saktikin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 16:02:53

[ساكتېكىن]مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى بىلەن پروفىسسورنىڭ دېئالوگى(تەرجىمە)


--


مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى بىلەن پروفىسسورنىڭ دېئالوگى



(ئالى مەكتەپ دەرسخانىسىدىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى بىلەن پروفىسسورنىڭ ئۆتكۈر دوئىلى، مەيلى سىز ئىسلامغا ئىشىنىڭ ئىشەنمەڭ، بۇ ماقالە بىر كۆرۈپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ)


بۇ بىر ئۇنىۋېرستىتنىڭ سىنىپىدا يۈز بەرگەن ۋەقە:


-بىز پەن بىلەن ﷲ (تەڭرى) نىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىپ باقايلى... -دەپتۇ ئاتىئېزىمچى پروفىسسور، ئاندىن ىر ئوقۇغۇچىنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ سوراپتۇ: - بالام، سەن مۇسۇلمانغۇ؟
-شۇنداق پروفىسسور.
-ئۇنداقتا ﷲ (تەڭرى) گە ئىشىنىدىكەنسەندە؟
-ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ-دە.
-ﷲ رەھىمدىلمۇ؟
-ئەلۋەتتە!-ﷲ ھەممىگە قادىرمۇ؟ ئۇ ھەرقانداق ئىشنى قىلالامدۇ؟-شۇنداق.

