tahlil يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 16:49:08

سىز زادى نىمىنى ئىسپاتلىماقچى؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tahlil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-27 16:52  


ئالدى بىلەن سىزدىن سوراپ باقاي، سىز مەيلى ئالتۇن، كۈمۈش، مەيلى تاشقى پىرۋوت سودىسى قىلغان بۇلۇڭ ۋە ياكى پاي سودىسى قىلغان بۇلۇڭ، سىزنىڭ سودا قىلىش مەخسىتىڭىز زادى نىمە؟ سىز بەلكىم مىنىڭ سودا قىلىشتىكى ئاساسى مەخسىتىم بىرلا، ئۇ بولسىمۇ پۇل تېپىش، دىيىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن سىزدىن سوراپ باقاي، سىز مۇشۇ سودىنى باشلىغاندىن بىرى پايدازىياننى بىرلەشتۈرۈپ ھىسابلاپ باقسىڭىز سىز زادى قانچىلىك پايدا ئاپسىز؟ مىنىڭچە ئۆزىگە مۇۋاپىق بىر بىخەتەر سودا تۈزۈمى تۇرغۇزىۋالغان ھەم سودا جەريانىدا شۇتۈزۈمگە قەتئىي رىئايە قىلالىغان، تەھلىلچىلىك سەۋىيىسى ۋايىغا يەتكەن ياكى ياخشى بىر تەھلىلچىنىڭ يىتەكلىشى بۇيىچە سودا قىلىشنى قەتئىي ئەمەلگە ئاشۇرغان مەبلەغ سالغۇچىلار چۇقۇم خېلى ياخشى پايدا ئالالىغان بۇلىشى مۇمكىن. ئەكسىچە سودا قائىدىسىگە بويسۇنمايدىغان، بىر-ئىككى ھەپتىلا گۇاگۇا، ۋاي ۋاي دەرىسخانىلىرىدا ئازراق تەھلىلچىلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋېلىپلا بازارنى ئۆزى قارغۇلارچە تەھلىل قىلىپ، بازارغا تەتۈر كىرىۋالىدىغان، ئۆگەنگەنلىرىنى زىيان تارتىش ھىسابىغا سىنايدىغان، تەھلىلچىلەرنىڭ يوللىغان سودا تەھلىلىدىن پايدىلانغاندا ئوتتۇرا مەزگىللىك سودا تەھلىلى بىلەن قىسقا ئارلىق تەھلىلنى ئارلاشتۇرۇپ قۇيىدىغان، ئارلاشتۇرۋەتمىسىمۇ پايدىلانغاندا ئەكسىچە پايدىلىنىدىغان، ياكى دىيارىمىزدا 3تالاققا يول چىقارغان بىر قىسىم كىشىلىرىمىزدەك تەھلىلچىلەرنىڭ تەھلىلى ئىچىدىنمۇ باشقا تەھلىل چىقىرىپ سودا قىلغاننى ئاز دەپ، زىياننى بەللىمەيلا ئۆز تەھلىلى بۇيىچە مال ئالغانلارنىڭ مەبلىغى پارتلىدى ياكى پارتلاشقائاز-ئازلا قالدى ھەقەچان...
سودا قىلغاندا تەھلىل بۇيىچە سودا قىلمايدىغان، تەھلىل ئىچىدىن تەھلىل چىقىرىپ سودا قىلىپ زىيان تارتىۋالغانلاردىن شۇنداق سورىغۇم كىلىدۇ. سىز زادى نىمىنى ئىسپاتلىماقچى، ئۆزىڭىز خالىمىغان ئاساستا زورمۇ-زور ئۆزىڭىزنىڭ مەبلىغىگە ئۆزىڭىز پارتلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ، نىمە مەخسەتكە يەتمەكچى؟
پايدا ئېلىۋاتقان، زىيان تارتىۋاتقان ھەم پايدا ئالغۇچىلارنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ يىڭىدىن مەبلەغ سالغۇچىلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئالماقچى بولىۋاتقانلارغا دەيدىغىنىم يەنىلا شۇكى: سىز ئاۋال بىخەتەر سودا قىلىمەن، پايدا ئېلىشنى ئاساسى مەخسەت قىلىمەن، دىگەن مەخسەتتە ئۆزىڭىزگە ماس كىلىدىغان بىر سودا تۈزىمى تۇرغۇزىۋېلىڭ. ئاندىن ئوتتۇرا مەزگىللىك سودا ھىساۋاتىدىن بىرنى، قىسقا سودا ھىساۋاتىدىن بىرنى ئېچىڭ. ئاندىن تەھلىلچى قىسقا سودا تەھلىلى يوللىغاندا تەھلىلچىنىڭ تەھلىلى بۇيىچە قىسقا سودا ھىساۋاتىڭىزدا سودا قىلىڭ. ئوتتۇرا مەزگىللىك سودا تەھلىلى يوللىغاندا ئوتتۇرا مەزگىللىك سودا ئۈچۈن ئاچقان ھىساۋاتىڭىزدا تەھلىل بۇيىچە سودا قىلىڭ. بۇنداقتا ئوتتۇرا مەزگىللىك سودا بىلەن قىسقا سودا ئارلىشىپ كەتمەيدۇ. قىسقا سودىنى ئادەتتە بولمىدى دىگەندىمۇ شۇ كۈن ئىچىدە ئاخىرلاشتۇرۇش كىرەك، ئوتتۇرا مەزگىللىك سودىدا ئېلىنغان مال ئادەتتە تەھلىلدا تىلغا ئېلىنغان بۇيىچە ئۇزۇنراق ساقلىنىدۇ... قىسقا سودا ھىساۋاتىڭىزدىكى مال زىياننى بەللىمەسلىك سەۋەبىدىن زىيان بارغەنچە ئاۋۇپ، ئامالسىز ئوتتۇرا مەزگىللىكە ساقلايدىغان مالغا ئايلىنىپ قالمىسۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك سودا ھىسابىڭىزدا ئېلىنغان مالنىڭ پايدىسى سەل ئاۋۇپ بولغۇچە قىسقا مەزگىللىك سودا ھىساۋاتىڭىزدىكى مالدەك سېتىۋېتىلىپ، ئوتتۇرا مەزگىللىك پايدا ئېلىش پۇرسىتىڭىزنىمۇ كەتكۈزۈپ قويماڭ...ئاخىردا ھەممەيلەننىڭ سودىسىنىڭ بەرىكەتلىك بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن...

