MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 13:46:26

ئىنتىل تورى قۇرغۇچىسى مەرھۇم ئابلەتجان ئىبراھىمنىڭ تەرجىمىھالى

بۈگۈن تور بەتلەردىن ئىنتىل تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەتكامنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى. كەمتەر، كىچىك پېئىل ئادەم ئىدى.
باشقا گەپلەرنى قىلىشنى خالىمىدىم.
تەرجىمىھالىنى بىلىۋېلىڭلار
رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي
ئابلەتجان ئىبراھىم، 1969-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنى  قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان.
1- باشلانغۇچ، 1- ئوتتۇرا، قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا ( 6- ئوتتۇرا ) مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان.
1987- يىل 9-ئايدا شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد ئىنىستېتوتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1992- يىلى  ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن بۇيان قەشقەر شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ.

2005- يىلى ئۆزىنىڭ OFFICE ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتىكى ئوتتەك قىزغىنلىقى ۋە 《بىلىمنىڭمۇ زاكىتى بار》 دېگەننى ئۆزىگە مىزان قىلغان ئابلەتجان ئىبراھىم،  ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى تورى ، بىلىك كۇلۇبى ۋە بىلگە تورىدىن باشقا كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئائىت ئۇيغۇرچە توربەتنىڭ 4- سى  يۇلغۇنجان مۇنبىرى www.yulghunjan.com نى 《 بىلگەننى يوللاڭ بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن، بىلمىگەننى يوللاڭ، بىلگەنلەر دەپ بەرسۇن》 دېگەن مەنىلىك شۇئارى ئارقىلىق قۇرۇپ چىققان.

شۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ مول بىلىملىرى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان ئاجايىپ پەزىلىتى ئارقىلىق ئىنتايىن كۆپ كومپيۇتېر، تور ھەۋەسكارلىرى، Office ھەۋەسكارلىرىنى يۇلغۇنجان مۇنبىرىگە جەلىپ قىلغان ۋە ئاجايىپ قىزغىنلىققا چۆمگەن كومپيۇتېر، Office بىلىملىرى مۇنبىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

2007-يىلى ئەسلىدىكى يۇلغۇنجان مۇنبىرىنىڭ نامىنى ئىنتىل سەيناسىغا ئۆزگەرتىپ www.intil.cn  نامى بىلەن 2009-يىلغىچە داۋاملاشتۇرغان.

2008-يىلى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئېگە يوليار ئۇلىنىش تورى http://www.yolyar.com نى قۇرغان،www.yolyar.com/rawa  ئادرىسىدا ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى تۇنجى ئۇچۇر تورىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ھەمدە 2009-يىلى مۇھتاج نامىدا ئايرىم http://muhtaj.com ئۇچۇر تورىنى قۇرغان.

2010- يىلىدىن باشلاپ خەلقئارالىق تور نامى  www.intil.biz نامىدا كومپيۇتېر،تور ۋە Office بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئىنتىل سەيناسى تور بېكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

بىز بۇ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش روھىغا ئېگە، باشقىلارغا ياردەم بەرسە كۆڭلى ئېچىلپ قالىدىغان، مېھنەتكەش ئۇستاز ئابلەتجان ئىبراھىمنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇغلۇق بولۇشىنى تىلەيمىز.

ئىنتىل تورىدىن كېيىن قۇرۇلغان روھلان تور بېكىتى، قىياس تورى، ئادۇۋكات تورى،  شەربەت تورى، بۇلاقجان تورى، ئالما ھەۋەسكارلىرى تورى، بىلىملەر تورى، توقسۇ تورى، بىجىرىم تورى، قاراسۇ تورى، قۇتيار تورى، تور كاتىپ، بەشتاش تورى، ئەتىرگۈل تورى، يۈكسىلىش تورى، ئۇچقۇن تورى، كوئىنلۇن تورى (ھازىر ئىنتىل سەيناسى بىلەن بىرلەشكەن) .... قاتارلىق تور بېكەتلەرنىڭ قۇرغۇچىلىرى مانا مۇشۇ ئىنتىل سەيناسىدا تۈرلۈك كومپيۇتېر ۋە تور بىلىملىرىنى ئۆگىنىش نەتىجىسىدە يىتىشىپ چىققانلاردۇر.
ئابلەتكامغا ئائىت ئۇچۇرلار روھلان مۇنبىرىدىن ئېلىندى

