alametcn يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 16:16:22

ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە ئەپ - ئالامەت

ئۇيغۇرچە ئەپلەرنىڭ ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئۈندىداردا كىرىش ۋە ئاۋازلىق ئىنكاس يوللاش ئىقتىدارىنى، شۇنداقلا يەنە باشقا نۇرغۇن مۇكەممەل ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان كەسپىي كۆڭۈل ئېچىش سۇپىسى بولغان «ئالامەت» تۈرى نەچچە ئايلىق ئەپ ئېچىش ۋە ئىچكى سىناق باسقۇچلىرىنى تۈگىتىپ، بۈگۈن رەسمىي تۈردە كەڭ تورداشلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنۇلدى.

«ئالامەت» _ كۈلكە-چاقچاق، يۇمۇر-لەتىپە، قىزىقارلىق رەسىم ۋە فىلىم قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلەيدىغان، كۆڭۈل ئېچىشنى مەقسەت قىلغان، ئايفون-ئاندروئىد ئەپ دېتاللىرى ۋە تور بېكەت بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال كۆڭۈل ئېچىش سۇپىسى. ئۇيغۇرچە ئەپلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئۈندىداردا كىرىش ۋە ئاۋازلىق ئىنكاس يوللاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. سۇپىمىز كەڭ تورداشلارنى كۈندە ھەرخىل قىزىقارلىق مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە تورداشلار بىلەن كۈچلۈك ئالاقە ئورنىتالايدۇ. يەنى، تورداشلار ئۆزى خالىغانچە ھەرخىل قىزىقارلىق مەزمۇنلارنى يوللىيالايدۇ، ساقلىۋالالايدۇ، بېلەت تاشلىيالايدۇ، ئىنكاس يوللىيالايدۇ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى قاتارلىق جايلارغا ھەمبەھىرلىيەلەيدۇ. مەزمۇنلار ھەر كۈنى يېڭىلىنىدۇ، ئالامەت بولغاندىلا ھەرخىل قىزىقارلىق مەزمۇنلارغا تۇنجى بولۇپ ئېرىشەلەيسىز، خۇشاللىق مانا شۇنداق ئاسان.

ئۇيغۇر يۇمشاق دېتالچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى پەللىلەرگە يېتىشى ئۈچۈن قوللاپ قويۇڭ، دوستلىرىڭىزغا يوللاپ قويۇڭ، ئۈندىدارغا ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ، پىكىر-تەكلىپلىرىڭىزنى بېرىپ قويۇڭ. ئالاقە-ھەمكارلىق ۋە پىكىر-تەكلىپ ئۇچۇرلىرىنى alamet#otkur.biz گە يوللاڭ.(# نى @ كە ئايلاندۇرۇپ يوللاڭ)

چۈشۈرۈش ئادرېسى: بۇيەرنى قاتتىق بېسىپ چۈشۈرۈۋېلىڭ

haktur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 12:44:35

ئالامەت  ئىش بوپتۇ ! {:112:}

alametcn يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 16:22:06

سالوننىمۇ يوللاپ قوياي، يارىسا قوشۇۋالارسىلە، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلارسىلە، قالايمىقان نەرسىلەر يوق، ھەرخىل قىزىقارلىق يۇمۇر، رەسىم فىلىم قاتارلىقلار بار. نېمىدەپ يوللىساڭلار ماس كېلىدىغان يۇمۇر تاپشۇرۇۋالالايسىلەر.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 16:48:03

ئۆزىمىز يوللىغان نەرسىلەرنى ئۆزىمىز شۇ ھامان كۆرەلمەيدىكەنمىز ھە. مەن نەرسە يوللىسام ھېچ بىر يوللانغاننى ئۇقالمىدىمغۇ. 2 قېتىمدەك نەرسە يوللاپ باقتىم يا كۆرۈنمەيدۇ ئۇ نەرسە. باشقىلار كۆرەلەمدۇ يا

alametcn يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 23:35:16

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 16:48 static/image/common/back.gif
ئۆزىمىز يوللىغان نەرسىلەرنى ئۆزىمىز شۇ ھامان كۆرەلمەي ...

