huxhui يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 09:36:46

​چىقىمنى ئازايتىش كارخانىنىڭ تەرەققىياتى

چىقىمنى ئازايتىش كارخانىنىڭ تەرەققىياتى         
تۇردى لېتىپ ئىزگۈ

مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبلىك پەيدا بولغان تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئېشىشى ھازىر كارخانىلارنىڭ ئالدىغا چىقىمنى ئازايتىش بىلەن بىللە، خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسىلىسىنى قويدى. قانداق قىلغاندا نورمال خىزمەت كەيپىياتى ۋە سودا ئوبوروتىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا چىقىمنى ئازايتىش، خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئۇزاققىچە مۇقىم ئىشلىشىگە ئاساس سالغىلى بولىدۇ؟
باشقۇرۇش تەننەرخىنى ئازايتىش. ئادەتتە باشقۇرۇش تەننەرخىنىڭ ئومۇمىي پايدىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى %5 تىن ئېشىپ كەتمەسلىك تەلەپ قىلىنىدۇ، بىراق ھازىر باشقۇرۇشقا كەتكەن چىقىمنى تېخىمۇ ئازايتىش ئېھتىياجى پەيدا بولدى. بۇنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى شۇكى، باشقۇرغۇچى سانىنى ئازايتىپ، ئادەمنى تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ ئۇزاق مۇددەتلىك يۇقىرى تەمىناتلىق باشقۇرغۇچىلارنى قىسقا مۇددەتلىك يۇقىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرغۇچىلارغا ئالماشتۇرۇش، بەزى ئىقتىدارى ئاجىز باشقۇرغۇچىلارنى ئەمەلىي خىزمەت ئورنىغا قويۇپ، ئىقتىدارى بار ۋاقىتلىق باشقۇرغۇچىلارنى يېتەكلەش ۋە تەربىيلەشكە كۆڭۈل بۆلۈش، باشقۇرۇشنى ھۆددىگە بېرىش، تەمىناتقا باغلانغان پايدا يارىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاجەتسىز باشقۇرغۇچىلارغا قىلىنىدىغان چىقىمنى ئازايتىش.
خىزمەتچىلەردىن تولۇق پايدىلىنىش. ئادەم كۈچى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىش ھەرگىزمۇ خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىگە ھەر خىل ئۆلچەملەرنى بېكىتىپ، ئۆلچەمگە يەتمىگەنلەرنى ياكى ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىغانلارنى جازالاشنى مەقسەت قىلمايدۇ. توغرا ئۇسۇل شۇكى، ئىمكان بار مائاشىنى ئۆستۈرۈش يولى بىلەن خىزمەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، بىر ئادەم كۆپ ئىشقا مەسئۇل بولۇش، ئارتۇقچە خىزمەت ئورۇنلىرى بولماسلىق، ھەر ئىشقا بىردىن مەسئۇل خادىم قويۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، مۇرەككەپ ئىشلارنى ئاددىيلاشتۇرۇش، تېخنىكىلىق ئىشلارنى يېتەكچى قىلىش، مەسئۇلىيىتى بار ئىشلارنى بىر قانچە خىزمەتچىگە يۈكلەش.
يىغىن ۋە تەربىيلەشنى ئاددىيلاشتۇرۇش. كۆپ ئادەم بىر يەرگە كېلىپ ئېچىلىدىغان يىغىن ۋە تەربىيەلەشنى ئازايتىش، ئەمەلىي خىزمەتتە نازارەت ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەشنى خىزمەتكە سىڭدۈرۈش، پىشقا خىزمەتچىلەرنى يېڭى خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەشكە قويۇش، ئۇچۇر-ئالاقە قوراللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، رەسىم، قىسقا كۆرۈنۈش ۋە يازما ئۇچۇر ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنى بەلگىلەنگەن نىشانغا ئۆزلۈكىدىن ئىلگىرىلەيدىغان خىزمەت كايپىياتى يارىتىشمۇ چىقىمنى ئازايتىش ئۇسۇلى بولالايدۇ.
ۋاقىتلىق خىزمەتچى ئىشلىتىش. جىددىي ئىش چىققاندا چاقىرغىلى، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ھۆددە بەرگىلى بولىدىغان ۋاقىتلىق خىزمەتچى ۋە سىرتتىن ھۆددە ئالىدىغان خىزمەتچىلەر توپىنى بەرپا قىلىشمۇ چىقىمنى ئازايتىش ئۇسۇلى بولالايدۇ. كارخانىدا ئايلىق مائاش ۋە يىللىق مۇكاپات ئالىدىغان مۇقىم خىزمەتچىلەر بولغاندىن باشقا، يەنە مەلۇم نىسبەتتىكى قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خىزمەتچىلەر بولسا، ئالدىراش چاغلاردا چاقىرغىلى، سائەتلىك ئىش ھەققى بىلەن رازى قىلىپ مائاش چىقىمىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك ئىشلاردا شۇ ئىشنىڭ ئەھلى ھېسابلىنىدىغان باشقا كارخانىلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ ھەمكارلىشىشمۇ كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
قىسقىسى، كارخانىدا چىقىمنى تېجەپ پايدىنى زورايتىش ئۈچۈن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئاكتىپ ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىش تولىمۇ زۆرۈر، ئەمما «ئەلىبابا» گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى مايۈن ئىلگىرى:«خىزمەتچىلەرنىڭ يېرىم يولدا كېتىپ قېلىشىغا ئۇلارنىڭ تىرىشقىنىغا تۇشلۇق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكى، شۇنداقلا شىركەت كوللېكتىپىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەنلىكى سەۋەب بولىدۇ» دېگەنىدى. شۇڭا كارخانىلار چىقىمنى ئازايتىش كويىدا ئۈنۈملۈك خىزمەت مۇھىتى يارىتىش، يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىشىغا سەل قاراش كارخانىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا زىيان سالىدۇ.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 13:43:24

ئىقتىساد تىمىللىرى كۆپ بولسا ياخشى ئىدى .

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 13:43:33

{:112:}{:112:}{:112:}
بەت: [1]
: ​چىقىمنى ئازايتىش كارخانىنىڭ تەرەققىياتى