bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 01:27:59

بىلىمخۇمار: گېرمانلارنىڭ 7 خىل كىشىلىك خاراكتېرى

گېرمانلارنىڭ 7 خىل كىشىلىك خاراكتېرى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى

مەن ئۆزۈمنىڭ يېقىندا تەييارلىغان «بۇيرۇلغان ياردەم ۋە تىرىشچانلىق ـــ بەدرى ئۇرۇشىدىن ئويلىغانلىرىم» دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان ئىدىم:

--«گېرمانىيە» بىلەن «ئىنژېنېرلىق» نىڭ مەنىداش سۆز بولۇپ كېلىۋاتقىنىغا خېلى ئۇزۇن بولدى. 1945-يىلى تەسلىم بولغاندىن كېيىن، گېرمانىيىنىڭ بېسىۋېلىنغان قىسمى 4 پارچە زېمىنغا بۆلىۋېتىلگەن، ھەمدە 1950-يىلىغا كەلگۈچە ئۇنىڭ قايتا كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېغىر سانائىتى بىرلەشمە كۈچلەر تەرىپىدىن مەقسەتلىك ھالدا ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپ تاشلانغان ئىدى. لېكىن گېرمانىيە يەنە كۈچەيدى. ھازىر ئۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بولغان قالغان ئەللەرنى يۆلەۋاتىدۇ.

--ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن گېرمانلار دىننى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويغان. بولۇپمۇ ئەنگلىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا، گېرمانلار ھەقىقىي دىنچىلاردىن بولۇپ، ئۆزىنىڭ بارلىق كۈچىنى ئاساسەن دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلارغا قاراتقان. مېنىڭ مۆلچەرلىشىمچە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانلاردىمۇ دىن جەھەتتە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق نوپۇسىمۇ «خۇداغا ئىشىنىدىغان، ئەمما دىنچى ئەمەس» (spiritual but not religious) كىشىلەرگە ئايلاندى. گېرمانلارمۇ ئىنتايىن قاتتىق ئىشلەيدۇ. ۋەزىپىنى ناھايىتى يۇقىرى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنلايدۇ، ھەمدە ناھايىتى ئىجادچان. ھازىر پۈتۈن دۇنيا ئىشلىتىۋاتقان ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ ئىچىدە گېرمانلار ئىجات قىلغانلىرى ناھايىتى يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. 1762-1814-يىللىرى ياشىغان گېرمانىيىلىك داڭلىق پەيلاسوپ فىختې (Johann Gottlieb Fichte) مۇنداق دەيدۇ: «گېرمانلارنىڭ روھى بىر بۈركۈتكە ئوخشاش. ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ۋە مەخسۇس چېنىقتۇرغان قانىتىنى قېقىپ، ئۆزىنىڭ ئېغىر بەدىنىنى يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەشكە مەجبۇرى قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى چوڭقۇر تەپەككۇرلار ئارقىلىق ئۆزىگە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدىغان بىر قۇياشقا ئوخشاش مەنبەگە يېقىنلىشىشتىن ئىبارەت.» مەن بۇ سۆزنى گېرمانلارنىڭ روھىنى ناھايىتى ئىخچام ۋە ناھايىتى جانلىق ھالدا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىكەن، دەپ ئويلىدىم.

خۇددى يۇقىرىقىدەك، مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى خېلى كۆپ ماقالىلىرىدە ياپونلار، گېرمانلار ۋە يەھۇدىيلارنى تىلغا ئالدىم. يەنى مەن ئۇلارنى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پۈتۈنلەي ۋەيرانلىققا ئۇچراپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى 70 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە توغرا ئىشلارنى تاللاپ قىلىپ، ھەمدە ئىشلارنى توغرا قىلىپ، ئىقتىساد ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىدە ھازىر يەنە دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن مىللەتلەرنىڭ مىسالى سۈپىتىدە تىلغا ئالدىم. شۇنداقلا ياپونلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ نېمىگە تايىنىپ ئاشۇنداق قىلالىغانلىقىنى ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى 4 پارچە ماقالىسىدە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. ئەمما گېرمانلار ئۈستىدە ھازىرغىچە توختىلىپ باقمىدىم. بۇنىڭ سەۋەبى، مېنىڭ گېرمانلار ھەققىدىكى تونۇشۇم ئانچە تولۇق ئەمەس بولۇپ، مەن ھازىرغىچە ئۇلار ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ھەمدە ئۇلارنى قانداق تونۇشتۇرۇش ھەققىدە ئويلىنىپ كەلدىم.

ئالدىنقى ھەپتە، يەنى 2014-يىلى 18-نويابىر كۈنى، ئامېرىكىدىكى مەملىكەتلىك تېلېۋىزورلارنىڭ ھەممىسى كەچلىك مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر ۋاقتىدا مۇنداق بىر ئىشنى خەۋەر قىلدى: گېرمانىيە يېقىندا «دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دۆلىتى» (World’s favorite country) بولۇپ باھالانغان. ئاشۇ خەۋەر مېنىڭ مەزكۇر ماقالىنى تەييارلىشىمغا سەۋەبچى بولدى. مەن يالغۇز ئاشۇ خەۋەرنىڭ ئۆزىنىلا بىر ماقالە قىلىپ يوللاشنى مۇۋاپىق كۆرمەي، ئۇنىڭغا گېرمانلارنىڭ ئەڭ روشەن 7 خىل كىشىلىك خاراكتېرىنى قوشۇپ بايان قىلىشنى قارار قىلدىم.

يۇقىرىدىكى خەۋەر ئەسلىدە مۇنداق بىر ئىش ئىكەن: ئىنگلىزچە «Anholt Gfk Nations Brand Index» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆرسەتكۈچ بار بولۇپ، ئاشۇ كۆرسەتكۈچكە مەسئۇل تەشكىلات دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان 50 دۆلەتنىڭ ئوبرازىنى يىلدا بىر قېتىم باھالاپ ئېلان قىلىدىكەن. ئاشۇ باھالاشتا ئامېرىكا ئۇزۇندىن بۇيان 1-ئورۇننى ئىگىلەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى گېرمانىيە ئېلىپتۇ. بۇ كۆرسەتكۈچنىڭ 23 ئېلېمېنتى بار بولۇپ، ئۇلار 6 تۈرلۈك ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەمنى تەشكىل قىلىدىكەن. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ، بۇ يىل گېرمانىيىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈشىگە سەۋەبچى بولغان ئامىللارنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى قاتارلىق تەنتەربىيە ساھەلىرىدە كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى، ئۇلارنىڭ ناھايىتى پۇختا ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەن ياۋروپانى يېتەكلەپ مېڭىشى، شۇنداقلا ئۇلار ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان سىياسىي جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىق قاتارلىقلار بار ئىكەن.

بۇ باھالاشقا دانىيىگە جايلاشقان «Anholt-Gfk» دېگەن ئورگان مەسئۇل بولۇپ، ئۇلار 20 دۆلەتتىكى 20125 (20 مىڭ 125) نەپەر ئادەم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھېلىقى 50 دۆلەتنى دەرىجىگە ئايرىپ چىقىدىكەن.

ئامېرىكا بۇ باھالاشتا 2009-يىلىدىن باشلاپ بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى مەدەنىيەت ۋە مائارىپ قۇرۇلمىلىرى جەھەتتە ھازىرمۇ پۈتۈن دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلانسىمۇ، بۇ قېتىم ئامېرىكا دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى جەھەتلەردە بىر ئاز زىيان تارتىپ، بۇ جەھەتتە ئۇ 19-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان .

بۇ يىلقى باھالاشتا رۇسىيەنىڭ ئورنى 3 دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، 25-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتكىنى 22-دۆلەت ئارگېنتىنا، 23-دۆلەت جۇڭگو، ۋە 24-دۆلەت سىنگاپورلاردۇر. بۇ قېتىمقى باھالاشتا ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن دۆلەتلەر تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:

(1) گېرمانىيە
(2) ئامېرىكا
(3) ئەنگلىيە
(4) فىرانسىيە
(5) كانادا
(6) ياپونىيە
(7) ئىتالىيە
(8) شۋېتسارىيە
(9) ئاۋسترالىيە
(10) شۋېتسىيە

گېرمانلارنىڭ بىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك يەرلىرى ناھايىتى كۆپ. مەن ئۇلار ھەققىدە بىر ئاز ئىزدىنىپ، ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق بىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك يەرلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا تونۇشتۇرۇشنى ئويلىغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. ئاشۇنداق بىر مەقسەتتە مەن گىتلېر يازغان بىر قېلىن ئىنگلىزچە كىتابنىمۇ سېتىۋالدىم. ئەمما ئۇنى تېخى ئوقۇپ بولالمىدىم. تورلارنى ئىزدەپ، گېرمانلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بايان قىلىدىغان ئىلمىي ماقالە ياكى بىر دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئىلمىي تەتقىقات دوكلاتلىرىدىن بىرەرنى تېخىچە تاپالمىدىم. نېمىشقىكىن بۇنداق مەزمۇندىكى ماتېرىياللار تورلاردىن ئانچە تېپىلمايدىكەن.

