jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 17:37:16

بىر ئادەمنىڭ ئىچكى جېڭى(ئۇرۇشى)


مەن ئىشقا مېڭىش يولىدا
ھەر كۈنكىدەك بۈگۈنمۇ يەنە
كۆكسى يوغان ھېلىقى قىزنى كۆرۈپ قالدىم.

ئۇنىڭغا قىزىقسىنىپ ماڭغاچ سەپ سالدىم،
توغرىراقى ئۇنىڭ يوغان تولغان كۆكسىگە ئوغۇرلىقچە قارىدىم،
ئاندىن ھەممە ئۇيغۇر ئەرلىرى چۈمىدىغان لەززەتلىك خىيالغا چۈمدۈم.

دەل شۇ چاغدا ،دەل ئاشۇ سەلتەنەتلىك جىنايەتلىك مىنۇتلاردا،
دەل ئاشۇ گۇناھقا تولغان سېكۇنتلاردا،
دەل ئاشۇ  فىزولوگىيەلىك شىرىن  ئىنكاس تېنىمدە يۈز بېرىۋاتقان دەقىقىلەردە....
تىبەتلەرنىڭ تۈرلۈك ھەركىتى،
ئولىنپىك مەشئىلىنىڭ توسۇلىۋاتقىنى،
تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇلماقچى بولغانلىقى،
ئوباما،ھىلارىلارنىڭ جوڭگۇ ماسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرى،
ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئېتىز بېشىدا سۇ تالىشىۋاتقانلىقى.........
توساتتىنلا يادىمغا كەلدى.

مەن نېمە ئۈچۈن بۇنداق خىيالغا كېپ قالدىم؟
ھە...تاپتىم...تاپتىم....
بارلىق ئۇيغۇر ئەرلىرى ئىككى نەرسىگە قىزىقىدۇ:
ئۇنىڭ بىرى مۇھەببەت،يەنە بىرى سىياسەت.
بارلىق ئىستەكلەر مۇشۇ ئىككىسى ئۈچۈنلا قۇترايدۇ....
بارلىق پاراڭ مۇشۇ ئىككىسى بىلەنلا قىزىيدۇ...
ئۇيغۇرلاردىكى بارلىق تۈرمىگە  كىرىشنىڭ سەۋەبى مۇشۇ ئىككىسى بىلەنلا بولىدۇ......
  
يەنە دەل شۇچاغدا
كۆكسى يوغان ئۇ قىزنىڭ قولىدىكى بىر نەرسە چۈشۇپ كەتتى
ئاھ........
تۇيغۇ-ھېسسىياتلار ئەۋجىگە چىقىدىغان مىنۇتلار يېتىپ كەلدى.
ئەمدى ئوغۇرلۇقچە قاراشتىن دادىل قاراشقا ئۆتمىسەم بولمايتتى.
چۈنكى
بۇ گۈزەل دەقىقىلەرنى ئوبدان ئەستە ساقلىۋېلىش كېرەكتە....
تولغان ئەمچەك.....
ئەتتىگەنلىك قۇياش نۇرىدا يالتىرىغان قىسىلچاقتىكى مېدالىيون....

گۈزەل مىنۇتلار ئۆتۈپ كەتتى
ئۇنىڭ ساغرىسى يېنىك تەۋرەنمەكتە
ئۇنىڭ ئوبرازى قەلبىمدە ئېرىپ كەتمەكتە
ئۇ كوچا دوقمىشىدىكى ئۆلگۈر بېكەتتە
ھەر كۈنكىدەك ئادەملەر توپى ئىچىدە
غايىپ بولدى،يوقالدى،كەتتى......

مەن قايتىدىن
تىبەتلەر ۋە ئولىنپىك ھەققىدىكى خىيالىمنىڭ داۋامىغا قايتىپ كەلدىم
. مېنىڭ ئەمدى ئۆزۈمنى باھالىغۇم يوق
كەڭ دېڭىزغا ۋۇجۇمنى تاشلىدىم.
پەقەت دېڭىزغا :
ئاقتۇرە،قېنى كارامەتلىرىڭنى بىر كۆرەي بۈگۈن ،دېگۈملا بار......

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 21:53:14

نۇرغۇن ئىشلار سەۋەپلىك جەمىيەتنىڭ قالايمىاقنچىلقى زىدىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىششى زىيادە سەزگۈرچانلىق ،بىخەتەرلىك تۇيغىسنىڭ پەقەتلا يوقاپ كىتىشى ئادەملەر ئارسىدىكى ئىشەنەچسىزلىك  ،،،،،،،،يەنە نۇرغۇن بىسىملار ،،،ئاستىدا
مەندە نورمال پىسخىكا بولشى مۇمكىنمۇ زادى :@:funk::(

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 22:05:25

مەرھۇم روزى سايىتنىڭ بىر شىئېرى بولىدىغان .

