KARWAN123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 14:25:12

نوپۇسى يوقلارنى تڭزىملاپ نوپۇسقا ئېلىش خىزمىتى ئاخىرلىشاي دەپ قا....

ئاتۇنۇم رايۇنلۇق ج خ نازارىتىنىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن رايۇنىمىزدىكى ھەرقايسى ئاساسى قاتلام ج خ ئورۇنلىرى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ ئائللەرگەچە كىرىپ بەر تەرەپتىن تەشۋىق قىلىپ بىرتەرەپتڭن تىزىملاپ ،تۇغۇلغاندىن ھازىرغا قەدەر نوپۇسقا ئېلىنماي قالغانلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بىرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان ئدى،بۇ ياخشى سىياسەتيىن بۇرۇنراق خەۋەردار بولغانلار ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن نوپۇسقا ئېلىنماي قالغان ئاتا-ئانىلار،بالىلار ۋە ئۇرۇق تۇغقانلارنىڭ نوپۇسلىرىنى ھەل قىلىپ بۇ   ياخشى سىياسەتتىن شۇنداق خۇش بۇلۇشۇپ كەتتى، بۇ ياخشى سىياسەتنىڭ ئاخىرقى چېكى تۇشۇپ قالىدىغانغىمۇ ئاز قالدى ،مۇمكىن بولسا تورداشلارنىڭ بۇ خەۋەرنى ئۇرۇق-تۇققانلارغا،دوستلارغا،بۇلۇپمۇ ئۇزۇندىن بۇيان نوپۇس مەسىلىسى ھەل بولماي كەلگەنلەرگە يەتكۇزۇپ قويۇشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.بۇ خىزمەت تۇرۇشلۇق ساقچى ئشخانىلىرى  ساقچىخانىلاردا بىجىرىلىۋاتىدۇ.
تەييارلايدىغان مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار:
)ئاتا -ئانىلارنىڭ نوپۇس دەپتىرى،دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇلغانلىق ئسپاتى،ئاتا-ئانىلارنىڭ توي قىلغانلىق ئەنگىتى،نوپۇسقا ئالدۇرۇلغۇچىنىڭ قان تىپى ئسپاتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2)دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇلغانلىق ئسپاتى يوقلار ئوزى تۇرۇشلۇق ساقچى ئشخانىلىرىغا بېرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ئش بىجىرگەن ساقچىلار سىزگە «تۇغۇت ئانىسى»نىڭ چىقىرىپ بىرىدىغان ئسپاتى،گۇۋاچىلارنىڭ گۇۋالىقى،ئوزىڭىزنىڭ ئىسپات ماتىرىيالى تەييارلاش توغرىسىدا مەسلەھەت بىرىدۇ شۇ مەسلەھات بويىچە ئش قىلسىڭىز بولىدۇ،
3)بۇ قېتىم شۇ موھلەت تۇشۇپ بولغىچە ھىچقانداق جەرىمانە تولىمەيسىز ،ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

aragon121 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 23:06:01

‏‏مېنىڭ ئوغلۇم يېقىندا تۇغۇلدى ، خىزمەت سەۋەبى بىلەن جەنۇبى شىنجاڭدا بولاپ قالدىم ، سورايدىغىنىم ئۈرۈمچى نوپوسىدا بولسا مەن ھەم ئايالىم بىرگە بېرىپ بىجىرەمدىكەنمىز ئۇ ئىشنى ؟ مۇشۇنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز بولاتتى،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم

konakitabchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 02:05:29

ئاخىرقى ۋاقتى قانچىنچى چىسىلاغىچىكەن؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 10:55:44

ھەي تاڭ

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 11:24:51

aragon121 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 23:06 static/image/common/back.gif
‏‏مېنىڭ ئوغلۇم يېقىندا تۇغۇلدى ، خىزمەت سەۋەبى بىلەن ج ...

ئايالى ھامىلدار ياكى بىر ياشقا كىرمىگەن بالىسى بارلارنى كىيىنكى قارارغا تەڭشەپ قويسىمۇ بۇلاركەن ئەسلى، ھەي...

