3140 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 18:11:31

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىكى تىل ئۆزلۈكى ھەققىدە خىياللىرىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   3140 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-29 19:23  

                                                         ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىكى تىل ئۆزلۈكى  ھەققىدە خىياللىرىم

      ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى:
    يەنە بىر ھەپتىلىك دەرسلەرنى تۈگىتىپ، دەم ئېلىش كەلدى .بۈگۈن مەنمۇ ئۆزۈم ئىچىمدىكىنى داستىخانغا تاشلاپ ، ئىچىمدىن چىققان  باش -ئاخىرى تېخى چىقمىغان خىياللىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشسام ، ھەممىمىز بو توغرىسىدا بىر نەرسە دەپ باقساق قانداق بولۇر دەپ ئويلاپ قالدىم .  

     يۇرتتىن يىراق -يىراقلارغا ئىلىم ئىزدەپ چىققىلى 5 يىللادىن ئاشتى . تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئىچكىرىدە ئوقۇشنى باشلىغاندىن تا بۇ كەمگىچە ھەر كۈنلۈك تۇرمۇشىمىزدا، ھەر دەقىقىدىكى تىنىقلىرىم ئارىسىدا شۇنچىلىك بىر سېغىنىش بار ،ئىزدەيمەن ، تەسەۋۋۇر قىلىمەن ،بەزىدە  تارىخنىڭ رەھىمسىز چاقنىڭ ئاشۇ كىلەڭ، قوپال چاقىنىڭ مىجىپ ئۆتكەن يوللىرى گۈل-چىچەكلىرى، تام سىپىللىرى،ئاتەش قەلىب قەدىردانلىرى، دەشتى-چۆلدە ئىگىسىز قالغان مۇھەببەت كۈيلىرى، رەڭگارەڭ چىراق نۇرى ئاستىدا ۋاقىت قوينىغا يۈتكەن چىن يۇرەكنىڭ مۇڭلىرى كۆز ئالدىمدىن كەچسە ، سېغىنىشلىرىم قىش پىغاندا  ئۆز يۈرىكىنى سوغوققا شامالغا ياققان مۇساپىرغا ئايلىنىمەن .   

   توغرا ، بۇيەردە پەقەت بىزلەرلا ئۇيغۇرتىلى سۆزلەيمىز.   مەن جان تىلىم - ئۇيغۇرتىلىنى، كوچىدىكى، مەكتەپتىكى ھەممە ئادەم ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان تاتلىق ماكانىمنى  سېغىندىم .

   بىزنىڭ بۇ مەكتەپتە 10000دىن جىق ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ . ھەركۈنى چۈشتۈن بۇرۇن 11 دىن 50 ئۆتكەندە ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى  پەشتاقتىن ئاشۇ ئېچىرقىغان ، مىغ-مىغ ئادەملەرنىڭ ھەرخىل قىياپەت، خلمۇ-خىل چىراي ئىپادىللىرىنى كىيىشىپ   ئاشخانىغا يوپۇرۇلۇپ كىلىۋاتقان مەنزىرىسىنى كۆرۈپ رەت-رەت نىسىۋەمگە ئامانەت ئېيتىپ قالىمەن.(;P  بىر دوستۇم، كىنولاردىكى ھېلىقى تىرىك جەسەتلەرنى كۆرگەندەك بولدۇم دەپتى ، بىر ھازا كۈلۈشتۇق) .  يۇرتىمىزدىن كەلگەن ئۇيغۇر،قازاق ئوقۇغۇچىلار 100گىمۇ يەتمەيدۇ.  دەرس ئۆتكەندە  ياتاقداشلار،ئاشخانىدىكى ئاشۇ كۆپ سانلىقلار ، كۈندۈزلۈك پائالىيەت، تەپەككۇر مۇھىتى مەسىلە ئويلاش-يېشىشنىڭ ھەممەسى يات تىلدا بولۇشىغا مەھكۇم بولغانغا يىللار بولۇپ كەتتى .
   ئاشخانىدا ، مەكتەپ ھويلىسىدا ، قېرىنداش سىمالار ئۇچرىغان ھالەتتىمۇ ، تۇزلۇق دېڭىز سۈيىگە بىر مىېرىل سۇ دال بولمىغاندەك ، پىكىرى ، مىڭىسىدىكى خىياللىرى تامامەن بىر يەرگگە سىغماس ئىككى ئۇيغۇر بالىسمۇ  بۇنداق مۇھىتتا بىر-بىرىگە تىل شەرىپىدە يار-يۆلەك بولۇپ قالىدىكەن .
    ۋاھالەنكى، خام سۈت ئەمگەن ئىنسان ئۆز مەئىشەتلىرىگە سۇغوققان ئولتۇرۇپ مەدھىيەۋە قەدىرلەش ھەققىدە ئاز پىكىر قىلىدۇ . ئۆزىگەنىسىپ قىلىنغان ، كۆچىمەيلا ئىگە بولالايدىغان زۇۋانىغا يېپىنچا بولىدىغان ئاناتىل نامىدىمۇ ، ئىنسان يەنە ئاجىز كىلىدىكەن . دۇنيانىڭ ئادەم بىلىپ بولالماس روجەكلىرىدە ئوخشىمىغان  ھىكايىلەر پۈتۈلۈشكە باشلىدى  ...

