bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 13:29:05

بەگ ئالىپ: يۇمۇرلۇق ھېكايىدىن ئىككى پارچە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagalip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-30 13:41  

                              يۇمۇرلۇق ھېكايىچاقلاردىن ئىككى پارچە
         
                                                     بەگ ئالىپ
                                                        (1)
                           
         بايام يانچۇقتا بىر سىنىتمۇ يوق مەكتەپ ئاشخانىسغا كېتىۋاتسام، ئالدىمدا مودىلدەك پوچى ياسىنىۋالغان ئېگىز ھەم چىرايلىق بىر قىز مۇزلۇق يولدا نايناقشپ  ئاران مېڭىپتۇ. گۈلۈپپىدە يىقىلسا ..بېرىپ يۈلىۋالسام...ماڭا رەھمەت ئېيتسا،ئاندىن....دەپ شېرىن خىيال سۈرسۈپ تۇرسام  خۇدايىم يۆلىدىمۇ ، ھېلىقى قىز كاۋا يېرىلغاندەك ۋاككىدە قىلىپ   مۇزلۇق يەردە پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ ياتىدۇ قاراڭلار....كۆنگەن خۇيغا زادى ئۆلۈمدىن باشقىسى بىكاركەن...شۇنداق جاراڭلىق كۈلۈپتىمەنكى،كۈلكەمنىڭ دەستىدە قورسۇقۇم ئاغرىپ ئولتۇرۇپ قالدىم....كۈلكەمنى باسالماي تۇرسام بىر «يېڭى  كەلدى »كېلىپ  قىزچاقنى يۆلىۋالدى ...قىز قوپۇپلا ماڭا كۆك ئەرۋاھتەك سۈرمە سۈرۈۋالغان كۆزلىرى بىلەن شۇنداق سەت ئالايدىكى...چىرايىمدىن كۈلكە شۇئان ئۈچۈپ پۇت قولۇمغا تىترەك ئولاشتى.....ئىشقىلىپ دەششەت مازلاشتىمېي.......
        خەپ ،كەچتە  لېيافىڭلىقى تۇتۇپ كەتكەن «يېڭى كەلدى» نى ياتىقىمغا چاقىرىپ، ئۆزىدىن چوڭ قىزلارنى ئاتىكاچىلىق قىلىپ يۆلىۋالسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغىنىنى بىر كۆرسىتىپ قويمىسام    ...
              ئۇف..مەندىن ئىبرەت....!!!!! چىرايلىق قىزلار يىقىلىپ چۈشكەندە  كۈلكە -ھەزىلنى قۇيۇپ  دەرھال يۆلەپ تۇرغۇزۇۋېلىڭلار... بولمىسا مۇشۇنداق نىسىۋەڭلەرگە ئوغرى چۈشىدىغان ئىش چىقىدۇ...لېكىن گەپنىڭ سەتىنى دەپ قۇياي...لىتسىىيە چىراي قىزلار يىقىلىپ چۈشسە ھەر قانچە لېيفېڭلىقىڭلار تۇتۇپ كەتسىمۇ غىت قىسىپ ئالدىڭلارغا مېڭىڭلار ... كېلىشكەن يىگىتىىن بىرى كېلىپ قولۇمدىن تۇتۇپ يۆلىۋالسا ....ئاندىن ئىسمىمنى سورىسا.... ...دەپ  قەستەن يىقىلىپ چۈشىۋالدىمۇ  بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىچۇ....

                       ________«بەگ ئالىپنىڭ تۇنجى قاردا  قىلغان ۋەز -نەسىھەتلىرى»دىن ....                                 
                                    
            
                                          
