sun74 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 17:15:51

كومپيۇتېردا جان باقىدىغانلارغا بىر تېخنىكا

سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل يۇمتاللارنى ئىشلىتەلەيدىغانلار مەن دىمەكچى بولغاننى بىلىشى مۇمكىن. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى بىلمەيدۇ. سىز كومپيۇتېردا خىزمەت قىلىدىغان بولىسڭىز، مەسىلەن: مائاشقا مۇناسىۋەتلىك ياكى كادىرلار ئارخىپىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلىسىڭىز بۇ تېخنىكىنى ئۆگۈنۈپ قويۇڭ. بەك ياخشى ئەسقاتىدۇ.
1. سانلىق مەلۇمات ئامبىرى جەدۋەل ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. بىز ئۇنى كۆزنەك ئارقىلىق كۆرىمىز. سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تېخنىكىسىنى بىلمىسەكمۇ ئوخشاشلا جەدەل ۋەكۆزنەك تېخنىكىسىدىن پايدىلىنالايمىز.
2. جەدەل دىگەن نىمە؟ جەدۋەل Excel نىڭ بىر Sheet قا يېزىلغان ئۇچۇرلاردىن ئىبارەت. جەدۋەلنىڭ بىرىنچى قۇرى جەدۋەل بېشى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى سۆزلەر تەكرارلانماسلىقى لازىم. مەسىلەن: رەت نومۇرى، ئىسىم فامىلىسى، جىنىسى، مىللىتى، ... دىگەندەكلەر. ئىككىنچى قۇردىن باشلاپ ھەر بىر قۇر بىر ئادەم (ياكى باشقا بىر تىما ) نىڭ ئۇچۇرلىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. جەدۋەل مۇكەممەل بولۇشى لازىم.
3. كۆزنەك دىگەن نىمە؟ كۆزنەك دىگىنىمىز بىر ئادەم (ياكى باشقا بىر تىما )نىڭ بارلىق بىزگە ئېھتىياجلىق ئۇچۇرلىرنىڭ بىر يەردە كۆرىنىشى. يەنى word دىكى بىر ئادەمنىڭ تەرجىمال جەدۋىلى، مائاش تەڭشەش جەدۋىلى دىگەندەك.
4. كۆزنەك ئىشلىتىشتىكى ئېھتىياج. خىزمەت ئورۇنىمىزدىكى نۇرغۇن ئادەم ئۈچۈن ھەر بىر ئادەمگە بىر جەدەل تەييارلايمىز. مەسىلەن يۇقىرىدا دىيىلگەن مائاش تەڭشەش جەدۋىلى ياكى تەرجىمال جەدۋىلى دىگەندەك. لېكىن نۇرغۇن word جەدۋەللىرىنى توغرا توشقۇزۇش، ئالارنىڭ فورماتىنى ئوخشاش قىلىش قىيىن. بۇ چاغدا Excel غا ئۇچۇرلارنى توشقۇزىۋېلىپ، word قا يۆتكەپ ئەكىرىمىز. بۇ دەل بۇ يەردە ئېيتىلغان تېخنىكا.
5. Excel دىكى جەدۋەل ئۇچرلىرىنىword قا ئەكىرىش ئۈچۈن. Excel جەدۋىلىدە مەزمۇنى تەكرارلانمايدىغان سىتون بولىشى كېرەك. مەسىلەن: رەت تەرتىپى ياكى كىملىك نومىرى دىگەندەك.
6. ئەمدى word تا توشقۇزماقچى بولغان جەدەلنى سىزىپ، توشقۇزۇشقا تېگشىك يەرلىرىنى توشقۇزىۋېلىڭ. جەدۋەلنىڭ شەكلى قانداق بولسا بولىۋېرىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا ، كاتەكچىلەرنىڭ كەڭلىكىنى كونترول قىلىش. ئاپتوماتىك بولماي مۇقىم بولسۇن
7. Word نىڭ (بۇيەردە 2007 ئىشلىتىلگەن، قالغانلىرىمۇ ئاساسەن ئوخشاش) رىببوندىن (邮件) نى ئېچىپ، 开始邮件合并 دىن 选择收件人 نىڭ ئىچىدىن 使用现有列表 نى بېسىڭ. ئاندى كېيىن زىيارەت قىلىش ئارقىلىق Excel ھۆججىتىنى تېپىپ، تاللاڭ، چىققان Sheet لاردىن جەدۋەل بار Sheet نى كۆرسىتىپ، داۋاملاشتۇرۇڭ. شۇنىڭ بىلەن Word قا قايتىسىز. ئەڭ ياخشىسى رەت نومۇرىنى ئىشلىتىڭ.
8. 邮件رىببوندىن 编写和插入域 دىكى 插入并合并 نى باسسىڭىز، سىز ئىشلەتمەكچى بولغان بارلىق مەزمۇنلارنىڭ تىمىلىرى كۆرىنىدۇ. بۇلارنى Word جەدۋىلىنىڭ ماس كېلىدىغان ئورۇنلىغا كىرگۈزۈڭ. قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان تىمىلار كىرىدۇ.
9. Word جەدۋىلىنى شەكىللەندۇرۇڭ. يەنى 邮件 رىببوندىن 完成并合并 نىڭ ئىچىدىن 编辑单个文档 نى بېسىپ دىئالوگ رامكىسى ئارقىلىق بىر ھۆججەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان نۇرغۇن جەدۋەللەرنى كۆرەلەيسىز. بۇ ساقلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
10. ھەر بىر ئادەمنىڭكىنى ئايرىم ھۆججەت قىلىش ئۈچۈن VBA دىن پايدىلىنىدىكەنمىز. بۇنى توردىن چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم.VBAدىكى مەزمۇنلارنى ئازراق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.قىزىققانلار ئىزدەپ بېقىڭلار. تاپالمىساڭلار مەن تەمىنلەپ بېرەي QQ:1480265021يەنە رەسىم كىرگۈزگىلى بولىدۇ. بۇ سەل قىيىن.

NEZERI يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 18:43:14

ماۋۇ بولىدۇ.
بىر چاغدا بىر توردا كۆرگەنتىم، تاپالمىدىم. بېلسىڭىز دەپ بېرىڭ.
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بالىلارنى بەك ئەقىللىق بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئېمتىھاندىن بۇرۇن نەتىجە ئىشلەيمىز:@
ئىلمىي بۆلۈم بىزگە ئەلاچى سانى، ئوتتۇرچە نەتىجە، لاياقەتلىك پېرسەنتى دېگەندەكلەرنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. بالىلارنىڭ ئېسمىنى ۋە يۇقارقى نەتىجىلەرنى يېزىپلا بەرسەك (بىچارە)ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ئاپتوماتىك چىقىدىغان چارە بار(بۇ نەتىجە يۇقىردىكىلەرنىڭ كۆزىنى بويىغىلى ئىشلىتىلىدۇ). شۇنى ئىزدىنىپ باقساق.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 18:52:35

سورىۋالاي: ھازىر ئىشلىنىۋاتقان ئارخىپلاردا، مەسلەنگە جەدۋەللەردە كۆپ تەكرارلىنىدىغان ئىسمى- ئاتىسى، تۇغۇلغان ۋاختى، كىملىك نومۇرى، ئادرىسى، قىسقىچە تارىخى، ........... دېگەندەك بىر ئارخىپنىڭ نەچچە يېرىگە يېزىلىدىغان مەزمۇنلارنى، بىر جەدۋەلنى تولدۇرۇپلا كۆچۈرۈپ چاپلىماي،باشقىسىنىڭ ماس ئورۇنلىرىغا كىرگۈزگىلى بولامدۇ؟

ھازىر قىلىۋاتقان ئارخىپلىرىمدا بىر ئادەمنىڭ سالاھىيىتىنى، قىسقىچە تارىخىنى، جازالىنىش مۇكاپاتلىنىش ئەھۋاللىرىنى بىر نەچچە يەرگە كىرگۈزۈدىغان ئىشتىن بەك زىرىكتىم.

