aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 17:54:18

ئورخان پامۇك: ھاياتىم ھەققىدە


ھاياتىم ھەققىدە


ئورخان پامۇك

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت(ئايپالتا) تەرجىمىسى



     «ئىستانبۇل» دېگەن كىتابىمنىڭ يېرىمى شەھەر ھەققىدە، قالغان يېرىمى بولسا يىگىرمە ئىككى يېشىمغىچە بولغان ھاياتىمنىڭ ھېكايىسىدۇر. كىتابنى يېزىپ پۈتتۈرگەن چېغىمدا ئاجايىپ ئۈمىتسىزلىنىپ كەتكىنىم ئېسىمدە. ئۆز ھاياتىمدىكى مەن يېزىشنى ئارزۇ قىلغان، مۇھىم بىر خاتىرە، دەپ قارىغان نەرسىلەرنىڭ بىرىنى بولسىمۇ «ئىستانبۇل» غا كىرگۈزەلمىگەنىدىم. يىگىرمە ئىككى يېشىمغىچە بولغان ھاياتىمنى  ۋە باشقا ئەسلىمىلىرىمنى يازسام  يىگىرمە  قىسىملىق كىتابتىن يەنە بىرسى پۈتەتتى. ئوتوبىئوگرافىيە يېزىشنىڭ بىر ئەسلەش يولى ئەمەس، بەلكى بىر ئۇنتۇش شەكلى ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدا تونۇپ يەتتىم.
     1952- يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدۇم. بوۋام تۆمۈر يولى ئىنشائاتلىرىدىن جىق پۇل تاپقان، فابرىكىلار قۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىنژىنىر ۋە سودىگەر ئىدى. داداممۇ ھاياتىدا ئوخشاشلا شۇ ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى، لېكىن پۇل تېپىشنىڭ ئورنىغا ھەمىشە زىيان تارتتى. تولۇق ئوتتۇرىنى ئىستانبۇلدا ئاقسۆڭەكلەر مەكتىۋىدە پۈتتۈردۈم، ئۈچ يىل مىمارلىقتا ئوقۇغاندىن كېيىن، يازغۇچى بولۇشنى قارار قىلىپ ئوقۇشنى تاشلىدىم. يەتتە يېشىمدىن يىگىرمە ئىككى يېشىمغىچە رەسسام بولۇشنى ئارزۇ قىلغانىدىم. بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك مەزگىللىرىمدە ئەستايىدىللىق، قىزغىنلىق ۋە خۇشاللىق ئىچىدە رەسىم سىزىپ چىقتىم. رەسىمنى داۋاملاشتۇرمىدىم، لېكىن سەنئەتكارلارچە  ھاياتتىن باشقا بىر ھاياتنى ياشىيالمايدىغانلىقىمنى يىگىرمە ئىككى يېشىمدا تونۇپ يەتكەن ئىدىم. ئۆزۈممۇ چۈشىنەلمىگەن بىر سەۋەپ بىلەن، يىگىرمە ئىككى يېشىمدا رەسىم سېزىشنى تاشلاپ، تۇنجى رومانىم « جەۋدەت بەگ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى» نى يېزىشقا باشلىدىم. چۈشىنەلمىگەن شۇ سەۋەبنى خېلى يىللار ئۆتكەندىن كېيىن چۈشىنىپ باقاي دەپ،  «ئىستانبۇل» دېگەن كىتابنى يازدىم.
     54 يېشىمغىچە بولغان ھاياتىمنى ئەسلىگىنىمدە، بىر ئۈستەلنىڭ ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ، خۇشاللىق ۋە خاپىلىقلار ئىچىدە تىنىم تاپماي ئىشلىگەن بىرى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. كىتابلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ، سەۋر ۋە ياخشى نىيەت شۇنداقلا ئۇلارغا ئىشىنىپ تۇرۇپ يازدىم. مۇۋەپپەقىيەت، نام-ئاتاق، كەسپنىڭ خۇشاللىقى... بۇلار ئاسانغا توختىمىدى، كىتابلىرىم ھازىر 55 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىندى، لېكىن تۇنجى كىتابىمنى تۈركىيىدە نەشىر قىلدۇرۇش بەك تەسكە توختىغان ئىدى. تۇنجى كىتابىم  « جەۋدەت بەگ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى» نى تۈركىيىدە نەشىر قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تۆت يىل نەشىرىيات ئىزدەپ چاپقان ئىدىم. نەشىر قىلىنمىغان رومانلارغا بېرىلىدىغان بىر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇرۇغلۇقمۇ...
