ئابدۇراھمان جامىنىڭ باھارىستان ناملىق كىتابىدىن ئۈزۈندە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sahl777 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-28 20:58ھەزىل
بىرمۇئەللىمدىن:
-سەن چوڭمۇ،ئۇكاڭمۇ؟- دەپ سورىغانىدى،ئۇ:
-مەن چوڭراقمەن،ئەمما بىر يىلدىن كېيىن ئۇ ماڭا يېتىشىۋالىدۇ،-دەپ جاۋاب بەردى.
ئۆمرۈڭ ھاسىلى بولسا ھېچنىمە،
باشقىلار ئىشىنى ساناپ ئۆتىسەن.
باشقىلارئۆمرىنى قىلىسەن ھېساب،
ئۆز ئۆمرۈڭمۇ ئۆتەر بىلمەي قالىسەن.
ھەزىل
بىر ئەرەب تۆگىسىنى يوقىتىپ قويۇپ:‹‹كىم تۆگەمنى تېپىپ بەرسە،ئىككى تۆگە يۈك بېرىمەن››دەپ جارساپتۇ.
-ھەي،ھەي،-دېيىشىپتۇ ئادەملەر،-نىمە دەپ بىرئاددىي تۆگىگە ئىككى تۆگە مال ۋەدە قىلىسەن؟
-بەس،-دەپتۇ ئۇ،-سىلەرھېچقاچان يوقالغان نەرسىنى تېپىش قىيىنچىلىقىنى باشتىن كەچۈرمىگەن،قولدىن كەتكەن نەرسىگە
ئىگە بولۇش لەززىتىنى تېتىپ باقمىغان بولساڭلار كېرەك.
يوقالغان نەرسە گەر كىچىك بولسىمۇ،
دېمەڭ سىز‹‹ئىزدىمە، بارمۇ قىممىتى؟››
زەرشۇناس كىشىلەر بىلىدۇ بۇنى،
بارىدىن ئارتۇقتۇر تاپماق لەززىتى. قەدرى زەر زەرگەر شىناسەد، قەدرى گەۋھەر گەۋھەرى
--- ئەلىشىر نەۋايى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-28 22:27
Elder يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 21:14 static/image/common/back.gif
قەدرى زەر زەرگەر شىناسەد، قەدرى گەۋھەر گەۋھەرى
--- ئەلى ...
ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر ،گۆھەرنىڭ قەدرىنى گۆھەرپۇرۇچ بىلىدۇ دىگەن گەپما؟ windows100 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 22:26 static/image/common/back.gif
ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر ،گۆھەرنىڭ قەدرىنى گۆھەرپۇر ...
شۇنداقكەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-29 00:13
abdulehed يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 00:07 static/image/common/back.gif
شۇنداقكەن
شىناسەد دىگەن پارسچە گەپما؟بىلىدۇ ،قىلىدۇ،ئېتىدۇ دىگەن مەنىدىكى گەپ بولسا كېرەك
شۇنداق، بىيىتنىڭ ھەممىسى پارسچىكەن. بۇ جۈملىدىكى ھەممە گەپ پارسىچىما؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Elder تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-29 01:19
windows100 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 22:26 static/image/common/back.gif
ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر ،گۆھەرنىڭ قەدرىنى گۆھەرپۇر ...
ھەئە، قارىسام ما مىسراغا بەك ئوخشاپ كەتتى
زەرشۇناس كىشىلەر بىلىدۇ بۇنى
نەۋائىينىڭ :
مەن ھىرى شەھرىدە كۆردۈم بىر ئەجايىپ مەنزەرى
مەنزەر ئىچرە ئولتۇرۇپتۇر ھۇر ياڭلىغ بىر پەرى
دېگەن غەزىلىنىڭ ئاخىرقى مىسراسى.
«شناسد» تونۇيدۇ دېگەن مەنىدە ئىكەن. تىلىمىزدىكى -شۇناس بىلەن ئۆزەكداش بولسا كېرەك. windows100 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 00:19 static/image/common/back.gif
بۇ جۈملىدىكى ھەممە گەپ پارسىچىما؟
شۇنداق
بەت:
[1]