uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 15:52:05

ئالتۇن سودا تەھلىلى 28/11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-28 16:17

ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودابازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1186.86دوللارئەڭ يۇقىرى باھاسى 1207.97    دوللا ر ، ئەڭتۆۋەن باھاسى 1175.26دوللا ربازار يېپىلىش باھاسى 1201.42    دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 88.14   دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1191.8    دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:   

ئالتۇن كۈمۈش باھاسى 1200 دوللار ئەتراپىدىن1185 دوللارغا چۈشۈپ قالغان ، كۈمۈش باھاسى 16.10 دوللارغا چۈشكەن . بۈگۈن ئامېرىكا بازىرى مىننەتدارلىق بايرىمى دەم ئېلىش كۈنىدىن كىيىن نورمال سودا ھالىتىگە قايتتى ، بىراق ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى بۈگۈن 3 بۇرۇن دەم ئالىدۇ . ئاسىيا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلار ئاساسلىق دىققەت قىلىدىغىنى بولسا ياپونىيە تەرەپ ئېلان قىلىدىغان مۇھىم ئىقتساد سانلىق مەلۇماتلار ، ئەگەر ياپونىيە سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ئاجىز چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن . ياۋرۇپا ۋاقتىدا ياۋرو رايونىنىڭ پۇل پاخاللىشىش مەلۇماتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى بازار نىڭ دىققەت نۇقتىسى بولىدۇ . ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئاساسىي يۈزنىڭ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى چەكلىك بولىدۇ .
مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى1191-1181   دوللار ئارىقىدا تەۋرەندى ، سودا بازىرىنىڭ چۈشۈشنى ئاساس قىلدى .

2. چۈشلۈك ئاسىيا - ياۋرۇپابازىرىدا ئالتۇن باھاسى1180دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە قىسقا ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى   195-1200دوللار غىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .

.3 كەچلىك ياۋرۇپا ئامىرىكا بازىرىدا 1200 دوللار ياكى 1195دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكەئىلىپ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1185-1180دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار   1200 ، 1195
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1180-1185

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1200-1280
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1180
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1200

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .




بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئالتۇن باھاسى چۈشۈشنى ئاساس قىلدى

   11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ، خەلقئارا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى تۆۋەن يۆلىنىشتە تەۋرەنگەن ، ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەپ 1180 دوللار بولغان ، كۈمۈش باھاسى 1.17% چۈشۈپ 16.00 دوللار بولغان، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار باھاسى چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسەتتى ، شۋېيتسارىيە پۇقرالار ئاۋاز بېرىش ھەركىتى بەلكىم ئالتۇن بازىرىغا پايدىلىق ئامىل ئېلىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن .
   بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11:55 دە ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1182.80 دوللار بولغان ، خەلقئاراكۈمۈش باھاسى 16.07 دوللار بولغان .




ئالتۇن باھاسىنىڭ كەلگۈسى يۆلىنىشى قانداق بولىدۇ

   تارىختىن بۇيانقى ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆنىلىشىدىن قارىغاندا ، ھەريىلىنىڭ كەينىدىكى 4 ئايدا ئالتۇن باھاسى ياخشى بولىدۇ ، بۇ ھالەت كېيىنكى يىلى 1 - ئايغىچەداۋاملىشىدۇ . بىراق بۇيىل 9 - ئايدىكى ھالىتى بۇرۇنقىغا ئوخشىمىغان ، شۇ سەۋەبتىن بىر يېرىم ئايدىن بۇيانقى ئالتۇن يۆلىنىشى كىشىنى ئويلاندۇرۇپ قويىدۇ .
      1969 - يىلىدىن 2012 - يىلىغىچە ، 9 - ئايدا ئالتۇن ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان بىر ئاي ھېسابلىنىدۇ ، 11 - ئايدىن كېيىنكى يىلى 2 - ئايغىچە ئالتۇن باھاسى ئوخشاشلا ياخشى بولغان .
   بۇيىل 9 - ئايدا ئالتۇن ئىپادىسى ناچار بولدى ، تەھلىلچى Andrew Nyquist نىڭ قارىشىچە ، بۇندىن كېيىنكى ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆلىنىشى بۇرۇنقى يىلدىكى ئالتۇن يۆلىنىشىگە ئوخشاش بولىشى كىشىنى گۇمانغا سالىدۇ ، بىراق ئالتۇن باھاسى 1220 دوللاردىكى سەۋىيىنى بۆسۈپ ئۆتسە ئۇچاغدا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشى كېلەر يىلى 1 - ئايغىچە داۋاملىنىشى مۇمكىن .




