‹ كىم بىلەن ›
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tarsa101 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-29 15:38{كىم بىلەن}
ھاياتىمغا كىم ھەمراھ ئۈتەلەيمەن كىم بىلەن ،
تەقدىرىمنىڭ سىنقىغا كۈنەلەيمەن كىم بىلەن .
ئالدانغۇم يوق سۆيگۈدە ياشاپ كەلدىم ھەم تەنھا ،
نەدە يۈرۈپ قىسمەتتە ئۇچرىشىمەن كىم بىلەن …
بىرنى قۇيۇپ كىتەركەن بىرى چۆلدە بۇرانغا ،
قالسام مەنمۇ بۇراندا تۈنەلەيمەن كىم بىلەن .
ھىجران تېغى باساركەن قىيناپ ھىجران ئازاپتا ،
كۈلپەت ، ئازاپ ،ھىجرانغا چۈكەلەيمەن كىم بىلەن .
ئاتا-ئانام تايانچىم. ھەم ئىززىتىم ھاياتىم ،
رازى قىلىپ ئۇلارنى كۈتەلەيمەن كىم بىلەن .
قارا بولسا بىر كۈنلەر كۈن چۈشسە گەر بىشىمغا،
مۈشكۈل كۈنلەر قوينىدىن ئۈزەلەيمەن كىم بىلەن .
ياندىشىپ قويدۇم ، ئەدەپسىزلىكىمنى كەچۈرەسىلەر !
2014-08-28“كۈنى ”
مارالبىشى 《巴楚》
ئاپتۇرى : ياسىنجان ئەيسا تەرسا
مارالبېشىنى خەنسۇچە باچۇ دەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم بىلىۋالدىم. بارچۇقنى مارالبىشى دەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قىتىم بىلۋالدىم ئەخلەت . مۇشۇ بېغىرمۇ، يېغىرمۇ دىگەن بالىنىڭ ئاغزىدىن نىمە چىقىدىغانلىقنى زادىلا بىلەلمىدىم.
باشقىىلار مىڭبىر جاپادا بىر نەرسە يازسا،. ئەشتاقمۇ گەپ قىلغان بارمۇ. ئەمگەك قىلغاننى ئىززەت قىلىشنى، ئىززەت قىلالمىساقمۇ، زۇۋانىمىزنى يىغىشنى، زۇۋانىمىزنى يىغالمىساقمۇ ئىززىتىگە تەگمەسلىكنى ئۈگۈنىلى مانداق. begir يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 03:11 static/image/common/back.gif
ئەخلەت .
:lol Qarabeg يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 08:56 static/image/common/back.gif
مۇشۇ بېغىرمۇ، يېغىرمۇ دىگەن بالىنىڭ ئاغزىدىن نىمە چىق ...
مەن نورمال ئىنكاسىمنى يېزىلىۋېرىمەن . سىز مېنى تەنقىد قىلىپ ياخشى ئاكاش بولۇۋېرىسىز ...نەرى يامان بۇنىڭ ؟ begir يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 21:26 static/image/common/back.gif
مەن نورمال ئىنكاسىمنى يېزىلىۋېرىمەن . سىز مېنى تەنقىد ...
ئىزدىنىش مۇنبىردىكى ئۇقۇرمەنلەرنىڭمۇ ئەخلاق ئۆلچىمنى بىلىۋالغاندەك بولدۇم !!! تاققا-تۇققا نەرسىلەرنى ئەخلەتكە ئوخشاتماڭلار ئىنسانلار ... ئەخلەتنىڭمۇ پايدىلىنىش قىممىتى بار نەرسە تۇرسا ئۇ ... بېغىرغا ئەگەشتىم ياسىنجان ئەيسا تەرسا !
{كىم بىلەن} ،
2014-08-28“كۈنى ”
مارالبىشى 《巴楚》
بەت:
[1]