taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 11:54:44

مۇۋاپىقىيەت قازانغانلار ئەتىگەندە قىلىدىغان 5 ئىش

مۇۋاپىقىيەت قازانغانلار ئەتىگەندە قىلىدىغان 5 ئىش

مەيلى خالاڭ ياكى خالىماڭ ، ئىشقا بېرىشتىن بۇرۇنقى ئەتىگەنلىك ۋاقىتتىن پايدىلىنىش بەلكىم بىرخىل مۇۋاپىقىيەت ياكى ساغلام تۇرمۇش ئۇسسۇلىنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولسا كېرەك . سەھەر تۇرۇش ھەقىقەتەن چوڭ شېركەتلەرنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى ، رەھبەرلەر ۋە باشقا تەسىرى چوڭ ئەربابلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى، مەسىلەن ساچىر خانىم ھەر كۈنى ئەتىگەن 00؛5 دە تۇرىدىكەن، بىناكارلىق ئۇستىسى فىرانىك لويىت ھەر كۈنى سائەت 4 تە كارۋاتتىن چۈشىدىكەن، دېسنىي شېركىتىنىڭ باش ئىجىرائىيە ئەمەلدارى روبىرىت سەھەر سائەت 30؛4 دا ئويغىنىپ بۇلىدىكەن، مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىدىن مۇنداق يەكۈن چىقتى؛ سەھەردە ئادەمنىڭ ئاكتىپچانلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى بۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ساغلاملىققا نىسپەتەنمۇ پايدىسى چەكسىز، مۇۋاپىقىيەت قازانغانلار ئادەتتە ئەتىگەندە مۇنداق 5 ئىشنى قىلىدۇ.
بەدەن چېنىقتۇرۇش؛ سەھەردە بەدەن چېنىقتۇردىغان ئادەم كۆپ ، مەيلى ئۇ چېنىقىش يولىنى تۇتسۇن ، ئىشقا بېرىشتىن بۇرۇن بەدەن چېنىقتۇرغان ئادەم كۈن بۇيى جۇشقۇن ھالەتتە بۇلىدۇ، بۇ تۇلۇپ تاشقان ھاياتى كۈچ ئادەمنى مۇۋاپىقىيەتكە يېقىنلاشتۇرىدۇ، سەھەر دە چېنىقىش يەنە ئادەمنى ئاپتۇبوستا مۈگدەپ قالمايدىغان قىلىدۇ، ناۋادا سىز سەھەر ئورنىڭىزدىن 15 مىنۇت بۇرۇن تۇرۇپ ، كارۋاتتا بىر يۈرۈش ئاددىي قورساق قاتلاش ، سۇزۇلۇش ھەركىتى ئىشلەپ بەرسىڭىز ، شۇ بىر كۈنلۈك خىزمەتنى ناھايتى نەتىجىلىك تاماملايسىز.
بىر كۈنلۈك پىلان تۈزۈش؛ تەپسىلىي كۈنتەرتىپ تۇرغۇزۇش؛ ئىشلارنى نىشان ۋە ۋاقىتقا قاراپ تەرتىپ بىلەن قىلسىڭىز ئىقتىدارىڭىزنىڭ تۇلۇق جارى بۇلىشىغا شارائىت يارىتالايسىز، سەھەر ھەقىقەتەن ياخشى پەيىت ، چۈنكى بۇ چاغ ئادەمنىڭ پۈتۈن بىر كۈندىكى ئەڭ جىمجىت ۋاقتى، ئادەم بۇ چاغدا مەسىلىنى تېىىمۇ چۇڭقۇر ئويلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشنى ۋاقىتقا قاراپ تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرغاندا. چوڭقۇر ئويلاش ئاساسىدا كۈنتەرتىپكە كىرەگەن بۇ ئىشلارنىڭ ئورۇنلانمىقى ئاسانغا چۈشىدۇ،
بىراق كۈنتەرتىپ تۈزگەندە فىزىلوگىيىلىك ساغلاملىققا دېققەت قىلىڭ ، يىغىندىن كىيىن ، ئون مىنۇت ئارام ئېلىش ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، تېز قەدەم بىلەن كوچا ئايلىنىڭ ياكى ئۈستەل ئالدىدا سۈكۈتتە ئولتۇرۇپ چوڭقۇر ئويلىنىڭ .
قۇۋەتلىك ناشتا؛ بىر كۈندىكى ھەرخىل ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ، ئامال بار بەدىنىڭىزگە ئېنىرگىيە تۇلۇقلاڭ، بۇ تەدبىرنىڭ دېققىتىڭىزنى يىغىپ قۇلىڭىزدىكى خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىڭىزغا پايدىسى بار، قۇۋەتلىك ناشتا ساغلاملىقىڭىزغا پايدىلىق بۇلۇپلا قالماي ، يەنە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ياخشى پەيىت ، ناشتىدا بالىڭىز ياكى جۆرىڭىز بىلەن بەش مىنىۇت بولسىمۇ پىكىر ئالماشتۇرالايسىز، ھەمدە روھىي ھالىتىڭىز كۆتىرەڭگۈ ھالدا ئۆيدىن چىقىسىز.
تەسەۋۋۇر قىلىش؛ بەزىدە فىزولوگىيىلىك ساغلاملىقىڭىزغا ئېتىبار بىرەلمەي قالسىىز، ئەمىليەتتە سەھەردە مېڭىنى تىنىچلاندۇرۇپ، چۇڭقۇر تەپەككۇر قىلىدىغان ۋە تەسەۋۋۇر قلىدىغان مۇھىم پەيىت ، شۇڭا بىر ئاز ۋاقىت سەرىپ قىلىپ زېھنىڭىزنى يىغىڭدە ، شۇ بىر كۈن قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغىنىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈڭ . گەرچە بۇ تەسەۋۋۇر ۋاقتى بىر مىنۇت بولسىمۇ ، لىكىن ئۇ كەيپىياتىڭىزنى جانلاندۇرۇپ شۇ بىر كۈندە ئىشلىرىڭىزنىڭ نەتىجىلىك بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ،
بىر كۈننى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇڭ؛ كۈنتەرتىپ بۇيىچە ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلارنى ھامان بىرى خۇددى يولنى تۇسۇۋالغان يوغان تاشتەك بىزنى پۈتۈن بىرى كۈن ئاۋارە قىلىدۇ، بۇنداق چاغدا جىددىيلەشمەي ئاۋال سىزنى مۇشۇنداق ئاۋارە قىلغان ئاشۇ ئىشنى تۈگىتىڭ، بۇ چاغ روھىي ھالىتىڭىز ئەڭ ياخشى بۇلىدىغان ۋاقىت بولغاچقا بىر قەدەر تەس ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالايسىز ۋە بىر كۈننى ئازادە ئۆتكۈزۈلەيسىز، ئاخىرىدا ئەڭ ئاسان ئىشلارنى قىلىڭ شۇندىلا بىر كۈننى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغان بۇلىسىز

