batur72 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 21:05:54

قەيسەر مىجىت : ئامېرىكىدىكى دوختۇر ئۇيغۇرلار


(بۇ ئەسىرىمنى تىببى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان، تىببى ساھەلەردە ئىشلەۋاتقان بارلىق قىرىنداشلىرىمغا بىغىشلايمەن)

   ئېلاۋە:  مەن باغداشقا قەدەم باسقاندىن بۇيان باغداش ئوقۇرمەنلىرىنىڭ يازمىلىرىمغا قايتۇرغان ئىنكاسلىرىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلدىم.
ئۇلارنىڭ مىننەتدارلىقلىرىدىن ئىلھام ئالدىم، ئۇلارغا تەشەككۇر.
ئۇلارنىڭ ئۈمىتلىرىدىن كۈۇچ ئالدىم، ئۇلارغا ھەشقاللا.
ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ماڭا يۇكلەنگەن ۋەزىپە دەپ تونۇدۇم، ئۇلارغا رەھمەت.
سۈكۈتتە تۇرغىنىم بىلەن، كۆڭلۈمدە سان بار.
    مەن ھالقىلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پۇرسەت بولغاندىلا توختىلىپ شۇ ئارقىلىق بەرگەن ۋەدىلىرىمگە ئەمەل قىلىشقا، ئوقۇرمەنلەر تەلەپ قىلغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىشقا تىرىشىپ كەلدىم.
   ئىشسىزلىق مەسىلىسىدە توختالدىم.
   ئىقتىساد ئىلمى ھەققىدە ھەم يازدىم.
   چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش مەسىلىسىدىمۇ قەلەم تەۋرەتتىم.
    ئېنگلىز تىلى ئۈگۈنۈش ھەققىدە -"شۇڭقار كەبى چاغلار" ناملىق ئەسەرنىڭ باش قىسمىدا توختالدىم. مۇشۇ كەمگىچە، مەن نەقلەشتۇرەلمىگەن ۋەدىلەرنىڭ بىرى - ئامىرىكىدا دوختۇر بولۇش ھەققىدىكى يازما يىزىش ئىدى.
    مانا بۈگۈن مەن بۇ ھەقتە  "دوختۇر ئۇيغۇر" ناملىق يازمىنى يىزىپ دىققىتىڭلارغا سۇندۇم.
    مەن كەڭ باغداش ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بولۇپمۇ تىببى مەكتەپتە ئوقۇغان، ئوقۇۋاتقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنى-سىڭىللەرنىڭ  بۇ ئەسىرىمنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىگە كىرەكلىك ئۇچۇرلارنى سۈزۈپ ئىلىپ پايدىلىنىشىغا تىلەكداشمەن!
    ئۇيغۇر دوختۇر ئىنى -سىڭىللار، مەزكۇر يازما - سىلەرگە بىر خىل ئۈمىت ۋە ئىلھام بەرسە، ئارزۇلىرىڭلارنىڭ قاناتلىنىشى ئۇچۇن كۈچ بەرسە، يول كۆرسەتسە مەن بۇنىڭدىن چەكسىز شاتلىققا چۆمىمەن!


**********************************************************

        ئامىرىكىغا ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن كىلىپ قالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالدىغا قويىلىدىغان مەسىلىلەر تۇرلۇك تۇمەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەمىيەتتە قانداق تىرىكچىلىك قىلىپ ياشاش  مەسىلىسى ھەممە كىشىگە ئورتاق.  گەرچە بۇ -قوينى كەڭ ھەم پۇرسەتلەرگە تويۇنغان جەمىيەت دەپ قارالسىمۇ،  غايىۋى ئىبارىلەرنىڭ شەخسلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كونكىرتىنى ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئەمەس. بۇ دۆلەتتە بازار ئىگىلىگىنىڭ قانۇنىيەتلىرى ھەر زامان ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، جۇملىدىن تەمىنلەش بىلەن تەلەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەمگەك كۇچلىرى بازىرىدا روشەن گەۋدىلىنىدۇ.

       مەيلى قايسى تارىخى شارائىتلاردا ۋە قايسى جەمىيەتتە بولسۇن كىشىلەر - دوختۇرلۇق كەسپىنى "ئەتىۋار" دەپ بىلىدۇ. چۇنكى بۇلاڭچىدىن تارتىپ زالىمغىچە، نامراتتىن تارتىپ بايغىچە-ھەر بىر ئىنساننىڭ ساغلام ياشاشقا بولغان ئىھتىياجى بار. ئىھتىياجلىق كەسپنىڭ - ئەلۋەتتە بازىرى بار.  جۇملىدىن بۇ كەسپ -ئامىرىكا جەمىيىتىدىمۇ ھەقىقەتەن ئەتىۋار.

    ئامىرىكىغا كەلگەن كۆچمەنلەر ئوخشىمىغان ئىجتىمائى، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت، مۇئارىپ ساپاسىغا ئىگە بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا پەن-تېخنىكىغا ئائىت ۋە ياكى كەسپلەشكەن ئىلىملەرنى ئىگەللىگەنلەرنىڭ خىزمەت تىپىشى ئۇنچە تەس ئەمەس، پەقەت كىشىلەر شۇ كەسپلەرنىڭ كەسپى ئۆلچىمىگە يىتىپ لاياقەتلىك بولسىلا.

    مېدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇش ئارقىلىق دوختۇر بولۇش - قايسى جەمىىيەتتە بولسۇن بىر خىل مۇشەققەتلىك جەريان بولۇپ بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچى ئىنسانلارنىڭ ھايات-ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ساھەدە كەسپى خادىم بولۇپ يىتىلىدۇ.
   بىلىشىمچە ۋەتەندە دوختۇر بولۇش ئۇچۇن مىدىتسىنا ئۇنىۋىرسىتىتىدا 6 يىل ئوقۇشى كىرەك يەنى مەكتەپتە بەش يىل ئوقۇغاندىن كىيىن 6-يىلىنى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ مۇھىم بولۇملىرىدە ئايلىنىپ پراكىتىكا قىلىش ئارقىلىق كىنىشكە ئىلىپ خىزمەتكە چىقىپ دوختۇرلۇق ھاياتىنى باشلايدۇ..
ئامىرىكىدا ئامىرىكىلىقلار دوختۇر بولۇش ئۇچۇن مۇنداق شەرتنى ھازىرلىشى كىرەك.
    ئالدى بىلەن قايسى ئۇنىۋىرسىتىت، قايسى كەسپ بولسۇن چوقۇم بىر باكلاۋىرلىق ئۇنۋانى ئىلىشى كىرەك. بۇنىڭغا 4 يىل ۋاقىت كىتىدۇ ئاندىن مەدىتسىنا ئۇنىۋەرسىتىتىغا ئىلتىماس قىلىشى كىرەك. بۇ مەكتەپتە يەنە توت يىل ئوقۇيدۇ.
     ئاندىن ھەرقايسى دوختۇرخانىلاردا 3 يىل مەخسۇس كەسپلەر بويىچە تەربىيلىنىشى كىرەك. ئاندىن ئامىرىكا مىدىتسىنا جەمىيىتىنىڭ سلاھىيەت ئىمتىھانىنى بىرىپ كىنىشكە ئالغاندىن كىيىنلا (بۇ ئىمتىھاننى ھەر 10 يىلدا بىر قىتىم بىرىدۇ) ئاندىن رەسمى دوختۇر بولۇپ ئىشقا چۇشەلەيدۇ. لىكىن بۇ مۇشكۇل بىر جەرياندۇر. ياخشى نەرسە قىممەت دىگەن گەپ مانا مۇشۇ يەردە. ئالدى بىلەن ئامىرىكىنىڭ تىببى ئۇنىۋىرسىتىتىغا ئۆتۇش رىقابەتلىك، ئاندىن كىيىن قالسا ئوقۇش پۇلى قىممەت. كۆپىنچە ئادەملەر بۇ مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ 3 يىللىق تەربىيلىنىشنى باشلىغۇچە ئارىلىقتا كەم دىگەندە 6 خانىلىق ساندىكى قەرزگە بوغۇلۇپ بولىدۇ.
ئۇنداقتا، چەتئەل مىدىتسىنا ئۇنىۋىرسىتىتلىرىنى پۈتتۇرگەنلەر ئامىرىكىدا دوختۇر بولالامدۇ-يوق؟
   بۇ مەسىلىنى خىلى كىشىلەر مەندىن سورىغان ئىدى، سورىغانلارغا بىلگىنىمچە ئىيتىپ بەرگەن ئىدىم.
    بۇ ھەقتە يەنە تور ئارقىلىق سەھىيە بىلىملىرىنى تارقىتىپ كىلىۋاتقان ئەينى ۋاقىتتا گۇئاڭجودىكى جوڭشەن مېدىتسىنا ئۇنىۋەرسىتىتىنى پۇتتۇرگەن ھازىر كولۇمبىئا ئۇنىۋىرسىتىتىدا تىببى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتۇر مەمەتىمىن ئەپەندى بىر قەدەر تەپسىلىرەك توختالغان ئىدى. (بۇ خىزمەتلىرى ئۇچۇن مەمەتىمىن ئەپەندىگە تەشەككۇرلەر) ئىسىمدە قىلىشىچە مەمەتىمىن ئەپەندى بۇندىن 10 يىل بۇرۇنقى بىر يازمىسىدا ئايالىمنىڭ بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىك ئەھۋالىنى مىسال قىلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا "بىلىۋال" تورىنىڭ قۇرغۇچىسى قۇربانجان روزىمۇ بۇ ھەقتە بىر نىمە يازماقچى بولغان ئىدى. بىراق، ئايالىم ئۇ چاغدا قولىغا رەسمى دوختۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالمىغانلىغى ئۇچۇن، "كىيىنچىرەك" دىگەن جاۋابنى بەرگەن ئىدىم. چۇنكى مەن ئۇنىڭ - يولدىشى، ھەمراھى، يولەنچۇكى ۋە "مەخسۇس كاتىۋى"...:)
     مۇشۇلارنى يىزىۋاتقان چىغىمدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ "ئۆزىنى ماختىغان بىرىنجى ئەخمەق، ئايالىنى ماختىغان ئىككىنجى ئەخمەق" دىگەن گەپلىرى كاللامغا نەچچە قىتىم كىلىپ بولدى، خىلى كۆپ ئىككىلىنىش بولدى. لىكىن ئامىرىكىدا دوختۇر بولۇش جەريانلىرىنى چۇشۇنۇش ئارزۇسىدىكى ئىنى-سىڭىللارغا تەپسىلى مەلۇمات بىرىش ئۇچۇن، ھەم مەن ئايالىمنىڭ دوختۇر بولۇش جەريانىنى مەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بىشىمدىن كۆچۇرگۇنۇم ئۇچۇن بۇ ھەقتە ئەمىلى بىر مىسال بىلەن بۇ جەريانلارنى سوزلەپ بەرسەم بەلكىم ياخشى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا مەسلىھەت سالمايلا بۇنى يىزىۋاتىمەن، مەن مۇشۇنداق "باش-باشتاق كاتىپ" چىقىپ قالدىم قايلاڭلا...:)
ئۇرۇمچىدە تىببى ئۇنىۋىرسىتىتتا ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئامىرىكىدا دوختۇر بولالامدۇ؟
- ئەلۋەتتە.!
ئۇنداقتا ئۇنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى قانداق؟
   مەن ئەمدى ئايالىم - رىزۋانگۇل ھاجىنىڭ ئامىرىكىدا دوختۇر بولۇش جەريانىدا بىشىدىن كەچۇرگەنلىرىنى ياق، بىشىمىزدىن كەچۇرگەنلىرىمىزنى ئىيتىپ بىرىش ئارقىلىق بۇ سۇئالغا تەپسىلى جاۋاپ بىرىمەن.
    رىزۋانگۇل ھاجى - 97-يىلى ئۇرۇمچىدە تىببى ئۇنىۋىرسىتىتنى پۇتتۇرۇپ  2-دوختۇرخانىنىڭ ھەزىم بۆلۇمىنىڭ دوختۇرى بولۇپ ئاز كەم ئىككى يىللىق خىزمەت تەجىربىسىگە ئىگە بولغان چىغىدا ھەممنى تاشلاپ، ئۈمىدىنى ماڭا باغلاپ 1999-يىلى 6-ئايدا بوستونغا يىتىپ كەلدى.
    ئۇ كەلگەندە مەن جۇلىئا ۋە مارىئاننا ئىسىملىك ئىككى ئامەرىكىلىق قىز بىلەن ياتاقداش بولۇپ ئۈچ ئىغىز ئۆينىڭ ئىچىدىكى بىر ئىغىز ئۆينى 3 ئايلىق ۋاقىتلىق ئىجارىگە ئىلىپ ئولتۇرغۇنۇمغا بىر ھەپتە بولغان چاغ ئىدى. ئۇنىڭدىن چوڭىغا چىقىشالمايتىم.
    ئەينى چاغدا - يۈرۈۋاتقان چىغىمىزدا مەن ئۇنىڭغا "يىڭى ئۇقۇم ئېنگلىزچىسى" نىڭ بىرىنجى قىسمىنىڭ يىرىمىنى ئۆتۇپ بەرگەندەك قىلىۋاتاتتىم. ئۇ ئامىرىكىغا كەلگىنىدە قارىسام ھەممىنى ئۇنتۇپ كىتىپتۇ. ئەسلىدە ئۇ - ئېنگلىزچىنى ئەمەس، مىنى ياخشى ئوقۇپتىكەن:).
     بۇنى ياتاقدىشىم جۇلىئانىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن بىر ئاتكىرىتكىدىكى ئاددى خەتنى ئوقۇيالمىغىنىدىن بىلدىم. چۇنكى ئۇ كىلىپ شۇ ھەپتىسى جۇلىئا ياتىقىغا مىھمان چاقىرماقچى بولۇپ ئۆينى رەتلەپ بولالماي جىددىلىشىپ كەتكىنىدە، ئايالىم ئۇنىڭغا ياردەمدە بولغان ئىدى. جۇلىئە مىھمانلىرىنى ئۇزۇتۇپ بولغاندىن كىيىن ئەتىسى ئۇنىڭغا "تۇنۇگۇن قىلغان ياردىمىڭگە كوپ رەخمەت ئىيتىمەن" دىگەن مەزمۇندا خەت يىزىپ ئاتكىرىتكا بەرگەن ئىكەن.