     1982- يىلى، يەنى تۇنجى كىتابىم نەشىر قىلىنغان كۈنلەردە  ئايلىن تۈرەگۈنگە ئۆيلەندىم. ئىستانبۇلنىڭ غەربلەشكەن، باي مەھەللىسىدە، مەن بىلەن ئوخشاش كوچىلاردا چوڭ بولۇپ، ئوخشاش مەكتەپلەردە  ـــ بىز تېخى ئۇ چاغلاردا تونۇشمايتتۇق ـــ ئوقۇغان بىرسى بىلەن توي قىلغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن، باشقا تۈركلەرگە ئوخشاش « بىزنىڭ يېزىدىن بىر قىزغا ئۆيلەندىم»  دەپ چېقىشاتتىم. 1991 – يىلى بىر قىز پەرزەنتلىك بولدۇم، ئۇنىڭغا «قارا كىتاپ» تىكى پىرسۇناژ رۈيانىڭ ئىسمىنى قويدۇق.
     ھاياتىمدا يېزىقچىلىقتىن باشقا بىر ئىش قىلمىدىم. 1985- يىلى ئايالىم دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىغان بولغاچقا، مەنمۇ نيۇيوركتا، كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتېتىدا زىيارەتتىكى تەتقىقاتچى سالاھىيىتى بىلەن تۇردۇم. ئامېرىكا كۈتۈبخانىلىرى، كىتابخانىلىرى ۋە مۇزىيلىرىنىڭ تۈرگە مول، مەزمۇنغا بايلىقىدىن ئاغزىمنى ئېچىپلا قالغان ئىدىم. ئايالىمدىن 2002- يىلى ئايرىلدىم. ئۇ ۋە قىزىم ھېلىھەم مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىمدۇر. 2006- يىلى، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتىن بىر ئاي بۇرۇن، كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتېتىدا يىلدا بىر قارار دەرس بېرىشكە باشلىغان ئىدىم.
     بىر بەت ياخشى بىر نەرسە يازغان ئادەتتىكى بىر كۈن، مەن ئۈچۈن كۆڭۈللۈك بىر كۈن ھېسابلىنىدۇ. يېزىقچىلىقنىڭ تېشىدىكى ھايات ماڭا بىر يېرى كەمدەك، ئەيىپ - نوقسانلارغا تولغاندەك ۋە مەنىسىزدەك بىلىنىدۇ. مېنى تونۇيدىغانلار مېنىڭ يېزىقچىلىققا، ئۈستەلگە، قەغەز ۋە قەلەمگە خۇمارلىقىمنى بىلىدۇ، ئەمما يەنىلا :« بىر ئاز دەم ئال، سىرتلارنى ئايلان، كۆڭۈل ئاچ، ياشا!» دەپ نەسىھەت قىلىشىدۇ. مېنى تېخىمۇ يېقىندىن تونۇيدىغانلار بولسا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىمنىڭ يېزىقچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، مېنى يېزىقچىلىقتىن، قەغەزدىن، سىياھ قەلىمىمدىن ئۇزاقلاشتۇرىدىغان ئىشلارنىڭ ئاخىرىدا ماڭا يارىمايدىغانلىقىنى سۆزلىشىدۇ. ھاياتىدا ھەمىشە ۋە پەقەت كۆڭلى خالىغان ئىشنىلا قىلغان، كۆڭلى خالىغان ئىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن ھەپىلەشمىگەن ئاز ئۇچرايدىغان ۋە بەختلىك ئىنسانلارنىڭ بىرى مەن.