                                                  (2)                        
                ۋىتاسنىڭ  ھاۋا ئۆتمەيدىغان كالتە ئىشتان كىيىۋېلىپ توۋلايدىغان ئالۋاستى ئاۋازى دېگەن ناخشىسىنى  بىلىسىلەرغۇ،...ھېلىقى  ۋۇئـــــــــــــــــــــــــــا ......ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا  دەپ بار جېنى بىلەن ۋارقىرايدىغانچۇ... .... كېكەچ ياكى خاڭخاي بولمىساڭلارلا چۇقۇم توۋلاپ باققان... مۇشۇ ناخشىغا دەششەت  ئىشتىياقىم بارچۇ،  كۈندە كەچ مەكتەپنىڭ ئادەم يوق بۇلىڭىغا بېرىپ تىڭشىغۇچنى قۇلاققا تىقىپ ۋۇئـــــــــــــــــــــــــــا .......ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا  .... دەپ بىرە شىڭگىل توۋلىۋالمىسام ئۇيقۇم كەلمەيدۇ...  بىر كۈنى كەچكتە خۇمارىم تۇتۇپ كېتىپ  مەكتەپنىڭ بۇلڭىغا  بېرىپ بارچە ئاۋازىم بىلەن  ۋارقىراپتىمەن:  ...ۋۇئـــــــــــــــــــــــــــا ......ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا   ........
دەل شۇ چاغدا دەرەخنىڭ دالدىسىدا ئادەم بار ئىكەنتۇق،...بىرى «ۋاااااااااااا..»لا دەپ يەرگە گۈپلا يىقىلدى....يەنە بىرمۇ بار ئوخشايدىكەن ..ئالدى ئارقىغا قارىماي قېچىپ كېتىپ بارىدۇ....دەرخنىڭ تۈۋىگە بارسام بىر چىرايلىق قىز يەردە يېتىپتۇ.....تۆت تەسسەك سالساممۇ سادا يوق....دېمەك ھۇشىدىن كىتىپتۇ  . . ئۇف.....مانا نەسچىلىك.....كۆتۈرەي دېسەم يەردىن ئۈزىۋېلىشقا كۆزۈم يەتمىدى..ھېلىمۇ ياخشى ئەخلەت تۇشۇيدىغان بىر ئەبجەخ ھارۋا بار ئىكەن..شۇنىڭغىلا سالدىم،دوختۇرخانىغا سۆرەپ ئاپارغۇچە تەر دېگەن شاقىراپ ئاقتى..بىر كېچە ئۇخلىماي بېشىدا ھاڭ ئولتۇردۇم..
            ئۇكۇلدىن تۆت -بەش بوتۇلكا ئىچىپ بولغاندا كۆزىنى ئاچتى..
     - بۇرۇن بىر چاغدا ئىككى بالا ئاق چېكىپ ئۆلۈپ قالغان ھېلىقى قېرى دەرخ بارغۇ ، ئاخشام  شۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسام ئالۋاستىنىڭ شۇنداق  قورقۇنۇچلۇق ۋارقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى قاراڭ،....قاچاي دەپ تۇرسام سىز ھۇشىڭىزدىن كېتىپ يەردە يېتىپ قاپسىز ...كەينىمدىن قوغلاۋاتقان ئالۋاستىنىمۇ ئۇنتۇپ سىزنى يۈدۈپ دوختۇرخانىغا يۈگۈردۈم...
  -مۇھاببىتىمچۇ..ئۇ قەنى...
   -بەك قورققان ئوخشايدۇ .. كەينىگىمۇ قارىيالماي تىكىۋەتتى..
    -خەپ ئۇ نىمىگە ئىككىنچى  قارايدىغان بولسام...
   -شۇ ،ئۇنداق يامان كۈندە تاشلاپ كەتكەننى يار دېگىلى بۇلامدۇ...