مەن بۇ قېتىم گېرمانلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت بىللە ياشىغان بىر ئادەم يازغان، گېرمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ 7 خىل كىشىلىك خاراكتېرى (personality traits) ھەققىدە بىر پارچە ماقالە تاپتىم . توردىكى بۇ ماقالىنىڭ ئاستىغا نۇرغۇن ئىنكاسلارمۇ چۈشكەن بولۇپ، ئۇ ئىنكاسلارمۇ ئەسلىدىكى ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەكۈنلەرنى جەزملەشتۈرىدىكەن، ياكى بولمىسا تولۇقلايدىكەن. ئۇ ماقالىنىڭ ئاپتورىنىڭ توردىكى ئىسمى «شنىتزېل رەپابلىك» (Schnitzel Republic) بولۇپ، ئۇ بىر ئامېرىكىلىق ئىكەن. ئەمما ئۇ بىر ئەسكەر بولۇپ، گېرمانىيىدە 20 يىل ياشاپتۇ، ھەمدە بىر گېرمانلىق قىز بىلەن توي قىلىپتۇ. ئۇنىڭ بىر تور بلوگى بار بولۇپ، بۇ بلوگدا ئۇ پۈتۈنلەي گېرمانىيە ۋە گېرمانلار ھەققىدىكى نەرسىلەرنى يازىدىكەن. مەسىلەن، گېرمانىيە، گېرمانلىقلار، گېرمان تەتقىقاتى، گېرماندىكى سىياسىي ئەربابلار، گېرمان تېلېۋىزورى، گېرمان يېمەكلىرى، گېرمان چاقچاقلىرى (ياكى گېرماندا چاقچاقنىڭ كەمچىللىكى)، گېرمان ئادەتلىرى، گېرمانىيە خەۋەرلىرى، گېرمانىيە ماشىنىلىرى ۋە گېرمان تارىخى قاتارلىقلار.

تۆۋەندىكىسى شنىتزېل رەپابلىك تەييارلىغان «بىر گېرماننىڭ 7 خىل كىشىلىك خاراكتېرى» دېگەن ماقالىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى. مېنىڭچە بۇ ئاپتور تىلغا ئالغان 7 خاراكتېر بىر تولۇق تىزىملىك بولماستىن، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان 7 خاراكتېر بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، گېرمانلارنىڭ بىر ئىشنى قىلىشتىكى ئەستايىدىللىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە پۇختىلىقىمۇ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئەمما شنىتزېل گېرمانلارنىڭ بۇ خىل خاراكتېرىنى ھېلىقى 7 خىل خاراكتېرگە قوشماپتۇ.


1. گېرمانلارنىڭ 7 خىل كىشىلىك خاراكتېرى

(1) جاھىللىق

بۇ بىزگە ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئايان. بۇ بىزگە 1950-يىللاردىكى ئىشلاردىن، ھەمدە گېرمانىيىنىڭ قايتىدىن قەد كۆتۈرۈشىدىن ئايان. نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئىقتىسادى تەۋرەپ قالدى. بولۇپمۇ گىرېتسىيە يىراقنى كۆرۈش جەھەتتە ئېغىر دەرىجىدە خاتالىشىپ، نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە قالدى. ئەمما گېرمانىيە بولسا بىر ئىدىيىگە چىڭ ئېسىلىپ، ئۇنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ. گېرمانلار ئۆز پىكىرلىرىنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتمەيدۇ. ئۆزگەرتكەن ۋاقىتتىمۇ چوقۇم مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق چۈشىنىپ تۇرۇپ، ئاشۇنداق بىر زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن شۇنداق قىلىدۇ.

(2) ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇش

ئەگەر بىر گېرمانلىق بىر ئەنئەنىنى باشلىغان بولسا، ئۇ چوقۇم ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقارماي قالمايدۇ. بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى «ئوكتوبەرفەست» (Octoberfest) دەپ ئاتىلىدىغان بايرامدىن ئىبارەت. بۇ بايرام ھەر يىلى ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلىنىپ، 10-ئاينىڭ بىرىنچى يەكشەنبە كۈنىگىچە 16 كۈن داۋاملىشىدۇ. ئۇ 1810-يىلى باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ . گېرمانىيىدە مۇشۇنداق بايراملاردىن بىر قانچە مىليونلىرى بار. مەسىلەن، بەزى جايلاردا ھەر يىلى كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرى «كۈزلۈك ھويلا تازىلاش كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ھەر يىلنىڭ شۇ كۈنى ھەممە ئادەم ئاڭلىق ھالدا ھويلا تازىلايدۇ. بەزى جايلاردا بىر يازلىق بايرام كۈنى داۋام ئېتىۋاتقىلى 60 يىلدىن ئاشقان بولىدۇ. ئەگەر بىرەر سۇ ئاپىتىگە ئوخشاش چوڭ ئىشلار يۈز بەرمىگەنلا بولىدىكەن، كىشىلەر ئاشۇنداق بايرام كۈنىنى زادىلا ئۆزگەرتمەيدۇ.

بۇ خىل ئەھۋال ئايرىم-ئايرىم كىشىلەر ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. مەسىلەن، بەزىلەر ئۆمۈر بويى «ئوپېل» (Opel) دىن ئىبارەت بىرلا ماركىلىق ماشىنا ھەيدەيدۇ. بەزى ئاياللار ئۆزلىرى ئايرىم دەم ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى بېرلىن (گېرمانىيىنىڭ پايتەختى) گە كېتىدۇ. بەزىلەر ئۆيىنى بىر خىل سىرلىۋالغان بولسا، ئۇنى 45 يىلغىچە ئۆزگەرتمەيدۇ. بەزىلەر بىرلا ماشىنا رېمونت قىلىدىغان مېخانىكنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، مۇشۇ ئىش بىر ئەنئەنىگە ئايلانغاندىن كېيىن، بۇنى ئاشۇ مېخانىك پېنسىيىگە چىققۇچە داۋاملاشتۇرىدۇ.

(3) تېجەشچانلىق

ئادەتتە بۇنى «ئەرزان ماللار بىلەنلا ياشاش» دەپ ئاتىساقمۇ بولاتتى، ئەمما ئۇنداق دېسەك يۈزدە-يۈز ئادىللىق قىلغان بولماي قېلىشىمىز مۇمكىن. كۆپىنچە گېرمانلار ھەر يىلى يازدا 10 كۈن تەتىل قىلىپ، بىر يەرلەرگە بېرىپ دەم ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 دوللار پۇل بار بولۇشى بىر ناھايىتى نورمال ئىش. ئۇلار بىر ئاماللارنى قىلىپ، ئاشۇ 300 دوللار پۇلنى 10 كۈنلۈك دەم ئېلىشقا يەتكۈزەلەيدۇ.

ئەگەر پېنسىيىگە چىققان گېرمانلارغا قاراپ باقسىڭىز، ئۇلار 65 ياشقا كىرگەندە ھەر ئايدا خەجلەيدىغان پۇلى بىر مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلار ئاشۇنچىلىك ئاز پۇلنى يەتكۈزۈپ خەجلىيەلەيدۇ.

ھازىر گېرمانلار گېرمانىيىدىكى ئۆي رېمونت قىلىدىغان ماتېرىياللارنى ساتىدىغان «ھورنباخ» (Hornbach) دېگەن چوڭ دۇكانلاردىن ناھايىتىمۇ كۆپ پايدىلىنىدىغان بولۇپ كەتتى. ئۇلار ئۆي بېزەشكە بىرەر كەسپىي شىركەتنى ئىشلەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا پولشالىق ئىشلەمچىلەردىن بىرەرنى بىر ھەپتىلىك ياللىۋېلىپ، ھەممە ماتېرىياللارنى بازاردىن ئۆزلىرى سېتىۋېلىپ ئەكېلىپ، ئۆينى سىرلاش ۋە ئۆينى بېزەش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرى قىلىدۇ.

(4) بەس-مۇنازىرىگە ئامراق كېلىش

گېرمانلار بەس-مۇنازىرە قىلىشىدىغان ئىشلار ناھايىتىمۇ كۆپ. بىرى ھويلىسىغا بىر خىل دەرەخ تىكسە، قوشنىسى ئۇنى ياقتۇرماي مۇنازىرىلىشىشى مۇمكىن. بىرى قىش كۈنى ماشىنىسىنى ئىككى مىنۇت ئىسسىتسا، ئۇنىڭدىن چىققان ئاۋاز ھەققىدە قوشنىسى مۇنازىرىلىشىشى مۇمكىن. قوشنىسى بىر مىنۇتقا چىدايدۇ، ئەمما ۋاقىت ئىككى مىنۇتقا ئۇزىراپ كېتىدىكەن، قوشنىسى چىقىپ بۇ كىشى بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ.