      بالىلىقىم چوڭ بىر ئائىلىدە تاغىلار، يەڭگىلەر ۋە ھاممىلارنىڭ ئارىسىدا ئۆتتى. دەسلەپكى ئىككى رومانىم « جەۋدەت بەگ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى» ۋە « جىمجىت ئۆي» ئائىلە رومانلىرىدۇر. جان سانى جىق ئائىلىلەرنى، جەم بولۇپ يېيىلگەن تاماقلارنى، ئائىلە ئىچىدىكى تالاش-تارتىشلارنى ۋە بىر-بىرىنىڭ يېغىرىنى تاتىلاشلارنى يېزىشنى ياخشى كۆرىمەن. لېكىن يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى كەمبەغەللىشىپ كەتكەن چوڭ ئائىلىمىز ئاستا-ئاستا چېچىلىپ، يۆلەنسەم تاغ، ياتسام باغ بولۇش رولىدىن مەھرۇم قالغان ئىدى. قېرىغانچە يالغۇز قېلىشىم، يالغۇز قالغانچە غەلىتە بىر شەكىلدە نام چىقىرىپ كېتىشىم تېنىمنى شۈركۈندۈرەتتى. ھەر ئاخشام ئۇخلاشتىن بۇرۇن كارىۋاتتا پۇتلىرىمنى تۈگۈپ، يوتقاننى ئۈستۈمگە ئارتىشىمغا، يالغۇزلۇق بىلەن چۈشلەر، ھاياتنىڭ گۈزەللىكى بىلەن رەھىمسىزلىكى ئارىسىدا كېزىپ يۈرگەن تاتلىق ۋە قورقۇنچلۇق بىر خىل تۇيغۇ مېنى چىرمىۋالاتتى ۋە بالىلىقىمدا ئاڭلىغان، ئوقۇغان چۆچەكلەرنىڭ قورقۇنچلۇق يەرلىرىنىڭ تېنىمنى شۈركۈندۈرۈشلىرىنى ھېس قىلاتتىم.
     « جىمجىت ئۆي» دېگەن رومانىمدا  ئۇيقۇ بىلەن ئويغاقلىق ئارىسىدىكى بۇ بۆلەككە مومامنىڭ مونولوگلىرى بىلەن كىرىشكە ئۇرۇندۇم. «ئاق قەلئە» دىمۇ بۇ خىل تۇيغۇ، چۈشلەر بىلەن رېئاللىق، ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن تارىخ ئارىسىدىكى بىر-بىرىگە ئۆتۈشۈپ كېتىش يەنە بار ئىدى. لېكىن ئۆز ئاۋازىمنى تاپالىغان رومان، 1985- يىلى يېزىشقا باشلىغان « قارا كىتاب» بولدى. ئوتتۇز ئۈچ يېشىمدا،  نيۇيوركتا تۇرغان چاغلىرىمدا كىم ئىكەنلىكىم، كەچمىشىم ۋە ئۆز كىملىكىم ھەققىدە ئۆز-ئۆزۈمگە كۈچلۈك سۇئاللارنى قويدۇم. كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتېتى كۈتۈبخانىسىدىكى ئىشخانامدا توختىماستىن ئوقۇيتتۇم، يازاتتىم. نيۇيوركتا ئىستانبۇلغا بولغان سېغىنىشىم بىلەن، ئۆتمۈشتىكى ئوسمانلى-ئىران-ئەرەب مۇسۇلمان كۈلتۈرىنىڭ ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە بولغان قىزىقىشىم كاللامدا بىر-بىرىگە ئارلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇزۇندىن ئۇزۇن پىلان تۈزۈپ، ھەم زادى نىمە قىلىۋاتقانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەستىن، قولچىلاپ، كورغا ئوخشاش ئاستا-ئاستا ئىلگىرىلەپ يازدىم بۇ كىتابنى. قانداق يېزىپ چىققانلىقىمغا ھېلىغىچە ھەيرانمەن.
     «يېڭى ھايات»، مەن «قارا كىتاب» تا بايقىغان نەرسىنىڭ يېڭىباشتىن، ئىستانبۇلدا ئەمەس بەلكى باشقا جايلاردا شېئىرىي شەكىلدە ئىزدىنىلىشىدۇر. ئانام ماڭا ھەمىشە «مېنىڭ ئىسىمىم قىزىل» نى قانداق يېزىپ چىققانلىقىمغا ھەيران قالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرەتتى... ئانامغا نىسبەتەن، باشقا رومانلىرىمدا ھەيران قالغۇدەك بىر نەرسە يوق ئىدى، ئۇلارنى مېنىڭ قايسى ھايات ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ يازغانلىقىمنى چۈشىنەتتى، بىلەتتى. لېكىن، «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» دا ئۆزى ئوبدان تونۇيدىغان، ھەممە ئىشىدىن خەۋىرى بار ئوغلىنىڭ قانداق يېزىپ چىققانلىقىنى چۈشىنەلمەيدىغان بىر تەرەپ بار ئىدى... مېنىڭچە، بىر يازغۇچىنىڭ ھاياتىدا نېسىپ بولىشى مۈمكىن بولغان ئەڭ چوڭ ئىلتىپات دەل مۇشۇ بولسا كېرەك: يەنى، ئانىسىنىڭ ئاغزىدىن كىتابلىرىنىڭ ئۆزىگە قارىغاندا بەكرەك ئاقىلانە ۋە قالتىس چىققانلىقىنى ئاڭلاش...
