jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 08:57:21

مەمتىمىن ھۇشۇر ھىكايىللىرىدىكى ئاجايىپ قۇرلار

مەمتىمىن ھۇشۇر ھىكايىللىرىدىكى ئاجايىپ قۇرلار
مەن سىزگە دېگەندىمغۇ؟ زامان ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئۆتكەندە مەن سىزنىڭكىگە كىيىپ بارغان تۆت يانچۇقلۇق چاپىنىمنى ھازىر خۇتۇنۇم نان ياققاندا كىيىپ يۈرىيدۇ. يازغان ئەسىرىمنىڭ ژورنالغا بېسىلغىنىنى كۆرىپلا مانا بۇ كاستىيۇم بۇرۇلكىنى سېتىۋالدىم. چەتئەلنىڭ شىلەپىسىدىن بىرنى دەمسىز ؟ ئادەمنىڭ بېشىدا گارشۇكنى دۈم كۆمتۈرتۈپ قويغاندەك تۇردىغان ئۇ نىمە بىلەن پەقەتلا خۇشۇم يوق . ئادەملەر ئۇنى ياراشقىنىدىن كىيىپ يۈرىيدۇ ، دەمسىز؟ مەن سىزگە ئېيتاي : چەتئەللىكلەر ھىلىغۇ شىلەپىكەن ، بېشىغا شاپاقنى كىيىپ كەلگەن بولسىمۇ « قاراڭلار ئۇ ئوبدانلا يارىشىدىكەن – ھە ، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىز ئۇنى نىمىشقا كىيمىگەندىمىز » دەپ شۇنىمۇ كىيدىغانلار چىقاتتى. … سەپ سالغانسىز بەزىلەر ھازىر تۇي تۆكۈنلەردە تاۋاقتا ئازراق پولونى ئاشۇرۇپ قۇيۇشنىمۇ « مەدەنىيەت» دەپ بىلىدىغان بولدى . ئاڭلىدىڭىزمۇ ياپۇنلار سىناق قىلىپ ئاتقان بىر بومبا ئاسمانغا چىقىپ كېتىپ ، تېخى چۈشمەيۋاتقۇدەك، شۇڭا ھاۋا ئىسسىپ كېتىپ بارامدىكىن دەيمەن. قاراڭ ئىككىنچى ئاي كىرە كىرمەيلا ئىللىق شامال چىقىۋاتقىنىنى ، بازار چۆگىلەپ يۈرگىچە مەلىڭىزدە لەگلەك چىقارسىڭىز بولمامدۇ . ؟
«بۇرۇت ماجراسى »دىن

ئاڭلىدىڭىزمىكىن چەتئەلدىكى يازغۇچىلار كۈندۈزدە سودا قىلىپ ، كېچىسى ئەسەر يازىدىكەن . سىزگە ئوخشاش مۇھەررىرنىڭ ئىشخانىسىمۇ بولمايدىكەن ، يۈگۈرىپ يۈرىپ ئەسەر تەھرىرلەيدىكەن . شائىرلىرى « ھېسياتقا تەسىر يىتىدۇ» دەپ خۇتۇنمۇ ئالمايدىكەن …. قىزىق ئىشلارنى كۆرىمەن دېسىڭىز چەتئەلگە چىقسىڭىز بولىدۇ . بىر شەھەرگە بارسام ، پۇخرالىرى شۇنچە پۇزۇر كىينىۋاپتۇ ، شەھەر باشلىقى يالاڭ ئاياق يۈرىيدىكەن ، ئاياللىرى يالغان بۇرۇت قۇيۇپ، ئەرلىرى ئۇزۇن چاچ سالىدىكەن ؛ تاماقنى بازاردىن يەپ ، كېچىسى مېھمان خانىدا يېتىپ ، ئۆينى ئىجارىگە بېرىدىكەن ؛ قىزىق چايغا مۇز سېلىپ ئىچىپ، مارۇژنىنى ئىستىپ يەيدىكەن … ئۇقسام ئەسەر يازغانغا قارىغاندا تەرجىمە قىلغانلار كۆپ پۇل تاپقۇدەكقۇ؟ بۇمۇ بۇغداي تەرگەنلەر گادايلىشىپ بۇغداي ساتقانلار بېيىپ كىتىۋاتقاندەكلا بىر ئىش دەڭا… بۇلۇۋاتقان غەلىتە ئىشلارغا ئەقلىڭىز ھەيران قالىدۇ . بىزنىڭ مەھەلىدىكى ھىلىقى ئۆز ۋاختىدا بىلىكىگە قىزىل لاتىنى باغلىۋېلىپ ، مەسچىت ، پەشتاقلارنى بۇزۇپ، لوبو چامغۇر ساتقانلارنى قوغلاپ يۈرىيدىغان سەمىتاخۇننى تۇنۇمسىزكىن ؟ ھازىر ئۇ ئىشتانپايپاق ئېلىپ- سېتىپ بېيىپ كەتتى . بەيتۇل ھەرەمگە بېرىپ ئابدۇسەمەت ھاجىم بولۇپ كەلدى . يېقىندىن ب ىرى ئۇ : بىزنىڭ مىللى ئىنئەنىمىز نەگە كەتتى ؟ دەپ قايناپ، ماتادىن كۆڭلەك كىيىپ ، سەگەزدىن گىلاستۇك باغلاپ ، يېڭى ئالغان پىكاپنىڭ ئىچىگە بورا سېلىپ ھەيدەپ يۈرىيدۇ. ..
« ئالتۇن چىشلىق ئىت» ناملىق ھېكايىسىدىن