پروفىسسور كۈلۈپ قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
-بىز بىر مىسال كەلتۈرۈپ باقايلى: بۇ يەردە بىر كېسەل بار، ئۇنى سەن ساقالايتايسەن دەپ پەرەز قىلساق. سەن ئۇنىڭغا ياردەم بېرەمسەن؟ سەن ئۇنىڭ كېسىلىنى ساقايتىپ قويامسەن؟
-شۇنداق پروفىسسور، مەن شۇنداق قىلىمەن.
-ئۇنداقتا سەن رەھىمدىلكەنسەن.
-مەن ئۇنداق دەپ يۈرمەيمەن.
-نېمىشقا ئۇنداق دەپ يۈرمىگۈدەكسەن؟ مۇبادا شۇ ئىقتىدارىڭ بولسىلا سەن بىر كېسەلگە ياكى مېيىپقا ياردەم بېرىسەن... ئەلۋەتتە، ئىقتىدارى بولسىلا ئارىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر شۇنداق قىلىدۇ. لېكىن، ﷲ ئۇنداق قىلمايدۇ.
(دەرسخانىنى سۈكۈت قاپلاپتۇ.)
-ﷲ ئۇنداق قىلمايدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ ئاكام مۇسۇلمان، لېكىن، ئۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قىلىپ ﷲغا كېسىلىگە شىپالىق بېرىشنى تىلەپ دۇئا قىلغان لېكىن يەنىلا ئۆلۈپ كەتتى. بۇنداق ﷲنى يەنە رەھىمدىل دېگىلى بولامدۇ؟ ھىم، مېنىڭ سوئالىمغا جاۋاب بېرەلەمسەن؟
(جاۋاب چىقماپتۇ)
پروفىسسور ھېسداشلىق قىلغاندەك سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:- ياق، سەن بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيسەن، شۇنداققۇ؟
ئاندىن شىرەسىدىكى چېيىنى ئېلىپ ئاستا ئوتلاپ قويۇپتۇ. مەقسىدى بۇ ئوقۇغۇچىغا ئازراق تىنىۋىلىش پۇرسىتى بېرىش ئېكەن. ياش بالىلارنى بۇنداق رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇجۇقتۇرىۋەتسە بولمايدۇ-دە.
-بىز داۋاملاشتۇرايلى يىگىت، ﷲ رەھىمدىلمۇ؟
-ھىم.....شۇنداق.
-ئىبلىس رەھىمدىلمۇ؟
-ياق.
-ئىبلىسنى كىم ياراتتى؟
ئوقۇغۇچى دۇدۇقلاپ جاۋاب بېرىپتۇ:- ﷲ.....
-مانا توغرى بولدى. ﷲ ئىبلىسنى ياراتقان.
پروفىسسور شالاڭ چاچلىرىنى بارماقلىرىدا تاراپ قويۇپ كۆرەڭلىك بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ كۈلۈپتۇ:
-خانىملار، ئەپەندىلەر: مېنىڭ بۇ مەۋسۇمدا نۇرغۇن قىزىقارلىق ساۋاتلارنى ئۆگىنىۋالىدىغانلىقىمىزغا كۆزۈم يەتتى.
ئۇ ئاندىن ھېلىقى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىغا بۇرۇلۇپ سوراپتۇ:- بالام ماڭا جاۋاب بەر: بۇ دۇنيادا يامانلىق بارمۇ؟
-بار، پروفىسسور.
-رەزىللىك ھەممە يەردە مەۋجۇت، شۇنداققۇ؟ ﷲ ھەممىنى ياراتقان ئەمەسمىدى؟
-شۇنداق.
-ئۇنداقتا يامانلىقنى كىم ياراتتى؟
(جاۋاب چىقماپتۇ)
-بۇ دۇنيادا نۇرغۇن كېسەللەر بار ئەمەسمىدى؟ يەنە زوراۋانلىق، خارلاش، ئۆچمەنلىك، شەرمەندىچىلىك.... بۇنداق يىرگىنىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى دۇنيادا مەۋجۇتقۇ؟
-شۇنداق.- دەپتۇ ئوقۇغۇچى پۇتىنىڭ ئۇچىغا قارىغىنىچە قېيىنىلىپ.
-بۇ نەرسىلەرنى كىم ياراتتى؟
(جاۋاب چىقماپتۇ)
پروفىسسور تۇيۇقسىز ئوقۇغۇچىغا قاراپ ۋارقىراپتۇ:- بۇلارنى كىم ياراتتى؟ ماڭا جاۋاب بەر!- ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كۆزىگە مىقتەك قادىلىپ ئۇنى جاۋاب بېرىشكە قىستاپتۇ:- ﷲ بارلىق رەزىللىكلەرنى ياراتقانغۇ؟
(جاۋاب چىقماپتۇ)
ئوقۇغۇچى كۆزلىرىنى پروفىسسورنىڭ ئۆتكۈر قاراشلىرىدىن ئېلىپ قاچالماپتۇ. پروفىسسور خۇددى ئوۋغا ماھىر قاپلاندەك ئۇنى بارغانسىرى بۇلۇڭغا قىستاۋاتقانىكەن.
-ماڭا جاۋاب بەر، ئەگەردە ﷲ بۇ بارلىق رەزىللىكلەرنى ياراتقان بولسا، ئۇنى يەنە رەھىمدىل دېگىلى بولامدۇ؟
ئۇ قوللىرىنى شىلتىپ ھاياجان بىلەن سۆزلەۋاتقانىكەن.
-دۇنيادىكى بارلىق ئۆچمەنلىك، شەپقەتسىزلىك ۋە ئازاپ-ئوقۇبەت، مۈشكۈلات، يەنە ئىلاجىسىز ئۆلۈم ۋە رەسۋاچىلىقلار، بارلىق بالايى- ئاپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ رەھىمدىل ﷲ ياراتقان؟ شۇنداق ئەمەسمۇ يىگىت!
(جاۋاب چىقماپتۇ)
-ﷲغا ئېشىنەمسەن؟ بالام.
ئوقۇغۇچى تىترەڭگۈ ئاۋاز بىلەن:- شۇنداق پروفىسسور، مەن ئىشىنىمەن.-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
پروفىسسور ھەسرەت بىلەن بېشىنى چايقاپتۇ:- سېنىڭ دۇنيانى پەرق ئېتىدىغان ۋە كۈزىتىدىغان بەش ئەزايىڭ بار-يۇ ، لېكىن ئەزەلدىن ﷲنى كۆرۈپ باققىنىڭ يوق، گېپىم توغرىمۇ؟
-شۇنداق، مەن ئۇنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىدىم.
-ئۇنداقتا، سەن ﷲنڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقتىڭمۇ؟
-ياق، پروفىسسور، مەن ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىدىم.
-ئۇنداقتا، سەن ﷲنى ھېس قىلىپ باقتىڭمۇ؟ ياكى تېتىپ، ھىدلاپ، ئاڭلاپ باققىنىڭ بارمۇ؟ ھەرقانداق بىر سۈزگۈ ئەزايىڭ بىلەن ﷲنى بىلىپ باقتىڭمۇ؟
(جاۋاب چىقماپتۇ)
-ماڭا جاۋاب بەر.
-ياق، پروفىسسور.
-ئۇنداقتا، سەن يەنىلا ﷲغا ئېشىنەمسەن؟
-شۇنداق.....
-ئۇنى ئېتىقاد دەيمىز!-دەپ كۈلۈپتۇ پروفىسسور:- تەجرىبىچىلىك ۋە دەلىلچىلىكنىڭ پرىنسىپلىرى بىزگە سېنىڭ ﷲيىڭنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟ بالام، سېنىڭ ﷲيىڭ قەيەردە؟
(ئوقۇغۇچى جاۋاب بەرمەپتۇ)
-ئولتۇرساڭ بولىدۇ!
ئوقۇغۇچى ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ ئۇجۇقۇپ كەتكەنىكەن. ھالبۇكى ئۇ :«ﷲنىڭ ياردىمى، ﷲنىڭ غەلىبىسى تىزلا يېتىپ كېلىدۇ» غانلىقىنى بىلگىدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىكەن.
باشقا بىر ئاق دوپپىلىق، ساقال قويغان مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى قولىنى كۆتۈرۈپتۇ:
- پروفىسسور، بۇ تېمىغا مەنمۇ قاتناشسام بولامدۇ؟
پروفىسسور ئۇنى كۆرۈپ كۈلۈپتۇ:
- ئوھۇي، يەنە بىر مۇسۇلمان، مەنچە سەن ئەسلىيەتچى بولساڭ كېرەك! كەلگىن يىگىت، سېنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق گەپلىرىڭ بولسا ئاڭلاپ باقايلى!
بۇ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى پروفىسسورنىڭ تەنە گەپلىرىگە پەرۋا قىلماي، ئەتراپىغا سەپ سېلىۋىتىپ، ئاندىن پروفىسسورغا قاراپ دەپتۇ:- پروفىسسور، سىز باياتىن بىرقانچە قىزىقارلىق قاراشلارنى ئېيتتىڭىز. سىزنىڭ ماقۇللىقىڭىزنى ئالغان ئىكەنمەن، مەن بۇ قاراشلارنى بىرمۇ بىر مۇلاھىزە قىلىپ باقاي. بۇ تېمىلارنىڭ ھېسسىيات ئۈستىگە ئەمەس بەلكى لوگىكا ۋە ئىلىم-پەن ئاساسىدا ئېيتىلغانلىقى جەزمەن. سىزنىڭ ئاساسلىق تەلىماتىڭىزنىڭ بىرىنچىسى: ﷲ مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا، بۇ ئالەم بىرقېتىملىق چوڭ پارتىلاشتىن كەلگەن، ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەدرىجى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ئادەم ئەڭ ئاخىرىدا پەيدا بولغان. مانا بۇ سىزنىڭ ئېتىقادىڭىز، توغرىمۇ پروفىسسور؟
-بالام، بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ. بۇنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك پەننى ئىسپاتلار بار. سەن بۇنى دەپ نېمە دېمەكچى؟
-ئالدىرىماڭ. بىز لوگىكا، ئەقىل ۋە توغرا بولغان پەننى دەلىللەرگە تايىنىپ مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى. ئاۋال، مېنىڭ «تەلىمات» دېگەن سۆزنى مەقسەدلىك ئىشلەتكەنلىكىمگە دىققەت قىلىڭ، چۈنكى ساختا ئېلىم-پەننىڭ تەشەببۇسچىلىرى ئاتېئىزىمنى بىر تۈرلۈك دىن دەپ قارايدۇ. سىزدىن سوراپ باقسام، بۇ دۇنيادا سان-ساناقسىز پوجاڭزا، پورۇخ ۋە ئوق-دورىلار بار، لېكىن سىز بىرەرسىنىڭ ئۆزلىكىدىن پارتىلاپ باققىنىنى ئاڭلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ياكى، سىز پورۇخنىڭ بارلىق تەركىبلىرى بىر يەرگە قاچىلانغان بولسىمۇ يەنىلا پارتىلىتىش قۇرۇلمىسىغا تايىنىپ پارتىلىتىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلامسىز؟ پورۇخنىڭ پارتىلىشى ئۈچۈن ئىككى ئامىل چوقۇم مەۋجۇت بولۇشى كېرەك: ئاۋال، توغرا بولغان تەركىبلەر، توغرا بولغان مىقداردا مۇۋاپىق مۇھىتقا قويۇلۇشى كېرەك؛ ئاندىن بىرسى ئۇنى پارتىلىتىشى كېرەك-سەرەڭگە بىلەنمۇ، ياكى چاقماق بىلەنمۇ نېمە بىلەن بولسا بولىۋىرىدۇ. يەنە مەسىلەن، بىرسىنىڭ قولىدا بىر تال ئوق بولسا ئاندىن بۇ ئوق ئۇچۇپ چىقىپ يېقىن ئەتراپتىكى بىرسىنى ئۆلتۈردى دېسەك قايسى ئالىم بۇنداق بىمەنگە گەپكە ئېشىنىدۇ؟
-ئەلۋەتتە ئىشەنمەيدۇ. سەن نېمە دېمەكچى؟
-ئۇنداقتا، سىز بىزنى ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلىشىنىڭ ئۆزلىكىدىن بولغانلىقىغا، ھىچقانداق مەۋجۇتلۇقنىڭ «تەپكىنى باسمىغان»، ياكى «سەرەڭگە-چاقماق ياقمىغان» لىقىغا ئىشەندۈرمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا بىزگە چۈشەندۈرۈپ قويۇڭچۇ، دۇنيادىكى ئالەمنىڭ پارتىلىشىدىن تېخىمۇ كىچىك بولغان سان-ساناقسىز پارتىلاشلار نېمە ئۈچۈن ئۆزلىكىدىن پەيدا بولمايدۇ؟ ھەرقانداق ئىلمى باياننى قوبۇل قىلدۇرىمەن دەيدىكەنمىز ئۇ چوقۇم قايتا نامايەن بولۇشتەك شەرتنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەكقۇ دەيمەن.
پروفىسسور ئاغزىنى ئاچقىنىچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالماي قاپتۇ.
-شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز ئىلىم-پەندىن شۇنى بىلدۇقكى، ماددا ئۆزىنى ئۆزى يارىتالمايدۇ. مەسىلەن، بۇ پارتىنى مىسالغا ئالايلى، ئۇ ئۆزلىكىدىن شەكىللىنىپ قالغان ئەمەس، چوقۇم بىرسى ئۇنى ياسىغان. ھەتتاكى ئۇنىڭ ياغىچىمۇ ئاساسسىزلار مەۋجۇت بولۇپ قالمايدۇ. ئۇ مەلۇم بىر تىكىپ ئۆستۈرۈلگەن ئۇرۇقتىن كەلگەن. بۇ ئۇرۇقمۇ مەلۇم بىر مەنبەدىن كەلگەن بولۇپ ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىدىن پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس. سىز ماڭا تەبىئى ماددىلارنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويالامسىز؟-ساختا پەنچىلەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ماددا ئالەمنىڭ سىرلىق چوڭ پارتىلىشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن. ئۇنداقتا، نېمىشقا سىلەر بۇ ھادىسىنى تەجرىبىخانىدا قايتا نامايەن قىلىپ باقمايسىلەر؟ پروفىسسور، شۇنى بىلىسىزكى، ھارقانداق ئىلمى بايان ھەقىقى ئىشەنچكە ئىگە بولۇشتىن ئاۋال، ئۇ چوقۇم قايتا نامايەن بولالايدىغان بولۇشى كېرەك
-بالام، بىزنىڭ ئۇنداق قىلغۇدەك ئىقتىدارىمىز يوق، چۈنكى ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلىشىنىڭ ئېنىرگىيەسى ئىنتايىن زور، ئۇ بىزنىڭ ئىقتىدار دائىرىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن، بولمىسا بىز ئۇنى ئاللىبۇرۇن قايتا نامايەن قىلىپ بولغان بولاتتۇق.
-پروفىسسور، سىز چوڭ پارتىلاشنىڭ ئاساسلىق تەركىبلىرىنى كىم تەمىنلىگەنلىكىنى، كىمنىڭ بۇ چوڭ پارتىلاشنىڭ كۇنۇپكىسى ياكى تەپكىسىنى باسقانلىقىنى ياكى پىلتىسىگە ئوت ياققانلىقىنى ئېيتىپ بەرمىدىڭىز. سىز دەۋاتقان بۇ غايەت زور ئېنىرگىيەنىڭ مەنبەسى قەيەردە؟ ئەجىبا سىز بىزنى توغرا ئىلىمى پىرىنسىپلاردىن ۋاز كەچتۈرۈپ، قارىغۇلارچە ئېتىقاد ئاساسىغا قۇرۇلغان سېھرىگەرلىككە ئىشەندۈرمەكچىمۇ؟
(جاۋاب چىقماپتۇ)
