تەلەي ھەققىدە
تەلەي ھەققىدەمۇراكامى خارۇكى [ياپونىيە]
چىمەنگۈل كەنجى تەرجىمىسى
-سىز چاشقان بىلەن گۆش يېمەيدىغان مۈشۈكنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغانمۇ؟
-ئاڭلىماپتىكەنمەن.
-ئۇنداقتا ئاڭلىغۇڭىز بارمۇ؟
-ئاڭلىغۇم بار.
-بىر چاشقان لەمپىدە كېتىۋېتىپ ناھايىتى يوغان بىر مۈشۈككە ئۇچراپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاچاي دەپمۇ قاچالماي بىر بۇلۇڭغا قاپسىلىپ قاپتۇ. چاشقان قورققىنىدىن لاغىلداپ تىترىگەن ھالدا:
-مۈشۈك ئالىيلىرى، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مەن ئۆيۈمگە كەتمىسەم بولمايدۇ، بالىلىرىم قورسىقى ئاچ ھالدا يولۇمغا تەلمۈرۈپ تۇرىدۇ، سىزدىن ئۆتۈنەي، مېنى قويۇۋېتىڭ،-دەپ يالۋۇرۇپتۇ.
-ئەنسىرىمىگىن، مەن سېنى يىمەيمەن، راست گەپ قىلسام، بۇ گەپنى يۇقىرى ئاۋازدا دېسەم بولمايدۇ،-مەن گۆشسىز غىزا يېگۈچى، ماڭا ئۇچراپ قالغىنىڭ سېنىڭ تەلىيىڭ،-دەپتۇ مۈشۈك.
بۇنى ئاڭلىغان چاشقاننىڭ شۇ ھامان كۆڭلى جايىغا چۈشۈپتۇ-دە:
-پاھ، نېمىدېگەن گۈزەل بىر كۈن –ھە! مەن نېمىدېگەن تەلەيلىك، ئويلىمىغان يەردىن گۆش يېمەيدىغان مۈشۈككە ئۇچراپتىمەن ئەمەسمۇ،-دەپتۇ.
دەل شۇ چاغدا مۈشۈك چاشقانغا ئوقتەك ئېتىلىپ، كۈچلۈك تىرناقلىرى بىلەن چاشقاننى قىسماققا ئاپتۇ، جېنى ھەلقۇمغا كېلىپ قالغان چاشقان ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ مۈشۈكتىن:
-سەن ماڭا گۆش يېمەيمەن دېگەنتىڭغۇ؟ ئەجەبا دېگەنلىرىڭ يالغانمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
مۈشۈك لەۋلىرىنى يالىۋەتكەندىن كېيىن مۇنداق دەپتۇ:
-شۇنداق، مەن گۆش يېمەيمەن، بۇ يالغان ئەمەس، ئەمدى مەن سېنى ئاپىرىپ كۆكتاتقا تېگىشىمەن.
-بۇ ھېكايىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى نېمە؟
-بۇ ھېكايىدە ئالاھىدە بىر ئىدىيە يوق، بايا تەلەي ھەققىدە سۆز بولغاندا تۇيۇقسىز بۇ ھېكايىنى ئەسلەپ قالدىم، خالاس. ھېكايىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تېپىش ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز.
مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-سان بۇ ھىكايىنىڭ بەزى مەنىسى بۇ دۇنيادا ھەقسىز چۇشلۇك تاماق يوق دىگەن سۆزگە يىقىن كىلىدىكەن.
بىراۋ تۇيۇقسىز ياكى ھىچ پايدا مەنپەتسىز سىزگە ياخشىلىق قىلىدۇ ياكى سىزگە تۇيۇقسىز ھىچ مىھنەتسىز تەلەي ئامەت نىسىپ بولۇپ قالىدۇ ئەملىيەتتە ئاشۇ ئامەت ۋە شەخسىيەتسىز ياردەملەر ئارقىسىغا قانداقتۇر قارا نىيەت ياكى ئۆز كۆمىچى چوغ تارتىش ساقلانغان .
تەلەينىڭ ئۆزىمۇ بىر رىزىق كەن...
بەزىدە شۇنداق بىر ئىشلار بولىدۇ ، ئۇھ ىۇداغا شۈكرى دەپ كېتىمىز ، بەزىدە يەنە شۇنداق ئىشلار بولىدۇ ، توۋا خۇدايىم دەپ نالە قىلىمىز
Haruki Murakami
مۇراكامى ئەپەندى 2014 - يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئەپسۇس...
بەت:
[1]