بۇ ئامىرىكىلىقلارنىڭ ئاشۇنداق قائىدىسى بار، بىرسىگە مىننەتدارلىقغىنى بىلدۇرمەكچى ۋە ياكى سالام يوللىماقچى بولسا، ئاتكىرىتكا بىرىدۇ ياكى ئەۋەتىدۇ.
       ياز ئاستا ئاستا كىتىپ كۇز كىرىشكە باشلىدى، ۋاقىتلىق ئوينىڭ ۋاقتى توشۇشقا ئاز قالدى. يىڭى ئوي تاپمىسام بولمايدۇ، ئۇ يەرگە قارايمەن، بۇ يەرنى ئىزدەيمەن. بۇ مۇۋاپىق ئوينىڭ چىقمىغىنى...باشقا غەم چۇشتى. ئايالىم بۇنىڭ ھەممىنى كورۇپ تۇردى، ئۇنىمۇ تەشۋىش ۋە غەم باسقىلى تۇردى.     "ئەستەغپۇرۇللا" دەپ ساقىلىمنى سىلاپ كوڭلۇمگە ئاراملىق تاپاي دىسەم ياكى ساقال قويۇۋالماپتىمەن.
    ئاخىر قارا تەنلىكلەر مەھەللىسىدىن ھىلىقى مارىيان دىگەن ئايالنىڭ ئويىنى ئىجارىگە ئىلىپ  كوچۇپ كەتتۇق {مارىياننىڭ كىملىگىگە قىزىققۇچىلار بولسا  - مىنىڭ ئامىرىكىلىق قوشنىلىرىم دىگەن يازمىغا قارىساڭلا بولىدۇ}
   "ئامىرىكىدا كۈن تەسكەن، مەن قەتئى ئوقۇمىسام بولمايدىكەن" دىدى ئايالىم.  لىكىن بىز- چەتئەلدىن كەلگەن دوختۇرلارنىڭ ئامىرىكىدا دوختۇر بولالىشى مۇمكىن ئەمەس، بولالمايدۇ دەپ ئاڭلىغاچقا ئۇنىڭ دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇشىدىن ئۇمىت ئۇزگەن ئىدۇق.
   مەن ئايالىمنىڭ مەن بىلەن توي قىلىش سەۋەبىدىن ئوزى سويگەن دوختۇرلۇق كەسپىدىن مەھرۇم قالغىنىنى ئويلاپ ئىچىمدە خىلى "ئۇھ" تارتتىم. "قانداق قىلسام ئۇنى ئۇنىڭ كەسپىگە يىقىن بىرەر كەسپتە ئوقۇتارمەن؟
    شۇ خىيال كاللامغا كىلىۋالدى.  ئۇنىڭ ئۇستىگە ھەر قىتىم دوختۇرخانىلارنىڭ ئالدىدىن ئوتكەندە ئايالىم "مەن ئۇرۇمچىدە دوختۇر ئىدىم" دەپ مەيۇسلىنىپ كوز يىشى قىلغىلى تۇردى.  مۇشۇ ئايال كىشى كوز يىشى قىلغاندىن كىيىنلا ئەر كىشىنىڭ يۇرىكى سىقىرايدىكەن.  شۇنىڭ بىلەن "ئامالىنى قىلمىسام بولمىدى" دەپ ئويلاپ ئۇ يەر بۇ يەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا چۇشتۇم. بىزدىن بۇرۇن كەلگەن قىرىنداشلاردىن مەسلىھەت سورىسام "بىئو-خىمىيە" ياكى دورىگەرلىك كەسپلىرىنى كورسىتىشتى، بىر نەچچىسى - كالىفورنىيەدىكى پەرھات نىياز ئەپەندىنىڭ)قۇربان تۇران ئەپەندىنىڭ ئاكىسى(  ئايالىنىڭ ۋەتەندە دوختۇر ئىكەنلىگىنى ئامىرىكىدا سىستىرا بولۇپ ياخشى كۇن كورۇۋاتقانلىغىنى ئىيتىشتى.  شۇنىڭ بىلەن ئايالىمنى ئىلىپ مەخسۇس سىستىرا تەربىيلەيدىغان بوستونننىڭ فەنۋەي رايوندىكى سمىس ئىنستىتوتىغا باردىم. سىستىرالىق پروگراممىسىنىڭ باشلىقى بىلەن كورۇشتۇق. خانىم ياخشى گەپ قىلدى ئەمما ئوقۇش پۇلىنىڭ قىممەتلىگىنى ھەم ئىيتتى، ئىككى يىللىق ئوقۇشقا 60000 دوللار كىتىدىكەن، ئۇ چاغدا ئۇ پۇل ۋەتەندە يىرىم مىليون بولۇپ بەك كوپ پۇل ئىدى، ئۇ بىزدەك بار بىساتىنى قوشسا 7-8 مىڭ دوللار چىقمايدىغان كىشىلەرگە ئاسترونومىيەلىك رەقەمدەك بىلىنىپ كەتتى. ئايالىمنىڭ كوڭلىنى ياساپ "مەيلى قەرز ئىلىپ بولسىمۇ ئوقۇتاي سىنى دىدىم". - ياق، قەرز ئىلىپ مەكتەپتە ئوقۇمايمەن دىدى ئۇ.
-ئاۋال بىر ئېنگلىزچە ئۇگۇنۇپ باقاي.
     لىكىن بانكىنىڭ ماڭا قەرز بەرمەيدىغانلىغىنى ئۇقمايدۇ-دە ئۇ، ئەمما مىنىڭ ئاشۇ گىپىم ئۈچۈنلا بىر بانكىغا ئىگە بولغانلىغىنى چوقۇم سەزدى. :(:
ئايالىم ئەڭ ئەرزان ئېنگلىزچە كۇرسلارنى تىپىپ تۇرۇپ ئۇگەندى، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قىلىۋاتقىنىمىزنى كورۇپ بىر كىر يۇيۇش دۇكىنىدا سائىتىگە بەش دوللاردىن ئىشلەشكە باشلىدى. دىمەك ئامىرىكىدىكى تۇرمۇش -ئۇنىڭ ئۇرۇمچىدىكى مەن دىگەن دوختۇر دەپ يۇرۇيىدغان روھى ھالىتىنى ئوزگەرتىۋەتتى.        مەن توختىماي ئۇنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن باش قاتۇراتتىم ئەمما يولىنى تاپالمايتىم. شۇنداق تەڭقىسلىقتا قىلىۋاتقان كۇنلىرىمدىن بىرىدە ئۇ كىر يۇيۇش دۇكىنىدىن خوشال قايتىپ كەپتۇ.
"مەن دوختۇر بولالايدىكەنمەن"
. -قانداقسىگە؟ سورىدىم مەن.
    ئۇ بىر قەغەزدىكى خەتنى كورسىتىپ دىدى:. USMLE دىگەن ئىمتىھاننى بەرسەم دوختۇر بولالايدىكەنمەن. ئۇ بۇ ئۇچۇرنى كىرخانىغا كىرگەن بىرسىدىن ئاڭلاپ يىزىۋىلىپ كەپتۇكەن. مەن بىر ئىشىنىپ ئىشەنمەي مەكتىۋىمگە باردىم، ئۇ چاغدا ئويدە كومپىيۇتىرمۇ يوق ئىدى تېخى. تورغا كىرىپ ئىزدىسەمMEDICAL LICENSE EXAM USMLE -THE UNITED STATES{ئامhرىكا قوشما شىتاتلىرى مhدىتسىنا كىنىشكە ئىمتىھانى} دىگەن گەپكەن، ئۇنى تەپسىلى ئوقۇسام چەتئەلنىڭ مىدىتسىنا ا مەكتەپلىرىنى پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلار ئامىرىكىدا مۇشۇ ئىمتىھاندىن ئوتسە دوختۇر بولالايدىكەن ئەمەسمۇ!
     ئىسىت، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىلمەي يۈرۈپتۇق. ئۇچۇر دىۋانىلىگى، ئۇچۇر كورلىغى دىگەن مانا مۇشۇ.
        خوشاللىقتىن ئاغزىم قۇلىقىمغا يەتتى. چۇنكى ئادەملا قىلالايدىغان ئىش ئىكەن ئۇنى باشقا ئادەممۇ قىلالايدۇ. مەن ئايالىمنىڭ ئىرادىسىگە ھەم ئىشىنەتتىم.
    خوش ئەمدى  قەدەمنى نەدىن باشلاش كىرەك؟
    توردىن ئىزدەپ كورسەم ئەڭ ياخشى ئۇسۇل - كاپلان دىگەن مەكتەپكە بىرىپ شۇ يەردە مۇشۇ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىدىغان سىنالۇغۇلۇق دەرسلەرنى كورۇپ ئۇگەنسە بولىدىكەن. دەرھال شۇ مەكتەپكە باردۇق، ئۇلار ئايالىمدىن TOEFL نەتىجە تەلەپ قىلىشتى. بولىدۇ، ئۇ تەلەپنى ئورۇنلايمەن دىدى ئۇ. ئاڭغىچە  ئايالىم ئېنگڭلىزچىنى بىرىلىپ ئۇگۇنۇپ خىلى بىر يەرگە ئاپىرىپ بولغان ئىدى. شۇ ھامانلا TOEFL ئىمتىھانغا تىزىملاتتى، ۋە ئاز كۇندىن كىيىن ئىمتىھان بەردى. بىر قىتىمدىلا 580 نومۇر ئالدى.
     شۇنىڭ بىلەن بار ئىقتىسادىمىزنى چىقىرىپ "مۇساپىرنىڭ ئىگىسى خۇدايىم" دەپ ئۇنى كاپلانغا تىزىملىتىپ ۋىسا سالاھىيىتىنى  ئوزگەرتتۇق. ھەمدە خەلقارالىق ئوقۇغۇچىلارغا بىرىدىغان ئاي 20 نى ئالدۇق. ئۇ كاپلان مەكتىۋىگە قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن بىر ئۇگۇنۇشكە بىرىلىپ كەتتىكى ئەيھۇناسس، ئاۋۇ تاڭسېڭمۇ نومنى بۇنچىۋالا بىرىلىپ ئۇگەنمىگەن بولغىيتى جۇما، لىكىن!
     مەن ئۇنى مەكتەپتىكى ئىشلىرىمنى تۇگۇتۇپ كاپلانغا بىرىپ تىپىۋالىمەن، يىقىلىپ قالمىسۇن دەپ قەھۋە كوتۇرۇپ كىرىمەن تېخى....ئۇ ھامان بىشىنى كوتۇرمەي ئۇگىنىدۇ...ئۇنىڭ بۇ قەدەر ئۇگۇنۇشىگە قاراپ مىنىڭ بىشىم قىيىپ كوڭلۇم ئىلىشىپ كىتىدۇ، مەن ئۇنداق بىر يەردە بىسىپ سائەتلەپ ئولتۇرالمايمەن. ھەركەت قىلىپ مىڭىپ تۇرمىسام، گەپ قىلىپ تۇرمىسام ئىچىم پۇشىدۇ (دىققىتىنى يىغالماسلىق كىسىلى بارمىكىن دەيمەن ئوزۇمدە بەزىدە :)
       شۇنداق چاغلاردا كالىفۇرنىيەدە تۇرۇشلۇق نەنسى ۋالتېر خانىم تىلىفۇن  قىلىپ ئەھۋال سورىدى، ئايالىمنى دوختۇرلۇق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ دىسەم "بەك ئۇمىتۋار بوپ كەتمەڭلا، ئۇ بەك تەس ئىمتىھان، ئىيىجىڭلىق بىر دوختۇر 8 يىل بولدى ئوتەلمىدى، چەتەللىككە بەك تەس" دەپ سالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن غەمگە پاتتىم. "مىنىڭ چەككەن جاپالىرىمغۇ مەيلى، ئەمدى ماۋۇ ئايالىم دوختۇر بولالمىسا قانچىلىك روھى ئازاپ تارتىپ كىتەر". ئۇنىڭ ئۇستىگە بىز بالىمىزنى چوڭلار بىلەن ۋەتەنگە ئەۋەتىۋەتكەن ئىدۇق، كوڭلىمىز يېرىم، يۇرىگىمىز ناھايىتى ئىغىر....
     ئەلقىسسە، ئەمدى بۇ ھەقتىكى گەپ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن، ھىكايىمىزنى USMLEئۇستىگە ئاغدۇرايلى.
     بۇ ئىمتىھان ئەمىليەتتە تۆت باسقۇچتىن تەركىپ تاپىدىغان بولۇپ 2-باسقۇچ بىلەن 3-باسقۇچنىڭ ئوتتۇرىسىدا كىلىنىكىلىق دىئاگنوز قويۇش ماھارىتىنى سىنايدىغان يەنە بىر ئىمتىھان بار ئىكەن. بىراق USMLE ئىمتىھاننى بىرىش ئۇچۇن ئەڭ دەسلەپتە  ئامەرىكىنىڭ چەتەل مىدىتىسىنا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشىنى بىجىرىدىغان مۇئارىپ  كومىتىتقا - ECFMG (www.ecfmg.org) ئوزىنىڭ مىدىتسىنا مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىكى دىپلومى (جامائەت گۇۋاھچىلىغىدىن ئوتكۇزگەن تەرجىمىسى) ، نەتىجىسى قاتارلىقلارنى ئەۋەتىشى كىرەك ئىكەن. تەجىربىسىزلىكىمىز تۇپەيلىدىن بۇ جەھەتتە كوپ ئاۋارىچىلىققا يولۇقتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىمتىھانغا ۋاقتىدا تىزىملىتىشىمىزغا تەسر يەتتى. بىزنىڭ ئوڭۇشسىزلىقىمىزدىن سىلەرنىڭ ساۋاق ئىلىشىڭلار ئۇچۇن مەن بۇ ھەقتە بىر قەدەر تەپسىلى توختىلىپ ئوتەي.
     بۇ كومىتىت ھەرقانداق ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى ۋە ئەۋەتكەن ماتىرياللارنىڭ راست-يالغانلىغىنى قاتتىق تەكشۇرەيدىكەن. مەن ئايالىمنىڭ دىپلومىنى ئوزەم خەنزچىدىن ئېنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ بىر ئاق قەغەزگە ئۇرۇپ چىقىرىپ جامالىق گۇۋاھلىغى بىرەلەيدىغان بىر خەنزۇغا 40 دوللار تولەپ تامغىسىنى قويغۇزۇپ ئەۋەتكەن ئىدىم. كومىتىت بۇنى قوبۇل قىلمىدى. ئولچەمگە يەتمەيدۇ، قايتا ئەۋەتىڭلار دىدى. شۇنىڭ بىلەن سەل كەسپى تەرجىمە ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر خەنزۇنىڭ شىركىتىگە يۇز دوللار تولەپ ئۇلارنىڭ ئىش قەغىزىغە ئۇرغۇزۇپ ئەۋەتتىم. يەنە بولمايدۇ دەيدۇ. ھەر بولمايدۇ دىسە مىنىڭ ئاچچىغىم كىلىدۇ، ئايالىم شاكال توپتەك سەكرەيدۇ. بۇنىڭدىن جىلى بوپ كىتىپ مەن پالاق بولۇپ قويىمەن.:)  ئاخىرى بولماي شۇلاردىن سورىدىم. "سىلە دەپ بىرىڭلا بوستوندىكى قايسى شىركەتنىڭكىنى قوبۇل قىلىسىلەر؟ ئاخىر ئۇلار دىگەن تىل تەرجىمە شىركىتىگە 300 دوللار تولەپقۇ دەيمەن تەرجىمىنى قىلغۇزۇپ ئەۋەتتىم. بۇلار راست يۇقۇرى سۇپەتلىك مۇلازىمەت قىلىدىكەن. ئاخىرى كومىتىت بۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى قوبۇل قىلدى. "ئۇھ، بىر ئوتكەل تۇگىدى" دىدۇق. لىكىن ئايالىمنى يەنە تىزىملىتالمىدىم. بۇ نىمە ئىش بوپ كەتتى ئەمدى دەپ بۇ كومىتىت بىلەن يەنە ئالاقە قىلدىم.
  ئۇلاردىن مۇنداق جاۋاپ كەلدى:
   سىزنىڭ مەكتىۋىڭىزگە ماتېريال ئەۋەتكەن ئىدۇق، جاۋاپ كەلمىدى.
   ئۇلاردىن ئايالىمنىڭ مەكتىۋىگە نىمە ماتېريال ئەۋەتكەنلىگىنى ئۇنداق ئوڭاي بىلەلمىدۇق. بۇلار بىز تاپشۇرغان نەتىجە ۋە دىپلومنىڭ راست-يالغانلىغىنى ئۇرۇمچىدىكى مېدىتسىنا ئۇنىۋىرسىتىتىغا ئەۋەتكەن ئىكەن.
    بىز يۇرتتىكى ئىشلارنىڭ قانداق بولۇدىغىنىنى  بىلىمىز. ئۇنىڭ كەينىدە ئادەم يۇرمىسە پۇتمەيدۇ.
   سىڭلىمنىڭ ئىككى ئاچىسى ئۇنىڭ مەكتىۋىگە بىرىپ سۇرۇشتە قىلسا ئۇلار چەتەلدىن ئۇنداق ماتىريال كەلمىگىنىنى ئىيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئامىرىكىدىكى بۇ كومىتىتقا تىلىپون قىلىپ ئۇ تەكلىپنى يەنە ئەۋەتىشنى سورىدىم. ئۇلار ماقۇلغا كەلدى. ۋاقىتنى ھىساپلاپ كورۇپ ئاياللىمنىڭ ئاچىلىرى يەنە باردى.
    خۇداغا شۇكرى شۇ چاغدا مەكتەپ تاشقى ئىشلار باشقارمىسنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى - قەيسەر ئىسىملىك مەن بىلەن ئىسىمداش بالا ئىكەن. قەيسەرنىڭ ئېنگلىزچىسىمۇ ياخشى ئىكەن. مەن تىلىفۇندا قەيسەر بىلەن كورۇشتۇم. (يىقىندا قەيسەرنى سۇرۇشتە قىلسام خوتەن ئۇيغۇر تىبابەت مەكتىۋىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئوتەۋىتىپتۇ)
    قەيسەر - ئايالىم ھەققىدىكى ماتىرياللارنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ تەكشۇرۇپ بىز تاپشۇرغان ماتىريالنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ ئىمزا قويۇپ ئەۋەتىپ بەرگەندىن كىيىنلا ئاندىن ئايالىم USMLE نىڭ بىرىنجى باسقۇچلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتالىدى. خۇداغا شۇكرى ئۇ بۇ ئىمتىھاننىڭ بىرىنجى ۋە ئىككىنجى قىسىملىرىدىن 6 ئاي ۋاقىت ئىچىدىلا ئەلا نومۇر ئىلىپ ئوتۇپ بولدى. بۇ جەرياندا تەييارلايدىغان ماتىريال، ئالىدىغان خەت نۇرغۇن ئىكەن ئەلۋەتتە.           ئۇنىڭ بىر ماتىريالىنى ئېنگلىزچە تەييارلاپ مىدىتسىنا ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ مۇدىرىنىڭ ئىمزاسىنى ئالىدىغان ئىش بار ئىكەن، ئۇنى تەرييارلاپ ئۇرۇمچىگە ئەۋەتسەك، شۇ چاغدا مۇدىر مەمەت ياسىن دىگەن كىشى  ئۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىگىنى بىلمەي ئەنسىرەپ ئاخىرى مەن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ئەۋەتكەندىن كىيىنلا ئاندىن قول قويۇپ بەردى (بۇ كىشى سەھىيە نازارىتىگە نازىر بولغاندىن كىيىن خارۋاردقا ئىككى ئايلىق ئوقۇشقا كەلگەندە كورۇشتۇم بىر قىتىم گەپ ئارىلىغىدا شۇ ئىشنى سوزلىسەم ئىسىگە ئالالمىدى) ،  بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئوزۇم بىر قوللۇق پۇتتۇردۇم. ھالقىلىق پەيتتە ماڭا ياخشى خىزمەت چىقىپ قالدى ۋە مۇئاشىم ئۇنىڭ ئوقۇش چىقىملىرىغا ئاران ئۇلگۇرۇپ تۇردى. كىلىنىكىلىق دىئاگنوز ئىمتىھانىنى نېۋ جېرسېي ئىشتاتىدا  بەردى ۋە غەلىبىلىك ھالدا ئوتتى. بۇ ئىمتىھاننىڭ 1 ۋە 2 ھەمدە كىلىنىكىلىق دىئاگنوز ئىمتىھانىدىن ئوتۇپ بولغاندىن كىيىن 3-يىللىق تەربىيىلىنىدىغان  پروگراممىغا ئىلتىماس قىلغىلى بولىدىكەن.
     بىز ئامىرىكىنىڭ كالىفورنىيەدىن باشقا ھەممە ئىشتاتىدىن دىگۇدەك -ھەتتا ئالاسكىدا بولسىمۇ "ئىچكى كىسەللەر نى داۋالاش يولۇنشى بويىچە 80 دىن ئارتۇق پروگراممىغا ئىلتىماس قىلدۇق. پۇتۇن ماتىرىياللىرىنى تور ئارقىلىق يوللايدىغان گەپ ئىكەن. ئەمدى بىر خىزمەتكە كىرىشىپ قول پۇل كۆرۇپ يانچۇق ئىسسىغىلى تۇرۇۋىدى، ماۋۇ پروگراممىغا شۇنداق بىر ئىلتىماس قىلىش بىلەن، كارتۇچكام ئەتىيازدا ئاشلىقى ئوكسۇپ قالىدىغان قاسىم چوڭامنىڭ   تاغىرىدەك قۇرۇقدىلىپ قالدى.  پۇلنى تاپقىلى بولىدۇ ماۋۇ خوشاللىقنى تاپقىلى بولمايدۇ دە؟ مۇبادا ئايالىم زور ئۇمۇت بىلەن تىرىشىۋاتقان ئىش روياپقا چىقمىسا - بىزنى غەم بىسىۋالاتتى.  ئىلتىماسلارنى قىلىپ بولۇپ بىر ئاي ساقلىساق ھىچ يەردىن خەۋەر يوق، 6 ھەپتە ئوتكەندە  ئىككى ئۇچ يەردىن خەت كەلگىلى تۇردى ئەمما  رەت قىلىنىپتۇ.
   -ۋاي ئاتاڭدىن گورۇگۇ دەپ قىرغىزچە تىللاپ قويدۇم مەن كەلگەن خەتنى كورۇپ.
   دىكابىرنىڭ ئاخىرلىرى نېۋ يورك ئۇنىۋىرسىتىتىدىكى دوختۇرخانىدىن ئايالىمنى سۆزلىشىپ بىقىشقا تەكلىپ قىلىپ خەت كەلدى. "- ياق ئۇلار ئالمايدۇ،  ئۇلار بەك داڭلىق" ئايالىم شۇنداق دەپ بىرىشنى رەت قىلدى.
   ئايالىمنىڭ خەۋىرىسىز مەن ئۇنىڭ نامىدا ئۇلارغا جاۋاپ قايتۇردۇم.
- تەكلىۋىڭلارغا رەخمەت. ئائىلىدە جىددى ئىش بوپ قىلىپ سىلەر دىگەن ۋاقىتتا بارالمايدىغان بوپ قالدىم، مەن سىلەر بىلەن ئالاقىلاشسام...
   يەنە بىر ئاي ساقلىدۇق، يەنە 4-5 پروگراممىدىن رەت قىلىپ خەت كەلدى. باشنى غەم، كوڭۇلنى تەشۋىش باسقىلى تۇردى، ئاخىرى تاقىتىم تاق بولۇپ بۇ پروگراممىغا ئايالىمنىڭ نامىدا خەت يازدىم.
  رىسق دىگەن شۇ ئوخشايدۇ، ئۇ ساڭا تەۋە بولغان ئىكەن، سىنى ساقلايدۇ.
  ئۇلاردىن خەت كەلدى، ئىككى ھەپتىدىن كىيىنكى دۇشەنبە كۇنى كەلگىن، بىر كۇن ۋاقتىڭ كىتىدۇ.
   مەن بۇ خەۋەرنى ئايالىمغا دىدىم ۋە ئۇنى رىغبەتلەندۇردۇم.
   - مۇشۇ سىنىڭ تۇنجى پۇرسىتىڭ، بەلكى ئاخىرقى بولۇپ قىلىشىمۇ مۇمكىن، سەن چوقۇم بار، مەن ساڭا ئۇلار سوراش ئىھتىماللىغى بار سۇئاللارنى يىغىپ جاۋابىنى تەييارلاپ بىرەي.
  چۈنكى مەن كىتاپخانىدىن بۇ ھەقتىكى ماتىرياللارنى كورگەن ئىدىم.
    شۇنداق قىلىپ مەن ئۆزەمچە ئۇلار ئايالىمدىن سوراش ئىھتىماللى بولغان 80 دەك سوئالنى تېپىپ قىسقىچە جاۋاپنى يىزىپ بەردىم، چۇنكى تىل بىزنىڭ ئەمەس-تە. دوختۇر بولىدىغان ئادەم ھەم ئېنگلىز تىلىدا راۋان بولمىسا بولمايدۇ.
ئۇ نېۋ يوركتىكى پروگرامما مەسۇللىرى بىلەن بىلەن كورۇشۇدىغان كۇنى چۇشتىن كىيىن سائەت 3 كىچە خەۋەر ساقلىسام خەۋەر يوق...
مەن خىزمەتتە بولغىنىم بىلەن كوڭلۇم ئايالىمدا...
سائەت توت بولاي دىگەندە تىلىفۇن قىلدىم.
-قەيسەر، مىنى پروگراممىغا ئالدى، ھازىر دوختۇرخانىنىڭ تونۇشتۇرىدىغان يەرلەرنى تونۇشتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ خوشال ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇھ دىدىم مەن.
    2004-يىلى ھەقىقەتەن بىز ئۇچۇن قۇتلۇق يىل بولدى. ئايالىم نېۋ يورك ئۇنىۋىرسىتىت قارمىغىدىكى دوختۇرخانىغا 3 يىللىق مەخسۇس تەربىيلىنىش ئۇچۇن يىلىغا 46،000 دوللارلىق خىزمەت بىلەن شۇ يىلى 7-ئايدىن باشلاپ ئىشقا چۇشىدىغان بولدى. مەن شۇ يىلى 9-ئايدىن باشلاپ خارۋارد ئۇنىۋىرسىتىتىدا سەھىيە ئىقتىسادى ئىلمى بويىچە دوكتۇرلۇق ئوقۇشتا ئوقۇيدىغان بولدۇم. ھەم ئوقۇش ھەم خىزمىتىم ياخشى بولغىنى ئۇچۇن مەن بوستوندا تۇرۇپ، ئەر-ئايال ئىككىمىز قاتناپ تۇرۇپ ياشاپ بۇ 3 يىلنى ئوڭۇشلۇق تۇگەتتۇق. ئايالىم بۇ پروگراممىنىڭ 2-جى يىللىغىدا USMLE نىڭ 3-باسقۇچلۇق ئىمتىھانىنى بىرىپ ئۆتتى ۋە شۇ يىلىلا ئامىرىكا مدېىتسىنا جەمىيىتىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھانىنى بىرىپ ئوڭۇشلۇق ئوتۇپ ئامىرىكىدا  مۇستەقىل كىسەل كۆرۈپ رىتسىپ يازالايدىغان تۇنجى ئۇيغۇر دوختۇر بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ نىۋيوركتىكى پروگراممىسى تۈگەپ رەسمى خىزمەت ئىزدىگەندە ئۇنىڭغا كىلىپ كەتكەن خىزمەت ئۇچۇرلىرىنىڭ كوپلىگىنى دىمەيسىلە. (ئۇنىڭ قەغەز- قەلەمگە ئائىت ئىشلىرى ھازىرغىچە مىنىڭ زىممەمدە).
    مەن بوستوننى ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈن ياكى تېكساسقا ياكى كانساسغا كەتمىدۇق، ئايالىم ماسساچۇست ئىشتاتىدىن خىزمەت تاپتى. شۇندىن بىرى بىر دوختۇرخانىدا مەخسۇس خىزمەت ۋە باشقا دوختۇرخانىلاردا تەكلىپلىك خىزمەت قىلىپ كىلىۋاتقىنىغا 7 يىل بولدى.
