كەچكۈز(ئۇمۇن)
كەچكۈزساپسىرىق يوپۇرماقلار ئارىسىدىن كۈلگىن.
لەۋلىرىڭدە ئىسىم بولسۇن.
رومىلىڭنى ئورىغىن مەھكەم،
مۇزلىمىسۇن بوينۇڭ ئەركەم.
يانىقىڭغا لەۋلىرىم تولسۇن...
يول ئالغان قۇشلارغا قاراپ،
خىيالىڭغا سولىغىن مىنى.
كۆپكۈك دىڭىزغا،
ئوخشاپ قاپتۇ باھارىم كۆزۈڭ.
چاپىنىڭنى كىيىۋال مەھكەم،
مۇزلىتىدۇ كەچكۈز شامىلى.
غازاڭلارنى باسقاندا پۇتۇڭ،
ئۇ ئاۋازنى سۆيەلمىدىم،
كۆزۈمنى سەندىن ئۈزەلمىدىم.
باھارغا خوش دىگەن ئاخشام،
كەچكۈزنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۇمۇلغان كۆزۈڭگە لەۋلىرىم تولسۇن...
لەۋلىرىڭدە ئىسىمىم بولسۇن....
دولقۇنۇپ تۇرسۇن چاچلىرىڭ،
ئەمما،
ساباھقا كىچەڭنى بەرمە ئالدىراپ.
مۇزلىمىسۇن ئاپئاق قوللۇرۇڭ،
باھار بىلەن قالسۇن يوللۇرۇڭ.
(يۇلتۇزلارغا ئالدانما ھەرگىز،
كۆز قىسىدۇ،
لىكىن ئۆزى يوق).
كەچكۈزگە ئوخشاپ قالىدۇ سۆيگۈ،
ئۇششىتىدۇ كۆرەر كۆزى يوق.
چىغىر يولدا
ئايلان كەچكۈزدە
چاپىنىڭنى كىيىۋال مەھكەم،
رومىلىڭنى ئورىۋال ئەركەم.
كەچكۈز شامىلى مۇزىلىتىدۇ.
ئازاپلىرىڭنى توزىتىدۇ.
گۈزەل لىرىكىغا ئەگىشىپ كىتىۋەر،
ھوزۇر ئال قىشنىڭ ئالدىدا،
غىرىپسىنىپ قالمىسۇن كەچكۈز.
كىچىلەردە ياتمىسۇن كۈندۇز.
سۆيگۈ بار ئۇنۇڭ ئىتىدا.
چاپىنىڭنى كىيىۋال مەھكەم،
ئۈششىمىسۇن قۇللۇرۇڭ ئەركەم.
كۈزلۈرۈڭگە كۈز نۇرۇم تولسۇن،
لەۋىلىرىڭدە ئىسىمىم بولسۇن.
مەندە شۇنداق بىر ئارزۇ بار ئىدى......
كىچە قاراڭغۇسىدا،
بىنەپشەرەڭ نۇرنىڭ ئارسىدا تولغانسام.
دىڭىز دولقۇنىنىڭ پىچىرلىشىغا جاۋاپ بەرسەم.
زامان بىلەن قول تۇتۇشۇپ تارىخلارنى ئۆچۈرۇپ تاشلىسام.
تاڭ يورۇيدىغان چاغدا،
كەچكۈز ياپراقلارنى سۆيسە،
ياپراقلار سۆيگۈسىدىن شەبنەم كۈلسە.
قەھرىتاندا،
ئانا باغرىدىن قۇياش ئىزدىسەم،
ئانامدىن ئەمەس،ئانىلاردىن قۇياشنى تاپسام.
مەندە شۇنداق بىر ئارزۇ بار ئىدى.......
يالۋۇرۇشلىرىمغا قارىمىدىڭلار!!
ئۆكۈنۈشلىرىمگە سۈكۈتلەندىڭلار!!!
ئۆكسۈشلىرىمدىن ئۆمۈدلەندىڭلار!!!!
ئارزۇلىرىمنى پاچاقلاپ تاشلىغىنىڭلاردا،
غىرىپ كۈلبەمدە زاماننىڭ چاقىدا يانجىلۋاتتتىم.
قىزىل گۈللەر تولغان زىمىندا،
ئانامنىڭ قۇچۇقىغا بىشىمنى قويۇپ، قۇچۇقۇمدا بالامنى پەپىلىتەتتىم.
مەندە شۇنداق بىر ئارزۇ بار ئىدى....
كىچىنىڭ پەيزىدە،
تاماكامنى چوڭقۇر چوڭقۇر تارتىۋالاتتىم.
قۇياشنىڭ تەپتىدە،
روھىمنى روھىڭغا قىتىۋالاتتىم.
ئەپسۇس مەندە شۇنداق بىر ئارزۇ بار ئىدى......
