aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 19:35:30

ئورخان پامۇك: مۇقاۋىلار ھەققىدە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aypalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-26 19:38  

مۇقاۋىلار ھەققىدە

ئورخان پامۇك

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت(ئايپالتا) تەرجىمىسى

        يېزىۋاتقان كىتابىنىڭ مۇقاۋىسىنى خىيال قىلمىغان يازغۇچى تۇيغۇ تەربىيىسىنى تاماملىغان، پىشىپ يېتىلگەن، لېكىن ئۆزىنى يازغۇچى قىلىپ چىققان ساددىلىقنى يوقىتىپ قويغان يازغۇچىدۇر.
        كىتاب ئوقۇشنىڭ بارلىق ئېسىل تەجرىبىلىرى ۋە شاتلىقلىرى، كېيىنچە خاتىرىلىرىمىزدە ئۇ كىتابلارنىڭ مۇقاۋىسى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ.
        كىتابلارنى مۇقاۋىسىگە قاراپ سېتىۋالىدىغان ئوقۇرمەنلەرنى ۋە بۇنداق ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن يېزىلغان كىتابلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان تەنقىدچىلەرگە تېخىمۇ بەك مۇھتاجمىز.
        روماننىڭ مۇقاۋىسىدا باش قەھرىمانلارنىڭ  چىرايىنى ئېنىق بىر شەكىلدە كۆرسەتمەك، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە يازغۇچىنىڭ تەسەۋۇر كۈچىگە قىلىنغان قۇبۇل قىلغۇسىز بىر ھۇجۇمدۇر.
        «قىزىل ۋە قارا» دېگەن كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى قىزىل ۋە قارا رەڭدە ، «كۆك ئۆي» دېگەن روماننىڭ مۇقاۋىسىنى كۆك رەڭدە، «قەلئە» رومانىنى مۇقاۋىسىغا بىر قەلئە رەسىمى قىستۇرۇپ لايىھىلىگەن لايىھىلىگۈچى، كىتابقا بولغان ھۆرمەتنى ئەمەس بەلكى ئوقۇپ باقمىغاندەك  تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
        بىز ئوقۇغان كىتابنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن كۆزىمىزگە چېلىققان مۇقاۋىسى، بىزگە كىتابتىكى دۇنيانى ۋە ھاياتىمىزنىڭ ئۆتكەن بىر مەزگىلىدە بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ بۇ دۇنياغا كىرگەنلىكىمىزنى بىزگە دەرھال ئەسلىتىدىغان بىر بەلگىگە ئايلىنىدۇ.
        كىتاب مۇقاۋىلىرى كىتابتىكى دۇنيا بىلەن بىز ياشاۋاتقان دۇنيا ئارىسىدا بىر ئۆتۈشمە ئىشارىتىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ.
        بىر كىتابخانىنى جانلىق، باي ۋە مول ھەمدە جەلىپكار كۆرسەتكەن نەرسە، كىتابلىرىنىڭ ئەمەس مۇقاۋىلىرىنىڭ خىلمۇ-خىل بولۇشىدۇر.
        كىتاب ئىسىملىرى كاللىمىزدا خۇددى كىشى ئىسىملىرىدەك ساقلىنىدۇ؛ بىر كىتابنى ئوخشاش تۈردىكى مىلىيونلىغان كىتابلار ئارىسىدىن تېپىپ چىقالىشىمىز بۇ سەۋەبتىندۇر. كىتاب مۇقاۋىلىرى بولسا، ئادەملەرنىڭ چىرايىغا ئوخشايدۇ؛ بىزگە يا بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن بىر خۇشاللىقنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەسلىتىدۇ ياكى ھېچ خەۋىرىمىز يوق بەختلىك بىر ئالەمنى بىزگە ۋەدە قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن كىتاب مۇقاۋىلىرىغا كىشىلەرنىڭ چىرايىغا قارىغاندەك بېرىلىپ زەن سالىمىز.

misal يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 21:48:02

بەزى كىتابلارمۇ قويۋاغان ئىسمىغا، مۇقاۋىسىغا يۈز كېلەلمەيدۇ. مەن ئادەتتە كىتابنى قولۇمغا ئېلىپ نەچچە بەت ئوقۇپ باقىمەن، ئەگەر كىرىشىپ قالسام كېچىلەپ بولسىمۇ ئوقۇپ تۈگەتمىسەم ئۇيقۇم كەلمەيدۇ. قىزىقماي قالسام ئالدىراپ قايتا قولۇمغا ئالمايمەن. ئايدا نەچچە پارچە كىتاب سېتىۋالساممۇ بەزى كىتابلار ئازراق ۋاراقلاپلا ئۇدۇل كىتابدانغا كىرىپ كېتىپ قالىدۇ.

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 13:14:56

misal يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 21:48 static/image/common/back.gif
بەزى كىتابلارمۇ قويۋاغان ئىسمىغا، مۇقاۋىسىغا يۈز كېلە ...

ئوخشاشكەنمىز، مېنىڭمۇ ئاشۇنداق 30-40بەت ئوقۇپ، قىزىقماي تاشلاپ قويغان كىتابلارنى ئون يىگىرمە پارچە بار ئىدى، ئىزدىنىشقا ئېلان قىلىپ سېتىۋېتەيمىكى:lol

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 14:09:06

«ئاتامان» دېگەن كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە بىرىنچى نەشىرىنىڭ مۇقاۋىسى پەقەت كىتاپقا ماس كەلمىگەن ئىدى.
بەت: [1]
: ئورخان پامۇك: مۇقاۋىلار ھەققىدە