مۇشۇنداق بىر خىل شەكىلدە بىر گېرمانلىق سىزنىڭ قانداق قىلىپ بىر ئىشنى خاتا قىلغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭغا سىز ماقۇل بولۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىڭىز، بەس-مۇنازىرە ياكى تالاش-تارتىش باشلىنىدۇ.

(5) يۇمۇر جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىك

ئامېرىكىدىكى روبىن ۋىللىيەمز (Robin Williams) ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش داڭلىق يۇمۇرچىلارنىڭ چاقچاقلىرى گېرمانىيىدە ئازراقمۇ قارشى ئېلىنمايدۇ ياكى ئاقمايدۇ. ئەمما گېرمانلار باشقىلارنى مەسخىرە قىلىدىغان يۇمۇرلارنى ياخشى كۆرىدۇ. مەسىلەن، گېرمانىيىنىڭ سىياسىي سىستېمىسى قاۋاقخانىدىكى بىر مەستتىنمۇ بەكرەك بۇزۇلۇپ كەتتى، دېگەندەك گەپلەر گېرمانلارنى ناھايىتىمۇ قاتتىق كۈلدۈرۈۋېتەلەيدۇ.

گېرمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي مۇھىتى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان ئىشخانا يۇمۇرلىرىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. مەسىلەن، ئۇلار بىر قاسساپخانا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ بيۇروكراتلىقى ھەققىدىكى ھېكايىلەرگە ناھايىتىمۇ بەك كۈلىدۇ، چۈنكى ئۇلار مۇشۇنداق ئىشلارنى ھەر كۈنى ئۇچرىتىپ تۇرىدۇ.

ئىلاۋە: مەن بۇلاردىن گېرمانلار ئويدۇرۇپ چىققان، ياكى ئەمەلىيەتكە ئانچە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان گەپلەرگە زادىلا كۈلمەيدىكەن، دېگەن خۇلاسىگە كەلدىم. ئۇنىڭ ئەكسىچە، بەزى ئۇيغۇر زاتلارنىڭ ئېچىنىشلىق ياكى نەپرەتلىنىدىغان ئەھۋاللارنى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دەرد تۆكۈش يىغىلىشلىرىنى ناخشا-ئۇسسۇلدىن ئىبارەت بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتۇرغىنىنىمۇ كۆرۈپ باقتىم.  ئۇيغۇر ئىتوت سورۇنلىرىدىمۇ چوڭلارنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن مەيداندا ئولتۇرغان كىچىك بالىلارنى قىلچىمۇ ئويلىشىپ قويمايدىغان مەزمۇنلارنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. بىز داۋاملىق كۈلۈپ-يايراپ ياشىيالىشىمىز ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك. كۈلىدىغان ئىشلار بار، نەپرەتلىنىدىغان ئىشلارمۇ بار. نەپرەتلىنىدىغان ئىشلارنى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سۆزلەش نورمال ئىنسانغا خاس ئىش ئەمەس. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلار خېلى بەك تىرىشمىسا بولمايدۇ.

(6) كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى سوغۇقلۇق

سىز بىر يېڭى جايغا كۆچۈپ كەلسىڭىز، قوشنىڭىز بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن 10 يىلدەك ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە سىز قوشنىڭىز بىلەن «ئەڭ كۆپ ئارىلاشتىم» دېگەندىمۇ، ماشىنا بىلەن ھويلىڭىزدىكى ئوتلارنى ئورغاندا، قوشنىڭىز بىلەن بىر قېتىم بىر قۇتا پىۋىنى بىللە ئىچكەن بولۇشىڭىز مۇمكىن.

بىر گېرمانلىق قىز بىر گېرمانلىق يىگىت بىلەن تونۇشۇپ، ئالتە ئاي ۋاقىت ئۆتۈپلا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدىغان ئىشنى سىز ھەرگىزمۇ ئۇچرىتالمايسىز.

گېرمانلار ئۆزىنى قوغداشتىكى بىر خىل تاكتىكا سۈپىتىدە مۇشۇنداق سوغۇقلۇقنى ساقلايدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق تاكتىكا بىلەن ئۆزلىرىنىڭ يېقىنلىرىنى قوغداپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر خىل بىخەتەر شارائىتنى ھازىرلايدۇ.

(7) يېڭىلىق يارىتىشقا قادىر كېلىش

گېرمانلار يېڭىلىق يارىتىشقا ناھايىتى قادىر كېلىدۇ. يامغۇر ياغقاندا بەزى قىممەت باھالىق ئاپتوموبىللاردىكى يامغۇر سەزگۈچ ئۇنى بىلىپ، ئاپتوموبىل ئەينىكىدىكى سۇ ئېيتقۇچنى ئاپتوماتىك ھالدا ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. بۇنى گېرمانلار كەشىپ قىلغان. ئاپتوموبىللاردىكى ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن نەرسىلەرنىمۇ گېرمانلار كەشىپ قىلغان. ئۇلار كەشىپ قىلغان نەرسىلەردىن يەنە ئىسسىتقۇچ، قەلەم، خەت بېسىش ماشىنىسى، ماشىنىنىڭ رېزىنكە چاقى، يەر ئاستى پويىز، ھەتتا ئېغىزى ھىم ئېتىلىدىغان پلاستىك خالتا قاتارلىقلارمۇ بار. ئۇلار بىر يەردە ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر دەمدىلا بىر يېڭى نەرسىنى ئويلاپ تاپالايدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇ كەشپىياتىنى دۇنياغا جاكارلايدۇ.


2. كىتاب ئوقۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش

ئادەتتە بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا قادىر كېلىش-كەلمەسلىكى ئۇلارنىڭ كىتابنى كۆپ ئوقۇش-ئوقۇماسلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كېلىدۇ. ئەنگلىيەدىكى خەلقئارا مېدىيە شىركىتى بېرتېلسمەن (Bertelsmann) يېقىندا بىر قانچە تەتقىقات شىركەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋالى ئۈستىدە بىر قېتىم ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئاشۇ تەكشۈرۈشنىڭ دوكلاتى 2014-يىلى 23-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىندى . ئاشۇ دوكلاتتا دېيىلىشىچە، گېرمانلارنىڭ 70 پىرسەنتى، فىرانسۇزلارنىڭ 65 پىرسەنتى، ۋە ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ 72 پىرسەنتى ئۆزلىرىنى «يېڭىلىق يارىتىدىغان كىشىلەر» دەپ ھېسابلايدىكەن. يېڭىلىق يارىتىلىدىغان كەسپىي ساھەلەرنىڭ ئىچىدە رەسساملىق، ناخشىچىلىق ياكى مۇزىكانتلىق قاتارلىق 3 سەنئەتچىلىك ساھەسى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىكەن.

بۇ 3 دۆلەتتىكى شىركەت-كارخانىلارنىڭ ئىچىدە يېڭىلىق يارىتىش كاتېگورىيىسىگە كىرىدىغان شىركەتلەرنىڭ سانى 392000 (392 مىڭ) بولۇپ، ئۇلار ھەر يىلى 128 مىليارد ياۋرۇلۇق كىرىم قىلىدىكەن، ھەمدە 3.3 مىليون ئادەمنى خىزمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇ جەھەتتە گېرمانىيە 1-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، گېرمانىيىدىكى يېڭىلىق يارىتىش كاتېگورىيىسىدىكى شىركەتلەرنىڭ يىللىق كىرىمى 49 مىليارد ياۋرۇ، ئەنگلىيىنىڭ 44 مىليارد ياۋرۇ، ۋە فىرانسىيىنىڭ بولسا 35 مىليارد ياۋرۇ ئىكەن.

ھەر خىل مېدىيەلەردىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىش قىلىش جەھەتتە دۆلەتلەر ئارا ۋە ئوخشىمىغان ياشتىكى كىشىلەر ئارا پەرقلەر بار ئىكەن. پۈتۈن گېرمانلارنىڭ ئىچىدە ھەر بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە چوقۇم ژۇرنال ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 65 پىرسەنت، فىرانسۇزلارنىڭ 45 پىرسەنت، ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ بولسا 40 پىرسەنت ئىكەن. گېرمانلارنىڭ ئىچىدە 47 پىرسەنت كىشى كەم دېگەندە ھەپتىدە بىر قېتىم كىتاب ئوقۇيدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئەنگلىيىلىكلەر 52 پىرسەنت، فىرانسۇزلار بولسا 36 پىرسەنت ئىكەن. ژۇرنالنى ئەڭ كۆپ ئوقۇيدىغانلار 40 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى كىشىلەر بولۇپ، 40 ياشتىن كىچىكلەر بولسا تېلېۋىزورنى چوڭلاردىن كۆپرەك كۆرىدىكەن.

