waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 19:53:58

تەڭرىتاغ كوماندىسى جېجىياڭ كوماندىسىنى يەڭدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-28 20:32  

  

ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى كەچ سائەت 30؛5دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئون ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا،  جىجىياڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى بىلەن بىلەن مۇسابىقىلەشتى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى كوماندىسى چەتئەللىك ئەزا  ئاندىرى بىراچنىڭ  39نومۇر، 18قېتىم گاردىن قايتقان توپ  ئىلىشتەك ياخشى نەتىجىسىگە تايىنىپ ئاخىرى 128-107 نەتىجە بىلەن رەقىبى جىجىياڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. تەڭرىتاغ كوماندىسى ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلبە قىلدى.
   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  ئالتە  ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ  39 نومۇر، 18 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 2 قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ لىيۇۋىي 17 نومۇر،  4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ شىرئەلىجان 15 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ؛   ئىستىفان 15 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  جۇ چى 14 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 2 قىتىم قالپاق كىيگۈزدى؛  قىرانبېك ماقان 11 نومۇر ئالدى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 11-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا جېجىياڭ گۇاڭشىيا كوماندىسى  بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 23:01:03

شىرئەلىجان نېمىشقا نىقاب تاقىۋالىدۇ؟ سەۋەبىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 23:06:21

يارىلانغان.شىرئەلى راۋرۇس ئەسلىگە كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟

abduzaher يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 07:31:15

ATLAN111 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 23:01:03 static/image/common/back.gif
شىرئەلىجان نېمىشقا نىقاب تاقىۋالىدۇ؟ سەۋەبىنى بىلىدى
شىرئەلىجان ئۆزىنىڭ سىنا مىكرو بىلوگىدا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە بۇرنىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ،شۇڭا نىقاپ تاقايدىغانلىقىنى يىزىپتىكەن ،مىنىڭچە شىرئەلىجانمۇ تازا كۆنەممەيۋاتقان ئوخشايدۇ نىقاپقا ،تولا ھەپىلىشىپ تۇرغىنىنى كۆرىمەن مۇسابىقىدە.
بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى جېجىياڭ كوماندىسىنى يەڭدى