NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 10:23:01

27-نويابىردىكى ئالتۇن بازار ئەھۋالى ۋە تەھلىلى

27-نويابىر ئاسىيا بازىرى ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1191 دوللار ئەتراپىدا، تۈنۆگۈن كەچتە ئامرىكىنىڭ ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلىرى ھەرخىل چىقتى، لېكىن مەبلەق سالغۇچىلارنىڭ كۆپرەك دىققىتىنى تارتىۋاتقان ئامرىكىنىڭ پ س يى كۆرسەتكۈچى بازار مۆلچەرىدىن يۇقىرى چىقتى،  بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بۇلىدۇكى ئامرىكىنىڭ مال باھا كۆرسەتكۈچى نىفىت باھاسى ۋە  تۆمۈر كان باھاسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىمىدى.

27-نويابىردىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بۈگۈن ئامرىكىنىڭ مىننەتدارلىق بايرىمى، بازارنىڭ دىققىتى ئاساسلىق ياۋرۇپا بازىرى ۋاقتىدىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلماقتا، بۇلاردىن گىرمانىيەنىڭ ئىشسىزلىق نىسپىتى ۋە مال باھا كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئۇچۇرلاردا. بازار بۈگۈندىن باشلاپ تەۋرىنىشى كىچىك بۇلىدۇ، چۈنكى ئامرىكا مىننەتدارلىق بايرىمى مۇناسىۋېتى بىلەن دەم ئالىدۇ.

بۈگۈنكى تەھلىل:
1185ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە،زىيان 1180، نىشان 1190~1195
1198ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1203، نىشان 1193~1188
1175 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1170، نىشان 1180~1185
1207ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1212،نىشان 1202~1197

كوت كوت  395619400  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى234يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.19يۈەن
بىر دوللار 6.138. يۈەن
بىر ياۋرۇ 7.6779يۈەن
بىر .فودىستىرلىڭ 9.6928يۈەن
بىر .فودىستىرلىڭ 1.5788 دوللار
بىر ياۋرۇ 1.2508دوللار
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .

مەنبە ئىقتىساد ئۇندىدار سالون

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 16:42:13

ئالتۇن 224كە چۈشۈپ يەنە 234كە چېقىۋاپتۇ، قارىغاندا 230 ئەتىراپىدا بىر مەزگىل تەۋىرنىپ تۇرغۇدەك.
بەت: [1]
: 27-نويابىردىكى ئالتۇن بازار ئەھۋالى ۋە تەھلىلى