ئالتۇن سودا تەھلىلى 27/11
ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1186.86 دوللار ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1207.97 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1175.26 دوللا ر بازار يېپىلىش باھاسى 1201.42 دوللار بولدى .ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
بۈگۈن مىننەتدارلىق بايرىمى بولۇپ ئامېرىكا بازىرى دەم ئالىدۇ ، شۇ سەۋەبدىن بازارنىڭ ئومۇمىي سودا ھالىتى سۇس بولىشى مۇمكىن ، ئاسىيا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى جۇڭگو تەرەپ ئېلان قىلىدىغان سانائەت كارخانا پايدىسىنىڭ بازارغا بولغان تەسىرى . يېقىندىن بۇيان جۇڭگو ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ئومۇميۈزلۈك ئاجىز بولىۋاتىدۇ ، ئەگەر بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىغان جۇڭگو سانلىق مەلۇماتى ئاجىز چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى بېسىمغا ئۇچرايدۇ . ياۋرۇپا ۋاقتىدا جۇڭگو گېرمانىيە ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ۋە پۇل پاخاللىشىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى بولمىسا ، ئۇ ھالدا ياۋرۇ بېسىمغا ئۇچراپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىسىز بولىدۇ ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى بولسا ياۋرۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ، ئالتۇن كۈمۈش باھاسىمۇ ئۆسۈشى مۇمكىن .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى 1199-1185 دوللار ئارىقىدا تەۋرەندى ، سودا بازىرىنىڭ چۈشۈشنى ئاساس قىلدى .
2. چۈشلۈك ئاسىيا - ياۋرۇپا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1185 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە قىسقا ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 195-1200 دوللار غىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .
.3 كەچلىك ياۋرۇپا بازىرىدا 1183 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1190-1200 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ ھەمدە قايتا 1200 دوللارنىڭ يۇقىرىدىن چۈشۈشكە ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1185-1180 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1200 ، 1205
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1183
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى1205-1178
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1180
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1210
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 87.65 ئەتراپىدا ئايلاندى ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1196 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى ، بۈگۈن مىننەتدارلىق بايرىمى بولۇپ ئامېرىكا بازىرى دەم ئالىدۇ ، شۇ سەۋەبدىن بازارنىڭ ئومۇمىي سودا ھالىتى سۇس بولىشى مۇمكىن ، ئاسىيا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى جۇڭگو تەرەپ ئېلان قىلىدىغان سانائەت كارخانا پايدىسىنىڭ بازارغا بولغان تەسىرى . يېقىندىن بۇيان جۇڭگو ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ئومۇميۈزلۈك ئاجىز بولىۋاتىدۇ ، ئەگەر بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىغان جۇڭگو سانلىق مەلۇماتى ئاجىز چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى بېسىمغا ئۇچرايدۇ . ياۋرۇپا ۋاقتىدا جۇڭگو گېرمانىيە ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ۋە پۇل پاخاللىشىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى بولمىسا ، ئۇ ھالدا ياۋرۇ بېسىمغا ئۇچراپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىسىز بولىدۇ ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى بولسا ياۋرۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ، ئالتۇن كۈمۈش باھاسىمۇ ئۆسۈشى مۇمكىن .
پۇل مۇئامىلە بازىرى ئەھۋالى
تۈنۈگۈن پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، ئامېرىكا ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتى تۆۋەنلەپ ، فوندستېرلىڭ / دوللار پېرېۋوت باھاسى چوڭ ئاساستا يۇقىرى ئۆرلەپ ئۇرۇلۇش نۇقتىسى 1.5800 بولدى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى مۇقىم ھالىتىنى ساقلىغان بولۇپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى تۆۋەنلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىدا بولسا ئۆرلەش ھەم تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلدى ؛ بۇ سودا كۈنى گېرمانىيە ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ۋە پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى ؛
بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكا ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتى تۆۋەنلىگەنلىكتىن نەخ مال ئالتۇن باھاسى ۋە قەرەللىك ئالتۇن باھاسى بىر مەزگىل مۇقىم ھالىتىنى ساقلىدى ؛
27 - نويابىردىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى
جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ، 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ27 - كۈنىدىكى بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھا ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1320 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ياۋرو 7.6682 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.2161 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.79080 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.6848 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 5.2447 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.8273 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 سىنگاپور دوللىرى 4.7258 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 كانادا دوللىرى 5.4485 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.54514 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 7.7171 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.7762 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3602 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولغان .
پۇل ۋە تاۋارنىڭ تۈنۈگۈنكى بازار يېپىلىش باھاسى
11 -ئاينىڭ 26 - كۈنى تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا : ياۋرو / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.2504 بولغان ؛ فوندستېرلىڭ / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.5791 بولغان ؛ ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 0.8547 بولغان ؛ دوللار / يېن بازار يېپىلىش باھاسى 117.72 بولغان ؛ دوللار / كانادا دوللىرى بازار يېپىلىش باھاسى 1.1246 بولغان ؛ دوللار / شۋېتسارىيە فرانكى بازار يېپىلىش باھاسى 0.9611 بولغان .
تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار جەھەتتە : نەخ مال ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1197.60 دوللار بولغان ؛ Comex قەرەللىك ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1197.50 دوللار بولغان ؛ نەخ مال كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.49 دوللار بولغان ؛ Comex قەرەللىك كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.606 دوللار بولغان ؛ بۇلۈنتې خام نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 77.75 دوللار بولغان ؛ NYMEX خام نېفىت قەرەللىك مال بازار يېپىلىش باھاسى 73.69 دوللار بولغان .
كېلىش مەنبەسى : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
بەت:
[1]