ئۈندىدار سالون ئېگىلىرى، سادىغاي كىتەيلەر !!!
دىمىسەممۇ مەلۇم بولغىنىدەك ، نۈۋەتتە ئۇيغۇرلاردائۈندىداردەك ئومۇملاشقان تور ئالاقىلىش قورالىدىن يەنە بىرسى بولمىسا كىرەك . ئۈندىدار تۇرمۇشىمىزغا ھەقىقەتەن نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئەكەلگىنى راست ، نۇرغۇن بەختسىزلىكلەرنى ئەكەلگىنى تىخىمۇ راست . بۇ يەردە بۇ مەسىلە توغرىلىق توختالمايمەن . دىمەكچى ، ئۈندىدارنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تىزدىن ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ ، خەلققەپايدىلىقنۇرغۇن بىلىم- ئۇچۇرلارنى بىرىۋاتقان كۆپلىگەنخۇسۇسىي ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىلىرى قۇرۇلدى ھەم قۇرۇلىۋاتىدۇ. بۇ ئەمىلىيەتتە ياخشى ئىش بولسىمۇ ، لىكىن بىر قىسىم سالون ئېگىلىرىنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنىڭ يىتەرسىزلىگى ، ساپاسىنىڭ تۈۋەنلىگى سەۋەبلىك ، بۇنداق شەخسىي ئۈندىدار سۇپىلىرى ئەۋەتكەن ئۇچۇرلاردا نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانماقتا. باشتا چىداپ ئۆتكۈزىۋەتكەن بولساممۇ ، ئاخىرى ئۆزىنى سورىيالمىغان بۇ بىر ئۇچۇم سالون ئېگلىرىگە تور يۈزىدە بولسىمۇ ئازراق گەپ قىلىپ قويۇشنىڭ زۈرۈرلىگىنى ھىس قىلدىم.بۇ شەخسىي ئۈندىدار سۇپىلىرى ئەۋەتكەن ئۇچۇرلاردا ساقىلىنىۋاتقان مەن بايقىغان مەسىلىلەر :
1- ئىملا خاتالىقى بەكلا ئېغىر . سۆز- جۈملىلەر راۋان ئەمەس .
بەزى سالون ئۇچۇرلىرىدىكى خەۋەر- ماقالىلارنى ئوقۇپ بولغۇچە ، ئۇنىڭدىكى ھەر قەدەمدە ئۇچراپ تۇرغان ئىملا خاتالىقى ، كىسەل جۈملىلەرئادەمنى بەكلا بىئارام قىلىدۇ .
2- ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتمەي ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىش.
يۈزى قېلىن ئادەملەرگە مىڭ سۆزلىسىمۇ بىكار .
3-كۆپتۈرمىچىلىك ، ھاياجانلىق ئۇچۇرلار .
4-يالغان - ياۋىداق ئۇچۇرلار .
5- باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تىگىدىغان ئۇچۇرلار.
6- ۋاھاكازالار ....
ئاخىرىدا ئۈندىدار سالون ئېگىلىرىگە دەيدىغىنىم . بىز سىزنىڭ شۇنچىلىك جاپ تارتىپ خەلقىمىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئەمگىڭىزنى قەدىرلەيمىز، ھەم سىلەردىن مىننەتدارمىز . لېكىن ئەۋەتكەن ئۇچۇرۇڭلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلساڭلار . سەۋىيىسى تۈۋەن ، بۇنىڭ ھۈددىسىدىن چىقالمايدىغانلار، سالون قۇرىمەن دىمەي ئاستا چىكىنىپ چىقساڭلار. ئەمدى بۇ يېڭى ساھەنى پىدىغداپ ئوينىمىساڭلار . ئۆتۈنەي سىلەردىن !