كۆزىم بىلەنغۇ كۆرمىدىم ، ئاڭلىسام ، يېقىندىن بىرى چەتئەللەردە مەخسۇس خۇتۇنى يوقلارغا خۇتۇن ، ئېرى يوقلارغا ئەر بۇلۇپ بېرىدىغان بىر كەسىپ رۇناق تاپقىلى تۇرۇپتىدەك. ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئاجايىپ غۇنچە بوي، ئەرلىرى شۇنچە قاۋۇل كېلەرمىش، بىكار بۇلۇپ قالسىلا باشقا ئىش قىلماي، كېرەكلىك يەرلىرىنىڭ مۇسكۇللىرىنى چىڭىتىپ ، ئولتۇردىكەن . مەنغۇ چەتئەلدە گالاستۇك باغلىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلغانلارنى كۆرىپ تازا كۈلگەندىم.بۇگۈن ئەتىگەن خوشنامنىڭ ئايالىنىڭ كالپۇكىنى قىپ –قىزىپ بۇيىۋېلىپ، نان يېقىپ يۈرگىنىگە قاراپ ، چەتئەلدىكى ئىشلارنىڭ ئانچە ھەيران قالغۇچىلىكى يوقكەن دەپ قالدىم.ئۆزگىرىشلەرنىڭ شۇنچە تىز بۇلۇپ كىتىۋاتقىنىنى سىزمۇ ئويلاپ باقمىغانسىز ھە! … ئاڭلىدىڭىزمۇ ھازىر چاچنى چۈشىرىۋېتىپ، بۇرۇتنى بۇدۇر قىلىۋالىدىغان مودا چىقىپتۇ …. بازارىدىكى ئەكرەم بايۋەتچىنىڭ يانچۇقىغا ئوت كەنكەنكەن ، پاژارنى ئەترەتنىڭ ئادەملىرى ئۈچ كۈندىن بىرى ئۈچۈرەلمەيۋاتقۇدەك … ھازىر ھېسامنىڭ چاقچاقلىرىنى توپ ئېلىپ پارچە ساتىدىغان تىجارەتچىلەرمۇ پەيدا بوپتۇدەكقۇ؟… يۇقۇرقى مەھەلىدە بىرداڭلىق دوختۇر چىقىپتۇدەك، ئۇنىڭ بەرگەن دورىسىنى ئىچمەي تۇرۇپ ياتسىڭىزمۇ ساقىيىپ قالغۇدەكسىز…. يېقىندىن بۇيان مىللەتنى سۆكۈپ ماقالە يېزىپ پۇل تېپىۋاتقانلارنى كۆرىپ ھەيرانلا قالدىم. بۇمۇ ئۆيگە ئوغرى چۈشسە ئوغرىغا كۈچى يەتمەي ، بىر-بىرىگە تاپا تەنە قىلىشىپ كەتكەندەكلا ئىش دەڭا!
«چارخوراز » ناملىق ھېكايىسىدىن