    ھازىر خارۋارد مەدىتسىنا ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى (Harvard Medical Faculty) ھەم بوستوندىكى داڭلىق بەس ئىسرائىل دېكونىس دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
    ئامېرىكىغا كىلىپ دوختۇر بولۇش ئارزۇسىدىكى ئىنى-سىڭىللەر، سىلەر قاتتىق تېرىشساڭلار چوقۇم ئۇ ئارزۇيۇڭلارغا يىتىسىلەر. شۇندىن كىيىن تۆۋەندىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئامىرىكىدا دوختۇر بولدى ۋە دوختۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئوتتى.
         بۇخەلچەم ياسىن - ئەسلى بېيجىڭ مەدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ ئەينى چاغدا مەن بىلەن GRE ئىمتىھانىنى بىر ۋاقىتتا بەرگەن، شۇ چاغدا مەن بۇخەلچەمگە "بىز چوقۇم نەۋ يورك" تىكى ئەركىنلىك ئىلاھىنىڭ يىنىدا كورۇشىمىز دەپتىكەنمەن. نەچچە  يىللاردىن كىيىن بۇخەلچەم بىلەن كورۇشكەندە ئۇ شۇ گىپىمنى ئەسلەتتى، ھازىر ئىزدىشىپ ئوتىمىز. بۇخەلچەمنىڭ دادىسى - دادامنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى ئىكەن. بۇنى ئامەرىكىغا كەلگەندىن كىيىنلا بىلدىم.
    ئەكبەر ئىسلام - تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىسى ئىسلامجان شىرىپ ئاكىنىڭ ئوغلى بولۇپ ئۇمۇ مەن بىلەن بىر ۋاقىتتا GRE بەرگەن ئىدى. 2004-يىلى كۈزدە ئۇ بوستونغا ئىدارىسىدىن خىزمەتكە كەلگەندە ئۇنى ئويگە ئىلىپ باردىم. ئاتا-ئانام بار ئىدى ئويدە.
     ئەكبەر شۇ چاغدا لوس ئانگىلىستا سەھىيە ئىلمى بويىچە دوكتۇرلۇققا كىرىپ مەندەك پۇتۇن كۇن ئىشلەپ ھەم دوكتۇرلۇقتا  ئوقۇۋىتىپتىكەن. مەن ئۇنىڭغا ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام ئۇ ئوقۇشنى تاشلاپ دوختۇرلۇق  ئىمتىھاننى بىرىدىغانلىغىمنى ئىيتىپ ئايالىمنىڭ ھىكايىسىنى سوزلەپ بەردىم. ئۇ بۇ ئىشتىن ئىلھاملانغاندەك بولدى، مەن بىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ۋە جەريانلارنى ئىيتىپ بەردىم.
   ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن تىلىفۇن  كەلدى، ئۇ 3 يىللىق پروگراممىنى تۇگۇتۇپ بىر تىببى داۋالاش ئورنىنىڭ مۇدىرىمۇ ئىشقىلىپ بىر مەسۇلى بولغانلىغىنى ئىيتتى، مەن ئۇنى مۇۋەپپىقىيەتلىرى بىلەن تەبرىكلىدىم.
     ئاسىيە ماخمۇت - كورلىدىن كىلىپ ئۈرۈمچىدە تىببى ئۇنىۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن. ئاسىيەمۇ خۇددى ئايالىمغا ئوخشاش زور تېرىشچانلىق بىلەن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ بۇ ئىمتىھانلاردىن كەينى كەينىدىن ئۆتۈپ ئوڭۇشلۇق ھالدا بۇ پروگراممىغا كىردى. خۇددى بىزنىڭ ئاتا -ئانىلرىمىزغا ئوخشاش - ئاسىيەنىڭ دادىسى  ماخمۇت ئاكا ۋە ئانىسى - مەريەم ھەدە بۇ جەرياندا ئاسىيەنى ئاتا ئانىلىق مىھرى بىلەن قىزغىن قوللىدى.
     ئاسىيە -ئايالىم بىلەن ئاچا -سىڭىلدەك ئىجىل ئۆتىدۇ، كەسپ توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىشۇپ تۇرىدۇ.
    ئاسىيەنىڭ ئىگىلمەس-سۇنماس روھى ۋە قەتئى ئىرادىسى ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ ئۈگۈنۈشىگە ئەرزىيدۇ.
   ئادىل ئابلەت - ئادىل مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك بولۇپ ئۇنى نەچچە يىل ئىلگىرى بىر قىتىملا كۆرگەن ئىدىم. بۇ يىل ئۇنىڭ 3 يىللىق پروگراممىغا كىرگەنلىگىنى ئاڭلىدىم، مۇبارەك بولسۇن ئابلەت!
  گۈلقىز ھوشۇر - ئاسىيەنىڭ دوستى ھەم ساۋاقدىشى بولۇپ چۆچەكتىن كەلگەن بۇ تېرىشچان سىڭلىمىزمۇ بۇ يىلى بارلىق ئىمتىھانلاردىن ئوتۇپ 3 يىللىق پروگراممىغا ئىلتىماس قىلدى. جانابى ئاللاھدىن بۇ قىرىندىشىمىزغا ئۇتۇق تىلەيلى، ئامىن!
   ئۇندىن سېرت بېيجىڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇپ كىيىن ياپونىيەدە دوكتۇرلۇقنى ئالغان ئۆركەش ھوشۇر (ھوشۇر مۇئەللىم بۇ يىل قازا قىلىپ كەتتى، جانابى ئاللاھ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلسۇن! ئامىن)
    ھازىر ياپونىيەنىڭ بوستوندا تۇرۇشلۇق شىركىتىنىڭ مەسۇلى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ئوتكەندە خارۋارد مېدىتسىنا ئۇنىۋىرسىتىتىغا ئىلمى دوكلات بەرگىلى كەپتىكەن، بىللە تاماق يىدۇق. مەن ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنى تەبرىكلدىم.
    ئەلقەم تۇرسۇن - ئايالىمنىڭ ساۋاقدىشى بولۇپ ھازىر كالىفورنىيەدە مېدىتسىنا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ مول تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۇرىۋاتىدۇ.
    ئۇندىن باشقا مەن ئەينى چاغدا تىببى ئۇنىۋىرسىتىتتنى پۇتتۇگەن نۇرمەمەت دىگەن بالىنىڭ ئاۋسترالىيەدە دوختۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالغانلىغىنى ئاڭلىدىم.
   ھۆرمەتلىك تىببى ساھەدىكى ئىنى -سىڭىللار، مەن مىسالغا ئالغان بۇ ئاكا-ھەدەڭلەرنىڭ كۆپى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغان.  دىمەك ئۇيغۇر ئوغۇل قىزلىرى خەلقئارا سەۋىيەدىكى رىقابەتتە بوش كەلمەيدۇ.
    سىلەردە غايە، چىدام ۋە قەتئى روھلا بولىدىكەن، چوقۇم مەقىسدىىڭلەرگە يىتەلەيسىلەر. سىلەرگە ئۈلگە بولىدىغان يۇقۇرىدىكى قىرىنداشلىرىڭلار ۋاقتى كەلگەندە سىلەرگە تەگىشلىك ياردەمدە بولىدۇ، ئەڭ كىمىدا سىلەرنى قوللاپ خەت يىزىپ بىرىدۇ. ئىشىنىمەنكى نىيىتىڭلار ئاق، كىشىلىك پەزىلىتىڭلار دۇرۇست ھەم تېرىشچان بولساڭلار چوقۇم مەقسىدىڭلەرگە يىتەلەيسىلەر!
    مەن سىلەرگە چىن قەلبىمدىن ئارزۇ-ئارمانلارغا باي كۆڭۇل، ئىگىلمەس-سۇنماس روھ ۋە مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن!

