قايسىسىنى ئەمرىڭىزگە ئالارسىز؟
قايسىسىنى ئەمرىڭىزگە ئالارسىز؟مەن مۇنداق قىزلارنى ئۇچراتىم.
بىرنىجى قىز. باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە لىكىن بەش ۋاخ ناماز، 30پارچە قۇراننى ئۆتكۈزگەن،ھەممىلا يىرىنى ئىسلام قائىدىسى بويىچە چۈمكىگەن ئەدەپ ئەخلاقلىق،ئاق كۆڭۈل لىكىن خىزمىتى يوق قىز.
ئىككىنجى قىز. ئۆتتۇرا تىخنىكوم مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە. مەدىنىي، ئىشچان ، تولىمۇ پاكىز، پاكىزلىغىدىن ئۇ تازلىغان يەردىن ئەيمىنمەي ماڭالمايسىز، ئىزىڭىز تەككەن يەرنى ئىككى قىتىم سۇرتۇپ تۇرىدۇ.پاكىزلىق بىلەن يۈرىگىڭىزنى سىقىپ تۇرىدۇ.بالىلار يەسلىسىدە ئىشلەيدۇ.
ئۈچىنجى قىز.مەدىنىي، ئالى تىخنىكوم مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە.تولىمۇ ھاكاۋۇر، مەنمەنچى،نەزىرى ئۈستۇن. ھىچكىمنى ياقتۇرمايدۇ،ھۆكىمەتتە ئىشلەيدۇ.
تۆتىنجى قىز.ئاددى ساددا مۇلايىم ئاق كۆڭۈل ئۆزىنى بىغىشلاش روھىغا ئىگە. تۇرقىدىن كەمتەرلىگى ۋە مەيۇسلىگى چىقىپ تۇرىدۇ. كوپ ئىشلارغا بىپەرۋا. كەم سۆز. خىزمىتى دوختۇرخانىدا.
بەشىنجى قىز. ئىلغار مەدىنىيەتنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان ، مەرت سىخى چىرايلىق، ئىشقا خوشى يوق، ئايىغىنى باشقىلار سۇرتۇپ بەرمىسە كىيمەيدىغان ھورۇن،تاماق ئىتىشكە مىھمان كۈتۈشكە خوشى يوق، ئۆيى ماشىنىسى ھوكىمەت ئورگىنىدا خىزمىتى بار.
ئالتىنجى قىز. ئەدەپ ئەخلاقلىق شۈكرى قانائەتلىك، گۈزەل ۋە مەدىنىي.خىزمىتى يىراق تاغلىق رايۇندا ئۇقۇتقۇچى. ئۇ قارىمىسا بولمايدىغان كىسەل ئانىسى بار.
يەتتىنجى قىز. كىشىگە گۈزەللىك تەربىيىسى بىرەلەيدىغان، لىكىن كۆرگەنلا كىشىدىن قۇسۇر تىپىپ ئەيۋەن قويالايدىغان تىرىشچان ئىشچان مەدىنىي پۇل تىپىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتالايدىغان سودىگەر قىز.
سەككىزىنجى قىز.كۆرۇمسىز، كىيىنىشى مەدىنىي، ئاق كۆڭۈل، ۋاپادار ، كۆيۈملۈك،بەش ۋاخ ناماز، شۈكرى قانائەتچان. چىھرىدىن كۈلكە ۋە خۇشاللىق مىھرى مۇھاببىتى يىغىپ تۇرىدىغان دۆلەت مەمۇرى.
توققۇزىنجى قىز . چىرايلىق مەدىنىي، ياخشى ئورۇندا خىزمەتتە. ئەركە نايناق، چۈمسە، ئىچى تار ھەسەتخور كۈنلەمچى. باشلىقنىڭ قىزى.