قوپىۋالسا ياتمىغان ئوغرى .
يېتىۋالسا قوپمىغان ئوغرى.
ئىگىسىنى ئىزاغا قۇيۇپ .
ئۈزۈ ئىزا تاتمىغان ئوغرى.

شىئېر ئوننەچچە كۇپلىت بۇلۇپ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنمىغان قارىسام يالىڭاچ تۇيغۇدىن ھۇزۇر ھىس قىلىدىغانلار كۆپتەك قىلىدۇ .
تىمىدىكى شىئېرنى نورمال دەپ قارىساڭلا بۇ شېئىردىنمۇ ھۇزۇرلىنىڭلا خالىساڭلا ئايىغىنىمۇ يوللاپ قۇياي.

alparabi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 22:39:00

يوللىڭە كۆرۈپ باقىلى

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 23:08:52

ئۇشبۇ سۆزلىرىڭىز قارىماققا ئاددىدەكتۇرسىمۇ ،ئەمما مەنىسى شىكىسپىرنىڭ ئەسىرىدىن،بالۇن قاپىيىنىڭ شېئىرىدىن چوڭقۇركەن،مۇشۇ بىر نەچچە كەلىمە سۆزىڭىزدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بەش مىڭ يىللىقئەقىل پاراسىتى مۇجەسسەم بوپتۇ،مەن ئۇقۇغان شۇدەمدە قەلبىمنىڭ تارىم دەرياسىدەكئۆركەشلەپ ،يانارتاغدەك يالقۇنقۇنجىغىنىنى ھىس قىلدىم، ھاياجاندىن تىلىم بىر مىنۇتئون ئۈچ سېكۇنىت گەپكە كەلمەي قالدى،سۆزلىرىڭىز كۆڭلۈمنى ئاتمىش ۋاتلىقلامپۈچكىدەك يۈرىتىۋەتتى ،ئۆزەمنىڭ شۇنچە يىللاردىن بىرى زۇلمەت ئىچىدەياشاۋاتقانلىقىمغا ،تۇغۇلۇپلا سىز نى ئۇستاز تۇت مىغىنىمغا ئىككى مىڭ بىرپۇشايمانلا قىلدىم،ھېلىھەم سۆزلىرىڭىزنىڭ مەركىزى ئىديىسنى ئۈچ كۈن تەتقىق قىلىپ،ئۆگۈنۈپ،ئىزچىللاشتۇرۇپ،ئۆزەمگە ئۆمۈرلۈك قىبلەنامە قىلىشنى قارارقىلدىم،سىزنى تەربىلىگەنئاتىڭىزغا،ئۇستازىڭىزغا ئۇلۇغ پارتىيىگە تەشەككۈرلەر بولسۇن。




ئۇشبۇ يازمىنى پەش چېكىتلىرىگىچەتەپسىلىي كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، خېلىغىچە ئۆزۈمنى تېنچلاندۇرالمىدىم. سىلكىنىش!غايەت زور سىلكىنىش! قانداقسىگە بۇ دەرىجىدە ئېسىل يازما بولىدىغاندۇ! تور ئارىلاپيۈرگەن تالاي يىللاردىن بېرى، مېنى تەسىرلەندۈرگىدەك بىرەر يازما چىقمايدۇ دەپئويلاپتىكەنمەن. بۇگۈن بۇنچىۋالا ئېسىل، ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان يازمابىلەن ئۇچرىشىشىم ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرمەپتىكەن!



ئاھ تەڭرىم،مەن نىمىگە ياشىدىم ! بۇ گەپلىرىڭىزنىڭ ئالدىدامەن چىقارغان نەرسىلەر پوقكەن.ھايات مۇساپەمگە ماياك بولغۇدەك،ئۇخلاۋېتىپجۆيلۈگىدەك،تورۇسقا چاپلاپ قويغۇدەك،رادىيو-تەلىۋېزىيەلەردە مودا بولغۇدەك،ئوباماشىجىنپىڭلارغا كۆرسەتكىدەك مۇشۇ پاراڭىڭىز ئۈچۈن نەچچە قېتىم مېھمان قىلىپئالدىڭىزغا ئىككى مېتىر سۆكنۈي چاپانلىق بىلەن تۆت بولاق چاقماق قەنىت قويغۇمكىلىۋاتىدۇ.بولسا ئۈنىڭىزنى ئۈنگە ئاۋالغۇم كەۋاتىدۇ


يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 01:01:22

يۇقىرىدىكى پىكىرگە مەن قېتىلىمەن.

ezijan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 01:15:48

بۇ تېما ئەرلەر ئۈچۈن يېزىلىپتۇ. :lol:lol

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 05:05:19

ياخشى يېزىلغان شىئېر ئىكەنغۇ. ئەتــــــــــــــــــــــــــــتىگەندە بىر ماختىۋېتەي.:lol

شەخسەن كۆز قارىشىم تار رامكىغا كىرىۋالغاندەك تۇيغۇ بەردى. ئەركىن يېزىڭلار دەيمەن.
يەنە بىر تەۋسىيەم، قوپال ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەي سىپايە يېزىڭلار شىئېر دىگەننى.
مىسال ئالسام، سىيگۈم كېلىپ كەتتى دەپ بىۋاستە ئىپادىلىمەي، دوۋسىقىم چىڭقىلىپ كەتتى، ھازىرلا تېشىپ كېتىدۇ دەپ  ئىپادىلەش كېرەك.:lol:lol  شۇنداق يازساڭلار ئاندىن ھەممىسى رازى بولىشىدۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 08:12:51

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 08:26:44

مەن بىر ھەقىقەتنى  بايقىغاندەك قىلىمەن


شەھۋەت ئۇتىدا كۆيگەنلەر
شۆھرەت كىيمىنى كىيگەنلەر
دېڭىزنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ئۆلچەشنىڭ ئۆزىگە ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ چوڭقۇرلۇقنى ئۆلچەشكە ئۇرۇنىۋاتقانلا
مەن بىر ھەقىقىتنى بايقىغاندەك قىلىمەن:
ئەسلىدە بۇ ھايات بەك ئاددى ئىكەن
ئۇنىڭغا ئارتۇقچە مەنە يۈكلىۋېلىشنىڭ پەقەتلا ھاجىتى يوق ئىكەن.
چۈنكى پايپاق دېگەن پايپاق
ئۇنىڭ شەكلى تاپانچىغا ئوخشاپ قالغانلىقى ئۈچۈن تاپانچا بولۇپ قالمايدۇ
ھاياتتىن مەنە ئىزدىگەندىن كۆرە
بىر ياخشى كىتاپ كۆرسەڭ ياكى بىر ئوبدان كىنو كۆرسەڭ تېخىمۇ كۆپ ھاسىلاتقا ئېرىشىشىڭ  ناھايىتى ئېنىق.
تومۇرۇڭنى تۇتسا ، دوراپۇرۇش:
باھ ئاجىزلاپتۇ دەيدىغانلىقى ئېنىق.
مەكتەپكە بالاڭنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگىنى بارساڭ،مۇئەللىم:
ئەھۋالى ياخشى ئەمما يەنە تىرىشمىسا بولمايدۇ دەيدىغانلىقى ئېنىق.
ئەللىك-ئاتمىش ياشلىق ئادەملەر بىلەن پاراڭلىشىپلا قالساڭ
مەدەنىيەت ئىنقىلابى ھەققىدە سۆزلەيدىغانلىقى ئېنىق.
پۇل تېپىشنىڭ گېپى چىقىپ قالسا  ھەممەيلەن
ئۆي باھاسى، پاي چېكى ،فونىد ياكى قىرغىزىستاندىكى توربازا  توغرىسىدا گەپ قىلىدىغانلىقى ئېنىق.
ھەتتا بىرەر يەرنىڭ سېكىرتارى بىلەن سۆزلەشسەڭ
مىللىتى ھەققىدە قايغۇرىدىغانلىقى ، لېكىن ئامالنىڭ يوقلىقى ئۈستىدە گەپ ساتىدىغانلىقى ئېنىق.

........

ئىش مۇشۇنچىۋالا ئېنىق تۇرسا
يەنە نېمىگە ھۇلۇقۇپ ، پالاقشىپ ، ئەسلىدىنلا  تۆكۈلۈپ بولغان  ئابروينىڭ ئارقىدا يۈرۈيمىز؟؟؟
چىرايلىق قىزلارنى كۆرسەك تىپىرلاپ كېتىدىغىنىمىز ئېنىق.
چۈنكى بىز ئۇيغۇر ،
ئۇيغۇر دېگەن خوتۇنپۇرۇش تۇرسا دەپ چاخچاققا يۆلەپ ئۆزىمىزنى بەزلەيدىغىنىمىز ئېنىق.
مۆرىتى كەلسە ئون سومدىن ۋاز كېچەلمەيدىغان ئەھۋالىمىزغا
خوشنىمىزنىڭ ئاغرىپ قالغان بالىسىنى يوقلاپ ،
ئۇمۇ بىلىدىغان يالغان گەپ بىلەن بەزلەپ قويۇشنى بىلمەيدىغان ئەھۋالىمىزغا
تېخى ئۆزىمىزنى شائېر، مۇئەللىم ....دەپ ئاتىۋېلىشىمىز ئېنىق .