مەن ئوقۇرمەنلەردىن مۇشۇ يەردە توختاپ، بىر ئاز ئويلىنىپ بېقىشنى تەكلىپ قىلىمەن: ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھەر ھەپتىنىڭ ئىچىدە چوقۇم ژۇرنال، گېزىت ياكى كىتاب ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى بارلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ قانچە پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؟ ئۇلار 5 پىرسەنتكە بارامدۇ؟ ئۆيىدە كىتاب ساقلايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ قانچە پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؟ ئۆيىدە مەخسۇس بىر «كىچىك كۇتۇپخانا» ئورنى بار ئۇيغۇرلارچۇ؟

مەن ئادەتتە ئۆزىمىزنىڭ سەلبىي ئىشلىرىنى بەك تەكىتلەپ كېتىشتىن ئۆزۈمنى تارتىمەن. سەۋەبى، بىزنىڭ دەردىمىز ھازىر خېلى يېتىپ ئاشىدىغان بولۇپ، كەچكىچە سەلبىي نەرسىلەرنى سۆزلەۋەرسەك، خەلقىمىز ئەمدى ئۇلارنى كۆتۈرەلمەي قېلىشى مۇمكىن. ئەمما، مىللەتنىڭ قۇدرەت تاپالماسلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتقان يۇقىرىقىدەك ئىنتايىن روشەن ئامىللارنى تىلغا ئالمايمۇ بولمايدىكەن. بىزنىڭ سەنئەت مەدەنىيىتىمىز ۋە سورۇن مەدەنىيىتىمىز بىز ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، مەن ئۆزۈمنىڭ بەزى يازمىلىرىدا ئۇلارنىڭ بەزى جەھەتتە ھازىرغىچە ئوينىغان رولىنى دىننىڭ رولى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويدۇم. ئەمما، نىسبەت توغرا بولۇشى كېرەك. ھېچ بولمىغاندا نىسبەت توغرا بولۇشقا يېقىنراق بولۇشى كېرەك. ئەگەر بىز بىر جەھەتتە ئالاھىدە ياخشى، پۈتۈن جۇڭگو بويىچە بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ، يەنە بىر جەھەتتە، بولۇپمۇ كىتاب ئوقۇش جەھەتتە نۆلگە يېقىن بولساق، ئىشىمىز ئاقمايدۇ.

مەن ئوقۇرمەنلەرگە مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ «بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق؟» دېگەن ماقالىسىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . مەن ئۇ ماقالىنى مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە چاپلاپ قويدۇم.


3. ئاخىرقى سۆز: باش كۆڭۈل قانۇنىيىتى ۋە مەركەزلەشتۈرۈش

مەن مەزكۇر ماقالىدە گېرمانلارنىڭ 7 خىل ئاساسلىق كىشىلىك خاراكتېرىنى تونۇشتۇردۇم. گەرچە مەزكۇر ماقالىدا ناھايىتى ئوچۇق بايان قىلىنمىغان بولسىمۇ، گېرمانلار ناھايىتى يۇقىرى ساپاغا ئىگە بولۇپ، بۇنداق ساپانى ئۇلار ئۇزۇن يىللار ئىچىدە يولغا قويۇپ كەلگەن ناھايىتى پۇختا مائارىپ پروگراممىسى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. گېرمانلاردىكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بىر قىسىم ياخشى كىشىلىك خاراكتېر ئاشۇنداق يۇقىرى ساپانىڭ بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت. گېرمانلارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى، ئۇلاردىكى ئېتىقاد بىرلىكى، ئىدىيە بىرلىكى، ئاڭلىقلىقتىكى تەكشىلىك ۋە ئۈستۈنلۈك، ۋە ھەرىكەت بىرلىكىدىن ئىبارەت. گېرمانلاردىكى بۇ خىل ساپا دۇنياغا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا بىر قېتىم نامايان بولدى. يەنى، ھازىر گېرمانىيىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا باشقا نۇرغۇن ئەللەر ئۈستىدىن ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى ھەققىدە توختالغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇ ئىشلارنى قىلغان باش جىنايەتچى سۈپىتىدە گىتلېرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى ئاساسى بار. ئەمما، بىر ئەلدىكى ھەممە خەلق بىر ئادەمگە ئەگەشمىگەن بولسا، ئۇنچىۋالا ئىشنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ خىل ئەھۋال ياپونلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. مەن يۇقىرىدا تونۇشتۇرغان گېرمانلارنىڭ 2-خاراكتېرى «ئەنئەنىنى ساقلاش» تىن ئىبارەت. ئەمما ئاشۇ قىسىمنىڭ ئىچىدە مۇنداق بىر نەرسە بار: ئەگەر گېرمانىيىنىڭ بىر مەھەللىسىدە ياشايدىغان كىشىلەر «ھەر يىلى مانچىنچى ئاينىڭ مانچىنچى كۈنى ھەممىمىز ھويلا تازىلايمىز» دەپ قارار قىلسا، ئاشۇ مەھەللىدىكى ھەممە ئادەم ھەر يىلى ئاشۇ كۈندە ھويلا تازىلايدۇ. بىر كىم ئۇلارغا ئاشۇ ۋاقىت يېقىنلاشقاندا ئايرىم چاقىرىق قىلمايدۇ، ئايرىم ئەسكەرتىپ قويمايدۇ، ئۇ كۈنى ھېچ كىمنىڭ ئىشى چىقىپ قالمايدۇ، ھەمدە ئۇ كۈنى ھېچ كىم ئاغرىپ قالمايدۇ. مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇغاندا، ياپوندا ياشاپ باققان قېرىنداشلارنىڭ ئېسىگە دەرھاللا مۇنداق بىر ئىش كېلىدۇ: بۇ جەھەتتە ياپونلارمۇ گېرمانلارغا ئوپمۇ-ئوخشاش.

مەن ھازىرغىچە خىزمەت ۋە ساياھەت مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرغۇنلىغان تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە بېرىپ باقتىم. شۇلارنىڭ ئىچىدە شەھەر ئىچىدە قاتنايدىغان ئاپتوبۇس ۋە پويىزلاردا بېلەت تەكشۈرمەيدىغان دۆلەتلەردىن بىر قانچىنى ئۇچراتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى گېرمانىيىدىن ئىبارەت. يەنى، ئەگەر سىز گېرمانىيىدە يەر ئاستى پويىزغا ئولتۇرماقچى بولىدىكەنسىز، سىز بېلەتنى يەر ئۈستىدىكى كوچىدىكى بىر ماشىنىدىن ئالىسىز. ئۇنىڭدىن كېيىن سىز پويىزنىڭ ئىچىگە كىرگۈچە بىرەر ئىشىكتىن، بىرەر بېلەت تەكشۈرىدىغان ماشىنىدىن، ياكى بىرەر بېلەت تەكشۈرىدىغان ئادەمنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەيسىز. يەنى، سىز بېلەتنى ئېلىپ يانچۇقىڭىزغا سېلىپ قويۇپ، يەر ئۈستىدىن يەر ئاستىدىكى پويىزغا خۇددى بىر دۇكانغا كىرگەندەك كىرىپ كېتىسىز. بىزدەك ئۆمۈر بويى بېلەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ ياشاپ كۆنۈپ قالغان كىشىلەرگە بۇنداق ئەھۋال بىر ئاز نورمالسىزلىقتەك تۇيۇلىدىكەن. ئەمما، ھازىرقى زامان گېرمانلارنىڭ ئاڭلىقلىق دەرىجىسى ئەنە شۇ سەۋىيىگە يەتكەن.

مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى بىر پارچە ماقالىسىدە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى بەدرى ۋە ئوھۇد ئۇرۇشلىرى ھەققىدىكى مۇنداق بىر ئەھۋالنى بايان قىلدىم: بەدرى ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلاردا ئىدىيە بىرلىكى، مەقسەت بىرلىكى، ۋە ھەرىكەت بىرلىكى بار بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. ئوھۇد ئۇرۇشىدا بولسا ئۇرۇشقا قاتناشقان مۇسۇلمانلاردا ئىدىيە بىرلىكى، مەقسەت بىرلىكى ۋە ھەرىكەت بىرلىكى ساقلانمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەدرى ئۇرۇشىدىكىدەك ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەي، ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلىپ قالغىلىمۇ تاس قالغان. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن مەن «تاشتەك ئۇيۇشۇش» نىڭ ئاللاھ بۇيرۇغان ياردەمنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىقتىم. بۇ «تاشتەك ئۇيۇشۇش» نىڭ رولىنىڭ ئىسلام نۇقتىسىدا تۇرۇپ بايان قىلىنىشىدۇر.