   28 - نويابىر تاڭ سەھەر 1.دە تاماملاندى!
   ئەسكەرتىش : مەزكۇر ئەسەر ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن بۇ مۇنبەرگە يوللاندى

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-11-29 08:06):
 «سىڭلىمنىڭ »ئىككى ئاچىسى ... دىگەننى «ئايالىمنىڭ »ئىككى ئاچىسى دەپ چۈشەنگەيسىزلەر ، رەھمەت

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-11-29 08:06):
 «سىڭلىمنىڭ »ئىككى ئاچىسى ... دىگەننى «ئايالىمنىڭ »ئىككى ئاچىسى دەپ چۈشەنگەيسىزلەر ، رەھمەت

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-11-29 08:08):
 «سىڭلىمنىڭ» ئىككى ئاچىسى ... دىگەن جۈملىنى «ئايالىمنىڭ «... دەپ تۈزتىپ ئوقۇغايسىزلەر ، رەھمەت .

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-12-1 09:13):
ئارقىدىن ساناپ 10-قۇردىكى ئىسىمنى «مۇتەللىپ ھامۇت» دەپ ئالغايسىز ،رەھمەت

Pidakarmen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 21:53:24

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تىمىڭىزغا كۆپ رەخمەت جاپاتارتىپسىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلۋالدىم

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 22:28:22

ئېسىل تېما.{:112:}
قەيسەر مىجىت ئەپەندىمنىڭ يازمىلىرىدىن 3 نى ئوقۇپتىمەن. ھەممىسىنى شۇنداق راۋان، يۇمۇرلۇق بايان قىپتۇ.

yasharVB يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 22:38:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yasharVB تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-28 22:49  

   قەيسەر مىجىتقا ھۆرمىتىم بار بولمىسا ، لېكىنزە ئەسەرنى دائىم تاڭ سەھەردە يازغاچقىمۇ ئىملاسى ئەسەرنىڭ  پاساھىتىگە  نۇقسان يەتكۈزگەن چىراي .  ئىملاسىنى ھېچ بولمىسا تەستىقلىغان باشقۇرغۇچى ياكى مەزكۇر مۇنبەرگە رۇخسىتىنى ئېلىپ  يوللىغۇچى بىرەر قۇر تۇزۇتىۋېتىپ يوللىسا يامان بولماستى دەيمەن. بۇنداق دېسەم بەزىلىرىڭلار مەنىسىنى چۈشەنسەڭلا بولمىدىمۇ ، ئىملاسىغا ئېسىلىۋېلىپ نېمە قىلىسە دېسەڭلا ئۇمۇ ئۆزەڭلىنىڭ ئىشى.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 22:56:14

ھەقىقەتەن كەمتەر ئادم.

koklam0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 00:33:50

بىر ۋاقىتلاردا مۇئەللىم دەپ قويىتى،  نەتىجە ئۈچۈن پولاتتەك كاسا كېرەك دەپ.  ئەمما ھازىر تېخىمۇ شۇنداق ، شۇڭا ھازىر ئۇنىڭدىن ئۆتە داتلاشماس پولات(بۇشيۇگاڭ):lol كاسا كېرەك بولدىكەن جۇمۇ. (باشقىچە مەسخىرە قىلىش مەقسىدى يوق جۇمۇ بۇ گەپتە)

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 02:31:39

مۇھەببەت ئۇخلاتمايدۇ.

faxist يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 02:47:22

قەيسەركام بۇ تىمىنى كىچە سائەت بىردە يىزىپ تورغا يوللاپتۇ، قەيسەركام ھىلىمۇ شۇڭقاردەك ياشاۋىتىپتۇ. ئامرىكا جەميىتىدەك رىقابەت ۋەخىرىس كەسكىن بىر جەميەتتە بىر كۇنلۇك  ئشلىرنى تۇگىتىپ  كىچىچە يەنە بىز ئۇچۇن بۇ ئلھامبەخش يازمىلارنى بىزگە سۇنىۋاتىدۇ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ بەختىمىزشۇنداقلا تەليمىز. مەن بۇ يازمىنى يىرىم كىچىدە ئوقۇپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئويلىغانلىرىم بەك جىق ۋە ئازاپلىق.
             ياشلارغا ئاتالغان بۇ نەق  گەپلەر ھاۋاغا سىڭىپ كەتمىسلا بولاتتى .