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 13:13:38

مۇشۇ ياخشى ئىش تۆۋەنگە چۈشكەندە تىخىمۇ ياخشى بولاپ كىتىۋاتىدۇ.   نوپۇسقا ئىلىغسىز قالغان بالىلارنى نوپۇسقا ئەپ بىرىمىز دەپ،  ئەپ بولغاندىن كىيىن. بىرە يىرىمدىن ئارتۇق بالىسى بارلارنى جەرىمانىگە تويغۇزۇپ، تۆلىمىسەڭ ئاق ئىتىمىز كۆك ئىتىمىز، قازانغا ساماي چۆپ ئىتىمىز دەپ قوقىتىپ. قول ئىلكىدە بادىن بىرەنى تاپسا بىرە يۈزمىڭنى ساقايتىپ، ئادەتتىكىراقى بولسا يىگىرمە ئوتتۇزمىڭنى....ئىشقىلىپ سىكىتار دادۈيجاڭلىغا ئەدەتسىز ئىنساپ قەھەتچىلىكى بولاپ كەتتى.   ئەگەر شۇندا قارشىلىق بىلدۈرسە تەييار تۇرغان بىشىڭغا سەللە يۆگەيمىز دەپ. ئىشقىلىپ ياخشى سىياسەتلە تۆۋەنگە چۈشكەندە، ياخشىلىقىدىن پايدىلنىپ كىتىپ بارىدۇ

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 14:59:14

udun0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-1 13:13 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ياخشى ئىش تۆۋەنگە چۈشكەندە تىخىمۇ ياخشى بولاپ كىت ...

يېقىندا چۈشكەن يېڭى سىياسەتتە، پىلانسىز تۇغۇلغان بالىنى چوقۇم ئەنگە ئېلىش ،ئارتۇق تۇغۇلغان بالا ئۈچۈن ئېلىنىدىغان جەرىمانىنى شۇ يەرلىك رايۇننىڭ ئوتتۇرچە يىللىق مۇئاشىدىن 2-3 ھەسسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك توغرىسىدا مەزمۇن بارمىشقۇ، بۇرۇن 50 ھەسسىگىچە  ئىكەنتۇق .

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 21:00:26

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-12-1 14:59 static/image/common/back.gif
يېقىندا چۈشكەن يېڭى سىياسەتتە، پىلانسىز تۇغۇلغان بال ...

ئادەتتە يىللىق مۇئاشنى قانداق ھېسابلايدىغاندۇ؟ 1500 دىن ھېساپلىسىمۇ يىللىق مۇئاش 18000 يۈەندىن بولسا جەرىمانە 50مىڭ ئەتراپىدا چىقىدۇ دېمەكچىما؟ پىلاندىن سىرىت بىر بالام بار ئىدى. ئىقتىسادىم يېتىشمەمدۇ نىمە؟

kasim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 22:01:59

مەن نۇپۇسۇمنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەي دىگەن بۇنىڭغا قانداق رەسمىيەتلەر كىتىدىغاندۇ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 22:43:55

dilmurat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-1 21:00 static/image/common/back.gif
ئادەتتە يىللىق مۇئاشنى قانداق ھېسابلايدىغاندۇ؟ 1500 دى ...

دادىڭىز نەۋرەم دەپ نوپۇسقا ئالدۇرسا سىزگە گەپ كەلمەيدۇ

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 23:39:11

راس گەپمۇ يا ، مېنىڭ بالامنى دادام « نەۋرەم » دەپ نوپۇسقا ئالغۇزالامدۇ ، ئۇنداقتا ئارتۇق ھېسابلانمامدۇ ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 09:32:48

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2014-12-1 23:39 static/image/common/back.gif
راس گەپمۇ يا ، مېنىڭ بالامنى دادام « نەۋرەم » دەپ نوپۇس ...

      ئەڭ ياخشىسى كونا چارە شۇ ، ئۇنداق جىق رەسمىيەتلەرنى بىجىرىمەن دىمەي ، ھۇقۇقى بار ئۇرۇننى بىراقلا ئىزدەڭ ، دە شۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلىڭ ، قانداق گەپنىڭ چىرايلىق ئاڭلىنىدىغانلىقىنى ئۆزىڭىز بىلىسىز ...