ئونىنجى قىز. شۈكرى قانائەتچان،جاپا مۇشىققەتتىن قورقمايدىغان باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۇشكە ئامراق چىقىشقاق ، ئاق كۆڭۈل، خۇشخۇي، بىلىملىك،گۈزەل قىز. خۇسۇسىي كارخانىدا ئىشلەيدۇ.
تورداش ئەگەر سىز مۇشۇ قىزلار ئىچىدىن لايىق تاللىماقچى بولسىڭىز قايسى خاراكتىردىكىسىنى تاللايتىڭىز؟نىمە ئۈچۈن؟
مەنبە:ئەپەندىم تورى
مىنىڭغۇ بەلەننى ئالغۇم با{:92:} رەسىمىنىمۇ قوشۇپ چىقارماي:lol تەلەپ بىرنىلا تاللاشمۇ ياكى ئىككىسىنى تاللىساقمۇ بولامدۇ؟رەسىمى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتىكەن. بىرىنچىسىدىن باشقىسىنى ناماز ئوقۇمايدۇ دىمەكچىما،؟ تەلپى سەل مۇجىمەل بۇلۇپ قاپتۇ. كەمچىلىكى ئاز بولغان كىشىنىڭ ئارتوقچىلىقىمۇ ئاز بولىدىكەن .بۇ سۆزنىڭ بىرسىنىڭ شەخسى ئىمزاسىدىن كۆرگەن ئىدىم.
دۇنيادا قەيەردىمۇ مۇكەممەل سىزگە يارىغۇدەك تولۇق ئادەم بولسۇن.
بىرسى سىزگە يارىغۇدەك مۇكەممەل سىزنىڭ پۇتۇن ياقتۇردىغىنىزنى ياقتۇردىغان ئۆچ ئىشلىرىڭىزنى ئۆچ كۆرىدىغان ھەمراھنى زاۋۇتتىن ياساپ تەييار قىلمايدىكەن.
ئاللاھ ھەربىر جۇپلەرگە مۇھەببەت سالىدىكەن ھەم مۇھەببەت ھەممىنى ئۆزگەرتەلەيدىكەن.
خۇددىي دادا قىزىنىڭ ناچار ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەربىيلىگەندەك يولدىشى بولغان ئادەممۇ ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ ناچار ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى ئارقىلىق بوي سۇندۇرالايدۇ.
ماڭا 1 - 2-4-10 بولىدىكەن . رەسىمىنىمۇ ئەۋەتىۋىتەمسىز . چىرايلىقتىن ۋاپا كەلمەيدۇ، سەتتىن جاپا،
دىگەن گەپنىڭ ئاساسى بامىدۇ؟ ئالى مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئېگە قىزلار ئىمانسىز ياكى ئىمانى تىلغا ئالغۇسىز، 30 پارا قۇرئان ئۆگەنگەن قىزلار ئاران باشلانغۇچقىچە ئوقىغان بولدىما شۇنداق قىلىپ:lol
ماڭا ئونىنجى قىز يارىدى ماڭا مۇشۇ ئونىنجىسى قالسۇن:P:lol بىر دوختۇر يىگىتنى ئۆيدىكىلەر ئۆيلەپ قويماقچى بولۇپ كۆپلىگەن قىزلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپتۇ،ھەربىر قىز ئۇچراشقىنى چىققان ۋاقىتتا يىگىتكە ياراپ قىلىش ئۇچۇن ھىچ ۋاقتىدا كەيمەيدىغان چوڭ سۇپەت كىيىملەرنى كىيىپ ھەر بىر ھەركىتىنى ئەدەپلىك قىلىپ كۆرسىتىدىكەن.يىگىت بىلىپ تۇرسىمۇ يۇزىگە سالمايدىكەن .شۇنداق قىلىپ ھەممىسىنى رەت قىلىپ ئاخردا بىر قىز بىلەن كۆرۇشۇپتۇ.
