bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 10:45:48

رادىئو دىراممىسىنى نەدىن تاپىمىز؟


    رادىئو ئاجايىپ ئېسىل دىراممىلاشتۇرغان ئەسەلەرنى ئاڭلىتىدىكەن. قايسى كۈنى چالىقۇشىنى ئاڭلاپ بەكلا سۆيۈنۈپ كەتكەن ئىدىم. ئارقىدىن «ئۈجمە سايىسى» ئاڭلىدىم. ئەمما پەرزەنتلىرىمگە قويۇپ بېرەي دېسەم ئىزلەپ تاپالمىدىم.
    رادىئو دىراممىلىرىنى قەيەردىن چۈشۈرۈپ ئاڭلىغىلى بولىدۇ؟ بىلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلار.... رەھمەت

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 10:52:44

بۇنىڭدەك ئەمگەك كېتىدىغان ياخشى نەرسىلەرنى توردىن ئاسانلىقچە تاپقىلى بولماسمىكىن ...

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 11:01:22

سۇبات سالونىنى تەۋسىيە قىلىمەن.مەركىزى خەلىق رادىيۇ ئىستانسىنىڭ ئېسىل پىروگراممىللىرى بار
subatcn

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 11:03:22

بۇ ئۇلىنىشتا ئاۋازلىق روماننى تۆكىۋېتىپتۇ

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 17:16:18

http://terjimefilim.com/bbs/thread-8408-1-1.html

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 23:05:09

ئاۋازلىق رومانلارغۇ خېلى بار ، تاپقىلى بولىدۇ .    لېكىن  رادىئو دىرامىسى شەكلىدە ئىشلەنگەنلىرى ئاسان تېپىلمايدىكەن .    رادىئو دىرامىلىرى بەك ئېسىلتى .  بىر چاغلاردا  ھېندىستاننىڭ « يىپى ئۈزۈلگەن لەگىلەك » دىگەن پوۋىستىنى رادىئۇ دىرامىسى قىلىپ ئاڭلاتقانتى ، بەك ئېسىل چىقىپتىكەن .  ھەم  داڭلىق ئاۋاز ئارتىسلىرى ئاۋاز بېرىپتىكەن .  موزىكا ، قىستۇرما ئاۋازلىرىمۇ شۇنداق نوچى .   رادىئودا بىر ئاڭلدىم ، كىيىن ھېچ يەردە ئاڭلاپ باقمدىم .  بولسا تاپقىلى بولسا بەلەن بولىتى ،   
شىنجاڭ تېلۋىزىيەسىنىڭ كونا فىلىملىرىنىڭ خېلى جىقلىرىنى ھازىر خۇيۈ تورىدىن تاپقىلى بولىدىغان بولدى ،  مۇشۇنىڭغا ئوخشاش شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئىستانسىنىڭمۇ بىرەر تور بېتى يوقمىدۇ ،  بولسا ئامباردا بېسىپ سېسىتىۋەتمەي ،  كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنسا بولاتتى ...

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 09:22:34

http://www.xjbs.com.cn/aod/gushigb/
ماۋۇ تور بەتتىن تاپقىلى بولىدۇ، لېكىن ئاران بىرەر ئاي ئەتراپىدا ئاڭلاتقانلىرىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. مەن ھەر كۈنى ئېچىپ دېگەندەك خېلى كۆپلىرىنى چۈشۈرىۋالغان، ۋاقتىم چىققاندا يوللاپ قوياي. موللا زەيدىن، غۇنچەم، ئۆتكەن كۈنلەر، ئەلشىر نەۋايى....دېگەندەك.
ماڭا ئاجايىپ ياراپ كەتكىنى «ئوت ئىچىدىكى ئادەم»دېگەن رادىئو دراممىسى ئىدى، لېكىن ھېچ يەردىن تاپقىلى بولمىدى، بۇلارمۇ يا قايتا ئاڭلاتمىدى.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 15:16:16

« ئوت ئىچىدىكى ئادەم » دىگىنىڭز ، بىر ناۋاينىڭ ھېكايىسى سۆزلىنىدىغىنى شۇمۇ ،   ياش ۋاقتىدا قىمار ئويناپ ، قەرىزگە بوغۇلۇپ قېلىپ ، قىمارۋازلار بارمىقىنى كېسىۋالىمىز دەپ نەخ بولغاندا دادىسى كىرىپ ، ئوغلىنىڭ ئورنىدا بارمىقى كېسىۋېلىنىپ ، دادىسى ئۆلۈپ كېتىىدىغان ناۋاينىڭ شۇما ؟

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 16:38:31

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2014-11-29 15:16 static/image/common/back.gif
« ئوت ئىچىدىكى ئادەم » دىگىنىڭز ، بىر ناۋاينىڭ ھېكايىس ...

دەل ئۆزى شۇ. كىنوسىمۇ ئىشلىنىپتىكەنتۇق، لېكىن پەقەتلا يارىمىدى. رادىئو دراممىسىنى ئېسىل ئىشلىۋېتىپتىكەن، ئابدۇقېييۇم ئىمىن، قېيۇم مۇھەممەتلەرنىڭ ئاۋازى....

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 19:38:18

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2014-11-29 15:16 static/image/common/back.gif
« ئوت ئىچىدىكى ئادەم » دىگىنىڭز ، بىر ناۋاينىڭ ھېكايىس ...

قۇتيار مۇنبىرىگە يوللاپ قويدۇم. لازىملار چۈشۈرىۋېلىڭلار.
http://www.terjimefilim.com/bbs/thread-9310-1-1.html

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 20:38:22

« ئوت ئىچىدىكى ئادەم » بار ئوخشايدۇ دەپ خۇشبولۇپ كەتكەنتىم ...

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 21:27:13

{:87:}{:87:}
بەت: [1]
: رادىئو دىراممىسىنى نەدىن تاپىمىز؟