرجىمە قىلىمەن، ۋاقىت ئوقىنى ئىشلەيدىغان ۋە srt ھۆججىتىنى فىلىمگە چاپلايدىغان ئادەم تېپىپ بېرەلىسىڭىز ئىش پۈتتى دېگەن سۆز... قانداق دەيسىز؟
بۇيۇك ئارزۇلارغا ئۇخشاش كۇچلۇك تۇرمۇش پۇرقى بار فىلىملەردىن بىرەنى كۇر سەتسەڭلا بۇلۇپتىكەن ، ئۇيغۇرچە خەتلىك ياكى ئۇيغۇرچە بۇلسا بۇلاتتى ما كىنونى كۆرۈپ بولۇپ خەنچە چۈشەندۈرلىشىنى ئوقىغاندا كىنونى چۈشەنمەي كۆرگىنىمنى ھېس قىلغان. بۇ كىنونىڭ ئاخىرى باردەك ھىس قىلدىم، ساقچى ھىلىقى ئارالدىن كىتەلمىدى، قارىغاندا كىنونىڭ 2 - قىسمى بار.
بۇرۇن كۆرگىنىمدە تازا ياخشى چۈشىنەلمىگەن ئىدىم، بۇدا ناھايىتى ئوبدان چۈشىنىۋالدىم. خۇمپەر دوختورلار....... Uyghurking يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 20:49:45 static/image/common/back.gif
ما كىنونى كۆرۈپ بولۇپ خەنچە چۈشەندۈرلىشىنى ئوقىغاندا
ئوخشاشكەنمىز كۆۋرۈك كىنو تور بىتىڭلارنىڭ pc تىرمىنالىنى چۇشۈرەي دىسەم تاپالمايمەنغۇ ...ئۆتكەندە ئىلان قىلغاندەك قىلۋاتاتتىڭلار..... ئېنگىلىز تىلىنى توغرا سۆزلەڭنىڭ ئىككى بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرچىسى مەندە تولۇق بار
ئاتلاندىكىلەر تەرجىمە قىلىۋاتقانتى،ئۈچىنچى تۆتىنچى بۆلۈملىرى بارمۇ يوق بىلمىدىم،بىراق تەرجىمىسى توختاپ قالدى لازىملارغا ئەۋەتىپ بېرەي www.atlan.cnدىن چۈشۈرۈۋالساڭلار بولىدۇ Jengchi يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 18:05 static/image/common/back.gif
چۈشۈرگىلى بولمايدىغۇ كۆۋرۈك بۇرادەر
فىلىم چۈشۈرۈمەكچى بولغان دېسكا توشۇپ كەتمىگەندۇ؟
مەن چۈشۈرسەم نورمال چۈشۈۋاتىدۇ، ئەگەر بەك بولمىسا بەيدۇنىڭ بۇلۇت دېسكىسىدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ. ئۆزىنىڭ ساراڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ساراڭنى ئۆزىنىڭ ساراڭ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىشلار،
joshua يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 20:19 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
سىزنى بىر ياردەمگە چاقىرسام بولۇرم ...
«ئېنگىلىز تىلىنى ياخشى سۆزلەڭ» نىڭ 1-بۆلۈم جەمئىي 13 قىسىم ئاتلاننىڭ تور بېكىتىدە تولۇق بار ئىكەن.
4- بۆلۈمىدىن باشقا قىسىملىرىنىڭ خېتى توردا بار ئىكەن، يوقلىرىنى ئاڭلاپ تەرجىمە قىلىپ بېرىمەن دېسىڭىز، ۋاقىت ئوقى ئىشلىسەك بولىدۇ. {:137:} Das Experiment دىگەن كىنونىمۇ تەرجىمە قىلغان بولساڭلار، kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 22:52 static/image/common/back.gif
«ئېنگىلىز تىلىنى ياخشى سۆزلەڭ» نىڭ 1-بۆلۈم جەمئىي 13 قى ...
تۆتىنچى بۆلۈمىنى مەن ئۆزۈم توردىن چۈشۈرەلمىدىم، سىزدە خېتى يوق نۇسخىسى بولسىمۇ بارمۇ؟
ئاتلاننىڭ تور بېتىدىكىنى چۈشۈرگىلى بولمايدىكەن (كۆپ سىناپ كەتتىم، پارچىلىنىپ چۈشىدىكەن، بىر پۈتۈن بولۇپ باقمىدى)، سىزدە ئەگەر ياخشىراقى بولغان بولسا، بىرەر بوشلۇققا يوللاپ بەرسىڭىز بەك خوش بولۇپ كېتەتتىم، ئوقۇغۇچىلىرىممۇ سىزدىن مىننەتدار بولاتتى:lol