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 17:34:10

بىرىنچىسى ، يۈز كۆزلىرىنى يۇيۇش ، ئىككىنچىسى ،........ ئۈچىنچىسى ، چېنىقىش ، تۆتىنچىسى ، ئەتىگەنلىك ناشتا ، ئەتىگەنلىكى ئىشقا بېرىشتىن بۇرۇن جەزمەن مۇشۇ تۆت ئىشىنى قىلىش كېرەك ..

ئەمما قىلاي دىسە ھەقىقەتەن ئىش جىق ، ئۇنىڭدىن باشقا ئەتىگەندە قۇلۇم خوشنىلار بىلەن ئاغزاكى سالاملىشىش ( ئاتا- ئانىمىز قېشىمىزدا بولسا بىر كۈرۈشۈپ قۇيۇش ، يىراقتا بولسا قىسقا بولسىمۇ تېنچىلىق سوراش ) ، كالا -قوي تۇخۇ كەپتەرلەرنى يوقلاش ، ماشىنا - موتۇتسىكىتلارنى تەكشۈرۈپ كۈرۈش ، بالىلارنى مەكتەپكە ئۇزۇتۇش ، ئايال كىشى بولسا تاماق راسلاشتىن ئاۋال ھويلا -ئارامنى بىر تازىلاش ، خوتۇنى ئالدىراش بولسا ئىرى قىلسىمۇ بۇلىدۇ ،:lol

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 20:22:00

بۇلارغۇ ئاكتىپ ئادەتلەركەن، ئەمما ھەممىسى ئۇنداق بولۇشى ناتايىن. بۇنىڭغا يەنىلا ئۆزىمىزگە تونۇشلۇق بولغان مۇۋەپپىقەت قازانغۇچىلار قاۋاپ بېرىپ باقسا بولارمىكىن.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 23:00:32

مېنىڭ كۆپنچە ۋاقتىم ئۆزەمگە تەۋە ئەمەس، بەلكىم يۇرتىمىزدا زور كۆپچىلىك كىشىنىڭ شۇنداق بولىشى مۇمكىن، شۇڭا يۇقارقى گەپلەر ئاقمايدۇ.

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 00:05:41

مۇشۇ بەش ئىشنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ باقسام سەھەر تۇرۇپ ئىخلاس بىلەن ناماز ئوقۇڭ دەۋاتقاندەك بىلىندى.

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 08:14:49

يالغان داڭلىق شەخىسلەر ئەتىگەن تۇرۇپ ئۇنداق قىلىدىكەن، مۇنداق قىلىدىكەن ...ھەمممسى يالغان. مىنىڭ ئاكام يېزىلىق ھۈكۈمەتتە ئىشلەيدۇ ئەتىگىنى ۋاق تۇرىدۇ. ئەتىگىنى داشۆدە ئۇقىغان چاغلېرىمۇ شۇنداق ۋاق تۇراتتى ھاىرمۇ شۇ. مەن بىر بىكارچى مەن ئەتىگەن تۇرىمەن.   ئەتىگەن تۇرىمەن. بەزىدە كېچىلىېرى ئۇيقۇم كەلمىسە يېرىم كىچىدە تۇرۇپ كىتىپ كىتاپ ئۇقۇيمەن ياكى تىلفۇندا تور بەت كۆرىمەن. ئەمدىغۇ بۇنداق قۇرۇق گەپلەرگە ئىشەنمەس بۇلغانسىز. مىنىڭچە بۇنداق مۇۋاپىقىيەت سەپسەتىلېرى بەكلا كۆپ.

Ependi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 22:21:21

ئەتىگەن تۇرۇش ياخشى ئىش .
ئەمما مۇۋاپىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەتىگەن تۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ قويۇش خاتا . بۇ مۇۋاپىيەت قازىنىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا كۆرەلمىگەنلىك بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 08:14:52

نۇقۇل مۇشۇ بۇيچە دىگەنلىك ئەمەس
بەت: [1]
: مۇۋاپىقىيەت قازانغانلار ئەتىگەندە قىلىدىغان 5 ئىش