tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 09:41:05

ئاددىيلىق بىلەن ئۇلۇغلۇقنىڭ چېگرىسى

                                                             ئاددىيلىق بىلەن ئۇلۇغلۇقنىڭ چېگرىسى            
                                    رۇخسارى ئابدۇرېشىت
ئامېرىكىدىكى «خېرشېي» (Hershey) شىركىتى بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ شاكىلات سودىگىرى، شىركەتنى 1903-يىلى مىلتون خېرشېي قۇرغان.
1893-يىلى خېرشېي مىلتون پۈتۈن مال-بىساتىنى سەرپ قىلىپ، چېكاگو دۇنيا كۆرگەزمىسىدىن بىر شاكىلات ياساش ماشىنىسى سېتىۋالغانىدى، بىر يىلدىن كېيىن خېرشېينىڭ تۇنجى سۈتلۈك شكىلاتى بارلىققا كەلدى، بۇ دەل دۇنياغا مەشھۇر ئۇزۇنچاق خېرشېي شاكىلاتى ئىدى. بۇ خىل شاكىلات بازارغا كىرىشى بىلەن كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، شۇڭا ناھايىتى تېزلا شاكىلات بازىرىنى ئىگىلەپ ئالدى، بىراق بۇ شىركەتنىڭ نىشانى پەقەت شاكىلات ئىشلەپچىقىرىش بولماستىن، دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر شاكىلات سودىگىرى بولۇش ئىدى، شۇڭا خېرشېي ئەپەندى يەنە بىر قېتىم پۈتۈن مال-بىساتىنى سەرپ قىلىپ، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى سېتىۋالدى، كېيىن بۇ دېھقانچىلىق مەيدانى «خېرشېي بازىرى»غا ئايلاندى.
بۇ يەردە يېڭى سۈت بىلەن تەمىنلەيدىغان چارۋىچىلىق مەيدانى، كۆڭۈل قويۇپ تېرىلغان كاكائو ئۇرۇقى، يەنە ئەنئەنىۋى ھۈنەر تېخنىكىسى بولۇپ، پۈتۈن خېرشېي بازىرى شاكىلات ھىدىغا چۆمۈلۈپلا تۇراتتى. شۇ كۈنلەردە خېرشېيدا يەنە بىر نىشان پەيدا بولدى، يەنە ئۇ خېرشېي بازىرىنى دۇنيادىكى ئەڭ راھەت، ئەڭ ئىللىق شاكىلات بازىرىغا ئايلاندۇرۇشنى نىيەت قىلدى. شۇنداق قىلىپ خېرشېي شىركىتى يول ياسىدى، دوختۇرخانا سالدى، تەنتەربىيە ۋە ئويۇن-تاماشا سورۇنى، شاكىلات ئارىشىڭى قۇردى.
بۈگۈنكى كۈندە خېرشېي بازىرىدا زامانىۋىلاشقان شاكىلات زاۋۇتىدىن ئۈچى بار، بۇنىڭ بىلەن شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ شاكىلات ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىگە ئايلىنىپ، مەھسۇلاتلىرى 90 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا كىردى. بۇ يەر ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە شاكىلات ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى كۆرەلىگەندىن سىرت، يەنە شاكىلات خاس باغچىسىدا قانغۇچە تاماشا قىلالايدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ:«ئارزۇ كارخانا ئوبيېكتىپ رېئاللىققا قايتۇرغان ئىنكاس، كارخانىدىكى گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈش، كارخانىنىڭ كۈرەش نىشانى ھەمدە ئەمەلگە ئېشىش ئىمكانىيىتىنىڭ كۈچلۈك ئىنتىلىشى. كارخانا ئارزۇسى كارخانىنىڭ كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى روھىي كۈچى، كارخانا ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ مۈشكۈلاتلارنى يېڭىشىدىكى كۈچ مەنبەسى. كارخانا ئارزۇسى يەنە كارخانىنىڭ ئۇزاق مۇددەت گۈللىنىشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان شەرت».
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.
بەت: [1]
: ئاددىيلىق بىلەن ئۇلۇغلۇقنىڭ چېگرىسى