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 14:14:16

رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 14:55:45

تورداشلار ئابلەتكامنىڭ سۈرىتى بولسا يوللاپ قويساڭلار
باشقۇرغۇچىلار تېمىغا قىستۇرۇپ قويسا

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 15:17:17

MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 14:55 static/image/common/back.gif
تورداشلار ئابلەتكامنىڭ سۈرىتى بولسا يوللاپ قويساڭلار
...

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=60176&highlight=%D9%82%DB%95%D8%B4%D9%82%DB%95%D8%B1%D8%AF%DB%95%2B%D9%83%DB%86  
بۇ تېمىدىكى alip ئەپەندىمنىڭ يىنىدىكى كىشى شۇ . مەن كەچتە قايتىپ كۆچمە دىسكامدىن 2007-يىلىمۇ ياكى 2006- يىلىمۇ 7.14 كۈندىكى يىغىلىش سۈرەتلىرى ئارىسىدىن بىر قانچە پارچە چىقىرىپ قوياي.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 15:20:40

kuysoyar يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 15:17 static/image/common/back.gif
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=60176&highlight=%D9%82%DB%95%D8%B4%D9%82%DB%95 ...

بۇنى بىلەتتىم، لېكىن يېقىندىن تارتىلغان، چىرايى ئېنىقراق چىققان سۈرەت بولسا ئوبدان بولاتتى

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 16:15:20

رەھمەتلىكنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولغاي~ ئۇيغۇرتوردۇنياسىدا  كومپيۇتېرغا ئائىت تېخنىكا ئۆگىنىپ يۈرگەن بالىلارغا ئاساسەن تونۇشتىغۇ دەيمەن يۇلغۇنجان، راستىلا بىر قىسىما بولۇپ قالدىم.  ھەممىمىز ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىلارمىز، رەھمەتلىكنىڭ ئائىلىسىگە سەبىر ياربولسۇن...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 16:29:54

رەھمەتلىك نېمە سەۋەپتىن كېتىپ قاپتۇ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 17:05:17

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندشلار !
ئىنتىل تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەتكام قاچان تۈگەپ قاپتۇ؟ بۇ زادى نىمە ئىش، مەن بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا ئۈندىدار پىكىرلەشكەندەك قىلغانغۇ ئۇ ئادەم بىلەن؟

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 17:31:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   imtiyaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-27 17:38  

كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى ، ئاللاھ بۇ كىشىگە جەننەت ئاتاقىلسۇن .
2007 دىن بۇيان بۇ كىشى بىلەن توردا تۇنۇشقان ئىدىم ، گەرچە يۈزتۇرانە  كۆرۈشمىگەن بولساممۇ خېلى ئىچەكىشىپ قالغان ئىدۇق .

Serdarco يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 17:34:41

انا لله وانا اليه راجعون :'(

ئابلەتكام ئېسىل ئادەم ئىدى، كومپيۇتېر بىلىمىمنىڭ 90% تىنى سەينادىن ئالغان ئىدىم.
تۇنجى قېتىم سودا قىلىشنى باشلىغان ۋاقتىمدا ئابلەتكام كۆپ يول كۆرسەتكەن........
اللە ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلىپ بەرسۇن، ئائىلىسىدىكىلەرگە سەۋىر ئاتا قىلسۇن....