    باتۇر يىگىتنىڭ ساھىپجامالنى قۇتقۇزىۋالغاندىن كېين ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى كىنولاردا جىق كۆرىدىڭلارغۇ ............شۇڭا گەپنىڭ كەينىنى دېمىسەممۇ پەرەز قىلىپ بولدۇڭلا ھە قاچان .
    شۇندا قىلىپ    ۋۇئـــــــــــــــــــــــــــا  دېگىمنگە پەرى  قىزدىن  بىرى ئاسماندىن چۈشۈپ مۇھاببىتىم بولۇپ قالدى ...ئىشقىلىپ بۇ شەھەردە بىز كىرمىگەن «قەشقەر تىلۋىزىيە ئىستانسىسى » دېگەنلەر ئاساسەن قالمىدى دېسەممۇ بۇلىدۇ....( ئىچىڭلاردا ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ ئىتوتىنى كۆرمىگەنلەر يوققۇ ھە) ...  ئالىي مەكتەپ  دېگەننىڭ پەيزىنى ئىككى يىل قېنىپپ سۈردۇق .....
    كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇقۇش پۈتتى ...ھەممىڭلەرگە ئايان ئالىي مەكتەپنىڭ دىپلومى دېگەن ئاشىق -مەشۇقلارنىڭ ئاجرىشىش خېتى دېگەن گەپ ......گەپنى ئۈزەي دېدىم... ئەمدى ئىككى يىل مۇھاببىتىم دەپ پىقىرتىپ يۈرۈپ قۇرۇقلا خېتىنى بېرىۋەتسەم ئوغۇل بالنىڭ ئىشى ئەمەس... يايمىدىن ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈكتىن بىرنى بەش سومغا ئالدىم....ئاندىن  30سومغا ئېسىل قۇتىدىن بىرنى ئېلىپ ئۈزۈكنى ئىچىگە جايلاشتۇرۇپ  دېگەندەك سوۋاغاتنى تەييار قىلىدىم....ئەمدى سوۋغاتنى بەرگەچ گەپ ئاچسام  تىللاپ كەتكىلى يۈزى چىدىماس دەپ ئويلىدىم........يانچۇقۇمدىن  ئۈزۈكنى ئېلىشىمغا  كاپپىدە تارتىپ قاراپ كەتتى...ۋاي ۋوي... نىمانداق ئېسىل ئۈزۈك بۇ دۇبەينىڭ پاسۇنىدەك قىلامدۇ...كۆزىڭىز بەك مال تۇنۇيدۇ جۇمۇ...
   -ئەمدى جېنىم ، پەرھات -شېرىندەك  ئاشىق-مەشۇق بولۇپ  دوست -دۈشمەنلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ يۈرگىلىمۇ ئىككى يىل بوپتۇ ...
قولى يۈزۈم تەرپكە كېلىۋېدى..مانا تەستەك يېدىم دەپ كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرسام ئاغزىمنى مۇلايىملىق بىلەن توسۇۋالدى:
-دېمىسڭىزمۇ بىلىمەن ،جېنىم ...مەن ئاللىقاچان ئانام -بىلەن دادامغا دەپ بولغان.. ..سىزگە تېگىمەن.. ..يۇرتىڭىزغا بىللە كېتىمىز...
ئازراقلا ئىش بولسا بەك ھاياجانلىنىپ كېتىمەنچۇ..ھەر قانداق قىلىپمۇ  ئۆزۈمنى كونتۇرول قىلالمىدىم..جېنىم چىقىماي قۇتىلالمايدىغان كونا خۇيۇم...شۇنداق توۋلاپتىمەنكى..ئەيييۇھانناس ۋىتاستىنمۇ ئۆتە چاڭ چىقىرەتتىم  :......ۋۇئـــــــــــــــــــــــــــا ......ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا   ...........ۋۇئـــــــــــــــــــــــــــا ......ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا   ........
ئۇف...ئىش بۇزۇلدى..تۈگەشتىم  ...
ئۇ ئۈستەل ئۈستىگە سەكرەپ چىقىتى..
-..ئەسلى سەن باندىت ئالۋاستىنى دوراپ ۋارقىراپتىكەنسەندە ... ..تېخى ئالۋاستىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالدىم دەيدۇ....دوختۇر پۇلۇمنى تۆلە... بۇرۇنقى لىيىڭزەيگە ئوخشايدىغان مۇھاببىتمنىمۇ قورقۇتۇپ قاچۇرۋەتتىڭ  .....مۇھابىتىمنى تۆلە.....توختا قاچما......
.....ۋىژ.......ۋۇژ..... تاراڭ -تۇرۇڭ.....
چەينەك تەخسىلەر.....ئىككى پاي ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ قۇلۇقىمنى سىيپاپ ئوقتەك ئۆتۈپ كەتتى.......پىيالە قۇلاق تۈۋۈمگە  بېرىپ توختىدى.. ...
        بەدىنىمدە ساق يەر يوق....ئۇرۇندۇق تەككەن بوينۇم ئىششىپ قاپتۇ ،تۇتقىلىمۇ قويمايدۇ.......يۇقۇرى گىرادۇسلۇق كۆز ئەينىكمنى چۆرىۋېتىپ قارا كۆزەينەك تاقىۋالدىم...
                ئۇف ..بۇ دەرتلەرگە نىمە دەي...يەنە ئادەم يوق بىر يەرگە بېرىپ  ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا   ........دەپ توۋلىغىم كېلىۋاتىدۇ...لېكىن بۇ قېتىم ئەتراپىمدا  ئادەم بارمۇ يوق ئوبدان قارايمەن......ئەلۋەتتە چىرايلىقراق قىزلار بولسا تەلەي سىنىغاننىڭ ئورنىدا يەنە بىر توۋلاپ باقارمەن .....بولمىسا  غىت قىسىمەن....
         ئۇف... دەرتنى مۇشۇ يەرگىچە تۈكەي...مەندىن ئىبرەت!!!!!......ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا   ........ نى بىر قېتىم توۋلىساڭلا  گۈزەل قىز بىلەن مۇھاببەتلىشىشكە يېتىپ ئاشىدۇ..ھەرگىز ئىككىنچى قېتىم جاقىراپ سالماڭلار.....