-پروفىسسور، ئەگەر ئېغىر ئالمىسىڭىز، مەن ئەندى ساختا پەنچىلەر تەرغىپ قىلغان تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسىنى مۇلاھىزە قىلىپ باقاي. سىز بەلكىم بالدۇرلا دىققەت قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن: ھىچقانداق تاشقاتما ئادەم بىلەن مايمۇن ئارىسىدا بىۋاستە قانداشلىق مۇناسىۋەت بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگىنى يوق، تەدرىجى تەرەققىياتچىلار ئاشۇ «يوقىلىپ كەتكەن ھالقا» نى ئىزچىل ئىزدەۋاتقان بولسىمۇ لېكىن بىر نېمە تاپالمىدى.
-شۇنداق، بىراق يەنە باشقا نۇرغۇن پاكىتلار بار......
-گېپىڭىزنى بۆلىۋىتىدىغان بولدۇم. پروفىسسور، سىز بىر بىۋاستە مۇناسىۋەتنىڭ يوقلىقىنى ئېتىراپ قىلدىڭىز. سىز يەنە شۇنى ئېتىراپ قىلىشىڭىز كېرەككى: ھىچقانداق بىر تاشقاتما مايمۇندىن ئادەمگىچە بولغان تەدرىجى تەرەققىياتتىكى ئېنىق ئوتتۇرا ھالقىنى كۆرسىتىپ بېرەلىگىنى يوق. مېنىڭچە سىز يالغاندىن ياسالغان پىردەن ئادىمىنى بىلسىڭىز كېرەك؟
-پىردەن ئادىمى.....پىردەن ئادىمى.....؟
-ئېسىڭىزگە سېلىپ قوياي، پروفىسسور، ئەنگىلىيەنىڭ پىردەن دېگەن يېرىدە بەزىبىر تاشقاتمىلار بايقالغان بولۇپ بۇ تاشقاتما ئۇۋاقلىرى بارلىق ساختا پەنچىلەر ۋە ئاتىئېزىمچىلار ئىنتىزارلىق بىلەن ئىزدىگەن تەدرىجى تەرەققىيات زەنجىرىدىكى «يوقىلىپ كەتكەن ھالقا» نى نامايەن قىلىپ بەرگەچكە پۈتكۈل دۇنيا، ھەتتا بەزى گۇمانى پوزىتسىيەدە بولغۇچىلارمۇ ئىشەنگەن، قىرىق يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ھەقىقى ئەھۋال پاش بولۇپ: بۇنىڭ مەلۇم «ئىلىم پەن ئاتىسى» نىڭ يالغاندىن ياساپ چىققانلىقى مەلۇم بولغان! بۇ ھەقىقەتەن بىر چوڭ ئالدامچىلىق ئىدى، سىزلەرنىڭ ئاشۇ پوپ-باستىرلىرىڭلار مانا مۇشۇنداق بىر ساختا بۇيۇمنى ياساپ چىقىپ پۈتۈن دۇنياغا ئائېئىزىمدىن ئىبارەت بۇ دىننىڭ راستلىقىنى، ئىنسانلارنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتتىن كەلگەنلىكىنى ئىشەندۈرمەكچى بولغان! ئەگەردە بۇ توغرىدا تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارغا ئېرىشىمەن دېسىڭىز جەنۇبى ئافرىقىلىق توبىياس پروفىسسورنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بېقىڭ.
پروفىسسور تاتارغاندەك قىلىپتۇ-يۇ ئۈندىمەپتۇ.
-يالغاندىن ياساش توغرىسىدا گەپ بولۇپ قالدى. سىز ئوغرىلىۋىلىشنى بىلىدىغانسىز؟ سىز كۆپچىلىككە ئوغرىلىۋىلىشنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويالامسىز؟
پروفىسسور سەل ئىككىلىنىپ ئاخىرى ئېغىز ئېچىپتۇ:
-ئوغرىلىۋىلىش دېگىنىمىز باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆچۈرۈپ ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
-ناھايىتى توغرا. چۈشەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت، پروفىسسسور. ئەگەر سىز سەمىمىيلىك بىلەن بىر ھەقىقى تەتقىقات ئېلىپ بارسىڭىز غەرب مىللەتلىرىنىڭ ئىلگىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق ھەقىقى ئىلىم-پەن مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى ئوغرىلىۋالغانلىقىنى، ئاندىن بۇ ئاساستا تەرەققى قىلدۇرغانلىقىنى، بۇ ھازىرقى زامان ئىلىم- پەن مۇساپىسىنى يىتەكلىگەن نەتىجىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ شەخسى «بايقاش» لىرىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقايسىز. مەن بىلەن بۇ توغرىدا تالىشىپ ئولتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، سىز پەقەت ھىندىستان پەن-تەتقىقات مەركىزىگە بىر پارچە خەت يازسىڭىزلا ئۇلار ناھايىتى خوشاللىق بىلەن مېنىڭ بۇ نۇقتىئىنەزىرىمنى ئىسپاتلايدىغان بارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ، ئادرېسى:
Al-Humera, Muzammil Manzil, Dodhur, Aligarh, india.
بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىگە دىققەت قىلغان كۆپچىلىك بەس-بەستە بۇ ئادرېسنى يېزىۋىلىشىپتۇ.
-بىز يەنە تەدرىجى تەرەققىيات تېمىسىغا يېنىپ كېلەيلى. بۇ ساختا پەن بوۋىلىرىنىڭ دۇنيانى ئالداش ئۈچۈن توقۇپ چىققان رىۋايىتى بولۇپ، ئۇنىڭ بارلىق نەزەرىيەسىنىڭ يادروسى «تەبىئى تاللىنىش». بۇ مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ شەكلى ۋە فىزىئولوگىيەسىنى ئۆزگەرتكەن تۈرلەرنىڭ ياشاپ قالالايدىغانلىقى، مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالمىغان تۈرلەرنىڭ نەسلى قۇرۇيدىغانلىقىنىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭدىكى ئەڭ تىپىك مىسال دىنىزاۋور، ئۇلار ئاشۇ مۆجىزە خاراكتىرلىك تەدرىجى تەرەققىياتنى يېڭەلمەي ئۆزىدىن كىچىك جانلىقلارغا ئۇتتۇرۇپ قويغان-دە، ئاقىبەتتە بۇ جۇغى چوڭ، ھەرىكىتى ئاستا تۈرلەرنىڭ نەسلى قۇرۇغان، جۇغى كىچىك ھايۋانلار بولسا ياشاپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىدا قۇيرۇق، پەنجەگە ئوخشىغان كېرەكسىز ئەزالارمۇ يوقاپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى قۇيرۇقى يوق، قولى بار تۈرلەر ئىگىلىگەن-دە ، ئاقىبەتتە ئىنسانلار پەيدا بولغان. سىز بۇ تەلىماتقا پۈتۈنلەي قوشۇلىسىز شۇنداقمۇ؟ پروفىسسور.
بىچارە پروفىسسور يا بېشىنى لىڭشىتىشنى يا بېشىنى چايقاشنى بىلەلمەي قاپتۇ، چۈنكى ئەندى بۇنىڭ كەينىدىن نېمە گەپلەرنىڭ چىقىشىنى بىلمەيدىكەن!
-ماڭا جاۋاب بېرىڭ، پروفىسسور! بۇ دەل سىلەردەك ساختا پەن پوپلىرىنىڭ ئاددى ئاۋامنىڭ مېڭىسىنى يۇغاندا ئىشلىتىدىغان تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ ھۇل تېشى. بىز ھەقىقى ئىلىم-پەن بىلەن بۇ ساختا پەنگە جەڭ ئىلان قىلىپ باقايلى. پروفىسسور، تەجرىبخانىدا مۇھىتنى ئۆزگەرتىش ياكى كونترول قىلىش ئارقىلىق يېڭى بىر تۈرنى ئىجاد قىلغان بىرەر ئالىم بارمۇ؟ ئېسىڭىزدە بولسۇن، پەقەت قايتا نامايەن بولالايدىغان ھادىسىلەرلا ئېلىم-پەن تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.
(جاۋاب چىقماپتۇ)
-ئەلۋەتتە يوق، بىزگە ئېيتىپ بېرىڭ، يەھۇدىلارنىڭ ئوغۇل بوۋاقلىرىنىڭ خەتنىسىنى قىلىۋاتقىنىغا نەچچە مىڭ يىللار بولدى- يۇ نېمىشقا ھازىر تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدا يەنىلا مۇكەممەل خەتنىلىك بولىدۇ؟ سىلەر داۋراڭ سالغان تەبىئى تاللىنىش نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا ئۇلارنىڭ خەتنىلىكى پۈتۈنلەي يوقاپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ ھىچ بولمىغاندا ئاز-تولا كىچىكلەش ئىزنالىرى كۆرۈلىشى كېرەك ئىدىغۇ! بۇنىڭغا قوشۇلامسىز پروفىسسور؟
بىچارە پروفىسسور ھاڭۋاققىنىچە قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ئىش قىلالماپتۇ.
-پروفىسسور، سىزنىڭ بالىڭىز بارمۇ؟
تېمىنىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى بىلگەن پروفىسسور ئەس-ھۇشىنى يىغىپ ئەسلىدىكى ئىشەنچىنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بوپتۇ:- ئىككى ئوغلۇم، بىر قىزىم بار.-بالىلىرىنىڭ گېپىنى قىلغۇچە پروفىسسور كۈلۈشكە تىرىشىپ بېقىپتۇ.
-پروفىسسور، ئۇلار بوۋاق ۋاقتىدا سىز ئۇلارنى ئىمىتىپ باققانمىتىڭىز؟
بۇ ئەخمىقانە سوئالنى ئاڭلىغان پروفىسسور غەزەپتىن تۈرۈلۈپتۇ:
-مۇشۇمۇ سوئال بولدىمۇ! ئەلۋەتتە ئىمىتمەيمەندە! ئايالىم ئېمىتمەمدۇ!
-پروفىسسور، ئاتىئېىزمچىلارنىڭ پوپلىرىدىن ئەرلەرنىڭ بوۋاق ئېمىتكەنلىكىنى بايقىغانلىرى بارمۇ؟
-يەنە بىر ئەخمىقانە سوئال، پەقەت ئاياللارلا ئېمىتەلەيدۇ!
-پروفىسسور، سىزنىڭ چىشىڭىزغا تەككۈم يوق. لېكىن مېنىڭ ئېنىقلا ئىككى ئەمچىكىم بار- ھەممە ئەرلەرنىڭ شۇنداق. ئۇنىڭ ھىچقانداق رولى بولمىغانىكەن ئۇ نېمىشقا يوقاپ كەتمەيدۇ؟ تەبىئى تاللىنىش نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، ئەرلەرنىڭ ئەمچىكىدەك بۇ كېرەكسىز ئەزا نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا يوقاپ كېتىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ پروفىسسور!
بۇ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى تەمكىنلىك بىلەن پروفىسسورنىڭ ئالدىغا كەپتۇ:
-شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئەگەر ساختا ئىلىم-پەنگە ئەمەس، ھەقىقى ئىلىم-پەن ئاساسلىرىغا ئاساسلىنىدىغان بولساق، سىز تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسىنىڭ بىر دۆۋە ئەخلەت ئىكەنلىكىگە قوشۇلىسىز.
پروفىسسورنىڭ يۈزى بىر قىزىرىپ بىر تاتىرىپ ئېچىگە تىنىپ تۇرۇشتىن باشقا ئامال قىلالماپتۇ.
مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ساۋاقداشلىرىغا بۇرۇلۇپ كۈلۈمسىرەپتۇ:
-ئەمەلىيەتتە، تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن شۇنداق جاكارلاشقا بولىدۇكى،- كىم ئۆزىنىڭ مايمۇندىن تەرەققى قىلىپ كەلگەنلىكىگە ئىشەنسە ئۇنداقتا ئۇ چوقۇم بىر مايمۇن!
ساۋاقداشلار بۇئوقۇغۇچىنىڭ قوش بىسلىق گېپىگە بىر پەس ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ كېتىپ ئاندىن پاراققىدە كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ.
ساۋاقداشلار كۈلكىدىن تىنجىغاندا مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى پروفىسسورغا يۈزلىنىپ سۆزىنى داۋام ئېتىپتۇ:
-تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسىدە ناھايىتى نۇرغۇن يوچۇقلار بار، شۇ سەۋەبلىك ئۇ خۇددى چويلىغىلا ئوخشايدۇ. لېكىن ۋاقتىمىز چەكلىك، مەن سەل تۇرۇپ مەسچىتكە بارىدىغان بولغاچقا بۇ يەردە بۇ ئەپسانىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئولتۇرمايمىز. بىز سىزنىڭ ئەڭ دەسلەپ تىلغا ئالغان ئەخلاق تېمىڭىزغا قايتىپ كېلەيلى. بىراق، بۇنىڭدىن ئاۋال، سىزنىڭ ھېلىقى راك بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئاكىڭىزغا قاراپ باقايلى. ئەگەردە ئاكىڭىزنىڭ ئۆلۈمىگە قارىتا كۆڭلىڭىزدە نارازىلىق بولسا بۇ شۇبھىسىزكى سىزنىڭ ئەخمەقلىقىڭىز. خۇددى بارلىق جانلىقلارغا ئوخشاش، ئۇمۇ چوقۇم بىر كۈنى ئۆلەتتى، بۇ ھەممە ئادەم ئېتىراپ قىلىدىغان بىر ئەمەلىيەت، مەيلى ئۇلار ﷲ غا ئىشەنسۇن، مەيلى ئىشەنمىسۇن، ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالاليدىغان ھېچكىم يوق. ئۇنىڭدىن باشقا سىز كېسەلنىڭ جەريانىغا گۆدەكلەرچە قارشى چىقسىڭىز بولمايدۇ، مەيلى ئۇ كېسەل راك بولسۇن ياكى باشقا كېسەل ۋە ياكى تاسادىبىيلىق بولسۇن، چۈنكى بۇ دېگەن ئۆلۈمنىڭ مۇقەددىمىسى. سىز ئۆزىڭىزنىڭ خاتا كۆز قارىشىڭىزدىن چىقىش قىلىپ «رەھىمدىللىك» دېمەك كېسەل ئازابىدىن خالاس قىلىش، كېسەلگە مۇپىتلا قىلىشنى بولسا «شەپقەتسىزلىك» دەپ قارىدىڭىز. ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، پروفىسسور سىزنىڭ ھىچقانداق تاللىشىڭىز يوقكى، دۇنيادىكى ئەڭ شەپقەتسىز كىشىلەرنىڭ تىبابەت ئالىملىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك، چۈنكى ئۇلار ھايۋانلاردىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن قورقۇنۇشلۇق تەجرىبىلەرنى ئىشلەيدۇ. جەزمەن بىلىسڭىز كېرەك، ئۇ تەجرىبىلەردە مىليونلىغان ھايۋانلار خىلمۇ-خىل ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولىدۇ، ئۇلار مەلۇم بىر ئالاھىدە تببىي تېمىنى ئىسپاتلاش ياكى راست-يالغانلىقىنى ئايرىش ئۈچۈن غايەت زور ئازاپ ئوقۇبەتكە دۇچار بولىدۇ. بۇ تەجرىبىلەر ئەجىبا شەپقەتسىزلىك ھېسابلانمامدىكەن؟ ئاڭلاۋاتامسىز، پروفىسسور؟