ئۇ قىزنىڭ ھازىرچە ئوقۇش ئارزۇسى بولغانلىقتىن ئانچە توي قىلغۇسى كەلمەي ئۆزىنىڭ ئادەتتە كىيىدىغان كىيىمى بىلەن كۆرۇشكىنى چىقىپتۇ ھەم ھازىرچە توي قىلغۇسى يوقلىقىنى ھەم نۇرغۇنلىغان كەمچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئىيتىپتۇ.يىگىت شۇ ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان قىزلار توي قىلۋىلىش ئۇچۇن سۇنئىيلىك بىلەن ھەرخىل قىياپەتكە كىرۋالغان ئىدى سىز بولسىڭىز ھەقىقى ياسالمىلىق ئىشلەتمىگەن تۇنجى قىز ماڭا كىرىكى ساختا قىياپەتىكى ئېسىل سۇپەت قىز ئەمەس بەلكى مەن توي قىلىدىغان قىزنىڭ ئەسلى، سىز بىلەن توي قىلغۇم بار دەپتۇ. kundiyar يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 13:47 static/image/common/back.gif
مىنىڭغۇ بەلەننى ئالغۇم با
:lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-28 14:33
ماڭا ئالتىنجىسى يارغانتى تىلفۇن نۇمىرى قانچىكەن
ئانىسىنى بىللە باقىمىز ،لىكىن گەپ ئاڭلايدىغان بولغاندىكىن ناماز ئوقۇڭ دىسەم ئوقۇيدۇ چوقۇم.ياق دەپ قالسا مەن خوش دەيمەن.
بىرىنچىسىنىڭ يىشى كىچىك بولسا بالىلىق بولغۇچە مەدىنىيەت سەۋىيسىنى ئۆزەم ئۆستۈرۋالىمەن
خوتۇن بار!{:101:} قىزلىقى بارمۇ بۇ قىزلارنىڭ {:92:} ئايالىم بار تۇرۇغلۇق باشتىن ئاخىرى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم، لېكىن ئايالىم بىلەن ئاجرىشىپلا ئالغۇدەك بىرەرسى ئۇچرىمىدى:lol GoodLuck يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 14:16 static/image/common/back.gif
ئالى مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئېگە قىزلار ئىمانسىز ياكى ئىما ...
ماۋۇ تېمىدىن كۆرە، گۇدلاك ئىنىمىزنىڭ ئىنكاسى بەكرەك تەسىر قىلدى. bigham123 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 13:57 static/image/common/back.gif
تەلەپ بىرنىلا تاللاشمۇ ياكى ئىككىسىنى تاللىساقمۇ بولا ...
ۋوي نەدە ياشاۋاتىسەنوي؟:lol
مۇشۇ مۇنبەرنى مەلۇم تىمىدىكى مەلۇم ئىنكاس:
باشلىق دەيدۇ ئۆسمىسۇن ساقال،
ئۆسۈپ قالسا خىزمەتتىن يوقال.
سىياسەت شۇ بىر خوتۇن ئالغىن .
قوشۇلمايمىز كۆپەيتسەڭ توقال.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kakkur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-28 15:01
قايسىسىنى ئالىدىغىنىمنى بىلەلمىدىم ئەمما لېكىن ئەلۋەتتە چوقۇم ئىتقادى مۇستەھكەم ، ئەخلاقلىق ، ئەقىللىق بولسا چىراي بىلەن بەك ھېسابلىشىپ يۈرمەيمەن ، قالغان ئىشلار يۇقىردىكى ئۈچ سۈپەتكە ئەگىشىپ كىتىدۇ:P ئەلۋەتتە خىزمىتى بولىشىنى قەتئى خالىمايمەن سەت تۇرىدۇ خوتۇننى پۇل تاپقىلق سالسا ، خوتۇن پۇل تاپىمەن دەپ نەلەردە خەقنىڭ كۆز خوتۇنى بولۇپ يۈرىيدۇ؟:L بەكلام بىمەنىكەن