«تاشتەك ئۇيۇشۇش» نىڭ رولىنىڭ ھازىرقى زامان ئىلىم-پەنلىرىدىكى چۈشەندۈرۈلۈشىمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن، بۇ جەھەتتىكى بىر قىسىم نەزەرىيىلەر «ناپولىيون خىلنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىكى ئۆزىگە تارتىشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن داڭلىق ئىنگلىزچە كىتابتا «باش كۆڭۈل قانۇنىيىتى» دېگەن تېما ئاستىدا بايان قىلىنغان بولۇپ، مەن ئۇنى ئۆزۈمنىڭ «غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن ماقالىسىدە ئازراق چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم . بۇ ئۇقۇم يالغۇز گېرمانىيە ياكى ياپونىيىدەك بىر ئەلگە، ياكى گېرمانلار ياكى ياپونلارغا ئوخشاش بىر قەۋمغا ماس كېلىپلا قالماستىن، ئۇ ئورتاق بىر نىشان ئۈچۈن توپلانغان ھەر بىر گۇرۇپپا كىشىلىرىگە، مەسىلەن، بىر شىركەت ياكى بىر كارخانا كىشىلىرىگىمۇ ماس كېلىدۇ. مەن ئوقۇرمەنلەرگە «باش كۆڭۈل قانۇنىيىتى» نى گېرمانلار ۋە ياپونلارنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ماقالىسىدىكى «باش كۆڭۈل قانۇنىيىتى» دېگەن مەزمۇننى مۇشۇ يەرگە قىستۇرۇپ قويىدىغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىنىمۇ ئاشۇ مەزمۇن بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن.

مەن گېرمانلار ھەققىدە يازىدىغان مەزمۇنلار تېخى ئاخىرلاشمىدى. مەن بۇ جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىپ، بىزگە بىر ئاز پايدىسى بار نەرسىلەرنى بايقىغاندا، ئۇلارنى يەنە ئايرىم ماقالە قىلىپ يوللاشقا تىرىشىمەن.

باش كۆڭۈل قانۇنىيىتى

(ئەگەر تېخىچە ئوقۇپ باقمىغان بولسىڭىز، سىز تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئوقۇشتىن بۇرۇن، تۆۋەندىكى 8-مەنبەدىكى ماقالىنىڭ ھېچ بولمىغاندا كىرىش سۆز قىسمىنى بىر قېتىم ئوقۇۋېتىڭ.)

«ناپولىيون خىلنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىكى ئۆزىگە تارتىشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن بىر داڭلىق كىتاب بار بولۇپ، ئۇ كىتاب ئىنگلىزچە «The secret law of attraction as explained by Napoleon Hill» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر قانۇنىيەت، يەنى ئىنسانلار ئۆزى ئىستەيدىغان نەرسىلەرنى قانداق قىلىپ ئۆزىگە تارتىپ ئەكېلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز غايىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايدىغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب 2008-يىلى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ناپولىيون خىل 1928-يىلى يازغان 8 توملۇق «مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى» (Law of Success) دېگەن كىتاب بىلەن 1937-يىلى يازغان «ئويلاپ باي بولۇش» (Think and Grow Rich) دېگەن 2 كىتابقا ئاساسەن تۈزۈلگەن. «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» نىڭ بىر كىتاب بولۇپ يېزىپ چىقىلىشىغا ئاساسىي جەھەتتىن تۈرتكە بولغان كىشى ئەندرۇ كارنىگىدىن ئىبارەت. بۇ كىتابتا دېيىلىشىچە، يېقىنقى زاماندا كەڭ تارالغان مەدەنىيەتكە ئەڭ زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن نەرسىلەرنىڭ بىرى ئاشۇ قانۇنىيەت بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ تاكى ھازىرقى زامانغىچە ئۆتكەن مەشھۇر ئادەملەرنىڭ ھەممىسى غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ بۇ «سىرى» نى بىلىدىغان بولسىمۇ، ئۇلار باشقىلاردىن قىزغىنىپ، بۇ سىرنى ئاشكارىلىماي قوغداپ كەلگەن ئىكەن (ئەسلىدىكى ماقالىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدىن ئېلىندى).

ناپولىيون خىل تۇنجى قېتىم ئەندرۇ كارنىگى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت جەريانىدا ئەندرۇنىڭ ئاشۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىكى سىرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، ئەندرۇ ئۇنىڭغا ئۆز شىركىتىدە بىر «باش كۆڭۈل» نىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ناپولىيون نۇرغۇن يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، «باش كۆڭۈل» دېگەن بىر پسىخولوگىيە پرىنسىپىنى بايقىغان.

بۇ پرىنسىپنىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشى «Master Mind» بولۇپ، بۇ يەردىكى «master» دېگەن سۆز يۇلغۇن لۇغىتىدە «ئىگە، خوجايىن، ياللىغۇچى ، باشقۇرغۇچى، مۇئەللىم، ئۇستاز، ئۇستا، پىر، بەگزادە، مۇدىر» دەپ تەرىپلەنگەن. لېكىن مەن ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى مەزمۇنلارغا ئاساسەن، بۇ ئۇقۇمنى ئۇيغۇرچە «باش كۆڭۈل»، دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

باش كۆڭۈل دېگەن ئۇقۇمغا «بىر ئېنىق مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز-ئارا ماسلىشىش روھى بىلەن، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كىشىلەر ئارىسىدا بىلىم ۋە تىرىشچانلىقنى ماسلاشتۇرۇش»، دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ.

ئەندرۇ كارنىگىنىڭ ئادەملىرى ئاشۇنداق بىر باش كۆڭۈلنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇ كۆڭۈل ئىنتايىن ياخشى تەشكىللەنگەن، ۋە ئىنتايىن ياخشى ماسلاشقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ھەممىگە قادىر كۈچكە ئايلانغان بولۇپ، ئۇلار پولات سانائىتىدىن باشقا ھەر قانداق سانائەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، خۇددى پولات سانائىتىدىكىسى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولار ئىدى.

يۇقىرىقى قۇرلارنى بىرىنچى قېتىم ئوقۇغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر باش كۆڭۈلنىڭ بېرىدىغان پايدىسى بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، ۋە كۈچنى بىر يەرگە توپلاپ بىللە ئىشلىگەندە ئېرىشكىلى بولىدىغان پايدىدىن ئانچە پەرقى يوقتەك ھېسسىياتتا بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە باش كۆڭۈلنىڭ يەتكۈزىدىغان پايدىسى ئۇنىڭدىن كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ بۇنداق ئالاھىدىلىكى ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

سىزنىڭ خەۋىرىڭىزدە بولغىنىدەك، سىز كۆڭلىڭىزنى مەلۇم بىر ئىدىيىگە يىغسىڭىز، ئۇ ئىدىيە خۇددى بىر ماگنىتتەك رول ئويناپ، ئۆزىگە باشقا ئوخشاش ماھىيەتلىك ئىدىيىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. بىر باش كۆڭۈل ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كىشىلەر بىر يەرگە كېلىپ، كۆڭلىنى ئوخشاش بىر نەرسىگە مەركەزلەشتۈرگەندە ئاندىن بارلىققا كېلىدىغان بولۇپ، كۆڭۈللەرنىڭ بىرلەشمىسى ئىجادىي ئىدىيىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. باش كۆڭۈلنىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە، باش كۆڭۈلنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنى ئوخشاش بىر پەلسەپىگە ئاتىغان بولىدۇ، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قەلبى بىر ئورتاق، ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانغا مەركەزلەشكەن بولىدۇ، ھەمدە بارلىق ئەزالار ئايرىم-ئايرىم شەخسلەرنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كەڭرەك ۋە چوڭقۇرراق چەكسىز ئەقىل مەنبەلىرىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇ بىرلەشكەن كۆڭۈل ھەر بىر شەخس ئۆز ئالدىغا ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغان يېڭى بىلىم ۋە يېڭى ئىدىيىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ كۆڭلى بىر خىل شەكىلدىكى ئېنېرگىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى ئادەمنىڭ كۆڭلى بىر-بىرىگە تەڭكەش بولۇش روھى بىلەن ماسلاشقاندا، ھەر بىر كۆڭۈلنىڭ ئېنېرگىيىسى ئۆزىگە يەنە بىر كۆڭۈلنىڭ ئېنېرگىيىسىنى قوشۇۋالىدۇ.

ئىنسان مېڭىسىنى بىر ئېلېكتر باتارېيىسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. كۆپ ساندىكى باتارېيىنى بىرلەشتۈرگەندە ئۇنىڭدىن چىقىدىغان ئېنېرگىيىلەر بىر ئايرىم باتارېيىنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. شۇنداقلا ھەر بىر باتارېيە چىقىرىدىغان ئېنېرگىيىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى ئۇنىڭدىكى تارماق باتارېيىنىڭ سانى بەلگىلەيدۇ. ئىنسان مېڭىسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلەيدۇ. يەنى، بىر قىسىم مېڭىنىڭ ئىش ئۈنۈمى يەنە بىر قىسىم مېڭىنىڭكىگە قارىغاندا ئۈستۈنرەك بولىدۇ. بىر توپ مېڭىنى ئۆز-ئارا تەڭكەش بولۇش روھى بىلەن ماسلاشتۇرغاندا، ئۇلار ھاسىل قىلىدىغان تەپەككۇر بىلەن ئېنېرگىيە بىر ئايرىم مېڭىنىڭكىگە قارىغاندا زور بولىدۇ. يەنى، باش كۆڭۈل سىزنىڭ ئىجادچانلىقىڭىزنى ئاشۇرىدۇ.

ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئادەملەر ئارىسىدا بىر بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىپ، شۇ ئارقىلىق بىر باش كۆڭۈل ئىتتىپاقداشلىقىنى ھاسىل قىلىشتىكى مەقسەت، مەركەزلەشتۈرۈش قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوللىنىشتىن ئىبارەت. يەنى، باش كۆڭۈل پرىنسىپى بىر توپ ئادەم كۆڭلىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان ئاساسىي مەقسەتكە توپلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

مەركەزلەشتۈرۈش

ناپولىيون خىل مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك شەكىلدە مۇناسىۋەتلىك بولغان پرىنسىپلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سېھرىي ئاچقۇچى» دەپ ئاتىغان. بۇرۇنقى كىشىلەر مۇشۇ سېھرىي ئاچقۇچنىڭ ياردىمى بىلەن دۇنيادىكى بارلىق ئۇلۇغ كەشپىياتلارنىڭ مەخپىي ئىشىكىنى ئاچقان. ھەمدە بۇرۇنقى بارلىق ئەقىل-پاراسەت ۋە تالانتلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئاچقۇچنىڭ سېھرىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ يېتىلدۈرۈلگەن ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان.

مەركەزلەشتۈرۈش دېگىنىمىز سىزنىڭ مۇقىم ئادەت ۋە ئەمەلىيەتتىن پايدىلىنىپ، مەلۇم بىر نەرسىنى تەلتۆكۈس چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ بولغۇچە، كۆڭلىڭىزنى ئاشۇ نەرسىگە يىغىپ تۇرۇش قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئۆز دىققىتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى تىزگىنلەپ، ئۇلارنى مەلۇم بىر مەسىلىگە ئاشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بولغۇچە مەركەزلەشتۈرۈپ تۇرۇش قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىز تاشلىۋېتىشنى ئىستەيدىغان ئادەتلەرنىڭ تەسىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇش ئىقتىدارىڭىز بىلەن يېڭى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش كۈچ-قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئۆز-ئۆزىڭىزنى تەلتۆكۈس تىزگىنلەش قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.

مەركەزلەشتۈرۈش دېگىنىمىز سىزنىڭ ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغاندەك ئويلاش ئىقتىدارىنى، ئۆزىڭىزنىڭ ئوي-تەپەككۇرىنى كونترول قىلىپ، ئۇنى بىر ناھايىتى ئېنىق مەقسەتكە توغرىلاش ئىقتىدارىنى، ۋە ئۆزىڭىزنىڭ بىلىملىرىنى بىر ساغلام ۋە ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت پىلانى قىلىپ تەشكىللەش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.

سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىستىكىگە مەركەزلەشتۈرۈشتە، ئۆز-ئارا ئارىلىشىپ كەتكەن ۋە بىر-بىرى بىلەن ناھايىتى زىچ باغلانغان باشقا نۇرغۇن ئىشلار ئۈستىدىمۇ باش قاتۇرۇپ، زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرمەكچى بولغان ئاساسىي نەرسىنى تاماملىشىڭىز كېرەك. چوڭ پىلان (ambition) بىلەن ئىستەك ئوڭۇشلۇق مەركەزلەشتۈرۈش جەريانىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئىككى ئاساسىي ئامىلدۇر. بۇ ئامىللار بولمايدىكەن، سېھرىي ئاچقۇچمۇ ئۈنۈم بەرمەيدۇ. بۇ ئاچقۇچتىن پايدىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز بولۇشىدىكى سەۋەب، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ چوڭ پىلانى يوق بولۇپ، ھاياتىدا بىرەر ئالاھىدە نەرسىنىمۇ ئىستىمەيدۇ.

سىز ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلالايدىغان ھەر قانداق نەرسىنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئىستەك قىلىپ تاللىسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئىستىكىڭىز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ۋە يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك بولىدىكەن، مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت سېھرىي ئاچقۇچ ئۇ ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلىدۇ. نۇرغۇن ئالىم ۋە پسىخولوگىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، تىلاۋەت قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنىڭ كۈچى قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بىر ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مەركەزلەشتۈرۈش پرىنسىپى ئارقىلىق ئۈنۈم بېرىدۇ.

ئىنسانلار بەرپا قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئالدى بىلەن ئىستەك ئارقىلىق تەسەۋۋۇردا ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈپ، ئاندىن مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق رېئاللىققا ئايلاندۇرۇلغان.

مەركەزلەشتۈرۈش سېھرىي ئاچقۇچىدىن پايدىلىنىشتا، سىز ئالدى بىلەن كۆڭلىڭىزدىكى گۇمانىي قاراش ۋە ئىشەنمەسلىكنى پۈتۈنلەي يوقىتىشىڭىز كېرەك. ھازىرغىچە بۇ ئاچقۇچتىن ئوڭۇشلۇق پايدىلىنالىغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىك ئىدىيىسىدە بولغانلاردىن بىرسىمۇ يوق.


بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.



پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

بىلىمخۇمار: بۇيرۇلغان ياردەم ۋە تىرىشچانلىق--بەدرى ئۇرۇشىدىن ئويلىغانلىرىم
http://bbs.izdinix.com/thread-60487-1-1.html

Achtung! Germany named world's favorite country


The world’s favourite country named


The Seven Personality Traits of a German


Oktoberfest


Survey says: Europeans Are Creative


يالقۇن روزى: « بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق؟ »
http://www.alkuyi.com/m/show.php?hid=37181

بىلىمخۇمار: « غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى»



1-رەسىم: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بېرلىننىڭ بىر كۆرۈنۈشى


2-رەسىم: 1989-يىلى 9-نويابىر كۈنى بېرلىن تېمىنىڭ ئۆرۈلۈشى


3-رەسىم: بۈگۈنكى بېرلىننىڭ بىر كۆرۈنۈشى

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 08:18:27

قالتىس ئەجىر قىپلا ...
تەبىئىي پەنلەر نەزەرىيىسى جەھەتتە گىرمانىيە ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرامدۇ ياكى ئامىرىكىمۇ ؟
تۈركىيە مائارىپىنىڭ گىرمانىيىگە بېقىنىشى قانچىلىك ؟

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 08:27:41

2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىرلىننىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى كۆرگەنلەر : مۇشۇ خارابىلىكنى تازىلاشقىلا 20 يىل ۋاقىت كېتىدۇ دەپتىكەن ئەينى زاماندا، لېكىن گېرمانلار شۇ پەرەز قىلىنغان 20 يىل ئىچىدە ، خەلقى-ئالەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلگەن ۋە تېزلا دۇنيانىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن ...

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 08:55:10

تەپسىلى بىر ئۇقۇپ چىقاي ئەجىرلىرگە كۆپ تەشەككۈر

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 09:39:14

ھەقىقەتەن گېرمانلار بىر ئۇلۇغ مىللەت
بىلىمخۇمار ئاكام بۇ توغرىسىداسۆزلەشتىن كۆپ يىللار بۇرۇن ئىلىم پەن تارىخى، ئاممىباپ پەننى ئوقۇشلۇقلارنى ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقتىمدا دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم يۇقىرى پەن تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى گېرمانلارنىڭ ئىختىرا قىلغانلىقىنى ئوقۇپ قايىل بولغانتىم شۇنداقلا بۇ مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدا قانداق ئىچكى ئېنىرگىيە بارلىقىغا ھەيران قالغانتىم
رەھمەت ئاكا ، داۋاملىق يوللىغايسىز