پروفىسسور تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ئۇنىڭغا بېرىپ چاي قۇيۇپ بېرىپتۇ.
-پروفىسسور، مەن سىزدىن باشقا بىر ئوچۇق سوئالنى سوراي، سىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ لاياقەتلىك ھالەتتە يۇقۇرىلاپ ئوقۇشى ئۈچۈن ئىمتىھان ئالىسىزغۇ دەيمەن؟
پروفىسسور بېشىنى لىڭشىتىپتۇ.
-ئالى مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن، بىر ئوقۇغۇچى چوقۇم ئالاھىدە قۇربانلىقلارنى بېرىشى، ھەتتا يۇرت- ماكانىدىن ئايرىلىشى، ئۆيىدىكى راھەت، ھوزور-ھالاۋەتتىن ۋاز كېچىپ دەرس ئۆگىنىشى كېرەك. ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ بىكار ۋاقتى ۋە ئارام ئېلىش ۋاقتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. ئاندىن كېيىن، ئۇ ئىمتىھاندا خىلمۇ-خىل قېيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. بەلكىم يەنە ئېغىزچە ئىمتىھاندىكى بىچارىلىكلەرمۇ بار. ھالبۇكى، ئۇ يەنە تېخى بۇ ئازاب- ئوقۇبەت ئۈچۈن چوقۇم ئىمتىھان ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك! سىز بۇنى شەپقەتسىزلىك دەپ قارىمامسىز؟ ئوقۇغۇچىلارنى مانا مۇشۇنداق روھى ۋە جىسمانى ئازاب- ئوقۇبەتلەرگە مۇپتىلا قىلغاندىن كېيىن پروفىسسورلارنى يەنە «رەھىمدىل» كىشىلەر دېگىلى بولامدۇ؟
-مەن سېنىڭ بۇ پىكرىڭگە قوشۇلمايمەن. ئېنىستىتوت ۋە پروفىسسورلارنىڭ بۇنداق قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان-سىناقلاردىن ئۆتۈپ ئوقۇۋاتقان ساھەسىدە لاياقەتلىك بولۇشى ئۈچۈندۇر. پەقەت نەزەر دائىرىسى تار كىشىلەرلا ئوقۇغۇچىلار بېرىۋاتقان قۇربانلىقلارغا قارىماي ئۇلارنىڭ ئىمتىھان بېرىشىگە قارشى تۇرىدۇ.
مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ئەپسۇسلۇق بىلەن بېشىنى چايقاپتۇ:
-پروفىسسور، سىز ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھان-سىناقلارنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى بەك ئوبدان بىلىپسىز-يۇ، لېكىن ﷲنىڭ ئۆزى ياراتقان يارالمىشلىرىدىن ئىمتىھان-سىناقلارنىڭ ئېلىشىنىڭ ئوخشاشلا بىر ھېكمەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتمەپسىز. ئاكىڭىزنىڭ ھاياتلىقىنىڭ ئېلىپ كېتىلىشى، ئەگەر ئۇ كېسەلنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ بىز «ئىمان» دەپ ئاتايدىغان ئېتىقاد بىلەن ئۆلسە، ئۇ جەننەتتە ئۇ ئۆزى تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ بەدىلىگە غايەت زور ئىنئام-مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، بۇ مۇكاپات-پايدىنى ئىنسان ھەرگىز تەسەۋۇر قىلالمايدۇ! بەختسىزلىكىمىز شۇنىڭدىن ئىبارەتكى «پەقەت نەزەر دائىرىسى تار» ۋە نادان كىشىلەرلار ياراتقۇچىسىنىڭ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتلىرىدىن ئالىدىغان ئىمتىھانىغا قارشى چىقىشىدۇ، ياكى ئۇنى رەت قىلىىشىدىيۇ، يەنە مۇۋەپپقىيەتلىك ھالدا ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەرگىلا بېرىلىدىغان مەڭگۈلۈك مۇكاپاتنىڭ تەمەسىدە بولىشىدۇ.
-جەننەت؟ ئاخخا! سەن جەننەتنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ ئۇنى تۇتۇپ، ھىدلاپ، ئاڭلاپ باققانمۇ؟ تەجرىبىچىلىك ۋە دەلىلچىلىك پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن ئىلىم-پەن سېنىڭ جەننىتىڭنى مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدۇ.
- ﷲ خالىسا بۇ مەسىلىنىمۇ مۇھاكىمە قىلىمىز. بىز سۆزىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى.-پروفىسسور ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ، ئىسسىق دېگەن نەرسە مەۋجۇتمۇ؟
پروفىسسور مەلۇم دەرىجىدە ئۆز تەمكىنلىكىگە قايتىپ كەلگەنىكەن.
-شۇنداق، ئىسسسىق مەۋجۇت.-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۇ.
-ئۇنداقتا سوغۇق دېگەن نەرسە مەۋجۇتمۇ؟
-شۇنداق، سوغۇقمۇ مەۋجۇت.
-ياق، پروفىسسور. ئۇنداق ئەمەس!
پروفىسسورنىڭ ھاڭ-تاڭ قالغىنىنى كۆرگەن بۇ ئوقۇغۇچى چۈشەندۈرۈپتۇ: -سىزدە تېخىمۇ كۆپ ئىسسىق نەرسىلەر ، ھەتتا تېخىمۇ ئېسسىق، دەرىجىدىن تاشقىرى ئىسسىق، كۆيدۈرگۈ ئىسسىق، چوغدەك ئىسسىق ياكى ئەكسىچە سەل ئىسسىق ياكى ئىسسىق ئەمەسلەر بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بىزدە «سوغۇق» دەپ ئاتايدىغان ھىچقانداق نەرسە يوق. بىز ئىسسىق بولمىغان سىلسىيە 458 گىردۇسقا يىتەلىدۇق-يۇ، لېكىن ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋىنىگە ئۆتەلمىدۇق.
-سوغۇق دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. بولمىسا بىز سىلسىيە 458 گىرادۇستىنمۇ سوغۇققا يېتىپ بارالىغان بولاتتۇق. قاراڭ، پروفىسسور، «سوغۇق» پەقەت بىزنىڭ ئىسسىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەسۋىرلەيدىغان بىر سۆزدىنلا ئىبارەت خالاس. بىز سوغۇقنى ئۆلچىيەلمەيمىز. ئىسسىقنى بىز ئىسسىقلىق ئۆلچەم بىرلىكى بىلەن ئۆلچىيەلەيمىز، چۈنكى، ئۇ بىر خىل ئېنىرگىيە. سوغۇق ھەرگىزمۇ ئىسسىقنىڭ قارشىسى ئەمەس، بەلكى ئىسسىقنىڭ بىر تۈرلۈك مەۋجۇت ئەمەسلىكى خالاس.
سۈكۈت. پۈتۈن سىنىپنى يەرگە بىر تال يىڭنە چۈشۈپ كەتسە ئاڭلانغۇدەك جىمجىتلىق قاپلاپتۇ.
مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:-قاراڭغۇ دېگەن نەرسە مەۋجۇتمۇ، پروفىسسور؟
-بۇنىڭغىمۇ گەپ كېتەمدۇ بالام، ئەگەر قاراڭغۇ بولمىسا كېچە نېمە؟ سەن نېمىنى كۆزدە تۇتىۋاتىسەن؟
-ئۇنداقتا، گېپىڭىزچە قاراڭغۇ دېگەن نەرسە مەۋجۇتكەندە؟
-شۇنداق.
-سىز يەنە خاتالاشتىڭىز، پروفىسسور! قاراڭغۇ دېگەن بىر تۈرلۈك ئەمەلىي گەۋدە ئەمەس، ئۇ بىر ئەمەلىي گەۋدىنىڭ مەۋجۇتسىزلىقىدىن ئىبارەت. ئۇ دەل يورۇقلۇقنىڭ مەۋجۇتسىزلىقى. بىزدە خىرە يورۇقلۇق، ئاددى يورۇقلۇق، يورۇقلۇق، چاقماق قاتارلىقلار بار بولۇشى مۇمكىن، ئەگەردە ھىچقانداق يورۇقلۇق مەۋجۇت بولمىسا بۇنى قاراڭغۇ دەپ ئاتايمىز؟ شۇنداق ئەمەسمۇ؟
-بۇ بىزنىڭ يورۇقلۇقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە ئېنىقلىما بېرىشتە ئىشلىتىدىغان سۆزلىكىمىزدىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە، قاراڭغۇلۇق مەۋجۇت ئەمەس. بولمىسا كىشىلەر بىر ئۇدۇل شەكىلدە قاراڭغۇلۇقنى ياساپ چىققان ياكى قاراڭغۈلۇقنى تېخىمۇ قاراڭغۇ قىلىۋەتكەن، ئۇنى بىرەر قاچىغا سالالىغان بولار ئىدى. سىز بىر ئىستاكانغا قاراڭغۇلۇقنى قاچىلاپ بېرەلەمسىز؟
-سەن زادى نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭنى ئېيتىپ بېرىسەنغۇ دەيمەن يىگىت؟
-ئەلۋەتتە، پروفىسسور. مەن پەقەت بۇلارنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈنلا مىسال ئېلىۋاتىمەن. سىزنىڭ پەلسەپەسىڭىزنىڭ شەرتىدە كەمتۇكلۈك بار، شۇڭا سىزنىڭ مۇشۇ شەرت بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان يەكۈنلىرىڭىزمۇ مۇقەررەرلا خاتا. سىزنىڭ ئاساسلانغىنىڭىز ھەقىقى ئىلىم-پەن ئەمەس، بەلكى ساختا ئىلىم-پەن!
پروفىسسورنىڭ چىرايى سەت پۈرۈشۈپ كېتىپتۇ:
- كەمتۈكلۈك بار؟ سەن شۇنداق دېيىشكە پېتىنىۋاتامسەن!
مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ناھايىتى سوغۇققان ئىكەن، ئۇ خۇددى بىر كىچىك بالا ئالدىدا تۇرىۋاتقاندەك ئالدىرماي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
- پروفىسسور، بۇ گېپىمنى چۈشەندۈرۈپ قويسام بولامدۇ؟
سىنىپتىكى ساۋاقلاشلار ئالدىراپ باش لىڭشىتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تىڭشىغۇچىلار ئىكەن، پروفىسسورنىڭ باشقا تاللىشى بولمىغاچقا ئامالسىز ماقۇل بوپتۇ:
- ماقۇل چۈشەندۈرۈپ باق.
ئۇ قوللىرىنى شىلتىپ ۋەزىيەتنى قايتىدىن كونترول قىلماقچى بوپتۇ، سىنىپ جىمىپ، ھەممەيلەن مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىنىڭ ئاغزىغا قاراپتۇ.
-سىز جۈپ-تاقلىق شەرتىدە تەپەككۇر قىلىۋاتىسىز. مەسىلەن، ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم، ئىككى خىل ئوخشىمىغان ماھىيەت، يەنە مەسىلەن، ياخشىلىق ئىلاھى بىلەن يامانلىق ئىلاھى. سىزنىڭ ئۇقۇمىڭىزدا ﷲ بىر چەكلىك بىز ئۆلچىيەلەيدىغان بىر مەۋجۇتلۇق دەپ قارىلىدۇ. پروفىسسور، ئىلىم-پەن ھەتتا ئىدىيەنىڭ ماھىيىتىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. كىشىلەر ئېلېكتىر ئېقىمى بىلەن ماگنىت ئېقىمىنى ئىشلەتكىنى بىلەن ئۇلارنى كۆرەلمەيدۇ، ئۇلارنى ناھايىتى ئاز چۈشىنىدۇ. ئۆلۈمنى ھاياتلىقنىڭ قارشى تەرىپى دەپ تونۇش بىر نادانلىق، چۈنكى ئۆلۈمنىڭ بىر ماھىيەتلىك مەۋجۇتلۇق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ ھاياتلىقنىڭ قارشى ئەكسى تەرىپى ئەمەس، بەلكى ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتسىزلىقى خالاس.
بۇ ئوقۇغۇچى بىر ساۋاقدىشىنىڭ پارتىسىدىن بىر پارچە گېزىتنى ئېلىپ كۆرسىتىپتۇ:
-بۇ مۇشۇ دۆلەتتىكى ئەڭ مەشھۇر پەسكەش كىچىك گېزىت. پروفىسسور. ئەخلاقسىزلىق دېگەن نەرسە مەۋجۇتمۇ؟
-ئەلۋەتتە. ھازىر.....
-يەنە خاتالاشتىڭىز، پروفىسسور، ئەخلاقسىزلىق دېگەن پەقەت ئەخلاقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى خالاس. ئىنساپسىزلىق دېگەن نەرسە مەۋجۇتمۇ؟ ياق، پروفىسسور، ئۇ ئىنساپ دېگەن نەرسىنىڭ مەۋجۇتسىزلىقى خالاس. رەزىللىك دېگەن نەرسە مەۋجۇتمۇ؟-مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى بىر پەس توختىۋاپتۇ،- ئەجىبا رەزىللىك دېگەن ئاقكۆڭۈللۈكنىڭ مەۋجۇتسىزلىقى ئەمەسمۇ؟
پروفىسسورنىڭ چىرايى ئىنتايىن سەتلىشىپ كېتىپتۇ، ئۇ زۇۋانىنىڭ تۇتىلىپ قىلىۋاتقانلىقىدىن بەك جېلە بولىۋاتقانىكەن.
مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
- ئەگەردە دۇنيادا رەزىللىك مەۋجۇت بولىدىغان بولسا، پروفىسسور، بىز ھەممىمىز شۇنى ئېتىراپ قىلىمىزكى، ﷲ جەزمەن رەزىللىك دېگەن بۇ ئاپپارات بىلەن مەلۇم خىزمەتنى تاماملىغان بولىدۇ. ﷲ قانداق خىزمەتنى تاماملار؟ ئىسلام بىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى، ئۇ چاغدا ھەر بىر ئىنساننىڭ ياخشىلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ يامانلىقىنى توسقان توسمىغانلىقىغا قارىلىدۇ.
پروفىسسور ۋارقىراپ كېتىپتۇ:
- بىر پەيلاسوپ بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ ئىشتا ھەرقانداق تاللاش بولىدۇ دەپ قارىمايمەن. بىر ئەمەلىيەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ھەرگىزمۇ ﷲ ئۇقۇمى ياكى ھەرقانداق بىر ئىلاھىيەت ئامىلىنىڭ دۇنيانى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلمايمەن، چۈنكى ﷲنى كۈزەتكىلى بولمايدۇ.