مۇشۇ كۈنلەردە جاھان تەتۈر بۇلۇپ قېلىۋاتامدۇ قانداق ؟ قاراڭ ، ئىلگىرى ساقال بۇرۇت دېگەننى دادىللىرى قۇيۇپ ، بالىللىرىنىڭ ئىڭەكلىرى پاك – پاكىز تۇرىدىغان ، ھازىر ھەممە ساقال بۇرۇت ياشلارغا كۈچىپ، چوڭلارنىڭ ئىڭكى تاقىرلىشىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ . ئەرلەرنىڭ پۇتىدا قونجىسىز ئاياق ، ئۈتۈك دېگەننى ئاياللار كىيىدىغان بوپتۇ . ئاياللار چېچىنى قىسقارتىپ، ئەرلەر ئۇزۇن چاچ قۇيىدىغان بوپتۇ . ياخشى ئادەملەر زىيان تارتىپ ، ساختاپەزلەر بېيىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ …. ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ چەتئەللەردە نامراتلار سەمرىپ، بايلار ئۇرۇقلاپ كېتىۋاتقۇدەك… بىر گالىستۇك چىقىپتۇدەك ، ئۇنى تاقاپ ياتقان ئادەم پەقەتلا خورەك تارتماسمىش… يەنە بىر كۆزەينەك كەشىپ بوپتىمىش ، ئۇنى تاقاپ ئۇخلىسىڭىز چۈشمۇ كۆرمەيدىكەنسىز….
« ئويغاق تۇرۇپ كۆرگەن چۈشلەر» ناملىق ھېكايىسىدىن

ئاڭلىدىڭىزمۇ يېقىندا بىر مەست دەرەخكە ئۈسىۋېلىپ ، سىركايە چىنىدەك پارچە-پارچە بوپ كېتىپتۇدە…. بىزنىڭ كۇچىنىڭ دوقمۇشىدا نارىن ساتىدىغان بىر ئاشخانا بار ئىدى. ئاشخانىنىڭ خۇجايىنى ئات گۆشىنى يەۋېرىپ، ئۆزى ئاتتە كىشنەپ چىقىپ كېتىپتۇدە… بىكار بولسىلا ئۆگزىسىگە لاي سالىدىغان بىر خوشنىمىز بولىدىغان ، ئالدىنقى كۈنىدىكى يامغۇردا ئۆگزىدە ئولتۇرۇپ ئېرىپلا كېتىپتۇ ، بالا چاقىللىرىنىڭ ئۆگزىدىكى لاينى مالتىلاپ دادىسىنى ئىزدەپ يۈرگىنىنى ئۆز كۆزىم بىلەم كۆردۈم…
«داپ » ناملىق ھېكايىسىدىن

مەنبە: « مەمتىمىن ھۇشۇر ھېكايىللىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتاب

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 09:05:19

«چار خوراز»دىن ئېلىنغان پارچىنى كۈرۈپلا ئەختەم ئۆمەر باشلىق بىر نەچچەيلەن يادىمغا كەلدى .{:90:}

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 10:30:01

مەمىتىمىن  ھوشۇرنىڭ بىر ھېكايىسدە ماۋۇ يۇمۇرمۇ بار:

  بىر كۈنى پادىشاھنىڭ ئايالى جەننەتكە ساياھەتكە بېرىپ بىر سارايغا كىلىپ قاپتۇ، قارىغۇدەك بولسا ساراينىڭ تۆت تېمىغا لىق سائەت ئېسىقلىق تۇرغۇدەك،بۇ سائەتلەرنىڭ بەزىسى تىز بەزىسى ئاستا مېڭىۋاتقۇدەك، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھۆر پەرىدىن :
- بۇنىمە ئىش ؟-دەپ سوراپتىكەن، ھۆر پەرى
- بۇ پانىي ئالەمدىكى ھەر بىر ئەر كىشىگە قارىتا ئېسىلغان سائەت ، كىم ئاشنىسىغا بەك بېرىلسە شۇنىڭ سائىتى شۇنچە تىز چۆرگىلەيدۇ.
-ئەمسە مىنىڭ شاھىمنىڭ سائىتى قايسى - دەپ سوراپتىكەن، ھۆرپەرى تۇرۇپ كىتىپ:
-سىزنىڭ شاھىڭىزنىڭ سائىتىنى ئەزرائىل ئىشخانىسىغا ئاپىرىپ شامالدۇرغۇچ قىلىۋالدى . دەپتۇ:lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 11:40:39