Mewdudi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 09:39:25

ئالدىنقى يىلى گېرمانىيەدە باشلانغۇچ مائارىپى بويىچە ماگىستىر ئاسپېرانتلىقنى ئوقۇپ كەلگەن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ  قىسقىغىە لېكسىيەسىنى ئاڭلىغان ئىدىم. لېكسىيەدە ماڭا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغان نوقتا، ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇنجى سائەت دەرسىدە دۇچ كەلگەن قوراشتۇرۇم ئۇيۇنى.
- ھەمكارلىق
ئوقۇتقۇچىسى مۇنداق بىر قوراشتۇرۇش ئويۇنىنى ئۇلارغا ئوينىتىپتۇ. بىرىنجى قەدەمدە، ئوقۇتقۇچىسى ئۇلارنى ياۋروپادىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى بىر گۇرۇپپا، ئاسىيادىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى بىر گۇرۇپپا، ئافرىقا تەرەپتىن كەلگەنلەرنى بىر گۇرۇپپا  قىلىپ ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈپتۇ. ئاندىن، ھەر بىر گۇرۇپپىغا بىردىن چوۋۇقلۇق قوراشتۇرۇم ئاتنى بېرىپ، بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۇ ئاتنى قوراشتۇرۇپ چىقىشنى بۇيرۇپتۇ. ياۋروپادىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ئاۋال بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن قوراشتۇرۇپ بولۇپتۇ. ئەمما قالغان ئىككى گۇرۇپپىدىكىلەر ۋاقىت توشۇپ كەتكۈچە ئاتنىڭ يېرىمىنىمۇ قوراشتۇرۇپ چىقالماپتۇ.  ئوقۇتقۇچىسىنى بۇ تەجرىبىنى يەكۈنلەپ، ئويۇندا ئۇتتۇرغان ئىككى گۇرۇپپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىنى دەل ۋاقتىدا ئورۇندىيالماسلىقىدىكى سەۋەب، ئۇلاردىكى تەشكىلسىزلىك ئىكەنلىكىنى ئيتىپتۇ. ياۋروپادىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئويۇن باشلانغاندا بىرىنجى بولۇپ ئۆزىگە گۇرۇپپا باشلىقى سايلاپتۇ. ئۇ باشلىق گۇرۇپپا ئەزالىرىنى ئاتنىڭ بېشىنى بىرسى، پۇتىنى بىرسى، قورسىقىنى بىرسى، ئاياق تەرىپسىنى بىرسى قوراشتۇرۇشقا بۇيرۇپ ئايرىم-ئايرىم ۋەزىپىگە بۆلۈپتۇ. ھەر بىر گۇرۇپپا ئەزالىرى ئۆزلىرىگە تەقسىملەنگەن ۋەزىپىنىلا ئورۇنداپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا ئاتنى تولۇق قوراشتۇرۇپ چىقىپتۇ.

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 10:19:46

نېمىسلار قىلماقچى بولغان ئىشىنى ئەستايىدىل قىلىدىغان، ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرىشىدىغان  تەرپىنى بەك گەۋدىلىك دەپ ئاڭلىغان.  قىلغان ئىشىنى قولىنىڭ ئۇچىدا ئىشلەپ قويمايدىغان مۇشۇ تەرىپى ياخشىكەن.

تىجەشچانلىقىمۇ ياخشىكەن. يېڭىلىق يارىتىشقا تىرىشىدىغاىنىمۇ ياىىشكەن.

ئۆزىگە باشقىلاردىن كەلگەن دەخلىگە قارىتا ئازراقمۇ سەۋىر قىلماي، كەڭ قۇساق بولمايدىغان تەرىپىگە كەلسەك، بۇ قارىماققا ئىنساندارچىلىقاتا ناچار خىسلەت دەپ بىلىنىشى مۇمكىن. ئەمما، شۇ مۇھىىتا ھەممە ئادەم شۇنداق بولغاندا، بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ تۇرمۇشىغا دەخلى قىلماسلىق لازىم ئىكەنلىكىنى ئېسىدە تۇتۇشقا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن. بىز بولساق خۇشنىدارچىلىقتا، خۇشنىمىزدىن كەلگەن دەخلىلەرگە كەڭ قۇساق بولۇپ، يۈزىگە سېلىپ يۈرمەيمىز. مۇشۇنداق بولغاندا، قارشى تەرەپنىڭ ئاڭسىزلىقى سەمىگە سېلىنمىغانلىقىتىن ئۆزىنى بىلمەي، باشقىلارغا دەخلى قىلىش دىگەننىڭ ئەيىپلىك ئىش  ئىكەنلىكىنى خيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدىغانلار جىقلاپ كېتىشى مۇمكىن.
نەچچە يىللارنىڭ ئالدىلىرىدا بىزنىڭ بۇ يەرلەردە ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلىمەيدىغان مەزگىللەردە، شۇنداق ئەھۋللار ئومۇمىيۈزلۈك ئىدىكى، مەسىلەن، تاماكا چېكىدىغنالار ئاپتۇۋۇزلارغا چىققاندا، يىغىن زاللىرىدا ، يەنى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا زىيان قىلغانلىقىنى قىلچە ئېسىگە ئېلىپمۇ قويمايتتى. ھازىرمۇ شۇنداقلا ئاز ئەمەس، تاماكا چەكمەيدىغان ئادەم نەپەس ئالىدىغان يەردە ئۇنىڭ ھاۋاسىنى بۇلغاپ تاماكا چېكىش دىگەننىڭ ئەيىپلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ھەرگىز خىيالىغا كەلتۈرەلمەيدۇ، كەلتۈرسىمۇ، قارشى تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى كۆرمىگەنلىكىدىن ھېچ بىر ئەيمىنمەستىن ھاۋانى بۇلغاپ بېرىدۇ. گىرمانلارنىڭ شۇنچىلىك ئىشلاردىمۇ قارشى تەرەپنىڭ ئەيىپلىك ئىشىغا يول قويماي ئەيىپلىك تەرەپنىڭ يۈزىگە سېلىپ چەكلەيىدىغان ئىشى بەلكىم ھەممىسىنىڭ شۇنداق ئىشلارغا دىققەت قىلىدىغان قىلغان بولىشى مۇمكىن. چەتئەللىكنىڭ بىر ئادەم ئالدىدا تاماكا چەكسەم بۇلامدۇ؟ دەپ سوراپ چېكىدىغانلىقى ئاڭلىغان كىشىلەر ناھايىتى ھەيرانلىق ھېس قىلاتتى. بىنورماللىق نورمال بىلىنىپ كەتكەنلىكتىن، ئەسلىدە بولۇشقا تېگىشلىك نورماللىقنى ئالاھىدە بىلىپ كېتىدىغان بولۇپ قالغان گەپ.

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 10:32:36

گېرمانلارنىڭ خوشنىللىرى بىلەن تونۇشمىقى ئەجەپ تەسكىنا 10 يىلدىمۇ تونۇشۇپ بولالمىسا . بىز نەچچە يىلدىلا خوشنىلارنىڭ ئۇرۇق ئەۋلادىغىچە بىلىپ كىتىمىز.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 10:50:09

قول قويدىغان مىللەتلەر گىرمان ،ياپۇن،… دۇر
ماقالىڭىزدىن خېلى مەنپئەتلەندىم .

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 10:59:44

    رەخمەتسىزگە ، بۇ جۈمەمۇ بىزگە تەربىيە ئەھمىيىتى چوڭقۇر بولغان ،ئەھمىيەتلىك مەزمۇندىن بىرنى سۇنۇپسىز ، ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرگەي.
     دىمىسىمۇ ئارىيان مىللىتىنىڭ قىنىدا پۈتۈن دۇنيادىكى مىللەتلەردە يوق بىر گىن بارمىكى دەپ قارايتىم. ئىككى قىتىملىق دۇنيا ئۇرىشىنىڭ سەۋەپچىسى، مەغلۇپ بولغۇچىسى تۇرۇپ ھازىرقى تەرەققىياتى پۈتۈن دۇنيانى تاڭ قالدۇرىدۇ ، نەرسىلىرىمۇ شۇنچىلىك چىداملىق ، پۇختا .
2- دۇنيا ئۇرىشىدا بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ  گىنىرالى بادۇننىڭ گىرمانىيەگە كىرگەندە ،تۇنجى كۆرگىنى ، بىر موماي ئۇرۇش ئوتىدىدا ۋەيران بولغان قورىسىنى پاك پاكىزە تازلاپ ، بىر تەشتەك گۈلنى تۇتۇپ كۇلۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ، بىز گىرمانىيەنى يەڭگەن بىلەن گىرمان مىللىتىنى يىڭەلمەپتۇق دەپتىكەن ،بۇگەپ ماڭا بەك تەسىرقىلغان ئىدى .
  دىمىسىمۇ ئەن ئەنىنى تاشلىغان ئادەم، ئۇيۇشالمىغان مىللەت، يىڭىلىق يارىتىش ئىدىيىسى يوق ئىنساندا قانداقمۇ ئىلگىرلەشتۇيغۇسى بولسۇن.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 11:29:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-28 11:31  

