waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 20:09:15

تەڭرىتاغ كوماندىسى 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىنى يەڭدى



  ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 11- ئاينىڭ 26- كۈنى كەچ سائەت 30؛5دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئون بىرىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا،  ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تىرىنىرى ئادىلجان سۇلايمان يىتەكچىلىگىدىكى 1-ئاۋغۇسىت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى كوماندىسى چەتئەللىك ئەزا  ئاندىرى بىراچنىڭ  31نومۇر، 25 قېتىم گاردىن قايتقان توپ  ئىلىشتەك ياخشى نەتىجىسىگە تايىنىپ ئاخىرى 84-69 نەتىجە بىلەن رەقىبى 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. تەڭرىتاغ كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبە قىلدى.
   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  ئۈچ  ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ  31 نومۇر، 25 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 2 قېتىم توپ تارتىۋالدى؛  ئىستىفان 12 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  لىيۇ شۇنەن 12 نومۇر،  2 قېتىم توپ تارتىۋالدى؛  لىيۇۋىي 8 نومۇر،  2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ شىرئەلىجان 6 نومۇر،  2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 2 قېتىم توپ تارتىۋالدى؛  جۇ چى 6 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 3 قىتىم قالپاق كىيگۈزدى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 11-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا جېجىياڭ كوماندىسى  بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 22:38:13

ئاسماندا ئات ئۇچىۋاتقان ۋىدىيو پەيدا بۇلۇپ قالدى  نىمە ئىشتۇ بۇ

umutwar1205 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 02:51:31

شۇ مەنمۇ ھازىر كۆدۈم ، راسمىدۇ يالغانمىدۇ؟ مەنغۇ بىر قارىسام راستەك .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 08:25:29

بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىنى يەڭدى