28 - نويابىردىكى پېرېۋوت باھاسى ئەھۋالى

      FX168 خەۋىرى ، بۈگۈن ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا ، دوللار / يېن باھاسى 118.20 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ بۈگۈن ئىلان قىلىندىغان ياپونىيە 10 - ئايلىق پۇل پاخاللىقى ئۇدا 3 ئاي تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، بۇ سانلىق مەلۇمات تەسىرىدە دوللار / يېن باھاسى چوڭ ئاساستا يۇقىرى ئۆرلەپ ، نۆۋەتتە 118.26 گە يېقىنلاشقان بولۇپ ، بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى 09:30 دە ، 118.18/20 بولدى .
ياۋرو / دوللار باھاسى 1.2440 ئەتىراپىدا ئايلانغان بولۇپ ، بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى 9:55 دە ، 1.2459/62 بولدى ؛
فوندستېرلىڭ/ دوللار باھاسى 1.5745 ئەتىراپىدا ئايلانغان بولۇپ ، بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى 11:09 دا ، 1.5718/21 بولدى .
دوللار / ئاۋسترالىيە دوللىرى 0.8510 ئەتىراپىدا ئايلانغان بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈنى ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيىسى 3 - پەسىللىك شەخسىي مەبلەغ چىقىم سانلىق مەلۇماتى كۆپىيىشى تۈرتىكىسىدە دوللار / ئاۋسترالىيە دوللىرى يۇقىرى ئۆرلەپ يۇقىرى ئۇرۇلۇش نۇقتىسى 0.8615 كە يېقىنلاشتى ؛ بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى 11:40 دا ، 0.8509/12 بولدى .


بۈگۈن دوللار كۆرسەتكۈچى ئۆرلىدى


      11- ئاينىڭ 28 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 88.1374 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 87.9436 ، ئوتتۇرچە باھاسى 88.07 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى 0.21% ‏ بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىشىدا 87.9381 بولۇپ ، 88.05 ئەتىراپىدا ئايلاندى؛ سېتىۋېلىش باھاسى 88.1307 ، سېتىلىش باھاسى 88.1407 بولدى ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى87.94 بولغان .




28 - نويابىردىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى

         جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ، 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىكى بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھا ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1345 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ياۋرو 7.6408 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.1937 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.79126 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.6411 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى5.2248 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.8179 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 سىنگاپور دوللىرى 4.7158 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛1 كانادا دوللىرى 5.4039 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.54797 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان،1 يۈەن خەلق پۇلى 7.9205 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.7789 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3599 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولغان .

كېلىش مەنبەسى : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى






isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 18:06:41

دەرىسلىك چىقىدۇ دىگەندەك قىلغان قاچانلاردا چىقار

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 09:29:11

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى2014-11-28 18:06 static/image/common/back.gif
دەرىسلىك چىقىدۇ دىگەندەك قىلغان قاچانلاردا چىقار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز ؟ شۇنداق دەرسلىك چىقىدۇ ؛ دەرسلىكنى ھازىر تەييارلاۋاتىمىز ، پات ئارداتور بېكتىمىزگە چىقىدۇ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە قىزىقسىڭىز تور بېكتىمىزگە «ئۇيغۇر ئالتۇن تورى»غا داۋاملىق دىققەت قىلىڭ ؛www.uyaltun.com
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى 28/11