نىمىسلار ھەقىقەتەن قايىل قىلارلىق ياشاۋاتىدۇ، ئۇلار بىلەن پاراڭلاشسىڭىز ھەر بىر گىپى بىر قامۇس.
بىرسى دەيدۇ - ئىتقا تاقابىل تۇرۇشتا ھەرگىز قاچما، ئەگەر قاچساڭ ھايۋانلارنىڭ تەبىئىتى بويىچە ئوۋغا نىشان بولۇپ قالىسەن . -گىرمانىيەلىك ساياھەتچى قىز كەسپى دوختۇر .
يەنە بىرسى دەيدۇ - سەن بىرسىگە ياخشىلىق قىلساڭ ئۆزۇڭ خۇشاللىق ھىس قىلىسەن ، شۇنىڭ بىلەن يەنە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغىڭ كىلىپلا تۇرىدۇ، ئەگەر بىرسىگە يامانلىق قىلساڭ ،ئۆزۇڭنى گۇناكار ھىس قىلىسەن ،بۇ خىل ھىسىياتتىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن يامانلىق قىلىشتىن قۇتىلالمايسەن ، شۇڭا ئىنسانلارنىڭ ياخشى ئىش ياكى يامان ئىش قىلىشى قىلىشى بەزىدە دىن بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ . گىرمانىيەلىك ساياھەتچى، كەسپى simens دە ئىنجىنىر .
يەنە بىرسى دەيدۇ - 50 يىلدىن كىيىن يەرشارى نوپۇسى 7مىليارددىن ئىشىپ كىتىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئاشلىق يىتىشمەسلىك كىلىپ چىقىدۇ، يەرشارىدىن باشقا پىلانىتتا يەر ئىچىشقا توغىرا كىلىدۇ، ئەمما ئەڭ يىقىن ھاياتلىق مەۋجۇت بولغان پىلانىتتامۇ يەرشارىدىن نەچچە يۇز مىڭ نۇر يىلى يىراقلىقتا، ئىنسانلار شۇڭغىچە يىڭى تىخنىكغا مۇھتاج . گىرمانىيەلىك ساياھەتچى كەسپى ئىسىمدە قالماپتۇ، بىر ئۆمەكنىڭ ئىچىدىكى قىرىراق بىر ئادەم ئىدى .
مۇشۇنداق ئۆزكەسپى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان ساھەلەردە قالتىس بىلىمى بار، ئۇنىۋىرسال ساپاسى يۇقىرى بولىدىكەن ،پاراڭلاشسىڭىز كۆڭلىڭىز ئىچىلىپ قالىدۇ .

Fdinbashlinidu يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 11:41:41

بۇرۇنقى ماقاللىرىڭىزگە ئوخشاشلا ئۆزىمىز ۋە كىلەچەك ھەققىدە نۇرغۇن تەربىيە ۋە ئىلھام، يول، نىشانلارنى ئىلىۋاتىمەن. كۆپ رەھمەت ئەركىنكا، قەلىمىڭىز ھارمىسۇن، تەپەككۇرىڭىز بىز ئۈچۈن ھارمىسۇن.

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 12:23:14

مەن ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئاكىنى ئاللاھ نىڭ بىزلەرگە يەتكۈزگەن ھىدايەت نۇرىنىڭ تەركىۋى قىسمى دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم .(ئىھ كەرەملىك ئاللاھ مۇشۇنداق ئالىملىرىمىزنىڭ ئاۋازىدىن بىزنى مەھرۇم قىلمىغىن !مۇشۇنداق ئالىملىرىمىزنىڭ ئەقلىنى تىخىمۇ روشەن ۋە زىيادە قىلغىن! ئىككىلى ئالەمدە ئەزىزلەر قاتارىدىن قىلغىن ئامىن !ئامىن!)

Heqqaniyet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 12:40:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Heqqaniyet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-28 12:47  

ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز. رەھمەت ئاكا.

ياپون ۋە گېرمان مىللىتى ھەقىقەتەن ئسرائىللارنىمۇ قورقىتالايدىغان مىللەتتۇر. مۇشۇ مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى ھەممىسىدە يۈكسەك ئېتقاد باركەن ۋە بۇ ئېتقادتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدىكەن. ئۇندىن باشقا بۇلار توختىماي تىرىشىپ پەن تېخنىكا ئىگەللەيدىكەن.

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 13:00:39

ھۆرمەتلىك دوكتۇر بىلىمخۇمار ئەپەندىم، زېھنىڭىز چارچىمىسۇن. قەلىمىڭىز سۇنمىسۇن، قوللىرىڭىز تالمىسۇن! گېرمانلار ۋە گېرمانىيە توغرىسىدا تەقدىم قىلغان بۇ قىممەتلىك ئەسىرىڭىز،   چىنلىقتىن ۋە ئەمەلىيەتتىن ئېلىنغان ھەقىقەتلەر ئىكەن. سىزگە ئامانلىق ۋە غەيرەت تىلەيمەن.

yasharVB يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 14:48:36

    ئەنگىلىيەنىڭ سابىق پۇتبول چولپىنى،تەنتەربىيە قانىلى رىياسەتچىسى ژالى  ۋېنىستون لائىنكېر( Gary   Winston Lineker ) ئېيتىدۇ: پۇتبول شۇنداق بىر ئاددىي تەنھەركەتكى، 22 ئادەم مەيدانغا چۈشۈپ 2 سائەت ئېلىشىپ، ئەڭ ئاخىردا گېرمانلار ئۇتىدىغان دەپ

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 15:29:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-28 15:32  

ئامېرىكا تانكىسىنىڭ زەمبىرەك مۇنارىدا گىرمان زاپچىسى بار.


يېقىندا، گىرمانيە [سانائەت 4.0] دەيدىغان يېڭى ئۇقۇمنى چىقىرىپتۇ، سانائەتنىڭ پۈتۈن سېپىدە ئۈنۈم ئۆستۈرۈش.. دېگەندەك، قىزىققانلارنىڭ ئىزدەپ كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 15:38:09

ئالىي مەكتەپتىكى چاغدا بىر گېرمانىيەلىك بىلەن تونۇشۇپ قالغانىدىم. ئۇلار بىزنىڭ مەكتەپنىڭ كونا مېھمانخانىسىغا چۈشكەن ئىدى. ئىككى ھەپتە بىللە يۈرۈپ بەك چىقىشىپ كەتتۇق. كېتىدىغان چاغدا مېنى گېرمانىيەدە ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈردى. مەن ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى تىلغا ئالدىم ۋە شارائىتىمنىڭ يار بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتىم، ئۇ بولسا بەك چىڭ تۇردى ۋە گېرمانىيەگە بېرىپلا مەكتەپ ئۇقۇشىدىغانلىقىنى، كېرەكلىك ماتېرىيال ۋە باشقا نەرسىلەرنى ماڭا ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ كەتتى، بىزمۇ يازلىق تەتىلگە چىقتۇق. تەتىل ئاخىرلىشىپ مەكتەپكە كەلدۇق ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي پاختا تېرىشكە شىخەنزىگە ئېلىپ بېرىلدۇق. بىر كۈنى بىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلىمىز فاكۇلتېتتىن مېنى سۈرۈشتە قىلىپ تېلېفون كەلگەنلىكىنى، بىر چەتئەللىكنىڭ مېنى بەك ئىزدەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ھەيران قالدىم. مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن فاكۇلتېت كاتىپىدىن ھېلىقى چەتئەللىك ماڭا قالدۇرۇپ قويغان نەرسىلەرنى ۋە ئىككىلىك خەتنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ نەرسىلەرنى ھېلىقى گېرمانىيەلىك بۇرادىرىم ئەۋەتكەن ئىكەن. قانداق دېمەمسىز؟ مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن يېرىمۇ دەل مۇشۇ: ئۇ بۇرادەرنىڭ دادىسى سودا ئىشى بىلەن ئاۋمىنغا كەلمەكچىكەن. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بۇرادەر كېرەكلىك ماتېرىيال نەرسىلەرنى بىر خالتىغا قاچىلاپ دادىسىغا بېرىدىكەن ۋە ئۈرۈمچى دېگەن شەھەردىكى، پالانى دېگەن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پوكۇنى فاكۇلتېتىدىكى پالانچىغا ئالغاچ كېتىشىنى ئۆتۈنىدىكەن. شۇ يىلى 68 گە كىرگەن ئۇ پىشقەدەم سودىگەر ئاۋمىندىكى ئىشىنى تۈگىتىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ دېيىلگەن ئادرېستىن مېنى ئىزلەيدىكەن. مەكتەپنى بىردەمدىلا تاپقانلىقىنى، فاكۇلتېتقا كىرىپ مېنى سۈرۈشتۈرۈپ تېپىشقا ئىككى كۈن كەتكەنلىكىنى كېتىدىغان چاغدا قالدۇرغان ئىككىلىك خېتىدە يازغان پىشقەدەم سودىگەر، خېتىنىڭ ئاخىرىدا جىددى ئىشى چىقىپ قالغانلىقىنى، بولمىسا مېنى ئىزدەپ شىخەنزىگە چىقىپ ئوغلى تاپشۇرغان ئامانەتنى ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرغۇسى بارلىقىنى يېزىپ قالدۇرغان ئىدى. بەك تەسىرلەنگەن ئىدىم. ماتېرىياللارنى ئېلىپ بەك ھاياجانلانغان ئىدىم. ماتېرىياللارنىڭ ئارىسىدىن يەنە بىر كىتابمۇ چىققان ئىدى. بۇ كىتاب ماڭا خېلى بىر مەزگىللەرگىچە ھەمرا بولدى، بۇ جەرياننى سۆزلەش ئۈچۈن ئۇزۇن بىر ھېكايە يېزىشقا توغرا كېلىدۇ...

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 15:47:19

ھېكايىڭىزنى ئاڭلايلى...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 16:38:34

شۇ شۇ ، باشلىغاندىكىن ئاخىرىنى چىقارغۇلۇق ..
بەت: [1] 2 3 4
: بىلىمخۇمار: گېرمانلارنىڭ 7 خىل كىشىلىك خاراكتېرى