-مېنىڭچە، ﷲ بېكىتكەن ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ يوقىلىشى ئەڭ كۈزەتكىلى بولىدىغان بىر ھادىسە بولۇشى مۇمكىن.- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى.- ھەر ھەپتىسى، ھەرقايسى گېزىتلەر نەچچە يۈز مىليونلاپ پۇل خەجلەپ بۇنداق ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلىشىدۇ. پروفىسسور، سىز بۇ دۇنيادىكى رەزىللىكلەرنى ﷲقا تەۋە قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆردىڭىز-يۇ، لېكىن ئۆزىڭىز ﷲغا ئىشەنمەيسىز. بۇ بىر روشەن زىددىيەت. ھالبۇكى، بىز بۇ دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان رەزىللىكلەرگە كىمنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىپ باقساق بولىدۇ، ﷲقا ئىشىنىدىغانلارمۇ ياكى ﷲ قا ئىشەنمەيدىغانلارمۇ؟ بىر مۇسۇلماننىڭ ئاساسلىق ئېتىقادىنىڭ بىرى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ مەھشەر كۈنىدە قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ بۇ دۇنيادا قىلغان- ئەتكەنلىرىدىن ھېساب بېرىدۇ. ئۇنىڭ قىلغان ھەر بىر ياخشى ئىشىغا ساۋاب يېزىلىدۇ، قىلغان ھەر بىر يامان ئىشىغا مەسئۇل بولىدۇ. ھەر بىر مۇسۇلمان شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى: مەھشەر كۈنىدە ئۇ ئۆزىنىڭ قىلمىشغلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ، ئۇنىڭ گۇناھانى زىممىسىگە ئېلىپ بېرەلەيدىغان ھىچكىم بولمايدۇ. جەننەت تەقۋادارلارنىڭ مۇكاپاتى، دوزاق بولسا ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ تۇرالغۇسىدۇر. بۇ بىزنىڭ ئاساسلىق ئېتىقادلىرىمىزنىڭ بىرى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گۇناھ ئىشلىگۈچى مۇسۇلمان بولغان تەقدىردىمۇ گۇناھى ئۈچۈن جازاغا ئۇچرايدۇ. پروفىسسور، بۇ ئىدىيە سان-ساناقسىز مۇسۇلمانلارنى جىنايەت ئىشلەشتىن توسۇپ قالىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، جازالاش جىنايەتنى چەكلەشنىڭ بىر ئۈنۈملۈك ۋاستىسى. مۇبادا بۇ ئىدىيە بولمايدىكەن، بىز دۇنيادىكى نۇرغۇن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئامالسىز قالىمىز: جەرىمانە، جىنايى جازا، تۈرمە قاتارلىقلار ھەرقانداق بىر مەدەنىيەتلىك سېستىمىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبى قىسمى. يەنە بىر جەھەتتىن، ئەخلاق تىلغا ئېلىنسا، ئاتئېزىمچىلار ئىسلام دېگەن بۇ ئىدىيەگە ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار ئۈچۈن قىيامەت يوق، ھېساب بېرىش يوق، مۇكاپات يوق، جازا يوق. ئۇلارنىڭ ئاۋامغا يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى: «ئەگەردە سەن ئۇنىڭغا ئېرىشەلىسەڭلا شۇ كۇپايە، سەندە ھىچقانداق ئەندىشە بولمىسىمۇ بولىدۇ.» ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار ئاتالمىش گۇناھ مەۋجۇت ئەمەس دەپ جاكارلىشىدۇ. بىز بۇ يەردە دەۋاتقان گۇناھ ﷲنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ھەرقانداق كىشى ئۆزى قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە، ھەرقانداق قىلمىشنى «خاتا بولۇپ قالدى» دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ. ئەمدى خۇلاسىلەپ باقساق: ئاتىئېزىمچىلار ﷲنى مەۋجۇت ئەمەس دېگەندە چىڭ تۇرىدۇ. ئەگەردە ﷲ ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولمىسا ئۇنداقتا نېمىنىڭ توغرا-نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بەلگىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ، ئۇنداقتا گۇناھ دېگەنمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ، چۈنكى گۇناھ دېگەن ﷲنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئىنسان ئۆز پىرىنسىپىنى، «ئەخلاق» مىزانىنى ئەركىن بېكىتسە بولىدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا، ئەرلەر ئەرلەرگە «ياتلىق» بولالايدۇ، ئاياللار ئاياللارنى «خوتۇنلۇققا ئالالايدۇ». ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللەر يامراپ كەتسىمۇ ھېچقىسى يوق، بەچچىۋازلىق ۋە زىناخورلۇقمۇ گۇناھ ھېسابلانمايدۇ. پەقەت ئۇلار ئۆزلىرى خالىغان بالاغەت يېشىغا يەتكۈچىلەر بولسىلا. ئاتىئېزىمچىلارنىڭ لوگىكىسى بويىچە قارىغاندا، پەقەت ئۇلار ئۆزلىرى خالىسىلا زىناخورلۇقمۇ گۇناھ ئەمەس، چۈنكى زىناخورلۇقنى گۇناھ دەپ قاراش پەقەت دىنى ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەخلاق مىزانىدۇر. ھالبۇكى، پروفىسسور ئېنىق قىلىپ «ﷲ ئۇقۇمى ياكى ھەرقانداق بىر ئىلاھىيەت ئامىلىنىڭ دۇنيانى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايمەن،» دەپ جاكارلاپ بولدى. ئانىنىڭ بالىياتقۇسىدىكى ھامىلىنى ئۆلتۈرۈشكىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇمۇ بىر ئايالدا بار بولغان «ھوقۇق»... ۋاھاكازالار. بۇنىڭغا ئوخشىغان ئاتىئېزىمچى ساختا پەنچىلەر ئويدۇرۇپ چىققان «قائىدە» لەرنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئىدىيە ئالدامچىلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسى رەزىللىك بىلەن ئىپلاسلىقنى ئومۇميۈزلۈك ﷲ غا دۆڭگەپ قويۇش! بىز بۇ ئىشتا ئىلمىيرەك بولايلى پروفىسسور. بىر توپ ﷲ ئېڭىغا ئىگە كىشىلەر بىلەن ــــ ﷲ غا ئېتىقاد قىلىش كېرەك دەپ قارايدىغان شەكىلدە ﷲغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن سىلەردەك ئاتىئېزىم ئېتىقادىغا ئىگە كىشىلەرنى ئوبىكتىپ سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى، قايسىسى گۇناھنى ئومۇملاشتۇرىۋىتىپتۇ. ماختىغىنىم ئەمەسكى، ھەرقانداق بىر ئوبىكتىپ كۈزىتەلەيدىغان كىشىلەر شۇنى دەرھال كۆرەلەيدۇكى: ﷲ ئېڭىغا ئىگە، ﷲنىڭ قانۇنىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاق مىزانى قىلغان كوللىكتىپلا ئاقكۆڭۈللۈكنى ئومۇملاشتۇرىۋاتىدۇ؛ ئۆزلىرى «نىسبى ئەخلاق» قائىدىسىنى بېكىتىۋالغان كوللىكتىپ بولسا ئەمەلىيەتتە، دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك رەزىللىكنى ئىشلەۋاتقان كىشىلەردۇر.
گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى بۇ سۆزلىرىمدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى ھەزىم قىلىۋالسۇن دېگەندەك ئەتەي توختاپتۇ. سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزلىرى خۇددى يورۇقلۇقنى كۆرگەندەك پارقىراپ كېتىپتۇ. بۇنىڭدىن ئاۋال ھىچكىم ئۇلارغا بۇ مۇھىم گەپلەرنى ئېيتىپ بەرمىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچراشقىنىنىڭ ھەممىسى ئاساسى ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ تىل-ئاھانەتلىرىلا ئىكەن.
-پروفىسسور، سىزنىڭ ئەخلاق توغرىسىدىكى ئىلمى بولمىغان قارىشىڭىز مېنى ھەيران قالدۇردى، لېكىن بۇنى تاسادىبىيلىق ھىس قىلمايمەن. مېنىڭ ھەيران قالغىنىم، سىز ئىنسانلارنىڭ مايمۇندىن تەدرىجى تەرەققى قىلىپ كەلگەنلىكىگە ئىشىنىدىكەنسىز-يۇ، لېكىن يەنە ھايۋانلارغا ئوخشاش ئىش قىلىدىكەنسىز! مېنىڭ ھەيران قالغىنىم، سىز پەرىشتىلەرگە ئىشەنمەيدىكەنسىز-يۇ، لېكىن ھىچقانداق ۋەھىيلىك ئەخلاق مىزانىنىڭ ياردىمى بولمىغان شارائىتتا، پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇسى بويىچىلا پاك مەسۇم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەنسىز. تاسادىبىيلىق ھېس قىلمىغىنىم، مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان قالايمىقان ئىدىيەلەر پەقەت ئاشۇ ساختا ئاتئېزىم نەزەرىيەسىنى ياقلىغۇچىلارلا ھازىرلىغان بولىدۇ!
سىنىپتا گۈلدىراس چاۋاك ياڭراپ كېتىپتۇ.
-بىز تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسىنى مۇھاكىمە قىلغان بولدۇق، پروفىسسور. سىز ئىككى كۆزىڭىز بىلەن تەدرىجى تەرەققىياتنى كۈزىتىپ باقتىڭىزمۇ؟
پروفىسسور چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپتۇ-يۇ ئۈندىمەپتۇ.
-پروفىسسور، ھىچقانداق بىر كىشى تەدرىجى تەرەققىياتنىڭ جەريانىنى ھەقىقى كۈزىتىپ باقمىغانلىقى، ھەتتاكى بۇ جەرياننىڭ ھازىر بولىۋاتقان بىر جەريان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، سىز تەلىم بېرىۋاتقان تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسى ــــ نۇقسانلىرى بەك كۆپ بولغان تەلىماتتۇر ــــ ئەجىبا ئۇ ھەرقانداق بىر ئىلاھىيەتشۇناسلىق نەزەرىيەسىدىنمۇ بەكرەك ئەمەلىيەتنىڭ مۇلاھىزىسىگە بەرداشلىق بېرەلىسە كاشكى، بۇ بىر ساختا ئېلىم پەن، ھەرگىزمۇ ھەقىقى ئىلىم- پەن ئەمەس، ئۇنى ياقلىغۇچىلار پەقەت بىر ئۇچۇم نادان جاھىل كىشىلەردۇر!
پروفىسسورنىڭ چىرايى كۆكىرىپ كېتىپتۇ:
-ھەددىڭدىن ئاشما!- ئۇ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ناھايىتى تەسلىكتە ئاچچىقىنى بېسىۋاپتۇ،- پەلسەپە مۇھاكىمىسىنىڭ رامكىسىدا مەن سېنىڭ ئەدەپسىزلىكلىرىڭگە چىداپ تۇردۇم، سۆزۈڭ تۈگىدىمۇ؟- دەپتۇ ئۇ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ.
-پروفىسسور، سىز ﷲ نىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە توغرا ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى قوبۇل قىلمامسىز؟
-مەن پەقەت ئىلىم-پەنگە ئېشىنىمەن.
-پروفىسسور، ئەپسۇسلىنىمەنكى، سىزنىڭ ئىشەنگىنىڭىز ھەقىقى ئىلىم-پەن ئەمەس، ئۇ بىر ساختا ئىلىم- پەن، يەنە كېلىپ سىزنىڭ ساختا ئىلمى ئاساسلىرىڭىزدا قاتمۇ-قات خاتالىقىلار بار!
-ساختا ئىلىم؟ خاتالىق؟-پروفىسسور پارتىلاپ كېتەي دەپ قالغانىكەن. سىنىپنى غۇلغۇلا قاپلاپتۇ. مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى سالماق ۋە تەمكىنلىك بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرغانىكەن.
غۇلغۇلا بېسىققاندىن كېيىن ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
-پروفىسسور، ھەقىقى ئىلىم-پەن پەرۋەردىگار بېكىتكەن ئالەم سىستېمىسىدىكى تۈرلۈك چوڭ-كىچىك، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان-بولمايدىغان قانۇنىيەت ۋە لايىھەلەرنىڭ سىرىنى ئېچىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ساختا ئىلىم-پەن دېگەن بىر ئاتىئېزىملىق دىن بولۇپ، يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، يېرىم راست، يېرىم ساختا سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ھەپىلىشىش ئارقىلىق بۇ ئۇقۇمنى ئاغدۇرماقچى بولىشىدۇ. ساختا ئىلىم-پەن بىر سىرلىق نامەلۇم كۈچنى ـــ ئۇلار ئۆزلىرى ياسىۋالغان ساختا ئىلاھ ـــ نىڭ ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ئاندىن ئەمەلىيەتكە پۈتۈنلەي مۇخالىپ بولغان ئاتالمىش تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىنى پەرەز قىلىشىدۇ. بۇ ئاتىئېزملىق دىننىڭ پوپلىرى يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، راست-يالغىنى ئارىلىشىپ كەتكەن سانلىق مەلۇماتلارنى كونترول قىلىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بىلجىرلاشلىرىنى ئاقلىماقچى بولۇشىدۇ. ھالبۇكى، ھەقىقەت ھامان غەلىبە قىلىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسى لوگىكىلىق تەپەككۇر بىلەن كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. ئۇ ھەقىقەت شۇنىڭدىن ئىبارەتكى: ئالەمنىڭ بىر ياراتقۇچىسى ـــ ھەق سۇبھانەۋەتەئالا مەۋجۇت، ئۇ پۈتكۈل سېستىمىنىڭ ياراتقۇچىسى، ئالەمدىكى بارلىق ئايلىنىشلارنىڭ ئىگىسى. بىز باشتىكى ئوقۇغۇچىغا دېگەن كۆ قارىشىڭىزغا قايتىپ كېلەيلى، شۇ چاغدا مەن سەل تۇرۇپ بۇ توغرىدا سىز بىلەن مۇھاكىمە قىلىشىمەن دېگەنىدىم. ھازىر، مەن سىزگە ھەرقانداق ئادەم چۈشىنەلەيدىغان بىر مىسالنى كەلتۈرەي: سىنىپىمىزدا ھاۋا، ئوكسىگىن مالىكۇلىسى، ئاتوم ۋە پروفىسسورنىڭ ئەقلىنى كۆرۈپ باققانلار بارمۇ؟