     ئالىي مەكتەپكە چىقىپ يانفۇن ئىشلەتكەندىن باشلاپ، يات تىل مۇھىتىغا تېخمۇ تۇنجۇقىغان ئىدىم . يانفۇنۇم ئۈچۈن ، ئۇيغۇر تىلى تىل سۈپىتىدە ئويلىرىمنى راۋا قىلىپ ، مىنى تىللىق بىر پۇتۇن ئىنسانلىقىغا ئىگە قىلىدىغان ۋاقتى خەنزۇتىلى، ئىنگېلىزتىلىنىڭ ۋاقتى ئالدىدا بىچارە نىسبەتنى ھاسىل قىلاتتى .
    يانفۇن دىتاللىرى، تور بەتلەر ، كومپىيوتېر پىروگراممىلىرى تۈزۈلدى . مەن بۇلارنى بارا-بارا ئىشلىتىشنى بىلدىم .لىكىن ماڭا ھامان يات تىلدىكى نەرسىلەر قولاي بىلىنەتتى . مەسىلەن بۇرۇن ، QQ بىلەن ئۈندىدار ، تور كۆرگۈچ، پاراڭلىشىش جەريانىدىكى تاللانغان تىل ناھايتى ئاز نىسبەتتە ئۇيغۇرتىلى بولاتتى .  باغلىشىمەنكى ، مۇنبەرگە ئوخىشاش ئانا تىلدا ئەقىل سوقۇشتۇرۇپ، پاراسەت ۋە كىملىك -ئۆزلۈك ھەققىدە بۇلاققا تۇيۇنىدىغان سورۇندىكىلەر ھەر ھالدا بۇ توغرىسىدا كاللىسىنىڭ بىر يەرلىرىنى ئىشلىتىپ باققان بولسىمۇ ،     يەنە مىڭلىغانلار ، مەن بىلمەيدىغان - بىلىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارئارىسىدا ئانا تىلغا ، تەخىرسىزمەسئۇلىيەت،چۆچۈش  بىلەن قارايدىغانلار بىچارە ئاز. دېڭىزغا تاشلانغان بىر بوتۇلكا مېنىرال سۇدەك. ...
     مەن ئۆزلۈكۈمگە قاراپ باقسام تىلدىن ئىبارەت ئىنسان پۈتۈنلىكىنىڭ ئۆلچىمىدە بىر گاداي پېتى تۇرغاندا ، بىر ئەزىز ئاچامنىڭ بىز توردا پاراڭلاشقاندىكى تىل ئىشلىتىش ئادىتى مىنى ئويغا سالدى . تىل ئۆزلۈكۈمنىڭ يىرتىقىغا ياماق سالدى . كاللامنى سىلكىدى.  
   ئۇ ئەزەلدىن ماڭا يات تىل ئىشلىتىپ ئۇچۇر يازمايتتى . بىر كۈنى ، باشقا بىر دوستۇم بىلەن يات تىل ئىشلىتىپ ئۇچۇرلىشىۋاتسام ئاچام سالام قىلىپ قالدى. مەن  ئۆز-ئۈزۈممۇ سەزمەي ئاچامغا ساپ ئۇيغۇرتىلىدا ، دوستۇمغا يات تىلدا جاۋاپ قايتۇرۇپ بىردەم پاراڭلىشىپ قالدىم  . ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى چۈشۈرۈلمىگەن بولغاچقا مەن پىنيىن بىلەن ئىنگېلىزچە كونۇپكا تاختىسىنى ئالماشتۇرۇۋېتىپ (ئۇيغۇر-لاتىن ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئۈچۈن )، دەل مۇشۇ دەقىقىدە ، ئۆزلۈكۈمدىكى بىر بىچارە ، قۇل، گاداي يوچۇقنى كۆرۈپ قالدىم .