                   __________بەگ ئالىپنىڭ كېپىنەكلىرىگە سۆزلەپ بەرگەن مۇھاببەت ھېكايىسى

   
      ھۆرمەتلىك باشقۇرغىچىلار ۋە مۇنبەرداش قېرىنداشلار.....مۇشۇ ئەبجەش يۇمۇرنىڭ ۋەقەلىكىنى ئويلايمەن دەپ ئوتتۇزئىككى چىشمنى كۆرسىتىپ كالچىيىپ يۈرگىلى ئىككى كۈن بولدى..تۈنۈگۈن قىز دوستۇم بىلەن مېڭىپ كېتىۋېتىپ مۇشۇ يازمام يەنە ئېسىمگە كېلىپ قالدى..شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمچىلا ھىجىيىپ كېتىپتىمەن..دەل شۇ چاغدا چىرايلىق قىزلادىن نەچچىسى ئالدىمدا مېڭىپتىكەن...قىز دوستۇم  دېگەن ساراڭ نېمىشقا يات قىزلارغا قاراپ ھىجىيىسەن دەپ  چالۋاقاپ بېشىمنى ئۇچاق قىلدى...دېمەكچىمەنكى  بۇ نەرسىنى يازغىچە ئاز ھەرەج تارتمىدىم...شۇڭا كۆڭلىڭلارغا  ياقسا كۈلۈڭلا..سەل ئەخلەت تۇيۇلۇپ قالغان بولسا تارتقان جاپايىم ئۈچۈن بولسىمۇ تىللاپ ساماي ئۆتەپ كېتەسىلە...

KARWAN123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 17:13:46

:lol:lol:lol:lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 17:21:07

:lol

010203 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 17:31:28

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 17:21 static/image/common/back.gif


قىزقارلىقكەن

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 17:39:26

:lol:lol:lol:lol

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 17:42:46

پەيزىكەن. :lol

بىر كۈنى كەچتە ئۈگۈنۈش قىلاي دەپ ئۇنۋېرسىتىت بىناسىنىڭ 4-قەۋەتكە چىقىۋاتسام پەلەمپەي قاراڭغۇ ئىكەن. چىراقنى ياندۇرماق بولۇپ ئەھەي گۇي دەپ ۋاقىرشىمغا چىراق لاپپىدا يىنىشىغا تەڭلا بىر قىز چىررىدە قىلىپ قالدى، ئۇ قىزغا يۆلىنىپ تۇرغان ‹‹گۇي››نىڭ رەڭگى تاتىرىپ كېتىپتىكەن. يۈگۈرگەندەك ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ كەتكەن ئىدىم. :lol