ۋايەي، ۋا ي قوۋرىغام......


ئەھۋال شۇنداق ئاغىنىلەر، ھايات شۇنداق ئاددى
پەقەت ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ
پەيغەنبىرىمىز تارىخى ھەققىدە ئويلۇنۇشلا ئادەمگە چوڭقۇر بىر پىكىر ئاتا قىلالايدۇ .
بولمىسا ھاياتنىڭ باشقا تەرىپى شۇنداق ئاددى .
ھەئە ، مەن مۇشۇنداق بىر ھەقىقەتنى بايقىغاندەك قىلىمەن.

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 08:29:09





سېرىق يۆگەي

سەن ياشايسەن پارازىتلارچە
سېنىڭ ھاياتى كۈچۈڭ ئۈنىۋېلىشقىلا ئاران يېتىدۇ
خۇددى تۇغۇلىۋېلىپلا ئوغۇرلۇق بىلەن جان باقىدىغان رەزىل ئوغرىدەك.



ئەي ھەقىقەت،
ئەي ۋەتەن،
سېرىق يۆگەيلىرىڭ چەيلىمەكتە سېنى خىرامان
شورىماقتا سەندىن قىزىل قان.

سېرىق يۆگەي يىلتىزى يوق ئۆسۈملۈك
ئۇ سىمۋولغا تازا يارايدۇ
ئەتراپىغا قورقۇنۇچ بىلەن قارايدۇ .


ئەي، مېنىڭ سېرىق يۆگەيدەك ناتونۇش قېرىندىشىم
سەن ئەجىر قىل،
ھەم ئۆزۈڭنى بىل.



يىلتىزى يوق سېرىق يۆگەيدەك ئەر بىر ئايال،
ئۇ ئىپلاسلىقنى قىلىۋېرەر بىمالال.
يىلتىزى بار مۇختەك ئاددى ئايال بىر ئەر،
چاقنايدۇ بولۇپ چىنتەمەنى ئەڭگۈشتەر.

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 08:30:40





مەن شىېئر يازمىدىم ھەم يازالمايمەن

مەن شېئىردىن ئۆچ ئېلىۋاتىمەن

ئۇيغۇرلار 2000يىلدىن بۇيان چوڭ  كۆرگەن  بۇ نەرسە

ئۇيغۇرغا ھېچ ئىش قىلىپ بەرگىنى يوق

شۇڭا ئانىسىنىڭ ھەققى يوق ئۇنىڭ تومۇرلىرىمىزنىڭ قېتىغا كىرىۋېلىشىغا.

مۇھەممەدئەلى ئەپەندى زور ئۈمىد كۈتكەن

ئابدۇخالىق ئۇنىڭ تۇرخۇنى بولۇپ بەرگەن

قېنى ، ئۇنىڭ ئاخىرىدا بىزگە بەرگىنى؟

كۆتۈرسۇن قاسقىنىنى

تېزىكىنى تەرسۇن ئۇ

جىن ئۇۋىسىدا.



يۈزى قېلىن مىھمان ئۇ

شۇڭا مەن ئۇنىڭ قاپىيەسىنى بۇزىمەن

ۋەزىن،تۇراقلىرنى گۇمراھلارغا سەدىقە  قىلىمەن.

ئۇ مەشرەپكە نېمە كۈننى كۆرسەتمىدى؟

ئابلىز مەخسۇمنى قانچىلىك ئۈمىتسىزلەندۈرمىدى؟



شۇڭا مەن ئۇنىڭ رېتىملىرىغا چېقىلىمەن

شەكىللىرىنى كۆزگە ئىلمايمەن

ئۇ ئۇيغۇر تاللىغان خاتا ۋاستە

بۇرادەرلەر ،

ئۇنىڭ ھېچنىمىسى قالمىسۇن ئەستە.



تۇنيۇقۇق نەزمە تۈزگەنمۇ؟

ئالىپ ئارسىلان شېئىر يازغانمۇ؟

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا شېئىرنى قىلىچ قىلغانمۇ؟

ئابدۇنىيازچۇ؟؟؟ ياق، ياق، ياق......