ئوقۇغۇچىلار پاراقلاپ كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ.
-بۇ يەردە پروفىسسورنىڭ ئەقلىنى ئاڭلاپ، تۇتۇپ، ھىدلاپ ياكى تېتىپ باققان بالىلار بارمۇ؟
ھېچكىم جاۋاب بەرمەپتۇ. مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ئەپسۇسلۇق بىلەن باش چايقاپتۇ،- ناھايىتى روشەنكى، بۇ يەردە ھېچكىم ھەرقانداق سەزگۈ ئەزاسى بىلەن پروفىسسورنىڭ ئەقلىنى ھېس قىلىپ باقمىغان. ئۇنداقتا، مەن پروفىسسورنىڭ ئۆزىنىڭ پىرىنسىپى ساختا ئىلىم-پەندىكى تەجرىبىچىلىك ۋە دەلىلچىلىك پىرىنسىپىغا ئاساسەن شۇنى جاكارلايمەنكى: پروفىسسورنىڭ ئەقلى يوق!
پروفىسسور سەندىرەكلەپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرىۋاپتۇ، سىنىپتا قايتا چاۋاك ياڭراپتۇ.
مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى بېرىپ ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان چاي قۇيۇپ بېرىپتۇ. پروفىسسور ئەس-ھۇشىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىغا غەزەب بىلەن تېكىلىپتۇ:
- سېنىڭ بۇ كەمسىتىشلىرىڭ يەنىلا ﷲنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ.
مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى جاۋاب بېرىپتۇ:
-پروفىسسور، مەن راستىنلا ھەيران قالدىم، مەن ئەسلىدە سىزنى يېڭىلگىنىگە تەن بېرىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم. بىراق، سىز شەرمەندە-رەسۋا بولۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئىكەنسىز.
ئۇ بىر پەس توختاپ سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرى ۋە پروفىسسورغا قارىۋىتىپ، ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
- پروفىسسور، سىزنىڭ ئاتا- ئانىڭىز بارغۇ دەيمەن. توغرىمۇ؟
-يەنە شۇ ئەخمىقانە سوئال. مېنىڭ ئەلۋەتتە ئاتا-ئانام بولىدۇ-دە.
-سەۋرچانراق بولۇڭ پروفىسسور، سىز ئاتىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئاتىسى، ئانىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟
پروفىسسور چالۋاقاپتۇ:
- بەك بىمەنىلىكقۇ بۇ! مېنىڭ دادام ئەلۋەتتە مېنىڭ دادام، مېنىڭ ئانام ئەلۋەتە مېنىڭ ئانام بولىدۇ-دە!
مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى گەپ قىلماپتۇ، ئۇ بۇ دورەم سۆزدىن سەل ئۇزۇنراق توختىغانىكەن. بۇ ئوقۇغۇچى تۇيۇقسىز ئورۇندۇقىغا بېرىپ ئولتۇرغاندا سىنىپنىڭ كەيپىياتى غەلىتە بولۇپ كېتىپتۇ.
-ماڭا ئىسپاتلاپ بېرىڭ!- دەپتۇ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ئالاھىدە بىر تەلەپپۇزدا.
كەيپىيات جىددىيلىشىپ كېتىپتۇ. پروفىسسور ئۆزىنى تۇتالماي قاپتۇ، ئۇنىڭ يۈزلىرى كۆكىرىپ قارىداپ كەتكەنىكەن.
-ھەددىڭدىن ئاشما!-دەپ ھۆركىرەپتۇ پروفىسسور،-سېنىڭ كەمسىتىشلىرىڭگە چىداپ بولالمىدىم، سىنىپتىن چىقىپ كەت، مەن سىنى مەكتەپ مۇدىرىغا پاش قىلىمەن!
ساۋاقداشلار جىددىيلىشىپ نېمە قىلارنى بىلەلمەي قىلىشىپتۇ. پروفىسسور نورمالسىز بولۇپ قالغانىكەن.
مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى تەمكىنلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ساۋاقداشلىرىغا قول ئىشارىسى بىلەن ئەنسىرىگۈدەك ئىش يوقلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. ئاندىن ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن پروفىسسورغا تىكىلىپتۇ. پروفىسسور ئۇنىڭغا قاراشقا پېتىنالماپتۇ. ئاستا-ئاستا پروفىسسورنىڭ ئاچچىقى سەل پەسىيىپ روھسىزلىنىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قاپتۇ.
بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن، مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى سۆزىنى ئاستا داۋام ئېتىپتۇ:
- سۆيۈملۈك پروفىسسور، مەن ئاتا-ئانىڭىزنى سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز ئەمەس دېمەكچى ئەمەسمەن. مەن بۇ يەردە پەقەت شۇنى دېمەكچىمەنكى: مەيلى سىز بولۇڭ، مەيلى ھەممىمىز، سىنىپتىكى ھەرقانداق بىرسى بولسۇن، ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيمىز.
سۈكۈت.
-سەۋەب شۇكى: بىزگە ھامىلدار بولغاندا بىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ جۈپلەشكىنىگە گۇۋاھچى بولالمايمىز. بىز نەق مەيداندا قايسى ئىسپىرمىنىڭ ئانىمىزنىڭ بالاياتقۇسىدا تۇخۇمنى ئۇرۇقلاندۇرغانلىقىنى پەرقلەندۈرەلمەيمىز. بىز ئاتا- ئانىمىز ئاغزىدىن ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئاتا- ئانىمىز ئىكەنلىكىنى بىلگەنمىز، بىز بۇ جەھەتتىن ئاتا- ئانىمىزنى سەمىمى ئىشەنچلىك دەپ قارايمىز. بىز ئۇلارنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمانلانمايمىز. ئوخشاشلا، سىزنىڭ بالىلىرىڭىزمۇ سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن سىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەن، ئەجىبا شۇنداق ئەمەسمۇ؟ پروفىسسور؟
پروفىسسور بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىغا قاراپتۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ قارىداپ كەتكەن چىرايىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ بىر نەرسىنى ھېس قىلغاندەك ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈشۈپتۇ. ئۇنىڭ غەزىپى يانغانىكەن. ئۇ ناھايىتى ئاستا تەلەپپۇزدا:- بىز ئاتا- ئانىمىزدىن بىلگەن...... دەپتۇ.
-شۇنداق پروفىسسور، نۇرغۇن ئىشلارنى باشقىلاردىن بىلىشكە مەجبۇرمىز. مەسىلەن، ھاۋا، ئوكسىگىن، مالىكۇلا، ئاتوم قاتارلىقلار. شۇڭلاشقا، بىز ھەقىقى ئىلىم-پەن تەتقىقاتى ئارقىلىق بىز بۇ دۇنيادا « پەيغەمبەر» دەپ ئاتىلىدىغان كىشىدىنمۇ ئىشەنچىلىكرەك كىشىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۇق. بىز مۇسۇلمانلار ئۆز ھاياتىمىز بىلەن شۇنداق بىر پاكىتقا گۇۋاھچى بولىمىزكى: مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇكەممەل ئەخلاققا ئىگە ئىدى. ئۇ ئەزەلدىن يالغان گەپ قىلىپ باقمىغان. ئۇنىڭ سەمىمىيلىكىدىن ھەتتاكى ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىمۇ ئۇنى ئەمىن (سەمىمى ئىشەنچلىك) دەپ ئاتاشقان. ئەگەر ئۇ ﷲنى مەۋجۇت دېسە ـــ ئاتا-ئانىمىز بىزگە ئۆزلىرىنىڭ بىزنىڭ ئاتا- ئانىمىز ئىكەنلىكىنى ئېيتسا ئىشەنگەندەك ـــ بىزمۇ سەمىمىلىك بىلەن ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ۋە باشقا گەپلىرىنى قوبۇل قىلىمىز. مەسىلەن جەننەت-دوزاقنىڭ مەۋجۇتلۇقى، پەرىشتىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى، قىيامەت كۈنىنىڭ پات يىقىندا يېتىپ كېلىدىغانلىقى، ﷲنىڭ بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرىمىزدىن ھېساب ئالىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە نۇرغۇن نۇرغۇن يىپ ئۇچلىرى بىزگە ﷲنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «قۇرئان» دەپ ئاتىلىدىغان ﷲنىڭ ۋەھىيلىرى ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۆزىنى تەتقىق قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، ئۇ ھەرقانداق گۇمانلانغۇچىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. بۇ جەڭ ئېلان قىلىشقا ئون تۆت ئەسىردىن بۇيان ھىچكىم ئوتتۇرىغا چىققان يوق. ئەگەردە بىرسى ﷲنىڭ ئەلچىسى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىشىنىشنى خالىماي، ئۆز تەلىماتلىرىنى توختىماستىن ئۆزگەرتىپ تۇرغان ئالىملارنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنسە بۇ نوقۇل ساختىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ھەتتاكى ئاتا- ئانىسىنىڭ گېپىگە ئىشىنىشمۇ بىر ساختىلىق ـــ بىز سوتتا، ھەر يىلى نۇرغۇن ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن بولغان قانداشلىقىدىن گۇمانلانغان دەۋا- دەستۇرلارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جەمئىيەتتە سان-ساناقسىز بوۋاقلار ناتونۇش ئەرنىڭ ئىسپىرمىسى ئارقىلىق سۈنئى ئۇرۇقلاندۇرۇلۇش نەتىجىسىدە دۇنياغا كەلمەكتە، يەنە كۆپلىگەن بالىلار بوۋاق ۋاقتدىلا پەرزەنتى يوق ئاتا-ئانىلار تەرىپىدىن خۇددى ئۆزى تۇغۇپ چوڭ قىلغاندەكلا بېقىۋىلىنماقتا. شۇڭا سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ھەرقانداق كىشى ئاتا-ئانىسىنى ئۇلار مېنىڭ ھەقىقى ئاتا-ئانام دەيدىكەن مەلۇم دەرىجىدىن خاتالاشقان بولىدۇ.
مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى كۆپچىلىككە بۇرۇلۇپ سۆزىنى خۇلاسىلەپتۇ:
-ھەممە كىشىنىڭ ئىسلامنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىش مەجبۇرىيىتى بار. «قۇرئان» ھەرقانداق كىشىنىڭ تەتقىق قىلىشىنى كۈتۈپ يېتىپتۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىسلامى ماتىرىياللار بار. «دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى. كىمكى تاغۇت (يەنى ﷲ دىن باشقا بارچە مەبۇد) نى ئىنكار قىلىپ، ﷲ قا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ، ﷲ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.» (سۈرە بەقەرە 256- ئايەت). مەن ئۇچۇرنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم، مەن سىلەرنى ئىسلامغا ئىشىنىشكە ۋە مۇسۇلمانلار چوڭ ئائىلىسىگە قېتىلىشقا تەكلىپ قىلىمەن. «ﷲ مۆمىنلەرنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇلارنى (كۇفرىنىڭ) زۇلمىتىدىن (ئىماننىڭ) يورۇقلىقىغا چىقىرىدۇ؛ كاپىرلارنىڭ ئىگىسى شەيتاندۇر، ئۇلارنى (ئىماننىڭ) يورۇقلۇقىدىن (گۇمراھلىقنىڭ) قاراڭغۇلىقىغا چىقىرىدۇ. ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاقتۇر، ئۇلار دوزاقتا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر» (سۈرە بەقەرە 257- ئايەت) . بۇ مەن «قۇرئان »دىن ـــ ھەممىگە قادىر ياراتقۇچىنىڭ تىلىدىن ئالغان بىر قانچە ئايەتلەر.
ئاندىن بۇ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى سائەتكە قاراپ دەپتۇ: پروفىسسور، سۆيۈملۈك ساۋاقداشلىرىم، ماڭا بۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بەرگىنىڭلارغا رەھمەت. رۇخسەت قىلساڭلار، ھازىر سىلەردىن ئايرىلىپ مەسچىتكە ناماز ئوقۇغىلى بارىمەن. ﷲ بارلىق ھەق يولغا ئەگەشكۈچىلەرنى ئامان قىلسۇن!