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 19:15:16

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 19:43:41

بىژ رامىزانتى ،ئۇ چاغدا رامىزان قىشتا كىلىتىچۇ
ئەسىردىن ئازراق ئۆتكەن ۋاق باللا بىلەن ئىپتارغىچە توپ ئوينايلى دەپ(پۇتبول)تېگىدە موتىكى بار ئادىداسنىڭ قىممەت توپ ئايغى كىيىپ، توپ مەيدانىغا كىرىپ توپ تىپشىپ،توپ قاچتى ،قوغلاپ مەيدان سىرتىغا ،(چىتىگە بارسام)ئىككى گورۇز تالىشىپ
كىتىپتىكەن(سۆيشۈپچۇ)نىرۋام توقسانغا چىقتى
شۇنىڭ بىلەن ئاۋال ئوغۇلغا،يى مازگۇي ،ما رامىزاندا
نىماندا ئاپئاشكارا ئەخلاقسىزلىق قىلشىسەن.بۇ يەر يا ياتاق ئەمەس ،يا قەشقەر تىلۋىزيە ئىستانسى بولمىسا
دىسەم ،ئوغۇل ھازىر كىرىپ كىتمىز،دەپتى،ئۇنىڭغىچە
مىكىجىن ،نىمە كارىڭىز توپڭىزنى تىپىڭ دەپتى،
نېرۋام 180گىلام چىقمامدا شۇنىڭ بىلەن ما ھارىمىلارنى
توپ تەپكەندەك تىپىپلا قايدۇرۋىتەي دىسەم پۇتىمدا
بۇتىس  بۇ ئاياق بىلەن تەپسەم ئېنىق ئۇ گۇيلىنىڭ سېسىق بەدىنى كۆتۈرەممەيدۇ،مۇشلاشسام ،پەشۋا تەبىلا مۇشۇمغا يانداش چىقىپ كىتىدۇ،ئەڭ ياخشىسى
قىشلىق تەنھەركەت ئايغىمنى ئالماشتۇرۇپ ئاندىن مۇشلىشاي دەپ، مىكىجىنغا ،توپنى سەن دىمىسەڭمۇ تىپىۋاتمەن. يامان بولاشساڭ ئىككى مىنۇت ساقلا
ئاندىن قاندا تىپىدىغىنىمنى بىلىشسەن دەپ ،يۈگرەپ ياتاققا كىرىپ تەنھەركەت ئايقىنى كىيىپ بوتىسنى خالتىغا قىستۇرۇپ ،مەيدانغا كىرسەم  ئۇلارھىچ يەردە يوق،
شۇنىڭ بىلەن قاچان توپ تەپكىلى چىقسام ،توپ ئايىغىنى كەيمەي خالتىغا سىلۋىلىپ چىقىدىغان بولغان.
شۇڭا سىلەرمۇ توپ تەپكىلى چىقساڭلا ،توپ ئايغىدىن باشقا بىر ئاياق ئىلۋالاسىلە .

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 19:53:39

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 19:43:41 static/image/common/back.gif
بىژ رامىزانتى ،ئۇ چاغدا رامىزان قىشتا كىلىتىچۇ
ئەسىرد
تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار بۇ ھېكايىنىڭ؟ ھەجەپ ھەممىڭلار شۇ گەپ يا؟:lol

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 19:57:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MSM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-30 19:58  

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 19:53 static/image/common/back.gif
تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار بۇ ھې ...

ھەكىم، «ياتاقتا» دېگەن ئىتوتنى كۆرمىگەنما؟:lol
شۇنىڭدا KTV نى قەشقەر تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى دەيدۇ;P
كۈندە ئالدىدىن نەچچە قېتىم ئۆتىلا ھەقاچان، پات - پات كىرىپمۇ قوياملا يە؟{:92:}

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 20:05:50

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 19:53 static/image/common/back.gif
تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار بۇ ھې ...

سۈرەتكە ئالغاندا سۈيۈشسە بۇلىدىغان ئوخشايدۇ ، شۇ گەپ

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 20:21:15

MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 19:57:06 static/image/common/back.gif


ھەكىم، «ياتاقتا» دېگەن ئىتوتنى كۆرمىگەنما؟:lol
شۇنىڭد
ھە ماندامىتى يا;P

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 20:32:56

ھېرىپ چارچەپ كەتكەن ۋاختىمدا ئازراق بولسىمۇ كۈلكە يۈگۈردى چىرايىمغا  

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 21:59:06

:lol

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 22:12:39

مەندىنمۇ ئۆتە مەزكەن {:92:}

Uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 22:26:20

ۋىتاسنىڭ قىزىيدىكەن:lol

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 09:27:11

ھەر يىلى قارنى كۆرسەملا ماۋۇ بىر ئىشنى ئويلاپ كۈلۈپلا كىتىمەن .
10 يىل بۇرۇن قار يىغىپ يوللار تىيىلغاق بولۇپ كەتكەن چاغ ، يولدا مىڭىۋاتىمەن ، 50 مىتىر ئالدىدا بىزنىڭ مەھەللىلىك قىز ، ئالامەت چىرايلىق قىزتى كاساپەت ، يولدا تىيىلىپ كىتىمەنمىكى دەپ بەك ئاۋايلاپ پۇتىنى يەرگە سۈكەپ مىڭىۋاتاتتى ، مەنمۇ تىما ئىگىسىدەك قۇرۇق خىياللارنى قىلىپ ئۇ قىز يىقىلىپ كەتسە بۇرۇنراق بىرىپ يۆلىۋالسام ، ئىسمىنى سورىسام ، تىلفۇن نومۇرىنى سورىسام ، 40 مىتىر ، 20 مىتىر ، بارا بارا يىقىنلاشتىم ، 10 مىتىر مۇۋاپىق ئارلىق سالاپ مىڭىۋەردىم 10 مىتىر . گۈپ ، ئاپلا ھىي ھىي ھى ، نىمە نومۇس ، ئۇ قىز كۈلىۋاتاتتى  ، مەن دەس تۇرۇپ ، ئۈستى بىشىمدىكى قارلارنى قېقىپ يان تەرەپتىكى كوچىغا كىرىپ كەتتىم .