ئۇ بىر بۇدۇشقاق

ئۇ بىر بىشەم خوتۇن چىرقىراق.



شېئىرمۆرىتى كەلسە پادىچىنىڭ تايىقىچىلىك نەرسىمۇ ئەمەس،

بۇزايلى شېئىرنىڭ  مىڭ بايراقلىق ئۆيىنى

چاقايلى ئۇنىڭ مازارلىرىنى

تاۋاپچىلىرى تاپسۇن ھەقىقى قىبلىسنى.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 09:15:33

مەن قىسىلىۋېلىپ ھەجەپ ئىش قىپتىمەن.:lol
قورقماي تۇرۇپ ئىنكاس يازغىدەك ياكى قوساقتا ئۇماچ يوق. شائىرلارغا بېرىۋېتەي سورۇننى.{:214:}

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 15:58:43

مېنىڭ بىر تال ھەسەل  ھەرىسى بولغۇم بار



داۋاملىق ئۆزۈمنىڭ دۇنيادا ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلىمەن

لېكىن دەرىسخانىدا

مەن يېڭىلمەس سەركەردە ئالىپ ئەرتۇڭا

يۈز مىڭ كىشلىك قوشۇنغا باشچىلىق قىلىۋاتقان.

پۇت ئۇۋلۇتىشقا ماڭغاندا بولسا  ئۆزۈمنى تازا مەسخىرە قىلىمەن

لېكىن بۇنىڭدىنمۇ قۇتۇلۇشنىڭ ئامالى بار

چۈنكى

سىرتقى تەسىرلەر بىر دېڭىز

مەن بىر سارغايغان يېنىك سامان

دېڭىزدا خالىغانچە بىخۇد ھالدا خوشال ئاققان.

يەنە كېلىپ مەن بولمىساممۇ

خوتەننىڭ  سامپولدىن تېپىلغان جەسەتلىرىنىڭ يىل دەۋرىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ

ئەرزىمەس دۆلەت ئېكۋاتور گىۋىنىيەسىدە بۇلاڭچىلىق يۈز بېرىۋېرىدۇ.



مەن ساھابىلەر تارىخىنى مەست بولۇپ ئوقۇغۇچى

ئەخىرەت ئېشىكىكە خوشال توقۇم توقۇغۇچى

ھەم يەنە رادىكال دىنى ئۇنسۇر بولۇشتىن ساقلانغۇچى

ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىپ ئەمەس ، بەلكى مۇلاھىزە قىلىپ زوقلانغۇچى

تراگىدىيەنىڭ نېمىلىكىنى  راستلا بىلمەيمەن

ئەمما  ئۆزۈمدە تىراگىدىيەنىڭ يۈز  بېرىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىمەن.



مېنىڭ بۆرە ،يولۋاس بولغۇم يوق

ھەم بولالمايمەن

مېنىڭ بىر تال ھەسەل  ھەرىسى بولغۇم بار
بىر ئىشچى ھەرە

ساندۇقىغا مىننەتسىز ھەسەل توشۇيدىغان
مۆرىتى كېلىپ  زەھەرلىك شىرنە ئېلىپ كەلسە
قاراۋۇل ھەرە تەرىپىدىن شەرتسىز ئۆلتۈرىلىدىغان__
پۇشايمانسىز ، ئارمانسىز ، ناھايىتى تەبئى.........

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 16:38:14

:lol

NIRWANA يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 17:08:03

بۈگۈن تالاشنى كەسىپ قىلغان

  بىكار تەلەتلەرنىڭ بىرسىمۇ كۆرۈنمەيدىغۇ




yurak-sadasi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 18:39:50

ھەرقانچە  ئۆزىڭىزنى مەن  شېئىر  يېزىش ئۈچۈن  تۇغۇلغان ياكى  شېئىر  مېنىڭ تەقدىرىم دەپ  ئويلىۋالغان  بولسىڭىزمۇ  سىزگە بىر  تەكلىپ بېرەي
سىز  ئەڭ  ياخشىسى  ھېكايەپوۋسىت ياكى  رومان بولامدۇ  شۇنداق  نەرسىلەرنى      
يازسىڭىز چوقۇم  ياخشى يازالايسىز بۇ  شېئىرلىرىڭىزدىكى  تۇتقىلار  بىلەن  خېلى  ھېكايىلەرنى  يازغىلى  بولىدۇ  مېنىڭچە
شېئىر سىزگە ياكى  سىز  شېئىرغا پەقەتلا  ماس چۈشمەپسىلەر راستىنلا
بەت: [1] 2
: بىر ئادەمنىڭ ئىچكى جېڭى(ئۇرۇشى)