سەمىڭىزگە شۇنى سالىمىزكى، بۇ ماقالىنى قەغەزگە بېسىپ چىقىرىش، خەت ساندۇقى، ئىلكىتاب قاتارلىق كۆپ خىل ۋاستىلار بىلەن تارقىتىپ ئەتراپىڭىزدىكى بىلىملىك كىشىلەرنى بەھرىمەن قىلىڭ، دەۋەتنى ھەممە يەردە قىلىشقا بولىدۇ! ﷲ يولىدا كۈرەشكۈچىلەرگە ﷲتىن كاتتا ساۋاب ئەجىرلەر تىلەيمىز!!


مەنبەurl)http://tieba.baidu.com/p/1512085051(/url)
(url)http://www.doc88.com/p-576325930623.html(/url)‍


Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 09:27:00

خېلى ياخشى يېزىلغان يازما ئىكەن. ئىلگىرى يېزىلغان مۇشۇ تۈردىكى يازمىلارغا نىسبەتەن بىر قەدەر ئىلگىرلەش بوپتۇ دەپ قارىدىم. لىكىن ئىلگىركى ئوخشاش تۈردىكى يازمىلاردىن پەرقى بولمىغان بىر قانچە نۇقتا دىققىتىمنى تارتتى:
مۇسۇلمان بىلەن پوپنىڭ سۆھبىتى، مۇسۇلمان بىلەن پىروفاىسورنىڭ مۇنازىرىسى دېگەندەك باغانچە ئادەمنىڭ دېققىتىنى تارتالماي قىلىۋاتقان ماۋزۇنى قويماي ‹‹ئەھمەت بىلەن جېكنىڭ دىئالوگى››، ‹‹ئابدۇللا بىلەن پىروفىسورنىڭ مۇنازىرىسى›› دېگەندەك ماۋزۇلاردا يېزىلسا {:87:}
ئاندىن يازمىدا ئەھمەتنىڭ جېكنى يېڭىۋالغاندىكى ئىپادىسى بەكلا كۆرەڭ بولۇپ قالمىسا، چۈنكى سەمىمىيەتنىڭ موھىملىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز.:)

mewize يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 10:50:17

ئەسلى مەنبەنى كۆرۈپ چۈشنىپ  بولالمىدىم،ئەمما ماۋۇ تەرجىمە بەك ئىسىل  بوپتۇ،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!مەنمۇ دىئالوگدىكى مەزمۇننىڭ بىر قىسمىنى باشتىن كەچۈرۈپتىمەن،ئۇ چاغلاردا يېتەرلىك بىلىمگە ئېگە ئەمەسكەنمەن،ھە دەپلا  تۇرۇپتكەنمەن.
تېمىنى ئوقۇپ ھەقىقەتەن  بەك كۆپ ھاسىلاتقا  ئېرىشتىم،كۆڭلۈممۇ  يەنە بىر بالتاق  تەسكىن تاپتى،قىسقىسى  خوشال بولدۇم،كاللامۇ  خېلى ئېچىلدى
تېما  ئېگىسىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ،مۇشۇنداق ئەسەرلىرڭىز بىلەن داۋاملىق  تەمىن ئىتىپ  تۇرغايسىز !

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 13:45:22

سىزلەرنىڭ ئاشۇ پوپ-باستىرلىرىڭلار مانا مۇشۇنداق بىر ساختا بۇيۇمنى ياساپ چىقىپ پۈتۈن دۇنياغا ئائېئىزىمدىن ئىبارەت بۇ دىننىڭ راستلىقىنى، ئىنسانلارنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتتىن كەلگەنلىكىنى ئىشەندۈرمەكچى بولغان!

ماۋۇ جۈملىلەردە ئېغىر مەسىلە بار
بىرىنچىدىن : ئاتېئىزىم دەپ دىن يوق
ئىككىنچىدىن : ئاتېئىزىم دىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن پوپ باستېر دەيدىغان بىر نىمىسى يوق
ئۈچىنچىدىن :  خىرىستىئان دىنىنىڭ پوپ باستېرلىرى خۇدا يوق دەيدىغان گەپنى ھەرگىز قىلمايدۇ، بۇنى يازغۇچى خىرىستىئان دىنىنىمۇ تۈزۈك چۈشەنمەي تۇرۇپ دىن توغرىسىدا كالدىرلاپ يۈرۈپتۇ، دىمەك گەپ يورغىلىتىپ باققىنى بىلەن دىندىنمۇ ، پەندىنمۇ سەۋىيىسىز ، چالا ساۋات دىيىشكە بولىدۇ
تۆتىنچىدىن : دىنى ھېسياتىمىزنى ئارىلاشتۇرماي ئەقلىيلىك بىلەن ئوتتۇرىدا تۇرۇپ گەپ قىلساق ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيىلىك ئەخلەت ماقالە!