مەنمۇ ھۆ بولدۇم سالۇنچىلاردىن{:101:} ئاچا-سىڭىللىرى ۋە بىر قىسىم ماز پاينەكلەرنى بازارغا سېلىۋاتقان سالونلار ئۆزىنى بىلسە بولاتتى
توردا يېزىلغان ئوچۇق خەتلەرنى كۆرۈپ بىزنى ھەقسىز تەشۋىق قىلىپ بەردى دەپ تېرىسىگە پاتماي يۈرىيدۇ گۇيلار مىنىڭ بۇلتۇر بىر سالۇنىم بارئىدى ، بۇيىل باشقۇرغىلى ۋاقتىم يەتمەي تاشلاپ قويدۇم ، خېلى تەستە قۇرغان بولمىسا ، كىملىكنى تۇتۇپ رەسىمگە چۈشۈپ ،بىر ئاماللارنى قىلىپ ...
سالۇنغا گەپ تاپماقمۇ بەسى مۈشكۈل ئىش ئىكەن ، خەۋەر چىقارسىڭىز ، تىڭشۇن شىركىتى تاقىلاۋاتقان ، باشقىلارنىڭ ھىكايە ئەسەرلىرىنى چىقارسىڭىز ئاپتۇرلۇق ھۇقۇقى دەخلى تەرۈزگە ئۇچراۋاتقان ، ئۆزىڭىز يازاي دىسىڭىز بەتتام نەرسىلەرنى كىممۇ ئۇقۇيدۇ ....
ئىشقىلىپ سالۇننى ئۆلچەملىك باشقۇرۇش بەك تەس ...... ماڭا خۇشياقمايۋاتىدۇ سالوننى ماڭدۇرۇش{:101:} بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jilwe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-27 15:55
مېنىڭ سالونىمنى بىر مالتىلىۋىتىپ، ياقتۇرمىساڭلار پاش قىلىشنى بېسىۋەتسەڭلارمۇ مەيلى :P
كىتابلاردىن ياخشى مەزمۇنلارنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ يوللاۋاتىمەن، ئاسىتىغا شۇ كىتابنىڭ سېتىۋىلىش ئادرىسىنى قوشۇپ قويىۋاتىمەن، ھەم ئەدەبىي ئەسەرلەردىن بەھىرلىنەلەيسىز، شۇنداقلا ياقتۇرسىڭىز كىتابنى سېتىۋالالايسىز. tadubeg يوللىغان ۋاقتى2014-11-27 15:22 static/image/common/back.gif
ماڭا خۇشياقمايۋاتىدۇ سالوننى ماڭدۇرۇش
نەچچە ئاقچا بېرىلا باشقۇرۇپ بېرەي:lol
چاقچاق جۇمۇ:lol
سىلىنىڭ سالون توختاپ قالسا سەت تۇرار tadubeg يوللىغان ۋاقتى2014-11-27 15:22 static/image/common/back.gif
ماڭا خۇشياقمايۋاتىدۇ سالوننى ماڭدۇرۇش
ماڭا ئۆيدىكى جۇمەكنى ئوڭشاشمۇ خوشياقمايۋاتىدۇ ، تەكەخان ئامال يوق بېشىنى ماتۇڭغا ئۇددۇللاپ ، مۇنچىنىڭ دەستىسى بىلەن چېچىنى يۇۋاتىدۇ ،كۇندە تىللاڭ يەۋىرىپ قۇلۇقۇم پۇتۇپ قالاي دىدى ، بىراق ئامال يوق خوشياقمىسا قانداق قىلىمەن بۇ سوغۇق ھاۋادا ، بوينى ئۇزۇنراق چاچ پاچ يۇسا قۇلايلىق بىر جۇمەك سېتۋالاي دىسەم ، جۇمەك ساتىدىغان بالاڭزاجۇمەكنىڭ ئون كويلۇق يۇرىكىنى ئالساڭلا بولىدۇ ، دەپ ماڭا ئۇزۇن بويۇنلۇق جۇمەكنى ساتماي قويدى .ھى ھى ھى شۇ خوشياقمايۋاتىدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dadash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-27 16:07
مائارىپ سالونى بولسا ئەگىشىدىغان ئادەم بەك ئازكەن....
