taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 13:38:15

كۆز تورلىشىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ئاددىي ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى


كۆز تورلىشىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ئاددىي ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى
.1پەللىنى بېسىش ئۇسۇلى:
  ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئويغانغاندىن كېيىن، كۆزىمىزنى يۇمۇپ ئىككى قولىمىزنىڭ ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن چېكىمىزنى تۇتۇپ، نامسىز بارمىقىمىز بىلەن قېشىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىنى بېسىپ، چىمچىلاق بارمىقىمىزنى قېشىمىزنىڭ يان تەرىپىدىكى سۈەنجۇ پەللىسىگە توغرىلاپ مۇۋاپىق ھالدا ھەر قېتىمدا بەش مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋىلاپ بەرسەك، كۆز مۇسكۇللىرىمىزدىكى ھارغىنلىقنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.
  .2 سوغۇق سۇدا كۆزنى يۇيۇش ئۇسۇلى
   ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ۋە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى، كۆزنى سوغۇق سۇدا يۇيۇپ بېرىش كېرەك. كۆزىمىزنى بىر مىنۇتتىن ئىككى مىنۇتقىچە پاكىز سوغۇق سۇدا چىلاپ تۇرۇپ، ئاندىن لۆڭگە بىلەن پاكىز سۈرتۈۋېتىپ، قول بارمىقىمىز بىلەن كۆز ئەتراپىنى 30 قېتىمدەك يېنىك ئۇۋىلاپ بەرسەك بولىدۇ.
  . 3 كۆز ئالمىسىنى ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىشلەپ بېرىش: كۆزنى بىر يۇمۇپ بىر ئېچىشتەك كۆز چىمچىقلىتىش ھەرىكىتىنى ئىشلەپ بەرگەندە، كۆز مۇسكۇللىرىنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كۆز ئالمىسىنى ئوڭ – سول، يۇقىرى – تۆۋەن ھەم سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ ئوڭ ۋە تەتۈر يۆلىنىشى بويىچە ئايلاندۇرۇپ بەرگەندە، كۆز مۇسكۇللىرىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، كۆز مۇسكۇللىرىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇپ، كۆزنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
  .4كۆزگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۇسۇلى:
   يۈزنى يۇيغاندا، ئاۋۋال لۆڭگىنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ، كۆزنى بوش يۇمۇپ، پېشانە بىلەن كۆز چانىقى ئەتراپىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە، كۆزدىكى قان تومۇرلارنىڭ راۋان ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى ھەم كۆز مۇسكۇللىرىنى ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تولۇق تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىكار قالغان ۋاقىتلاردا قول ئالقىنىمىزنى سۈركەپ ئىسسىتىپ ئىككى كۆزىمىزنى بىر مىنۇت ئەتراپىدا يېنىك دەرىجىدە بېسىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ.
  . 5 قەرەللىك ھالدا يىراققا قاراپ بېرىش ئۇسۇلى:
   ھەر كۈنى ئەتىگەندە يىراق جايلاردىكى يېشىل ئۆسۈملۈكلەرگە قاراپ بەرسەك كۆزىمىزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاشقا زور پايدىسى بولىدۇ ھەم كۆز مۇسكۇللىرىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 13:45:25

{:112:}

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 20:10:39

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 20:10:56

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 20:20:00

كۆزگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى بار، ئادەتتە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ ، كۆزگە يىڭنە ئاسقۇ ياكى كىرپىك جىيەك تۆشۈكچىلىرى ئىششىپ قالغاندا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ ، سوغۇق ئۆتكۈزىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ئاستى قىسمى قانىغاندا سوغۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ .

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 20:23:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilnazuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-28 20:24  

بىراق تىمپىراتۇارا بەك يۇقىرى  بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك ، بىر چاغدا دوختۇرخانىمىزدا  بىر بىمارغا دوختۇر كۆزىگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى تاپىلىسا كۆزىنى قىزىق  ھورغا تۇتۇپ كۆيدۈرۋىلىپ  نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ كەتكەن
بەت: [1]
: كۆز تورلىشىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ئاددىي ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى