جاۋابى چىقمىغان ئىككى تېپىشماق
ئەسسالام ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى ، تۆۋەندە ئۈندىدار توپلىرىدا ئېقىپ يۈرگەن بەزى تېپىشماقلارنى كۆپچىلىككە سۇنماقچىمەن ، بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىپ باقساق ، تېپىشماقنى سورىغۇچىلارمۇ جاۋابىنى بىلەلمەيدىكەن بەزىدە ، ياكى جاۋابى ئادەمنى قايىل قىلالمايدىكەن دىگەندەك ، شۇڭا بىرلىكتە ئويلىنىپ باقساق دىگەن ئۈمىتتە مەن.1. بىر ئەر ئايالىنى تالاق قىلۋېتىش نىيىتىگە كېلىپ ، بازاردىن ئۈچ كىلو تۇز ئاپتۇ ۋە ئايالىغا « مۇشۇنى ئىشلىتىپ تاماق قىل ، تۇزلۇق قىلۋەتسەت تالاق قىلۋېتىمەن» دەپ تاشلاپ بېرىپتۇ ، ئەقىللىق ئايال بىر تاماق ئېتىپتۇكى تۇزلۇقمۇ بوپ قالماپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇ نىكاھ بۇزۇلماپتۇ ، ئويلاپ بېقىڭلار ، بۇ ئايال نىمە ئەتكەندۇ؟
2. ئاپتۇبۇس ۋەقەسى
بىر جۈپ ئەر - ئايال كىچىك قىزىنى ئىلىپ يىراق يىزىدىكى يۇرتىغا ئاپتۇبۇستا ساياھەتكە مىڭىپتۇ ، ئاپتۇبۇس بىر تاغلىق جىلغىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقاندا قىزىنىڭ توختىماي قورسىقىم ئاچتى دەپ جىدەل قىلىشى بىلەن ئامالسىز شوپۇرغا ماشىنىنى توختىتىشنى ئىيتىپ بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ماشىنىدىن چۈشۈپ قاپتۇ ۋە پىيادە بىرھازا ماڭغاندىن كىيىن بىر تاماقخانىغا ئۇچراپتۇ ، شۇ يەرگە كىرىپ قورساقنى تويغۇزۇپ ئاندىن داۋاملىق ماشىنا توسۇپ مىڭىشنى مەسلەھەت قىلىشىپ ئاشخانىغا كىرىپتۇ.ئۇلار ئاشخاندا بىرمۇ ئادەم يوقلىقىدىن ئەجەپلەنگەن بولسىمۇ لىكىن ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ ئىنتايىن پاكىز، رەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ خاتىرجەم ھالدا دەرىزە تەرەپتىكى ئۈستەلگە بىرىپ ئولتۇرۇپتۇ... كۈتكۈچى كىلىپ ھىچقانداق گەپ سۆزسىز ئۇلارغا تاماق تىزىملىكىنى بىرىپتۇ... ھەم ئۇلار بۇيرۇتقان تاماقنى تىزىملاپ يەنە جىمجىتلا چىقىپ كىتىپتۇ... تاماق ئىنتايىن تىز چىقىپتۇ يەنە شۇنداق جىمجىتلىق ئىچىدە تاماق يىيىلىپتۇ... ئەجەپلىنەرلىك يىرى ئۇلار بۇ ئاشخانىغا كىرگەندىن تارتىپ تاماق ئىتىلىپ ئۇلارنىڭ جوزىسىغا چىققىچە ھەم تاماق يىيىلىپ بولغىچە ئاشخانا ئىچىدىن ھىچقانداق ئاۋاز ئاڭلانماپتۇ ، ئەجابا بۇ ئاشخانىدا شۇ بىر كۈتكۈچىدىن باشقا ئادەم يوقمىدۇ؟بۇرۇختۇم بولغان دادا تىزگىنەكنى ئىلىپ تىلۋىزورنى ئىچىپتۇ... خەۋەر بىرىلىۋاتقان بولۇپ خەۋەردە بايىلا تىخى مەلۈم شەھەردىن مەلۈم يىزىغا ماڭغان ئاپتۇبۇسنىڭ تاغ يولىدىن ئۆتىۋاتقاندا تاغدىن تاش يىمىرلىپ چۈشۈپ بىر ماشىنا ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنىۋاتاتتى... ھەيران قالارلىق يىرى بۇ ئاپتۇبۇس دەل بۇلار بايا يىرىم يولدا چۈشۈپ قالغان ئاپتۇبۇس ئىدى...بۇ ۋاقىتتا ئايالى تۇيۇقسىز ئۆز - ئۆزىگە سۆزلەۋاتقاندەك پەس ئاۋازدا دەپتۇ : «بايا ئەسلى بىز ماشىنىدىن چۈشۈپ قالمىساق ياخشى بولاركەن».بۇنى ئاڭلاپ ئەرنىڭ ئاچچىقى كىلىپ سۆزلەپ كىتىپتۇ : «نىمە ئالاجوقا سۆزلەيسىز ، جۆيلىۋاتامسىز نىمە.. ئەگەر بىز چۈشۈپ قالمىغان بولساق...»ئۇنىڭ گىپى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كىتىپتۇ ۋە ئايالىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى چۈشۈنۈپ پەس ئاۋازدا دەپتۇ : «توغرا دەيسىز، بايا ئەسلى بىز ماشىنىدىن چۈشۈپ قالمىساق ياخشى بولاركەن»
سۇئال : ئۇلار نىمىشقا شۇنداق دەيدۇ؟؟؟ مەن بىرىنجى تىپىشماقنى 3 كىلو تۇزدا ئوچاق ياساپ نان پۇشۇردىمىكى دەپتىكەنمەن، كىيىن بىلسەم تۇخۇم پۇشۇرغانمىش ئۇ ئايال:lol
2-تېپىشماقتا ئۇلار جىنغا ئۇچراپ قالمىغان بولغىيتتى ھە؟!!!:funk: ئىككىنىچىسىنىڭ جاۋابى: ئۇلارنى چۈشۈرۈپ قۇيىمىز دەپ ماشىنا ئازراق توختىغان بولغاچقا، تاشنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈششىشىگە ئۈلگۈرۈپ شۇ يەردىن ئۆتكەن گەپ. يەنى، ئەگەر ئۇلار چۈشۈپ قالمىغان بولسا، تاش گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن پەيتتە ماشىنا ئاللىبۇرۇن ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كەتكەن بۇلاتتى. چوقۇم نان پىشۇرمىسىمۇ لەگمەن ئەتسىمۇ ، ئۆپكە ھېسىپ قۇيسىمۇ بولار تونۇر ياسايدىغان ئىش بولسا:lol ئىككىنچى تېپىشماق: ئۇلار ماشىنىدىن چۈشۇپ قالمىغان بولسا تاغدىن تاش يېمىرىلىشتىن بۇرۇن ئۇتۇپ كىتەتتى، ئايال دەل مۇشۇ مەقسەتتە دىگەن گەپ. Kamdidar يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 16:03 static/image/common/back.gif
ئىككىنىچىسىنىڭ جاۋابى: ئۇلارنى چۈشۈرۈپ قۇيىمىز دەپ ما ...
ئۇنداقتا ، ئاۋۇ ئاشخانا مۇھىت تەسۋىرىدىكى ۋە كۈتكۈچىدىكى بىنورمالسىزلىقنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ چوقۇم جاۋابى بىلەن باغلىنىشلىقى بولۇشى كېرەك ، بولمىسا نىمە دەپ بۇ تەسۋىرلەرنى قىستۇرۇپ قويىدۇ؟ ماشنىدىن چۇشمىسە تاغ يىمىرلىشكە ئۇلگۇرمەيتى،،،،،سەپەرگە چىقمسا قازا قىلمايتى،،،،،دىگەندەك تەغدىرگە مۇخالىپ سۆز-ئىبارىلەردىن يىراق تۇرايلى! دەپتۇ بىرسى يەنە بىرسىگە...... ئۇلار ئالۋاستى بىرىنچىسى مۇكەممەل ئەمەسكەن ، ئەگەر 3 كىلو تۇزنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىش شەرت قىلىندىمۇ ، تۇزدن باشقا نەرسىلەرنى ئىشلىتىش كېرەكمۇ يوق دىگەندەك يىتەكلەش شەرتلرى يوقكەن ، ئۇنداق بولمىغاندا بۇ تېپىشماقنىڭ بىرلا يىشىمى ئەمەس بەلكى چەكسىز يىشىمى بۇلىدۇ ، ئاندىن باشقىلار تاپالمىغۇدەك تېپىشماق بۇلالماي قالىدۇ ...[
جەۋلان دىگەندەك تۇزدىن ھەرقانداق بىر تاماقنى تۇزلۇق قىلىپ قويماي ئىتىش مۇمكىن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال تالاق بۇلۇپ كەتمەيدۇ ... سىلە چىلىغان سەي يەپ باقمىغان؟ rock يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 19:14 static/image/common/back.gif
سىلە چىلىغان سەي يەپ باقمىغان؟
ئالىم بەك يەيدۇ ،ئىچكىرىدە جىق يەپ كۆنەپكەتكەن چىغىۋا تالاق قىلىۋىتىمەن دىگەن بولسا تېخى سولاقتىن چىقمىدى شوڭا خۇتۇننى قۇيۇۋىتەلمىگەن بۇلۇشىشى مۇمكىن. :o مەنچە بولغاندا 3كىلو تۇزدا تاماق ئەتكىن دېگەن بولسا چوڭ قازاندا پولو ياكى سەي قورىغان بۇلۇش مۇمكىن . jewlan يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 16:06:56 static/image/common/back.gif
ئۇنداقتا ، ئاۋۇ ئاشخانا مۇھىت تەسۋىرىدىكى ۋە كۈتكۈچى
ئا شخانا مۇھىتى ھەم كۈتكىچى تەسۋىرى بولسا دىققەتنى بۇراش ئۈچۈن بىرىلگەن بۇلشى مۇمكىن جاۋابى يەنىلا شۇ ئۇلار ماشىنىدىن چۈشىۋالمىغان بولسا ماشىنا ۋەقە چىقىشتىن بۇرۇن ئۈتۈپ كەتكەن بۇلاتتى jewlan يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 16:06 static/image/common/back.gif
ئۇنداقتا ، ئاۋۇ ئاشخانا مۇھىت تەسۋىرىدىكى ۋە كۈتكۈچى ...
دەل سىزنىڭ پىكرىڭىزنى بۇراش ئۈچۈن قىستۇرىدۇ بۇ تەسۋىرنى. 1-سۇئالنىڭ جاۋابى:ئۇ ئەر 3 كىلو تۇز ئىلىپ مۇشۇنىڭدا تاماق ئەت دىگەن،ھەرگىزمۇ ھەممىنى قازانغا تۆكۈپ تاماق ئەت دىمىگەن.ئۇ ئايال بولسا تۇزنىڭ ھەممىسىنى كۈپكە تۆكۈپ تۇز سۈيى تەييارلىۋالغان...ئاندىن لەغمەن،پولا،مانتا.....ئىشقىلىپ بىر خىل تاماق ئىتىپ شۇنىڭغا يىتەرلىكلام تۇز ئىشلەتكەن.ئەر بۇنىڭدىن مەمنۇن بولغان...ئۇنداق قىلماي ھەممىنى قازانغا تۆكۈپ تاماق ئەتكەن بولسا ئىرى راسلام تالاق قىلىۋەتكەن بولاتتى.(ئۇنداق دۆت خوتۇن بىلەن كىم ئۆي تۇتىدا)
2-سۇئالنىڭ جاۋابى:ئۇلارنىڭ ئاشخانىدا كۆرگەن،دىيىشكەنلىرى بولسا ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىنكى ئىشلار بولۇشى مومكىن...يەنى روھى...ئۇلار نىمىشقا ئۇنداق دەيدۇ؟چۈنكى: قازا ئۇلارغا دەل ماشىنا توختىغان چاغدا كەلگەن.ماشىنا توختىمىغان بولسا بۇ قازادىن قۇتۇلۇپ قىلىشى مومكىن ئىدى...(مەسلەن )
بۇمۇ خاتا بولسا خاپۇلاشمايلا....نىرۋام قاتتىق چارچاپ كەتتى.زور ئەقلى ئىنىرگىيە خوراپ كەتتى!ئۆزلىرى تىپىشقايلا !
ۋاي بىشىم....... تاماقنى تۇزلۇق قىپقويسىمۇ تالاق بولمايدۇ. بۇنداق تالاق شەكلى قۇرئان، ھەدىستە يوق. تاماقنى تۇزلۇق قىپقويسىمۇ تالاق بولمايدۇ. بۇنداق تالاق شەكلى قۇرئان، ھەدىستە يوق. :lol خوتۇننى قويۋەتكىسى بولسا جىنىنى قىيناپ باھانە ئىزدىمۈگۈلۈك.تالاق ئۈچۈن چوقۇم پىرىنسىپقا چۈشىشى كىرەك ئەمەس.
بەت:
[1]
2