    مەندىكى QQ ، ئۈندىدار توپلىرى ئىچىدە ھېچقايسسى ساپ ئۇيغۇرتىلىدا پاراڭلاشمايدۇ . 110نەچچە ئالاقىلاشقۇچۇم ئىچىدە ساپ ئۇيغۇرتىلىدا پاراڭشىدىغانلار  يوق دىيەرلىك . تېخى بىريەرگە كەپ قالسا يات تىلدا، چاڭلاش تىللاردا سۆزلىشىدىغانلار مۇ يوق ئەمەس .
     ئىچكىردىكى ھەرخىل مەكتەپلەردە  ئوقۇۋاتقانلار بۇنى بەكرەك چۈشىنىشى مۇمكىن . بىزدە شوئار تولىغاندا ، ‹ئۇيغۇر›لىقىمىز تۇتۇپ كەتكەندە ئاندىن بەزى مەسىللەر توغرىسىدا  ئويلايمىز، بولمىسا جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋېلىپ تەۋەككۈلچىلىك، ئۆز-ئۆزىمىزگە سوئال قويۇشتىن باش تارتىمىز . باشقىلارنىڭ كەينىدىن ھە-ھۇ دىيىشكە رازى بولىمىز،ئۆز كىملىكىمىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بەلگىلەنمەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىمىز .
مەن  ئانا تىلىمنىڭ ھەققىدەا ئۆزۈمنى گادايلىققا مەھكۇم قىلغان جىنايەتكاردەك ھىس قىلدىم  .
      تولۇقسىزدىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇمنىڭ سىماسىنى ئەسلىدىم . تىلى خۇنۇك ،ئادەمنىڭ تەپەككۇرى كىسەلچان بولىدۇ ئۇقۇم ، مۇناسىۋەت ، لوگىكا ، ھەقىقەت ، بايقاش، ساپ دىل قايسسى بىر پاكىز تىلدىن ، بىر ئۇقۇمى ئوچۇق ، ھەقىقى بىلىمگە مۇيەسسەر بولغان ئادەمگە تۇنجى ئامىل بولمىغان ؟!
       ئاناتىلنى كۆزىمىز دىسەك ، بىر كۆزى چاپاق ئادەم گۈزەك مەنزىرنى بايقايمەن دەپ چاپسا ، بارار جايى نەمۇ بولار ؟
  ئۆز تورىنىڭ تۆشۈكىنى يامىمىغان بېلىقچى ئوكيان كىزىپ نەقىلار ؟
  تىلى ساپ ئەمەس ئادەم، ئۆزىگە قارىسا كەمتۈك، باشقىلارغا قارىسا غۇۋا ، تەپەككۇر قىلسا ئۈزۈك،بىر پۈتۈنلۈكتە مەغلۇب بولغان كىشى دىگۈم كىلىدۇ .
   مەنچە ئۆزتىلىنى ياخشى بىلمىگەن ۋە بۇنى روھى  پۈتۈنلۈكىگە كىرگۈزمىگەن ئادەم مەنچە ھېچقانداق ساپ نەرسىنى بايقاشقا قادىر ئەمەس . بايقىدى دىيىلسىمۇ ، ئۇ ئۇنىڭ ئەمەس.  
پىسخىلوگىيە، جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىللىرىدىن كۈزىتىپ، سېستىمىلىق تەتقىق قىلمىغان تەقدىرىدىمۇ، كۆز ئالدىدىكى ئىشلار بەزىدە ئادەمنىڭ كۈلگۈسىنى كەلتۈرىدىكەن . كۈلۈپ بولۇپ ، بەزىلەر نۇمۇسسۇزلارچە مەسخىرە قىلالايدىغان ، نادان-بىچارە ، دەسسەپ پېتىقلانغان غاپىل سىماسىدا ھەرخىل باھالارنى بىرەلەيدىغان ئويغا مەھكۇم بولىدىغان گەپكەن .