بەكلا ئىسىل ئەسەر

misran320 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 15:09:59

ماۋۇ تېما ئوبدان ئوتۇرىغا چۈشۈپ قالدى ، بولسا مۇشۇ ئىزدىنىشتىكى بۇرادەرلەر نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ساقلاپ كېلۋاتقان مەمىتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرىنىڭ pdf نۇسقىسى بولسا، مۇشۇ تېمىنىڭ ئىچىگە ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن . مەڭگۈ ساقلاپ كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا قالدۇرۇپ قويغۇدەك ئېسىل ئەسەرلەر ئىدى بۇ .

function يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 08:38:41

مىللەتنى سۆكۈپ ماقالە يېزپ پۇل تاپقانلار :lol

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 23:05:06

مېنىڭچە مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىمزغا مۇشۇ ئۇسلۇب ئەڭ ماس كېلىدۇ.
‹‹سالچىلار››توغىرسىدىكى يالقۇن روزى ئەپەندىمنىڭ ئوبزورىغا قانداق قارايسىلەر؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 00:51:59

putboljan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 23:05 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىمزغا مۇشۇ ئۇسلۇب ئەڭ ماس كې ...

ئۇ ماقالىسى سالچىلار رومانىغا يېزىلغان ئوبزور ئەمەس. مەمتىمىن ھوشۇرغا قارىتىلغان تەنقىت ماقالىسىغۇ.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 05:12:07

ئېسىل ھېكايە يازىدىغان ئادەم.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 00:15:50

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-29 00:51 static/image/common/back.gif
ئۇ ماقالىسى سالچىلار رومانىغا يېزىلغان ئوبزور ئەمەس.  ...

دىمەكچىمەنكى،يالقۇن روزى ئەپەندىم ‹‹سالچىلار ››رومانىنى بەكلا تەنقىدلەيدىغۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 03:28:57

putboljan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 00:15 static/image/common/back.gif
دىمەكچىمەنكى،يالقۇن روزى ئەپەندىم ‹‹سالچىلار ››روما ...

ئۇ ئەپەندىمنىڭ تەنقىدى رومانغا ئەمەس، شۇ روماننىڭ ئىگىسىگە قارىتىلغان دېمەكچىمەن مەنمۇ.

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 19:39:39

abdulehed يوللىغان ۋاقتى  2014-11-29 05:12 static/image/common/back.gif
ئېسىل ھېكايە يازىدىغان ئادەم.

ياۋۋۋۋ ما ئادەمگىمۇ ئەسەر يارايدىكەن ھە

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 20:58:59

misran320 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 15:09 static/image/common/back.gif
ماۋۇ تېما ئوبدان ئوتۇرىغا چۈشۈپ قالدى ، بولسا مۇشۇ ئىز ...

نېمىشقا  كىتابىنى سېتىۋېلىشنى خالىمايسىز، PDFقىلا تايىنىۋالساق  مەدەنىيەت بازىرىمىز ئۆلىدۇ، يازغۇچىلىرىمىز ئەسەر يازمايدۇ،
يازغۇچىلىرىمىزنى قوللاپ كىتابىنى سېتىۋېلىڭ، توك ئۆچكەندە شام يورۇقىدا كۆرەرسىز{:92:}

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 22:17:41

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 20:58 static/image/common/back.gif
نېمىشقا  كىتابىنى سېتىۋېلىشنى خالىمايسىز، PDFقىلا تاي ...

تۇغرا دەيسىز ھەممەيلەن  سىتۋالمىساق كىممۇ كىتاب يازسۇن.

misran320 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 22:26:43

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-30 20:58 static/image/common/back.gif
نېمىشقا  كىتابىنى سېتىۋېلىشنى خالىمايسىز، PDFقىلا تاي ...