ئارزۇيۇمنى،
ئەڭ ئاخىرقى ئۇچقۇننى رەھىمسىزلەرچە پۈۋدىگەن شامالدەك ئۆچۈرۈپ تاشلىغىنىڭلاردا،
مەندە يەنە بىر ئارزۇ بار ئىدى.....
يانجىلغان ئارزۇيۇمغا،
سۈكۈنات شۆلگەيلىرىڭلار يىپىشقاندا، مەندىكى ئارزۇ تەندىن ئاريرىلغان روھتەك توزۇپ كەتتى.
جىنسىي ئاشىقتىن سىرغىغان سۇيۇقلۇقتەك شىرىن،
تارتىلغان ئەپيۇن دانچىسىدەك خۇمالىق بىر ئارزۇيۇم بار ئىدى....
ئارزۇيۇمغا مۇھاببىتىمنى تاڭاتتىم،
مۇھاببىتىمگە ئۆمۈتلىرىمنى ئارتاتتىم.
ئۆمۈتلىرىمنى سۈكۈت بىلەن كۆمگىنىڭلاردا،
مەندا ئارزۇ يوق،ئارزۇدا مەن بار ئىدىم. تۇلۇق ئۇقۇپ چىقتىم ،شىئېرنى باھالىغۇدەك ئىقتىدار بولمىسىمۇ تۇيغۇداشلىقىمىز تۇپەيلى بۇ ئىنكاس يېزىلىپ قالدى .
بۇ شىئېرىڭلا ماڭا يارىدى.{:112:} (يۇلتۇزلارغا ئالدانما ھەرگىز،
كۆز قىسىدۇ،
لىكىن ئۆزى يوق).
پۈچەك ئىنكاس يازماسمەن دىگەندىم ، بۇ قۇرلار قايتىلاپ ئۇقۇشقا ئۈندىدى.
ئىنكاسلىرىڭىزنى ئۇقۇشنى خالىمىساممۇ شىئىرلىرىڭىز بەك ياقىدۇ. ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلمەن. پېچەت لىرىكا بوپتىكەن . لېكىنزە بىرىنجى بۆلەكنىڭ ئاخىرقى مىسراسىنى ئۆزگەرتكىم كەلدى .
ساپسىرىق يوپۇرماقلار ئارىسىدىن كۈلگىن.
لەۋلىرىڭدە ئىسىم بولسۇن.
رومىلىڭنى ئورىغىن مەھكەم،
مۇزلىمىسۇن بوينۇڭ ئەركەم.
خاس ھوجراڭغا ھىدلىرىم تولسۇن ...
ياتىقىغا لەۋرىڭىز تولدى دىگەنلىك چىنە قاچا ، كىرۇسلو ، كارۋات ، دېرىزە ، مەش ، ئاياق قېپى ، ئىشلىتىش دەۋرىدە تۇرغان ئاياق مېيى ، ھاجەتخانا ، تەرەت ئورىكى ، تېلىۋىزۇر ، توك سىمى ... ھەمممىسىنى يالاپ چىققان بولىسىز مەنا جەھەتتىن :lol ئۇمۇن تورداش. شېئىر يېزىۋاتقاندا ھېسسىيات مەيدانغا چۈشەمدۇ يوق؟ ئەقىلىيلىكنى تەشەببۇس قىلىپ ھېسسىياتنى ئىنكار قىلىۋاتىتىڭىز، ئەمدى بۇ شېئىرنى ھېسسىياتسىز ھالدا ئولتۇرۇپ يازمىغانسىز.
لېكىن بۇنى شېئىر دېگۈم كەلمىدى. ناچار يېزىلىپتۇ. تىرىشىڭ. كەچكۈز شۇنداقلا كەتتى دە ...... ەزەلدىن شىر بىلەن خوشۇم يوق، بۇلۇپمۇ مۇنداق يا نەسىرگە ياشىر غا وخشىمايدىغان ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،مۇشۇنى شىر دەپ داملاپ، وقۇپ يادىلاپ يۇرگەنلەرنىڭ كاللىسىدا چاتاق بار.
تېما ئىگىسى بەزەن كىشىلەرىنىڭ «لوگىكىلىق» تەپەككۇرلىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىڭىز ھەقىچان. كالىغا دۇتتار چېلىپ بېرىدىغان ئىشنى قىلماڭ ھەرگىز. شېئىر ئوبدان چىقىپتۇ. begir يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 08:09 static/image/common/back.gif
پېچەت لىرىكا بوپتىكەن . لېكىنزە بىرىنجى بۆلەكنىڭ ئاخىر ...
ياتاق ئەمەس ياناق. matlab يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 16:09 static/image/common/back.gif
تېما ئىگىسى بەزەن كىشىلەرىنىڭ «لوگىكىلىق» تەپەككۇرلى ...