بۇ مەنچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار «گاس بولۇپ كەتكەن» قەلبى بىلەن ، يۈزلەنمىگەن،يۈزلەنمىگەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغان، يۈزلەندۈرۈش نۆۋىتى كەلسە ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىغان، ئۆز تەخىرسىز كىرزىس ئېڭى بىلەن ئۆزگەرتىش ئەمەس، جاھاننىڭ بۇ نىسىۋىمىزگە پال ئېچىشىغا خامۇش گۇۋاھ بولماقچى بولۇۋاتقان مەسىلە .

تور، تېخنىكا ، دىتال ، تەتقىقات ئورۇنلىرى تىلنىڭ تۇنجۇقماسلىقىغا  تۆھپە قوشالايدۇكى،شۇنداق بىر تىل ئۆتكەن دەپ ئاسارە -ئەتىقە قالدۇرۇپ قويالايدۇكى ئۆزلۈككە ئانا تىلدا زۇۋان سۈرۈش ھەققىدە بۇيرۇق بىرىشكە قادىر ئەمەس. بۇ مەن كىم ھەققىدە بىر پۈتۈن سوئال سوراشنى تەلەپ قىلىدىغان شەخىسنىڭ مەۋجۇتلۇق كۇرسىنىڭ مەسىلىسى ئىكەن .  
    ............

گېگىل مۇنداقراق بىر گەپنى قىلغان : سەن ئەڭ ياخشى تۇنۇيدىغان نەرسە ، سەن ئەڭ ياخشى بىلىدىغان نەرسە بولىشى ناتايىن . مىنى دە دىسە ، سەن ئەڭ تۇنۇش نەرسە ، سەن ئەڭ بىلمەيدىغان نەرسە دەپ ئۆزگەرتكەن بولاتتىم .  مەسىلەن : قوياش نۇرىنى ھەممە ئادەم تونۇيدۇ . لىكىن نۇرنڭ ماھىيتىنى بىلىش فىزىكا ئىلمىدە ئەسىر-ئەسىر داۋاملاشتىيۇ-، دولقۇن-زەررىچە قوش ئالاھىدىلىكنىڭ زادى نىمە گەپ ئىكەنلىكى يەنىلا سوئال پېتى تۇرىدۇ .

   يات تىغا ئۇزۇن يىل تۇنجۇققان مەن ئالاھەزەل بۇ پىرىنسىپقا  تىل ئۆزلۈكۈمنىڭ ئۆلچىمىدە ئۆمۈرلۈك يەم بولغىلى تاسلا قاپتىمەن.
شۇندىن مەن ئۆزۈم ، تىلىم ، كىملىكىم توغرىسىدا يەنە ئويلاپ باقتىم . ئەتراپىمغا قاراپ باقتىم .  
   مەن سېغىندىم .  تولۇقسىزدا مۇنداق بىر نەرسە دىلمدا سۆيگۈ پەيدا قىلغان .  
    ھەر قېتىم بۇ سېغىنىش مىنى بۇ شېئىرنى ئەسلىتىدۇ  .  ( ‹جالالىدىن رۇمى› دىن كۆچۈرۈپ ساقلىغان ئىدىم ، تا ھازىرغىچە ھەر ئوقۇسام ئىچىم ئىللىيدۇ . )