     مېنىڭ ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى، « قار» ناملىق رومانىم قوزغىغان بەس-مۇنازىرىلەر بولدى. ئەڭ دەسلەپتە بۇنى شەرق-غەرب توقۇنۇشى دېگەندەك قېلىپلىشىپ قالغان ئۇقۇملار بىلەن ياكى بولمىسا ئىراق ئۇرۇشى، سىياسىي ئىسلام ...ۋاھاكازا  دېگەندەك قىزىق نوقتىلار بىلەن ئالاقىدار بولغانلىقى ئۈچۈن دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمدى بولسا  ئەسلى ئىشنىڭ ماھىيىتىنى روماندىكى «ئاسىيا مېھمانخانىسى» دىكى بايانات يېزىش سەھنىسىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئېھتىمال بۇ مېنىڭ خاتا پەرىزىمدۇر. 1990- يىللارنىڭ باشلىرىدا، تېخى ئەمدىلەتىن تۈركىيىدە تونۇلۇشقا باشلىغان چېغىمدا، تۈرك مۇخبىرلار كىتابلىرىمنىڭ نېمىشقا ياخشى كۆرۈلگەنلىكىنى، نېمىشقا بۇنچىلىك كۆپ ئوقۇلغانلىقىنى سوراشتىن دۈشمەنلەرچە خۇشال بولۇشاتتى، مەنمۇ ھازىر ئويلىسام ھېچبىرىگە ئىشەنگۈم كەلمەيدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەرنى تېپىپ چىقاتتىم. كېيىنچە، كىتابلىرىم ئاستا-ئاستا پۈتۈن دۇنيادا ئوقۇلۇشقا باشلىغاندا يەنە شۇ ئوخشاش سۇئاللارنى چەتئەللىك مۇخبىرلار ۋە كۈلتۈر يازغۇچىلىرى سوراشقا باشلىدى. مەن كىتابلىرىمنى مۇشۇنداق بىر كىتاب يېزىلسا، بىر ئوقۇسام، دېگەن تۇيغۇدا يازىمەن. بەزىدە دېمەك ھەممە ئادەم مەن بىلەن ئوخشاش تۇيغۇدىكەن، دەپ ئويلاپ قالىمەن. كىتابلىرىمنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك ياقتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىم بەلكىم  باشقا قاراشلىرىمغا ئوخشاش خاتا بولۇشى مۇمكىن. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئادەم خۇددى ئۆز ھاياتىغا ئوخشاش، يازغان كىتابلىرى ھەققىدىمۇ قۇرۇق گەپ سېتىپ قالىدىغان گەپكەن. ئەڭ ئاخىرىغا كىلىپ ئادەمنىڭ ھاياتى كىتابلىرىدىن قىممەتلىك بولىدۇ. لېكىن ھاياتنى مەنىلىك ۋە قىممەتلىك قىلغان نەرسە يەنە شۇ كىتابلاردۇر. يىگىرمە ئىككى يېشىمدا رومانچىلىققا باشلىغاندىن بۇيان ھاياتىم بىلەن كىتابلىرىمنى بىر-بىرىدىن ئايرىيالمىدىم. كەلگۈسىدە كىتابلىرىم ھاياتىمدىن بەكرەك مۇھىم  بولىدىغاندەك ۋە كىشىلەرنى خۇشال قىلىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. ئىنساننىڭ ئەجەل ۋاقتىنىڭ يېتىپ كېلىشى، ئۆزىنىڭمۇ بۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىپ ئىشىنىشى دېمەكتۇر. ماڭا بۇنىڭغا خېلى جىق ھايىلىم باردەك بىلىنىدۇ. چۈنكى مەن بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان 2007-يىلى 4-ئايدا، مەن ئەللىك تۆت ياشتىمەن، ھاياتىمنىڭ يېرىمىدىن جىقراقىنى ياشاپ بولغانلىقىمنى بىلىمەن، لېكىن ئوتتۇز ئىككى يىللىق يازغۇچىلىق ھاياتىمنىڭ نەق ئوتتۇرىسىدا ئىكەنلىكىمگىمۇ ئىشىنىمەن. ئانامنى ۋە باشقا ئوقۇرمەنلەرنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇرغۇدەك ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن ئالدىمدا يەنە بىر ئوتتۇز ئىككى يىل بولۇشى كېرەك.





tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 20:40:20

ئاللاھ خالىسا ئاندىن بىز خالايمىز ،  راستىنى ئېيتسام بۇ ئورخان پامۇكنىڭ بۇ ماقالىسى بۇرۇن مەن كۆرگەن ئاللىقانداق قېلىپلارغا ئوخشاپ قالدى،
مېنىڭ ئىسمىم قىزىل دىگەن كىتاپنىڭ ئۇچتۇن بىرىنى زور سەۋرىچانلىق بىلەن كۆرۇپ چىققان ئىدىم ، بۇداماۋۇ ماقالىسىنى سەل چۇشۇنۇپ ئاشۇ روماننى باشقىدىن كۆرۇپ چىقاي دىگەن ئىرادىگە كەلدىم ،
مېنىڭ ئسىمىم قىزىل دىگەن ئەسىرىدىكى بىر تىللانىڭ ساياھىىتىغۇ دەيمەن ،ئاشۇ ئىسىمدە قاپتۇ ، يوغان بىر كىتاپتىن ئسىىمدە قالغىنى باشتىكى رەسسامنىڭ  ئۆلتۇرۇلۇپ قۇدۇققا تاشلانغاندىن كىيىنىكى ئويلىغانلىرى
باشقدىن ئوقۇپ باقاي جۇما ، ناۋادا ئازراقلا ئىلگىرلەپ چۇشۇنەلىسەم چوقۇم ئىزدىنىشتا ئورتاقلىشىمەن ،  {:92:}

yurak-sadasi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 21:02:32

رەھمەت

gulbike يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 10:38:05

ئايپالتىغا رەھمەت

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 14:37:01

راس... ئاشۇ مىنىڭ ئىسمىم قىزىل دىگەن رومان ھەقىقەتەن غەلىتىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ ئادەمگە... دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر تېخى...

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 22:50:14

ArpatKurban يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 14:37 static/image/common/back.gif
راس... ئاشۇ مىنىڭ ئىسمىم قىزىل دىگەن رومان ھەقىقەتەن غە ...

پەندى نەسىھەت يوقمىكەن؟
ئۇيغۇرلاردەك يازالمايدۇ-ھە!

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 23:35:58

:lol

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 08:10:05

:lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 18:18:09

:lol

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 17:02:19

مېنىڭ ئىسمىم قىزىلنىڭ ئۇيغۇرچە بىرىنچى بېتىنى ھەر قېتىم ئوقۇيمەن يېنىش يېنىشلاپ ،،
ھەر باشلىسام ئوخشاش يەنە  شۇ بىرىنچى بېتىدىن چىقىپ باقمىدىم.
تۈركچىسى بارتى ئوقۇپ باقماپتىمەن، تۇرمۇشنىڭ رەپتارىغا كىرىپ كەتتۇق ،بىكار  بولغاندا  ئاددى، يەڭگىل ،كۆزگە خوشياقىدىغان ۋېيشىن رومانلىرىنى ئوقۇپ :funk:
راستىنى دېسەم ئۇيغۇرچە تەرجخمىسىدىكى ئۇزۇندۇن ئۇزۇن جۈملىلەرنى باشلاپ چۈشىنىش بەك تەس كەلدى . توقماقلاپ كەتمەڭلار،مۇنازىرىگە ۋاقتىم يوق.

President يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 19:48:11

مەندىن تۈركچە كىتاب سورىغانلارغا ئورخان پامۇكنىڭ كىتابلىرىنى تەۋسىيە قىلىپ كەلدىم. ئورخاننى 2009-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى ئەمدى پۈتتۈرگەن يىگىت ۋاقتىمدا تونۇغان ھەمدە ئۇنىڭ ‹‹ دادامنىڭ چامادانى›› ناملىق ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىپ باققان(كېيىن بىلسەم، بۇ ئەسەرنى مەندىن بۇرۇن بىرسى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىپمۇ بوپتىكەن). كىيىن، ئورخان پامۇكنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، نەشىر قىلىنغان ‹‹ يېڭى ھايات ›› دېگەن كىتابىنى ھاياجان بىلەن سېتىۋالدىم لېكىن ھېچ ئوقۇپ كېتەلمىدىم. بۇ كىتاب - مېنىڭ ئۆمرۈمدە ئەڭ زىرىكىشلىق ھىس قىلغان كىتاب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.{:136:}
لېكىن، ئۇزاق ئۆتمەي ‹‹مېنىڭ ئىسمىم قىزىل››نىڭ ئۇيغۇرچىغا نەشىر قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ بىر خىل ئىككىلىنىشدە بۇ كىتابنىمۇ سېتىۋالدىم ۋە شۇنداق ھۇزۇر ئىچىدە بىر قانچە قېتىم ئوقۇۋەتتىم، بۇ كىتابنىڭ بايان قىلىش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئۆزگىچە، ۋەقەلىقلىرى قىزىقارلىق تۇيۇلدى، ئورخاننىڭ بۇ كىتابىنى ئوقۇۋېتىپ، ‹‹نوبىل مۇكاپاتى››غا بىكارغا ئېرىشمەپتۇدە دەپ ئويلىغان ۋاقىتلىرىم بولدى.
ئورخان پامۇكنىڭ بىر قىسىم سۆھبەتلىرىگە قارىسام، ئۆزى رازى بولغان كىتابلىرى ‹‹قارا كىتاب››، ‹‹ قار››، ‹‹ئىستانبۇل: بىر شەھەرنىڭ خاتىرىلىرى›› ۋە ‹‹جەدۋەتبەگ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى›› ئوخشايدۇ، بۇ كىتابلارنىڭ نىمكەشلىرىنى ئىستانبۇل بەيازىتتىكى كىتابپۇرۇشلاردىن سېتىۋالدىم ۋە ئوقۇپ بېقىشقا تىرىشتىم، تۈركچەم بەك ئاجىزمۇ بىلمىدىم، كىتابلارنى ھۇزۇر ئىچىدە تۈگۈتۈشكە قادىر بولالمىدىم، مۇشۇ كىتابلارنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئۇستا تەرجىماندىن بىرى تەرجىمە قىلىپ چىقسا بىر ئوقۇپ چىقىش نىيىتىم بار. ئايپالتىغا رەھمەت