شىر دىگەننىڭ مۇنداق قاپىيسى بۇلىدۇ، ۇماچ دىسە قوماچ دىگەندەك. ۋەزىن تۇراقلىرى بۇلىدۇ. مۇھىمى شىرىي ھىسيات بۇلىدۇ.مەنا ارقا كۇرنۇشلىرى بۇلىدۇ.تىل بۇلىدۇ تىل ىشلىتىشتە گۇزەللىك پاساھەت ەكىس ەتسە بۇلىدۇ. قۇرغا تىزىپ قويسا شىر بولىدىغان ىش يوق. دۇتتامىش تىخى ، بۇنى نىمە دەيمىز، بۇنداق شىر لارنى شىر دىگۇچە ىغى ۇچۇق باللارنىڭ تارىسى يوق دۇتتارىنى چىلىپ ،كۆڭلىنى خوش قىلىپ وينىشى دىگەن تۇززۇك. 678123 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 18:43 static/image/common/back.gif
شىر دىگەننىڭ مۇنداق قاپىيسى بۇلىدۇ، ۇماچ دىسە قوماچ د ...
ئۇكام ھوي ! شېئىر دىگەننى توغرا يېزىپ كېلىپ شېئىرغا باھا بېرىڭە بى ! ئىۋۇ ئىملايىڭىزنى ئوڭشاپ بولۇپ ئىنكاس يازسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز . يانفوندا يازغان دەپ باھانە ئىزدىمەڭ . ئاچچىقىم كېلىدۇ . ياتاق ئەمەس ياناق دەڭ
تۈركچە شېئىرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغانما؟{:92:}
rita1028 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 17:10 static/image/common/back.gif
ياتاق ئەمەس ياناق دەڭ
تۈركچە شېئىرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇر ...
ئۇيغۇرچىدە ياناق دىگەن كەلىمە يوقما؟؟
ئۇيغۇرچە بىلەن تۈركچىنى ئالماشتۇرۇپ قويغان ئوخشايمەن. ياناق دەپ سۆز(كەلىمە ئەمەس سۆز ) يوق ،ياڭاق بار ياكى ئۇنىڭ ئورنىغا يۈزلىرىڭگە دەپلا ئىشلىتىمىز ئۇيغۇرچىدە ،ياڭاقلىرىڭغا سۆيۈپ قوياي دەپ ئىپادىلىمەيدۇچۇ {:92:}
ھەر مىللەتنىڭ مىللى پىسخىكىسىنىڭ ئوخشىماسلىق ئىنچىكە تەرەپلىرى تىلنىڭ قوللىنىش ۋە ئىپادىلەشلىرىدە بەكرەك زىل گەۋدىلىنىپ قالدىكەن مانا.
rita1028 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 21:22 static/image/common/back.gif
ياناق دەپ سۆز(كەلىمە ئەمەس سۆز ) يوق ،ياڭاق بار ياكى ئ ...
راس دەيسىز.
تۈزەتكىنىڭىزگە رەھمەت. rita1028 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 21:22 static/image/common/back.gif
ياناق دەپ سۆز(كەلىمە ئەمەس سۆز ) يوق ،ياڭاق بار ياكى ئ ...
ئاپلا، مەن ئارلىشىپ قالدىم.
ئۇ، ئۇرۇقلاپ، شۇنچىلىك زەئىپلىشىپ كەتكەنكى، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، ياناقلىرى مانا مەن-دەپ، پولتىيىپ چىقىپلا قالغان....
ئۇ، كۈلىدىغان بولسا، كۆزلىرى خۇمارلىشىپ، زىناقلىرى ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرەتتى.
ياناق - ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، كۆزچاناقلىرنىڭ ئاستىداراق چوقچىيىپ تۇرىدىغان يۈز سۈڭىكىدۇر. ئادەمنىڭ يۈز قىسمى : پېشانە ( ماڭلاي)، چېكە، بۇرۇن ( قاڭشار)، قاش، قاش قاپاقلىرى ( كۆز قاپاقلىرى) ، كۆز، كۆز چاناقلىرى، ياناق، ئېڭەك ( مەڭزى)، زىناق، قۇلاق، لەۋ، ( كالپۇك) زاڭاق .. لاردىن تەركىپ تاپىدۇ. بەزەن سۆزلەرنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئومۇملاشمىغانلىقى، خۇددى يات سۆزدەك تەسىر بېرىپ قويىدۇ. مەنمۇ بەزى ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئوقۇغاندەك قىلغان ئىدىم.
جان ئەپەندىگە رەھمەت.
بىلىشىمچە كەلىمە سۆزىمۇ ئۇيغۇرچىدە بار.
بەت:
[1]