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 17:56:30

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 16:29 static/image/common/back.gif
رەھمەتلىك نېمە سەۋەپتىن كېتىپ قاپتۇ؟

بايا ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلەشتىم
ئاخشام يۈرىكى ئاغرىغاندەك قىلىپ، ئۆيىدىكىلەر دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىپتىكەن. رەھمەتلىك شۇ يەردە جان ئۈزۈپتۇ.
ئۆيىدىكىلەردىن ئەھۋال سوراپ قويۇشنى خالايدىغانلار
13909988638 مۇشۇ نومۇرغا تېلىفون قىلىڭلار(ئىشى يوقلار ئاۋارە قىلماڭلار)

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 17:58:58

MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 17:56:30 static/image/common/back.gif


بايا ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلەشتىم
ئاخشام يۈرىكى ئا
يۈرەكتىنلا كېتىۋاتىمىزغۇ!:L:(

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 18:01:12


ئوتتۇرىدىكى ئادەم شۇ . سول تەرەپتىن باشلاپ تۇرغۇنجان بىلگە، مەردانجان ئەلئوغلى، مەرھۇم ئابلەتجان يۇلغۇنجان، چېلىشىچى دىلمۇرات (مەن)،ئاۋۇ دوستىمىز قەشقەرلىك ،ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
بۇ ئىنتىل تور بېكىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىق خاتىرىسىدە چۈشكەن رەسىمىمىز ئىدى. 2007-يىلى.ئابلەتجان ئېسىل ئاكىمىز ئىدى.

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 18:03:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuysoyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-27 18:09  

dilmurat يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 18:01 static/image/common/back.gif
ئوتتۇرىدىكى ئادەم شۇ . سول تەرەپتىن باشلاپ تۇرغۇنجان ب ...

مەنمۇ مۇشۇ سۈرەتلەرنى ئىزدىمەكچى ئىدىم . ئەڭ ئاخىردىكىسى ئابدۇراخمان (ئەينى ۋاقىتتا qiwar نامى بىلەن تورغا كىرەتتى.) مۇشۇ دوستىمىزنىڭ ئالاقە ئۇسۇلىنى بىلىدىغانلار قالدۇرۇپ قويساڭلار 2008- يىلدىن بىرى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى .

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 18:06:19

مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكى نۇرلۇق بولسۇن !

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 18:07:07

MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 15:20 static/image/common/back.gif
بۇنى بىلەتتىم، لېكىن يېقىندىن تارتىلغان، چىرايى ئېنى ...

يىقىندا تارتىلغان سۆرەت يوق . ئاستىدا دىلمۇرات يوللىغان سۈرەتلەر بار .

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 18:07:28

kuysoyar يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 18:03 static/image/common/back.gif
مەنمۇ مۇشۇ سۈرەتلەرنى ئىزدىمەكچى ئىدىم . ئەڭ ئاخىردىك ...

ئەمدى ئېسىمگە كەلدى. توغرا، چىۋەر .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 19:22:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-27 19:53  

  مەنمۇ ھىلى روھلان سالونىدا كۆرۈپ دىككىدە تۇرۇپ كىتىپتىمەن، ئاكىمىزنىڭ يارىتىپ بەرگەن شارائىتىدا مىڭلىغان ياشلېرىمىز ئىلگىرلەش ۋە ھازىرىنى يارىتىشتا نەپكە ئېرىشكەن بۇلىشى ئىنىق. ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن...
  بۇ يۈرەك ئاغرىپ ئاندىن كىتىپ قىلىشتا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى سەۋەپمىدۇ؟ مۇشۇنداق تۇيۇقسىز ئاغىرسا يۈرەك سانجىقى دەيدىغۇ دەيمەن، ئۇنىڭغا بىر خىل دورا بار دەيدىغان ئاغىرسىلا يەيدىغان، ئونۋىرسال باشقا  يەيدىغان دورىلارمۇ بارمىدۇ؟

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 20:26:18

رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي .
بەت: [1] 2
: ئىنتىل تورى قۇرغۇچىسى مەرھۇم ئابلەتجان ئىبراھىمنىڭ تەرجىمىھالى