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 09:51:39

ما تىركەشنىڭ قىززىقكەن ، باشقىلارنىڭ يىقىلشنى ئويلىغان ئادەم،ئۆزىنىڭ يىقىلماسلىقىنىمۇ ئويلىشى
كىرەكمۇ قاندا؟
قىسقارتساق باشقىلارنىڭ يىقىلشنى تىلىگىچە ئۆزۈڭنىڭ يىقىلماسلىقىنى تىلە

asabi007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 10:05:52

تۇنۇگۇننىڭ ياقى چىشىم ئاغرىپ،ئاغزىمنى چوڭراق ئېچىپ تاماققىمۇ يىيەلمەي ،ئاغرىقنى ئويلاپ ئاغزىمنىمۇ ئاچماي،  يۇرگىنىم نىم بولسۇن.ئېست ئېست ئېسىىىىىىىىىت چىشىم:'(:'(:'(:'(:'((ما تىمىنى نېمىشقىمۇ ئوقۇپ قالغاندىمەن،)

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 10:14:36

2002-يىلى،1-ئاي ۋاقتى،غېنى سەمەد بىلەن ئىككىمىز شىنجاڭ ئۇنېىرىستىتىنىڭ مەشھۇر خىجالەت دوقمۇشىدا لەپىلەپ يېغىۋاتقان قاردا بوغداكامنىڭ«سالغا تېشى»دىگەن كىتىۋىنى يېيىپ قۇيۇپ تۇرساق بىر ئىنسان كىلىپ كۆرەي دىمەيدۇ،ئىچىمىز پۇشۇپ يولدا كىتىۋاتقان قىزلارنى باھالاشقا چۈشتۇق،بىر چاغدا شۇنداق كىلىشكەن بىر قىز چايخانىدىن چايداننى كۆتۈرۈپ چىقىپ قالدى،غېنى دەپ قالدىدە:ئاداش،نوچى بولساڭلا بېرىپ ئاۋۇ قىزغا ئىككى شىڭگىل گەپ قىلىپ مىجەزىنى بىلىپ باقماسىلەر دەپ،ئۇ دىگەن قانچىلىك ئىشتى دەپ ئۆزەمچە قاردا پوكۇس چىقىرىپ تېيىلىپ بارىمەندە قىزنىڭ يېنىغا،ھەي !دىگىنىمنى بىلىمەن،غىرىتلا قىلدىم،پۇتۇمنى قۇيۇپ پاقىچىلاپ تېيىلىپ بېرىپ ئاسپىرانتلار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا توختىدىم،قارىسام ھېلىقى قىز قولىدىن چۈشۈپ كەتكەن چايدىنى بىلەن كارى يوق،تىزىغا ئۇرۇپ كۈلگىلى تۇرۇپتۇ،غېنى سەمەت كۈلىمەن دەپ ئالدىدىكى كىتاپ قويغان ئۈستەلنىمۇ ئۆرىۋىتىپتۇ،شۇ قىززىقچىلىقتا مەنمۇ قوپماي قۇڭامنى قارغا چاپلاپ ئولتاسام خەمىتكام (خەمىت زاكىر)كەپ قالدى،نىمە ساراڭدەك قاردا ئولتۇۋېلىپ كۈلۈپ كەتتىڭ ئۆزەڭچە دەيدۇ،ۋاي خەمىتكا بۈگۈن قاردا ئولتۇرۇپ كۈلسە قىزلار بەك ياخشى كۆرەمىش دەيدۇ غېنى سەمەت دېسەم سەن ساراڭنىڭ تاپمايدىغان گىپى يوق دەپ ئاچچىقلاپ كەتكەن،كىيىنغۇ تۇنۇشۇپمۇ قالدىم ئۇ قىز بىلەن.....
بەت: [1] 2
: بەگ ئالىپ: يۇمۇرلۇق ھېكايىدىن ئىككى پارچە