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 17:56:31

{:112:}

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 18:11:31

مەندەك  مۇشۇ سودىغا  قىززىقىدىغان لىكىن ھېچنىمىنى چۈشەنمەيدىغان لارنى  بىر يىتەكلەپ قويۇڭلا ........

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 18:13:59

مەندەك  مۇشۇ سودىغا  قىززىقىدىغان لىكىن ھېچنىمىنى چۈشەنمەيدىغان لارنى  بىر يىتەكلەپ قويۇڭلا ........

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 18:24:31

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 18:13 static/image/common/back.gif
مەندەك  مۇشۇ سودىغا  قىززىقىدىغان لىكىن ھېچنىمىنى چۈشە ...

قىزىقمايلا قويۇڭ بولدى ... باشقا ئىش قىلىڭ ...

tahlil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 15:44:22

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 18:24 static/image/common/back.gif
قىزىقمايلا قويۇڭ بولدى ... باشقا ئىش قىلىڭ ...

قىيىن ئىش يوق ئالەمدە كۈڭۈل قويغان ئادەمگە،،، دەپ كونىلار بىكارغا ئېيىتمىغان، بەك قورقۇپ كىتىشنىڭ بەك ئورنى يوق دەيمەن،،، بىر مەزگىل قانداق سودا قىلىشنى تەقلىدى ھىساپتا ئۆگۈنۈپ بولغاندىن كىيىن تەبىي ئۇستىلىشىپ كىتىمىز، ئەلۋەتتە پۇلۇم بار دەپ ھېچنىمىنى ئۆگەنمەي تۇرۇپلا قارغۇچلارچە مەبلەغ سېلىش تازا ياخشى ئەمەس!
بەت: [1]
: سىز زادى نىمىنى ئىسپاتلىماقچى؟