raziman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 23:22:08

سورىۋالاي: ھازىر ئىشلىنىۋاتقان ئارخىپلاردا، مەسلەنگە جەدۋەللەردە كۆپ تەكرارلىنىدىغان ئىسمى- ئاتىسى، تۇغۇلغان ۋاختى، كىملىك نومۇرى، ئادرىسى، قىسقىچە تارىخى، ........... دېگەندەك بىر ئارخىپنىڭ نەچچە يېرىگە يېزىلىدىغان مەزمۇنلارنى، بىر جەدۋەلنى تولدۇرۇپلا كۆچۈرۈپ چاپلىماي،باشقىسىنىڭ ماس ئورۇنلىرىغا كىرگۈزگىلى بولامدۇ؟

ھازىر قىلىۋاتقان ئارخىپلىرىمدا بىر ئادەمنىڭ سالاھىيىتىنى، قىسقىچە تارىخىنى، جازالىنىش مۇكاپاتلىنىش ئەھۋاللىرىنى بىر نەچچە يەرگە كىرگۈزۈدىغان ئىش


يۇقۇردا سۆزلەنگەن مەزمۇندا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ ئاشۇ كۇچۈرۇپ چاپلايدىغان مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار Excel دە بولۇشى كىرەك ، ئاندىن جەدىۋېلىڭىز Word شەكىلدە بولسا يۇقاردا دىيىلگەن قەدەم باسقۇچ بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ .

raziman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 23:35:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   raziman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-26 23:38

يەنە چۈشەنمىگەن بولسىڭىز بۇنى كۆرۇڭ

http://www.wordlm.com/html/2294.html

patih007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 09:08:14

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلار كومپىيوتېر رىمۇنىتچىلىقىنى (يۇمشاق دېتال قاتتىق دېتال ) ئۆگىنىش ئۈچۈن سىلەرچە نەچچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ . بۇنى ئۆگىنىش ئۈچۈن چۇقۇم خەنچە سەۋىيە يۇقىرى بولىشى كېرەكمۇ ؟ كومپىيوتېرچىلىقنىڭ كىرىمى ياخشىمۇ ؟ مۇشۇ سوئاللىرىمغا تەپسىلىيرەك جاۋاپ بەرسەڭلا .

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 10:34:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   paltahun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-27 10:37

bugday يوللىغان ۋاقتى2014-11-26 18:52 static/image/common/back.gif
سورىۋالاي: ھازىر ئىشلىنىۋاتقان ئارخىپلاردا، مەسلەنگە...

ئەگەر ئىشلىتىۋاتقىنىڭىزexcel جەدۋىلى بولسا ،بارلىق ئۇچۇرلارنى بىرلا جەدۋەلگە بىر قۇرغا كىرگۈزىۋالىسىز ، ئاندىن باشقا جەدۋەللەرگە شۇ كىشىنىڭ كىملىك نۇمۇرى ياكى ئىسمىنى كىرگۈزسىڭىز تولدۇرۇشقا تىگىشلىك گىراپىلارنىئاپتوماتىكتولدۇرىدىغان قىلغىلى بولىدۇ.

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 11:49:57

ئېسىل ھۈنەر.
تۈنۈگۈن بىر ئىشدىشىم دەل مۇشۇنداق ئىشتىن ياردەم سوراپتى، بېشىمغا كەلمىگەچ قىلىپ باقمىغان ئىشكەن، بەيدۇدىن ئىزدىسەم دەل مۇشۇ تېمىدا ئېيتىلغىنىدەك ئۇسۇلنى چىقىرىپ بەردى. لېكىن، ھېچقانداق قىلىپ ئوڭۇشلۇق قىلالمىدىم.
office2007 نىڭ ئىخچام نۇسخىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئويلاپ تەكشۈرسەم، راستىنلا 精简版 ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن
تولۇق نۇسخىسىنى قاچىلاپ خىزمەتدىشىمنىڭ ئۆزىگە تاشلاپ بەردىم.
بەت: [1]
: كومپيۇتېردا جان باقىدىغانلارغا بىر تېخنىكا