  تۆكۈپ يامغۇر بۇلۇت كۆكتە ئۈزەر كارۋان كەبى ھەريان،
«كۆكەرگىن، ياشىغىن يەر !»دەپ، دەما ھەم گۈركىرەر ئاسمان.
قۇياش ئىللىتتى ئالەمنى،زىمىن ئويغاندى،كۆزئاچتى،
باھاردىن خۇش-خەۋەر بۇدەپ ئىپار-ئەنبەر ھىدىن چاچتى.
يۈگۈردى نوتىلارغا قان مىسالى ياپيېشىل شەربەت ،
ئۇرۇغىنى تاشلىدى ئاخىر،گىياھقا كۆچتى ئىشىق-تەلئەت.
كۆڭۈل ئەسرارىدىن ئېشىپ ، دەرەخلەر چايقىلار تىنماي.
  .....
      ئەلشىر نەۋائىي ،  ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، مەمتېلى تەپىق، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئەزىزلىرىمىزنىڭ شىئىرلىرى مەن ئۈچۈن قەغەر يۈزىدىكى ئەسەر، ئەدەبىياتلا  ئەمەس ،ئوت  روھتا كۆيۈۋاتقان گۈلخان  ئىدى . روھىم سوۋۇپ ، غاپىللىق ۋە نىجىسلىقنىڭ ھىدىنى ئۆزۈمدە بايقىسام ، گۈلخاندا قاقلاپ قوياتتىم . مەنچە بۇ نىڭغا نۇرغۇنلار ئورتاقلىشىدۇ .
    كىمدۇر بىرىنىڭ ئۇيغۇر ئۈچۈن شېئىر ئوقۇيدىغان نەرسە ئەمەس ، ياشايدىغان نەرسە ، دىگەنلىكى ئىسىمدە .دىمىسىمۇ  دەۋىرنىڭ ۋىجدانىغا سوئال قويالىغان شائىر ،قولىغا قەلەمنى ئالغان دەقىقىدىن باشلاپ ئۆزىنى روھىيەت ۋە مەدەنىيەت بابىدا  ئۆلمەس سيىماغا ئايلاندۇرۇشنى باشلىغان  شەيدا روھنىڭ ئىگىسى ئەمەسمۇ؟
    مەن ھازىر ئاشۇ شەيدالارنىڭ مۇڭىغا ئەگەشكۈچى . ئاشۇ قەلەم ئاستىدا ئوغچۇپ چىققان پاساھەتلەرگە رام بولغۇچى. مەن ئاشۇ شەيدالارنىڭ سېغىنىشىنى ، ئۆز سېغىنىشلىرىمغا قوشۇپ ئاغزىم مۇڭغا كەلمىگەن، قولۇمدا قەلەم ياتسىرىغان ، گۈلخان يېنىدا كۆككە دىل كەچمىشلىرىمنى ئەيلىگۈچى مۇساپىرمەن .  
پاساھەت ، ھېكىمەت، يومشاقلىق، نازاكەت .... قايسسى ئانا تىلىمىزدىن تېپىلمىسۇن ؟!
.....
شۇڭا دەيمەن : ئۆز تىلىم - گۆھەر تىلىم ،زەر تىلىم ،
بوپقالغىنى ئۇششاق تىل ئەمەس ھەرگىز ئىلىىتى .
زەررە كىچىك ، ئاتوم شۇ زەررىلەردىن تۈزۇلگەن ،
مىنىڭ تىلىم ئاشۇنداق ، ئاتومچە بار قىممىتى .
.....
                                                                                                                             --  روزى سايىت
  تىل ئۆلگەن جايدا مىللەتنىڭ ھاياتى خازان بولغان بولىدۇ .
تىل-ھىسسىيات،قۇشقۇن روھىيەت يىتىشتۈرۈدىغان باغۋەن. تىل بايلىقى، تىل مەدەنىيىتى، تىل نوپۇزى ھىربىر مىللەتنىڭ مەنىۋى ساپاسى،تارىخىي ئۇتۇقلىرىنىڭ جۇغلانمىسى .
تىل ئەخلاقى - ماھىيەتتە قەلىب ئەخلاقىدىن ئىبارەت .
تىل-يالغۇز تىل تەلەپپۇز مەدەنىيىتىنى، تىل مەنە بايلىقى-تىلغا يىغىنچاقلانغان ئەقلىي كامالەت مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە شەرت قىلىدۇ . تىل ئەخلاقى ھەربىر شەخىسنىڭ  ۋە  مىللەتنىڭ كامالىتىنى ئىپادىلەيدۇ .
تىل- مىللەتنىڭ قەلبى ،يۈرىكى، قېنى ۋە جېنى .
..................                              
                                                                                                                                      --ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن


  
لىكىن شۇ مۇبارەك تىلغا مۇناسىپ بىزدە بىر كىملىك بارمىكىن ،ئەتراپىمىز ئاناتىلغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز .ھەممىمىز بۇ ھەقتە  قېنى پىكىرلىشىپ باقايلى .
قېنى قانچىمىز ئۇيغۇرتىلىنى تۇنۇپ ياشاۋاتىمىز ، قانچىمىز بىلپ .  

بولۇپمۇ ئۇقوغۇچى قېرىنداشلارنى بەكمۇ ئۈمىد بىلەن تەكلىپ قىلىمەن  !





Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 21:38:04

ئادەتتە ئىلمىيرەك ئەسەرلەرنى بەكرەك ياقتۇرساممۇ، لېكىن بۇ تېمىدا توختالغان مەسىلە ھەقىقەتەن دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

ئۇيغۇرچە سۆزلەش، سۆزلەتكۈزۈشنى خالايدىغانلارغا بىر- ئىككى تەكلىپىم :

باشقىلارنىڭ سىز بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشىنى خالىسىڭىز، كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ (ھېلىقى، سېنى يەۋېتىمەن :@ دېگەن چىرايدا ئەمەس )، بولسا مېيىقىڭىزدا كۈلگەچ :)، جۈملىڭىزگە باشتا دېگەن شالغۇت گېپىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز، كېيىن سىزدىن ھېيىقىپ بولسىمۇ ئۇيغۇرچە گەپ قىلىدىغان بولىدۇ.

ئۆزىڭىز ئۈچۈن : سىز باشقا ھەرقانداق بىر تىلدا دېيەلەيدىغان گەپنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىلمەسلىكىڭىز خاتا، غەيرى تەبىئىي ئەھۋال. ئۇيغۇرچە مەلۇم بىر سۆزنىڭ باشقا تىلدا قانداق دېيىلىدىغانلىقىنى بىلمىسىڭىز ھېچ گەپ يوق.

ئاندىن، ئۇيغۇرچە سەۋىيەمنى ئۆستۈرەي دېسىڭىز، مانا چاغاتاي تىلى، قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى، كۆكتۈرك تىلى دېگەنلەرنى ئۆگۈنۈش زۆرۆر ! (بولسا ئەرەبچە، پارىسچە ھەم باشقا تۈركىي تىللارنىمۇ ... )
ئۆگىنىش ئىمكانىيىتى يوق ئەمەس، ئۆگىنىش ماتىرياللىرىنى تېپىش خېلى ئاسان دېسەكمۇ بولىدۇ تېخى (كۆكتۈركچە قانداقكىن...)
خەنسۇلارمۇ ۋېنيەنۋېن ئۆگىنىدىغۇ ؟ ياۋروپا، ئامېركىلىقلارمۇ قەدىمقى يۇنانچە، لاتىنچە ئۆگىنىدۇ.شۇڭا يۇقارقىلارنى ئۆگىنىشنىڭ تىل سەۋىيىمىزنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسى چوڭ. تېخى چاغاتايچە ئۆگىنىش بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ھەرقانداق چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشتىنمۇ ئاسان.

fizika1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 22:39:52

ana tilni kadrlax. milltmz uqun  ang muym

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 00:22:47

ئانا تىلنى قەدىرلەش ۋە قوغداشنى نىزامنامەم قىلغىلى خېلى يىللار بولدى .لېكىن خىزمەت جەريانىدا ھەقىقەتەن بەك تەسكەن.:(

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 11:14:45

مەن ئارىلاش سۆزلەيدىغانلارغا دەيمەن:
-سىز دائىم باشقىلارنىڭكىنى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەنما؟ ئۆزىنىڭ  بار  تۇرۇپ  باشقىلارنىڭكىنى  ئىشلىتىش نۇمۇس  ئەمەسمۇ؟
چۈشەنگەنلەر خىجىل، چۈشۇنەلمىگەنلەر مىنىڭ نورمال ئىكەنلىگىمدىن گۇماندا.

Alif يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 14:17:51

بىر مەزگىل دۇكان ئاچقاندا، مەن دۇكانغا كىرگەن خېرىدارلارغا «خاپا بولماي تاماكىنى ئۆچۈرۋەتسىڭىز! ياكى چېكىپ بولۇپ كىرسىڭىز! ۋە ياكى ...» گەپلەر باشقىلارغا سەت كۆرنۈپ قالغانمۇ بولدۇم، شۇڭا باشقىلار نېمە قىلسما ئۆزىگە قىلدۇ دەپ يۈرۋاتىمەن. لېكىن گەپنىڭ نېگىزى«ئۆزىڭنى ئۆزگەرت»

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 17:32:21

2012-يىللاردا باغداشتا ئانا تىلنى قوغداش چاقىرىقى جاي-جايلاردىن قوزغىلىپ جەمىيەتتىمۇ خېلى تەسىرلەر بۇلۇنغانتى،،،،لىكىن كۆپۈنچە كىشىلەر چاي ئىچىپ كەلگەندىن كىيىن جىمىپ قالدى،مەنمۇ شۇ قاتاردا.
بەت: [1]
: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىكى تىل ئۆزلۈكى ھەققىدە خىياللىرىم