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 20:54:23

تىل ئۆگىنىش جەريانى ھەم كۆڭۈللۈك ھەم ناھايىتى جاپالىق بولىدىكەن. تۈركچىگە بولغان قىزىقىشىم تازا كۈچەيگەن يىللاردا تۈركلەرنىڭ بىر شىركىتىدە ئىشلەپ قالسام بولىدۇ. دەسلەپتە مەقسىدىمنى تۈزۈك ئۇختۇرالماي قىينالغان ئىدىم. تۈركچە ئۆگىنىۋالغۇچە ئىنگلىزچە ئىشلىتىپ تۇرۇش شەرتى بىلەن مېنى ئىشقا ئالغان خوجايىنىم شىركەتكە قەدەم قويار-قويماستىنلا تۈركچە سۆزلەپ تۇرۇۋالغانىدى. نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلار، خاتالىقلار ۋە بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرگەنمۇ بولدى. تەلىيىمگە دۇنيادىكى ئەڭ سۆزمەن(ياكى كوت-كوت)، تەلەپپۇزى ئېنىق ۋە چىرايلىق(خوجايىنىممۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقىدىن تولىمۇ پەخىرلىنەتتى) بىر خوجايىننىڭ قولىدا ئىشلەپ قالغانىدىم. ھازىر ئويلاپ باقسام، بۇ ئادەم بىلەن كۈندە ئون نەچچە سائەت بىرگە يۈرۈپ تۈركچىنى ئۆگىنەلمەيدىغان بىر ئادەمنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەسكەن. كەچۈرمىشلىرىنى ۋە تارىخىي ۋەقەلەرنى تەكرار-تەكرار سۆزلەپ بېرەتتى.  كۆزىگە چېلىققان ھەرقانداق بىر نەرسە بۇ ئادەمنىڭ ئېسىگە نۇرغۇن ئىشلارنى كەلتۈرەتتى ۋە مەن تەرجىمانغا باشتىن-ئاخىر تەپسىلىي سۆزلەپ بېرەتتى. شۇنداق قىلىپ تۈركچىنى بۇ يەتمىش نەچچە ياشلىق سودىگەرنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بازارلاردا، سېخلاردا، ئىسكىلاتلاردا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، ئايروپىلان، تاغ، چۆل، شەھەر ۋە يېزىلاردا بىر ئۆگەندىم. «ئالتە ئايدا سېنى بۇلبۇلدەك سايرايدىغان قىلىۋېتىمەن!» دېگەن ئىدى يېڭى بارغان چېغىمدا. ئالتە ئاي ئۆتكەندە ھەر ھالدا قىينالمايدىغان بولدۇم. لېكىن مەن مەقسەت قىلغان سەۋىيە بۇ ئەمەس ئىدى. خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىققاندىن كېيىن كىتابقا يۈزلەندىم. يەنە بىر تەلىيىمگە، مېنىڭ خوجايىنىم يەتمىش ياشقا كىرگىنىگە قارىماي يېنىدىن كىتاب ئايرىمايتتى. بىز سەپەرگە چىققاندا ماڭا سۆزلەپ بەرگۈدەك ھېكايىلەرنى ئەسلىيەلمىگەن ياكى سەل چارچاپ قالغان چاغلىرىدا توختىماي كىتاب ئوقۇيتتى. مېنڭ كىتابقا بويۇنداپ قاراپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ كۈلۈپ تۇرۇپ: « ئوقۇپ بولۇپلا ساڭا بېرىمەن، سەۋر قىل!» دەيتتى. شۇنداق قىلىپ كىتاب ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتۇق. خوجايىننىڭ ئىستانبۇلدىن پات-پات كېلىپ تۇرىدىغان تۇققانلىرى كىتاب ۋە گېزىتلەرنى ئالغاچ كېلەتتى. مەن تاقىتىم-تاق بولغان ھالدا كىتابلارنىڭ ئوقۇلۇپ بولىشىنى، گېزىتلەرنىڭ ئوقۇلۇپ ئىشخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا تاشلىنىپ قويۇلىشىنى