دېتالنىڭ خاسلىقىنى ساقلاش ۋە ئەڭ نادىر مەزمۇنلارنىلا تورداشلارغا سۇنۇش ئۈچۈن، يوللىغان ھەر بىر مەزمۇن ۋە ئىنكاس تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن چىقىرىلىۋاتىدۇ، دەلىللەنگەن ئەزالارغا بىۋاستە چىقىش ھوقۇقىنى بېرىۋاتىمىز. (لېكىن سىزنىڭ يوللىغان مەزمۇنىڭىز مەيلى تەستىقلانسۇن ياكى تەستىقلانمىسۇن ھامان «ئالامەتلىرىم» تىزىملىكىدە كۆرۈنىۋېرىدۇ.) شۇنىڭ ئۈچۈن يوللانغان مەزمۇننىڭ چوقۇم قىزىقارلىق بولۇشىنى، شۇنداقلا ئىلگىرى باشقىلار چىقىرىپ باقمىغان بولۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز. ھازىرنىڭ ئۆزىدە 2000 دىن ئارتۇق يۇمۇر، قىزىقارلىق رەسىم ۋە فىلىم قاتارلىقلار بار.
كۈلكە دەپ ئىزدىسەم ئۇنداق ئەزا چىقمىدى، سىز قايسى ئىسىمدا تىزىملاتقان ئىدىڭىز، مەن تەكشۈرۈپ باقاي.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 09:50:39

alametcn يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 23:35 static/image/common/back.gif
دېتالنىڭ خاسلىقىنى ساقلاش ۋە ئەڭ نادىر مەزمۇنلارنىلا ...

باشقىلار يوللاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ 2 يۇمۇر يوللىغان.
ۋېيشىندا كىرىش دېگەن ئۇسۇلدا كىرىپ، كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئىسمىنى كۈلكە دەپ ئۆزگەرتكەن. ۋېيشىن نومۇرۇم تېلېفون نومۇرۇمغا باغلاقلىق ئىدى. 18699778487 ماۋۇ نومۇر شۇ. بۇنى تاپالمىسا Kulke-Qutyar دەپ ئىزدەپ باقسىڭىز چىقىپ قالارمىكىن.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 09:59:12

alametcn يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 23:35 static/image/common/back.gif
دېتالنىڭ خاسلىقىنى ساقلاش ۋە ئەڭ نادىر مەزمۇنلارنىلا ...

يەنە بىرسى ئەزالار بىز يوللىغان يۇمۇر رەسىملەرگە ئىنكاس قالدۇرسا ئۇنىڭغا قارىتا نەقىل ئېلىپ ئىنكاس قايتۇرغىلى بولمامدۇ ياكى مەن تاپالمىدىممۇ؟

alametcn يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 12:27:29

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 09:50 static/image/common/back.gif
باشقىلار يوللاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ 2 يۇمۇر يو ...

بىرسى تەستىقلىنىپتۇ، يەنە بىرى تېخى تەستىقلانماپتىكەن، ئۇنىمۇ تەستىقلاپ قويدۇم. تەستىقلانغانلىرى «ئالامەتلىرىم» تىزىملىكىدە كۆرۈنىدۇ.

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 19:04:37

alametcn  توردا بولسىڭىز QQ غا  ئۇچۇر يازغان بولسڭىز باشقا گەپلەرنى qq دا دىيىشەيلى  چ چ : 1353337454{:92:}

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 19:57:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Emperor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-28 20:00  

ياخشى ئەپكەن.  ماڭا يارىغانلىقى ئۈچۈن، ئۈندىدارىمدا تەشۋىق قىلىپ قويدۇم. بىر تەكلىپ: ئۈندىدار، دوسلۇق چەمبىرىكىدە ھەمبەھىرلىگەن چاغدا خەت بولسا، بىر قىسىم خەتلىرى كۆرۈنۈپ تۇرسا. فىلىم بولسا فىلىمنىڭ رەسىمى كۆرۈنۈپ تۇرسا، باشقىلارنى بەكىرەك قىزىقتۇرغىلى بولاتتى. مېنىڭ مەقسىتىمنى چۈشەندىڭلار ھەقاچان
بەت: [1]
: ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە ئەپ - ئالامەت