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 06:25:43

تەستىقلىغاندا كىمنىڭلا تېمىسى بولسۇن تېمىنى تەپسىلىي بىر ئوقۇۋېتىپ تەستىقلاڭلار باشقۇرغۇچىلار . ئاپتورىغا قاراپلا ھە تەستىقلىساق بولغىدەك دىسەڭلار ئارتۇقچە ئىنكاسلارنى يېزىپ سالىدىكەنمىز .
ماقالىنىڭ ئىلاۋە قىسمىدىكى باغداش سۆزى تەكرارلانغان بىر نەچچە يەرنى ئىزدىنىش دىگەن سۆزگە ئالماشتۇرۇپ قويۇپ تەستىقلىساڭلارمۇ پېچەت چىقاتتى .

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 07:00:50

سىڭلىمنىڭ ئىككى ئاچىسى

batur72 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 08:11:25

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-29 06:25 static/image/common/back.gif
تەستىقلىغاندا كىمنىڭلا تېمىسى بولسۇن تېمىنى تەپسىلىي  ...

تورداش كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن ، بىراق راست گەپنى راس دىيىش كېرەك ، ئىزدىنىش تورىغا يوللىسىلا باغداش دىگەن سۆزنى تەرك ئەتسىڭىز بولمايدۇ ، باغداش تورىدىن ئالغان ئىلھام بولسا شۇنىڭغا تەۋە ، ئىزدىنىشتىن ئىلھام ئالسا باشقا ھەرقانداق تورغا ئىزدىنىشتىن ئىلھام ئالدىم دەپ يېزىلىشى كېرەك .

batur72 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 08:14:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   batur72 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-29 08:18  

Tuwatur يوللىغان ۋاقتى  2014-11-29 07:00 static/image/common/back.gif
سىڭلىمنىڭ ئىككى ئاچىسى

تۈزىتىپ قويدۇم . ئەسلىدە ئايالىمنىڭ ئىككى ئاچىسى دىگەن سۆز ئىدى ، كىچىككىنە خاتالىق كۆرۈلۈپتۇ . ، يوللىغاندا  ئىھتىياتسىزلىق قىلىپتىمەن . ئۆزىرلىكمەن .

batur72 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 08:15:56

yasharVB يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 22:38 static/image/common/back.gif
قەيسەر مىجىتقا ھۆرمىتىم بار بولمىسا ، لېكىنزە ئەسەرن ...

پىكرىڭىزگە رەھمەت ، بۇنى ئامال بار تۈزتىشكە تېرىشىمەن . بۇندىن كېيىن تېخىمۇ دىققەت قىلاي .

20011008 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 09:12:33

قەيسەر مىجىت ئەپەندىمگە رەخمەت، تېما يوللىغان قېرىندىشىمغىمۇ كۆپ رەخمەت. مەنمۇ ۋەتەندە دوختۇرلۇق ئوقۇغانلار ئامرىكىدا دوختۇر بولالمايدۇ دەپ ئاڭلىغان .

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 10:19:33

تىرىشچانلىقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم شەرھىيلەپ بەرگەن ئاكىمىز.{:112:}

batur72 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 12:36:11

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، باشقۇرغۇچىلار بۇ تېمىنى تەھرىرلىيەلمىدىم ، باغداش تورىدىكى ئەسلى ئەسەرنىڭ ئىملالىرىنى  تەھرىرلەپ قويدۇم .مومكىن بولسا شۇ ئەسەرنى كۆپەيتىپ ئەكىلىپ  تەھرىرلەپ قويساڭلار ، رەھمەت .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 18:29:17

ئامىرىكىدا بىر تەرەپتىن ئۇقۇپ بىر تەرەپتىن ئىشلەشكە يول قويمايدۇ ، دىيىلىۋاتاتتى بىر تېمىدا ...

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 20:26:08

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

USMLE (قوشما شىتاتلار دوختۇرلۇق كېنىشكىسى ئىمتىھانى) نىڭ دەسلەپكى 2 باسقۇچلۇق قەغەزچە ئىمتىھان قىسمىنى جۇڭگۇنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي... قاتارلىق شەھەرلىرىدە تىزىملىتىپ بەرگىلى بولىدۇ. تىببى ئۇنۋېرىستېتنىڭ تېخى ئوقۇش پۈتتۈرمىگەن، ئاخىرقى يىللىرىدىكى پىراكتىكىسىنى تېخى باشلىمىغان مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بۇ 2 باسقۇچقا تىزىملىتىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشالايدۇ. بۇ 2 باسقۇچتىن ئۆتسە، 3-باسقۇچى ئەمىلى مەشغۇلات ۋە پىراكتىكا قىسمىنى ئامېرىكىدا بېرىدۇ.

ئامېرىكىدا دوختۇرلارنىڭ ئىشى ۋەتەندىكىدەك ئېغىر، جىددى ئەمەس، مۇئاشى ئالاھىدە يۇقۇرى بولۇپ، (تام خوشنام بىر دوختۇرخانىدا ئادەتتىكى ئىچكى كېسەللىك دوختۇرى، تېخى ياش، ئايلىق مۇئاشى 20 مىڭ دوللارنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقان) ۋەتەندە خىزمەت تېپىشتا قىينىلىۋاتقان تىببى كەسپتىكى ئىنى-سىڭىللىرىمىز بەلنى چىڭ باغلاپ، مۇشۇ يولدا تىرىشىپ كۆرسە تامامەن ئەرزىيدۇ. ئامېرىكىدا دوختۇرلار ھۆكۈمەت ۋە جەمىيەتنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىدە، ئىقتىسادى جەھەتتىن ناھايىتى باي، يۇقۇرى تەبىقىدە خاتىرجەم ياشايدۇ.

ئۆز يېرىدىكى ياكى ئامېرىكىدىكى تىببى ئوقۇشقا كىرىشنىڭ قىيىنلىقى، ئوقۇش پۇلىنىڭ ناھايىتى يۇقۇرلىقىنى بايقىغان بىر قىسىم چەتئەللىكلەر ئۈرۈمچىدە تىببى ئۇنۋېرىستتا ئوقۇپ، كېيىن كەسپى ئىمتىھان بېرىپ دوختۇر بولۇشنىڭ يولىنى تاللىماقتا. ئۈرۈمچىدىكى تىببى ئۇنۋېرىستېتتا پاكىستانلىق ۋە ياكى باشقا يەرلىك چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ياكى كۆپىيىپ قېلىشى ئاساسلىقى مۇشۇ سەۋەپتىن.

gitlr يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 12:51:33

سۇ بۇيىدا نى رۇماننى بەك ئۇقۇپتقكەنسىز قەيسەر ئاكا  يامان نۇچى چىقىپتۇ بۇ تېمىڭىز

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 14:05:50

ئامىركىدا مۇۋەپپىقىيەت  قازانغان  قېرىنداشلىرىمىزغا  ئاپرىن!!!
مەن  چەتئەلدە  ئۇقۇۋاتقان،خىزمەت  قىلىۋاتقان  قېرىنداشلىرىمىزنىڭ  بىزلەرگە  خىزمەت  ۋە  جەمىيەت  ئۇچۇرلىرى داۋاملىق يەتكۈزۈپ تۇرىشىنى  ئۇمىد قىلىمەن .
بەت: [1] 2
: قەيسەر مىجىت : ئامېرىكىدىكى دوختۇر ئۇيغۇرلار