كۈتەتتىم. شۇنداق قىلىپ تۈركچە كىتابلار ۋە گېزىتلەر بىلەن ئوبدانلا چىقىشىپ قالدۇق. تىل سەۋىيەمنىڭ ئېشىشى مېنىڭ شىركەتتىكى ئۈنۈمدارلىقىمنى ئاشۇردى ۋە شىركەتنىڭ «ئولمازسا ئولماز» ئادەملىرىدىن بىرى بولۇپ قېلىشقا باشلىغاندىن كېيىن  ئىشلاردا بەزى ياخشى ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشكە باشلىدى. ئىستانبۇل بىرەرسى كېلىدىغان چاغلاردا «نېمە ئالغاچ باراي» دەپ بىر تېلېفون كېلەتتى. مەنمۇ خېلى ئۆزلىشىپ قالغان بولغاچقا بۇ سۇئال مەندىنمۇ سورىلىدىغان بولدى. « ياۋرۇم، بى شەي ئىستىيورمىسۇن ئىستانبۇلدان؟»... بۇ سۇئال مەن شۇ چاغدا ئاڭلاشقا بەك ئامراق بىر سۇئال ئىدى ۋە جاۋابىم ئاللىبۇرۇن تەييارلاپ قويۇلغان بولاتتى. كىتاب، ناخشا پلاستىنكىسى، لۇغەت، كىتاب، كىتاب...
كېيىن خوجايىنىمغا  تۈركىيە قاناللىرىنى سۈنئىي ھەمرادىن كۆرگىلى بولىدىغان، «قازان» دەپ ئاتىلىدىغان بىر نەرسىنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزدۈم. ئۇ ئىشەنمىدى، مەن قازاننى ئەكەلدۈرۈپ ئۆيدىكى تېلېۋىزورغا ئۇلىتىۋاتقان چاغدىمۇ خوجايىنىمنىڭ كۆزىدىن ئىشەنمەسلىك ئۇچقۇنلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتىم. تېلېۋىزورغا ئۇلاپ بولۇپ ئەمدى كۆرەلەيسىز، دېگەن چېغىمدا كىچىك بالىلاردەك سەكرەپ كەتكەن ۋە دەرھال ئىستانبۇلدىكى ئائىلىسىگە تېلېفون قىلىپ خوشاللىقىنى ئۇلار بىلەن «پايلاش» قان ئىدى... مېنىڭ خوشاللىقىم ئۇنىڭكىدىن ئارتۇق بولسىمۇ بېسىپ تۇرۇشقا توغرا كەلدى، ئەمدى ياتىقىمدا تۇرۇپ كام دېگەندە 50 تۈرك قانىلىنى كۆرەلەيتتىم... شۇ كۆرگەنچە ئىككى ئۈچ يىل كۆرۈۋېتىپتىمەن. بىر كۈنلەردە كۆرگۈم كەلمىگۈدەك دەرىجىدە زېرىكىشكە باشلىدىم، كۈندە ئوخشاش خەۋەر، ئوخشاش ۋەقەلەر، ئايىغى چىقماس تېلېۋىزىيە فىلىملىرى، لايىق تونۇشتۇرۇش پروگراممىلىرى، سىياسىي بەس مۇنازىرىلەر، دىنى قاناللار، مۇسابىقە، كارتون فىلىملەر، ناخشا-مۇزىكىلار...
خېلى كىتاب ئوقۇپتىمەن، نەچچە يۈز، ھەتتا مىڭ قىسىمغا يېقىن تېلېۋىزىيە فىلىمى ۋە كىنو كۆرۈپتىمەن، نۇرغۇن ناخشا ۋە شېئىرلارنى يادلاپتىمەن، تۈركلەر بىلەن نەچچە يىل بىر ئۆيدە ياشاپتىمەن. تۈركچەمنىڭ يامان ئەمەس بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرغان بولساممۇ لېكىن «پېچەت» بولۇپ كېتەلمىگەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم. گەرچە بۇ شىركەتتە ئىشلەپ ئىككى يىلدىن كېيىن خوجايىنىم بىر كۈنى بىر ئەرمەن خېرىدارىمىزغا مېنى تونۇشتۇرۇپ « تام بى تۈرك ئولدۇ ئارتىك» دېگەن چاغدا خوش بولغان بولساممۇ يەنە بىر نەرسىلەر كام ئىدى.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 20:54:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aypalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-2 21:21  