مائارىپ ئۇچۇرلىرى، پىسخىكا، ئەدەبىي تەرجىمە، مۇۋەپپەقىيەت يوللىرى، ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى ، ۋاقىت باشقۇرۇش ...قاتارلىق سەھىپىلەر بويىچە ئىجادىي ۋە بىرىنچى قول تەرجىمىلەرنى يوللاۋاتىمەن. ئىككى ھەپتىدەك بولدى تۈزۈك مۇشتەرى يوق:'(
مەنمۇ ئەل قاتارى يوللاپ قوياي، يارىسا قوشۇۋالارسىلە، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلارسىلە، قالايمىقان نەرسىلەر يوق، ھەرخىل قىزىقارلىق يۇمۇر، رەسىم فىلىم قاتارلىقلار بار. نېمىدەپ يوللىساڭلار ماس كېلىدىغان يۇمۇر تاپشۇرۇۋالالايسىلەر.
قوللاش كىرەك. سالۇنى بارلار مۇشۇ يەرگىلا قىستۇرۇڭلار كودۇڭلارنى... شەخسەن مەن كىرىدىغان سالۇن تاپالماي يۈرۈيمەن. يۇقىرىدىكىلەرنى قېتىپ بولدۇم. يانا بارمۇ؟ :lol
ئىزدىنىشنىڭچۇ؟...
ماۋۇ مېنىڭكى،ياخشى يۇمۇرلار، ھېكايىلەر يوللىنىۋاتىدۇ. قوشۇۋالارسىلەر.
ئىملا خاتالىقى بولسا تىللىۋېتىڭلار. تېما ئىگىسىنىڭ مۇشۇنداق ياخشى سورۇننى ھازىرلاپ بەرگىنىگە تەشەككۈر :lol ما تېما قىزىيدىغان ئوخشايدۇ ، مەنمۇ سالۇنىمنى قايتا يولغا قۇيايمىكىن دەيمەن ، قىشىچە تالادىمۇ جىق يۈرگىلى بولمايدۇ ، قىلغىلى گەپ تاپالمىسام ئىزدىنىشنىڭ كونا مۇنبەرلىرىدىن ئوغرىلاپ تۇراي ...پۇل تاپمىغاندىكىن ئەسەر ھۇقۇقىمۇ جىق دەخلىگە ئۇچراپ كەتمەس ، يەنە بىرسى قانۇندا ئاپتۇر ۋاپات بۇلۇپ 20 يىلدىن كىيىن ئاپتۇرلۇق ھۇقۇقى تۈگەيدۇ ،دەپتىكەن ، مۇشۇ راستمۇ ؟ :lol:lol begir يوللىغان ۋاقتى2014-11-27 19:33:41 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ مەلىدە ›قىياپەت سالونى› دەپ بىر ئەرلەر س
ئىككىلىك كودىنى قالدۇرۇپ قويىڭە، ئۇنىمۇ قوشۇۋالاي:lol ئۈندىدار سالونى قۇرغانلارنىڭ سودىسى ياخشىمىش. ئېيىغا ئاز دىگەندە 5000~6000تاپىدۇ دەيدۇ ئەمەسمۇ. شۇڭا بازارلىق تېما بولسا خاراكتىرىنى تاللىماي يوللاۋېردىكەن.
كابانا دەپ سالوندا ھەپتىلىك ئايلىق يىللىق پەسىللىك چولپانلارنى تاللاش ئېلىپ بېرىپ بىرىنچى بولغانلارنى بىكارۋوودقا ئارتىس قىلىپ سايلايدىكەن. hiyalqi يوللىغان ۋاقتى2014-11-27 19:04 static/image/common/back.gif
ما تېما قىزىيدىغان ئوخشايدۇ ، مەنمۇ سالۇنىمنى قايتا ...
20 يىلدىن كىيىن ئاپتورلۇق ھوقۇقىتۈگىسە ئۇنى باشقىلار ئۆزىنىڭ نامىدا ئېلان قىلسا قانۇنلۇق بوپ قالمامدۇ؟ ئىزدىنىشنىڭ سالۇنى ياكى ئەپلىرى يوقما باللا ؟ سىرىتتىكى چاغلاردا يانفۇندا زىيارەت قىلىشقابولاتتى