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 09:49:46

dilmurat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-1 21:00 static/image/common/back.gif
ئادەتتە يىللىق مۇئاشنى قانداق ھېسابلايدىغاندۇ؟ 1500 دى ...

بۇ سىيەسەت بارا -بارا دىيارىمىزغىمۇ كېلىپ قالا،
بۇرۇنلاردا پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا 50 ھەسسە ( شۇ يەرلىك رايۇننىڭ ئوتتۇرچە يىللىق كىرىمىنىڭ)جەرىمانە قۇيالايدىكەنتۇق، يېقىنقى ھۆججەتتە شۇنداقراق مەزمۇن بار ئىكەن.
ئوپتۇنۇم رايۇنىمىز يەنە ئاپتونۇمىيىلىك رايۇن دەپ ئۆز ئالدىغا يەرلىك سىياسەت چىقىرىپ قالامدۇ بىر نىمە دىمەك تەس، بىراق قانۇن ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش  ئاساسلىق يۈلۈنۈش .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 10:05:04

ئېتىبار سېتىش پائالىيىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى دەپ يېزىپ قويۇپ يىل بويى تىجارەت قىلىدىغان دۇكانلارنىڭكىگە ئوخشاش تېما بوپ قاپتۇ بۇ.
ئۈندىداردا نەۋرەم تۇغۇلغىچە ئۇچۇپ يۈرەمۇ ئەمدى.

KARWAN123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 20:07:58

كەچۇرۇڭ ئملارىم خاتا بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ .مېنىڭ مەقسىدىم يەنە 10 كۇنچە قالدى نوپۇسى تىزىملاشتىن ئايرىلىپ قالغانلارنىڭ نوپۇسىنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىۋالامدىكىن دىگەن مەقسەتتە تورداشلارغا خەۋەر قىلماقچىدىم .نوپۇسى يوقلارنىڭ نوپۇسىنى تىزىملاپ ھەل قىلىش چېكى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولىدۇ.

KARWAN123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 20:22:04

1.بۇ قېتىمقى نوپۇس تۇللۇقلاشتا جەرىمانە دىگەن گەپ يوق .بۇلۇپمۇ 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۇندىن ھازىېغىچە تۇغۇلغان بالىلار ئۇچۇن  ئۇ مەيلى قانچىنچى بالا بولسۇن سىز پەقەت:  1- توي قىلغانلىق ئەنگىتى .2-دوختۇرىاننىڭ تۇغۇت ئىسپاتى.3-ئەر-ئايالنىڭ نوپۇس.4-بوۋاقنىڭ قان تىپىنى تەكشۇرتۇپ نوپۇس بولۇمىگە بىۋاستىلا ئاپارسىڭىزلا بولىدۇ.

yawa يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 20:27:19

KARWAN123 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 20:22 static/image/common/back.gif
1.بۇ قېتىمقى نوپۇس تۇللۇقلاشتا جەرىمانە دىگەن گەپ يوق . ...

ئەگەر 2013-يىلى تۇغۇلغان بولسىچۇ؟ جەرىمانە بارمۇ؟ يەنى 2013-يلى تۇغۇلۇپ، بۇقېتىمقى سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە نۇپۇسقا ئالدۇرغان بولسا.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 20:43:05

1.بۇ قېتىمقى نوپۇس تۇللۇقلاشتا جەرىمانە دىگەن گەپ يوق .
…………
  جۇڭگۇنىڭ نوپۇسى كەملەپ قىلىپ نوپۇس تولۇقلاۋىتىمۇ !
      جەرىمانە ئالمايدىغانلىقىغا سىز كىپىل بولامسىز ؟  قۇشقاچقا دان چىچىپ تۇتقاندەك ئىش بوپ قالسىچۇ
بەت: [1] 2
: نوپۇسى يوقلارنى تڭزىملاپ نوپۇسقا ئېلىش خىزمىتى ئاخىرلىشاي دەپ قا....