ئەمدى بەزىدە ئانچە -مۇنچە ئاڭلاپ قالىدىغان «تۈركچە بەك ئاسان، ئۇيغۇرچىغا ئوخشايدۇ، نەچچە ئايدا ئۆگىنىپ بولغىلى بولىدۇ» دېگەن گەپلەرگە نېمە دېيىشنى بىلەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم. ئورخان پامۇكنىڭ ھەممە كىتابىنى ئۈستىلىمگە دۆۋىلەپ قويۇپ بىر باشتىن ئوقۇپ چىقماقچى بولدۇم. ئوقۇشقا باشلاپ تەرجىمە قىلغۇلىرىم كېلىپ كەتتى. «جىمجىت ئۆي»، « مەنزىرەدىن پارچىلار»، « ساددا ۋە ئويچان يازغۇچى» ناملىق رومان، ئەدەبىي خاتىرىلەر ۋە ماقالىلەر توپلىمىنى تەرجىمە قىلىپ باقتىم. بۇ جەرياندا تەرجىمە قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئوقۇش شەكلى ئىكەنلىكىنى، ئانا تىلدا ئوقۇشنىڭ ئەڭ ھۇزۇرلۇق بولىدىغانلىقىنى شۇنداقلا يېقىن تىللارنى تەرجىمە قىلىشنىڭ قىلچە يېقىنلىقى يوق تىللاردىن تەرجىمە قىلىشقا قارىغاندا تەسرەك بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن...

President يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 23:52:07

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 20:54 static/image/common/back.gif
ئەمدى بەزىدە ئانچە -مۇنچە ئاڭلاپ قالىدىغان «تۈركچە بەك ...

تۈركىيەگە كەلمەي تۇرۇپ، تۈركچىنى خېلى ياخشى ئۆگىنىپسىز، ئاپىرىن. مەلەك دېگەن قىزمۇ تۈركىيەگە كەلمەي تۇرۇپ تۈركچە ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان، سىزنىڭ ھېكايىڭىزنى ئاڭلاپ بىر زامانلار تۈركچە ئۆگەنگەن ۋاقىتلىرىم ئېسىمگە كەلدى.
ھەقىقەتەن، تۈركچە دېگەن بۇ تىلنىڭ ئالتە ئاي ئىچىدە ئۆگىنىپ بولالايدىغان تىل ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىشىمىز كېرەك ئىدى، ئەسلى بۇ سۆزنى «ئالتە ئاي ئىچىدە ئاڭلاپ چۈشەنگىلى بولىدۇ» دېسەك توغرا بولىدىكەن دەپ ئويلايمەن، بولۇپمۇ «تىل ئۆگىنىش تالانتى بارلار ئۈچۈن». مۇشۇ ئىستانبۇلدا بىر يىل تۈركچە ئۆگىنىپ، تىلنى قاملاشتۇرۇپ دېيەلمەيدىغان بالىلارنى خېلى بىلىمەن. شەخسەن ئۆزۈممۇ، نورمال تۇرمۇشتا ئانچە قىينالمىساممۇ، مەكتەپكە كەلگەندە خېلى قىينىلىپ قالىمەن.

تەرجىمىلىرىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنامەن.

President يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 23:53:33

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 20:54 static/image/common/back.gif
ئەمدى بەزىدە ئانچە -مۇنچە ئاڭلاپ قالىدىغان «تۈركچە بەك ...

پۇرسەت بولسا، تۈركىيەگە كېلىپ تۈركىيەنى ياشاپ كېتىڭ، تۈركىيە تۇرمۇشىنى چۈشۈنۈش كېيىنكى تەرجىمە ئىجادىيىتىڭىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بولغۇسى.

Gulbilig يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 11:49:05

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئورخان پامۇكنىڭ مېنىڭ ئىسمىم قىزىل دېگەن كىتابىنىڭ يانغۇن نۇسخىسى بارمۇ ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 15:24:26

Gulbilig يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 11:49 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئورخان پامۇكنىڭ مېنىڭ ئىسمىم قىزى ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مەن تازا بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن. ھېلىغىچە بىلىدىغان بالىلار جاۋاپ يېزىپ قالارمىكىن...

Gulbilig يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 16:19:32

باشقا  كىتاپلىرى بولسىمۇ بولاتتى،،،،بىزنىڭ ناھىيدىكى كىتاپخانلاردىن تاپقىلى بولمىدى،،،ئاۋارە قىلدىم ،تەشەككۈر

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: [1] 2
: ئورخان پامۇك: ھاياتىم ھەققىدە