پىكىرىڭىزنى تولىمۇ تۆۋەنچىلىك بىلەن قۇبۇل قىلمەن ،ئىلگىرى ھەقىقەتەن ئاپتورىمىزنىڭ ئۇشبۇ ئەسەرلىرىنى سېتۋالمىغان گۇناھ ئۆزۈمدە ،لېكىن پېقىر ئۇزۇن مۇددەت ئىچكىرى ئۆلكىدە تۇرۇپ قالغاچ ھازىر مەن تۇرۋاتقان جايدىن بۇ كېتاپلارنى تېپىشقا مۇمكىن بولمايدۇ ،قوللاشنىڭ شەكلى ھەرخىل .ئەگەر يۇرتىمىزدىكى ئەمىلى كۈچى بار شىركەت ۋە شەخىسلەر ئاپتورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ ۋە توردا تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتۋىلىپ بۇ ئەسەرلەرنىڭ PDF نۇسقىسىنى ئىشلەپ ھەقلىق قىلىپ تارقاتسا ؛ئىشەنچىم كامىل مانا مەن بىرىنچى بۇلۇپ سېتۋالمەن .(يانفۇندا بىردىن چىكىپ بېسىپ يازغان ئىنكاس ئىدى ،ئىمىلادىن مۇستەسنا بۇلالماي قېلىشىم مۇمكىن ،ئەپۇ قىلاسىزلەر)

nurlan13 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 12:45:30

مەمتىمىن  ھوشۇرنىڭ  ھېكايىلىرى  ئادەمگە باشقىچە زوق  ئاتا  قىلىدۇ دىسە .

Economists يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 18:51:07

مۇشۇ توردا ھەقلىق قىلىپ ئىلىكتىرونلۇق كىتاب ژورنال سىتىشنى بىر ئويلىشىپ باققان بولساڭلار، ئىنسابىلىق كىشىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس ، بىزدەك ياقا يۇرتتىكلەرگە  سۈپىتىنى ياخشى قىلىپ ئىلكىتاب ئىشلەپ بەرسە ئەسلى باھاسىغا تەڭ بولسىمۇ ئالاتتۇق ،  بىر ئائىلە كىشلىرىلا ئوقۇش ، قالايمىغان تارقاتماسلىق دىگەندەك شەرتلىرى بىلەن بولسىمۇ مەيلىتى .

President يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 19:53:53

ۇشۇ كۈنلەردە جاھان تەتۈر بۇلۇپ قېلىۋاتامدۇ قانداق ؟ قاراڭ ، ئىلگىرى ساقال بۇرۇت دېگەننى دادىللىرى قۇيۇپ ، بالىللىرىنىڭ ئىڭەكلىرى پاك – پاكىز تۇرىدىغان ، ھازىر ھەممە ساقال بۇرۇت ياشلارغا كۈچىپ، چوڭلارنىڭ ئىڭكى تاقىرلىشىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ . ئەرلەرنىڭ پۇتىدا قونجىسىز ئاياق ، ئۈتۈك دېگەننى ئاياللار كىيىدىغان بوپتۇ . ئاياللار چېچىنى قىسقارتىپ، ئەرلەر ئۇزۇن چاچ قۇيىدىغان بوپتۇ . ياخشى ئادەملەر زىيان تارتىپ ، ساختاپەزلەر بېيىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ …. ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ چەتئەللەردە نامراتلار سەمرىپ، بايلار ئۇرۇقلاپ كېتىۋاتقۇدەك…

ماۋۇ راست بولىۋاتقان ئىشلاركەنغۇ

burkut327 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 22:14:23

    تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرسلىكىدىكى «ئالتۇن چىشلىق ئىت» ناملىق ھىكايىنى ئوقۇپ بەك كۈلگەنىدىم، سىنىپتا كۈلكەمنى يوشۇرالماي بالىلارنى ھەيران قالدۇرۋەتكەن. باشقا ئەسەرلىرىدىكى يۇمۇرلۇق قۇرلار بولسا تىركەپ قويۇڭلار، بىللە بەھرلىنەيلى.
  «سالچىلار » رومانىدا كۈلكە-يۇمۇر ئازراق بىلىندى، ئىھتىمال ئەسەر ئىھتىياجىدۇر.

3karakax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 23:52:03

‹‹قۇم باسقان شەھەر›› رومانىدىكى تارىخ توغرىسىدا يازغان جۈملىلىرى پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ. 10يىلدىن ئېشىپتۇ ئوقۇغىلى.
تارىخنى غەلبە قىلغۇچىلار مەغلۇپ بولغۇچىلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ. مەغلۇپ بولغۇچىلارنىڭ بىلىدىغىنى باشقىلار ئوقۇپ بەرگەن تارىخ بولىدۇ.
تارىخنىڭ يېزىلغانلىرىدىن يېزىلمىغانلىرى چىنراق بولىدۇ.
بەت: [1]
: مەمتىمىن ھۇشۇر ھىكايىللىرىدىكى ئاجايىپ قۇرلار