ماقۇل، پىروفېسسورنى يېڭىۋالغىنى بىلەن نىمە پايدىسى بار؟ دۇنيا قارىشى ئېتىقادى مۇكەممەل ئادەمنى مۇنازىرىدە يېڭىۋالسىڭىزمۇ ئۇ قارىشىنى ئۆزگەرتمىگىنىگە ئوخشاشلا بىر ئىش، مېنى بىر خىرىستىئان مۇنازىرىدە يېڭىۋالسىمۇ مەن ھەرگىز ئىسلامدىن يېنىپ خىرىستىئان دىنىغا كىرىپ كەتمىگىنىمگە ئوخشاش بىر ئىش....
بۇ ماقالە كىچىك بالىلارنىڭ ئۆزىنى خۇش قىلىپ ئوينىغىنىغا ئوخشاشلا بىر ئىش....

saktikin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 14:50:54

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 13:45:22 static/image/common/back.gif
سىزلەرنىڭ ئاشۇ پوپ-باستىرلىرىڭلار مانا مۇشۇ
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم ،  ئىلتەرىش،  مەزكۇر  ماقالىنىڭ  ھىچقانداق  بىر  يېرىدە    خېرىستىيان  دىنى  دېگەن  گەپ  ۋە  ياكى  خىرىستىيان  دىنىنىڭ  پوپ  باستىرلىرى  دېگەن  گەپ  يوقكەن،    دېيىلىۋاتقىنى  سىلەر  ساختا  پەنچىلەر  ئائىئىزىم  دېگەن  بىر  دىننى  ياساپ  چىقتىڭلار،  ئاندىن  شۇ  ئائىئىزىم  دىنىنىڭ  پوپ  باستىرلىرى……  دېگەن  گەپلەر  باركەن،  يەنى  ساختا  پەنچىلەر  بىلەن  مۇسۇلماننىڭ  مۇنازىرىسىكەن،   ھەرگىزمۇ  خىرىستىيان  دىنى    بىلەن  ئىسلام  دىنىنىڭ  ئەمەس .
نېمىشقا   ئاساسسىزلا،    سەۋەبسىزلا   ئاتىئىزىم  ۋە  ساختا  پەنچىلەرنى    خىرىستىيان    دىنىغا  باغلىۋىلىدىغانسىز؟

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 15:15:25

ئىلگىرى خەنزۇچىسىنى كۆرگەنتىم
ئەمدى تەرجىمىسىنى كۆردۈم
تەرجىمانغا رەھمەت، ياخشى چىقىپتۇ

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

anw8735 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 16:33:54

پىرافىسورنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى رىئاللىق،بىراق ساقاللىق ئوقۇغۇچى مۇسۇلماننىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى 10نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى چاينىلىپ كىلىۋاتقان ئەپسانە!!.

jilwe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 18:46:15

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 13:45 static/image/common/back.gif
سىزلەرنىڭ ئاشۇ پوپ-باستىرلىرىڭلار مانا مۇشۇنداق بىر س ...

1-دىن دېگەن گەپ يول دېگەن گەپ، ئاتئىزىممۇ ماھىيەت جەھەتتىن بىر دىن، ئاتئىزىمچىلار ياراتقۇچىنىڭ يوقلىقى دېگەن سەپسەتىگە ئېتىقاد قىلغۇچىلار.
2-پوپ باستېر دېگەن سۆزنى بۇيەردە كۆچمە مەنىدە يەنى ئاتئىزىمچىلارنىڭ يولباشچىسى دەپ چۈشەنسىڭىز تامامەن بولىدۇ.
3-تېمىدا خىرىستىيانلارنىڭ پوپلىرى تىلغا ئېلىنماپتىغۇ؟
4-دېمەك سىز تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەقلىي خۇلاسىلەرنى، سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئاتئىزىمچىلارنىڭ ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلىغانلىقىنى ھېس قىلماپسىزدە؟
‹دۇنيا قارىشى مۇكەممەل›دېگەن سۈپەت ئاتئىزىمچى ۋە دەھرىيلەرگە قەتئىي ماس كەلمەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدىكى سۆزلىرىڭىزنى ياخشىسى قايتۇرىۋىلىڭ.

jilwe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 18:48:20

anw8735 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 16:33 static/image/common/back.gif
پىرافىسورنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى رىئاللىق،بىراق ساق ...

پىروفىسسورنىڭ دېگىنى رىئاللىق بولسا قېنى ئىسپاتلاپ باقمامسەن؟

Ependi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 21:47:50

مەن ئوقۇپ كېلىپ ساقاللىق ئوقۇغۇچىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنىڭ باشلىنىشىدىن ئازراق ئوقۇپ بېقىپلا كەينىنى ئوقۇمىدىم .
چۈنكى بۇنداق ‹‹ خۇدا بارمۇ - يوقمۇ مەسىلىسى ››  ئىنسانىيەت پەلسەپە تارىخىدا 2000 يىلدىن ئارتۇقراق تالاش - تارتىش قىلىنغان مەسىلە . بۇ مەسىلىدە ھىچكىم ھىچكىمنى ئۇتالمايدۇ . شۇڭا بۇ جەھەتتىكى يېرىمياتا ، مۇكەممەل بولمىغان بىلىملىرىمگە ئاساسلانغاندا  ئىنسانىيەت يېقىنقى زامان پەلسەپىسىگە قەدەم قويغاندىن  كېيىن بۇ مەسىلىنى تالاش تارتىش قىلىشمايدىغان بولدى . يەنى پەيلاسوپلار ۋە ئالىملار بۇ مەسىلىنى قۇرۇق تالاش -تارتىش بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ بۇ مەسىلىنى ئىلىم - پەنگە تاپشۇرۇش كېرەك دەپ قاراۋاتىدۇ . يۇقارقى ھىكايە مېنىڭچە راست بولغان ھىكايە ئەمەس ، ئەگەر ئۇ راست بولسا بىر ئالىي مەكتەپنىڭ پىروفىسسورى بولغان ئادەم يىنىكلىك بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە تالاش تارتىش قىلمىغان بولاتتى .

ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقى مەسىلىسى مېنىڭچە بۇ بىر ئەقىل مەسىلىسى . بۇنى پەقەت ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەقىلنى ئىشلىتەلىگەن ئىنسانلارلا ۋە ئاللاھ ھىدايەت ئاتا قىلغان كىشىلەرلا ھىس قىلالايدۇ ۋە ئىشىنىدۇ .

مېنىڭچە ئىنسان ئاللاھنىڭ بار يوقلىقى مەسىلىسىنى  تالاشقان چاغدا سوغۇققانلىق بىلەن ئولتۇرۇپ ئۆز تېنىگە نەزەر سېلىشى كېرەك . چۈنكى شۇ كىشىنىڭ تېنىدە ئاللاھ ئاتا قىلغان سان - ساناقسىز  مۆجىزىلەر  تولۇپ يېتىپتۇ . بۇنى پەقەت ئويغاق ئەققىللا ھىس قىلالايدۇ . بۇنى چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز .

hakan18 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 08:12:43

بىزنىڭ دىيارىمىزدىمۇ ئۆتكەن يىلى مۇشۇنداق بىر مۇنازىرە پەيدا بولغانغۇ ؟ شۇ چاغدىمۇ ھەممە گۈناھنى ئىسلامغا ئارتىپ قويغان . ھەق گەپ قىلغان ئادەمنى تورمۇ تور تىللاپ سېسىتىۋەتكەن نادان ئۇيغۇر بىز .

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 08:14:03

   
      بۇنى تەرجىمە قىلغۇچى قېرىندىشىمىزغا كاتتا ئەجىرلەر نىسىپ بولغاي. بۇ ۋەقەنىڭ توقۇلما ياكى راست بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەمەلىيەتتە ئەشۇ پىروففىسسوردەك ۋە مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىدەك تەپەككۇر يۈرگۈزىدىغانلار ناھايتى كۆپتۇر.
      پىروففىسسورنىڭ چۈشەنچىسى ئەمەلىيەتتە ئادەم ئاتىمىز زامانىسىدىن باشلاپلا ئىبلىسنىڭ ئەگەشكۈچىللىرى تەرىپىدىن چاينىلىپ كېلىۋاتقان سەپسەتىدۇر.  ئاۋۇ ئوقۇغۇچىنىڭ پىكرىنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ پىكىرلىرىنى ئىنساپ بىلەن ئوقۇپ چۈشىنىپ باقماستىنلا، ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ قىياپىتى ۋە ئۇ تەۋە بولغان كاتىگورىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ماددىي مەرتىۋىسىگە قاراپلا ئالدىنئالا ئىنكار تامغىسىنى بېسىپ ئاندىن شۇ تامغىنى راستقا چىقىرىدىغان «چۈشەنچە»لىرىنى زورلاپ يېزىپ قويغان.

hakan18 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 08:18:06

پروفىسسورىڭىزنىڭ دېگەنلىرىنىڭ قىلچىلىك ئاساسى يوق . ئالدىنقى مەزگىللەردە پالاكەت باسسىلا مالايسىيەنىڭ ئايروپىلانى دەيدىغان بولىۋالغان خەنزۇلار، مەنمۇ ئاشۇ پىروفىسسوردەك نادانلارنى ئۈمۈت غەنى دەيدىغان بولىۋالدىم .

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 08:37:37

     ئەگەر مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىنىڭ پىكىرلىرىگە بەزىلەرنىڭ ئىچى ئاچچىق بولۇۋاتقان بولسا، ئاچچىقىنى ئىچىگە يۈتۈۋەرمەي ئۇ ئوقۇغۇچى ھەقىيقەت دەپ ئىسپاتلىغان كىتاپ(قۇرئان)نىڭ يالغانلىقىنى دادىللىق بىلەن، دەلىل ئىسپاتلار بىلەن قايىل قىلارلىق ھالدا بىر ئىسپاتلاپ بەرگەن بولسا ئىلگىركىدەك ئۇزۇن ئۇزۇن مۇنازىرىلەرمۇ جىممىدە بېسىققان بولاتتى. قېنى شۇنچىلىك جۈرئىتىڭلار بارمۇ؟ ئۇ غالىپ كىتاب ئوننەچچە ئەسىرلەردىن بېرى ۋە ھازىرمۇ  سىزلەردەك بىلىملىك كىشىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ تۇرۇپتۇ، يالغۇز كېلىشكە پېتىنالمىساڭلار بارلىق ياردەمچىلىرىڭلارنى چاقرىڭلار، پەقەت بولمىغاندا ئۇ كىتابنىڭ(ھەممە يېرىنى ئەمەس) بىرەر پارىسىنىڭ  يالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسەڭلارمۇ مەيلى!  (ھەرگىز ھەرگىز ئىسپاتلاپ بېرەلمەيسىلەر!)

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 08:39:21

saktikin يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 14:50 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم ،  ئىلتەرىش،  مەزكۇر  ماقالىنىڭ  ھى ...

بۇ بالىنىڭ گېپنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسىڭزلا بولدى. مۇسۇلمان توغرلىق گەپ چىقىپ قالسا مۇشۇنداق جۆيلۈيدىغان خۇيى بار. ئىزدىنىشتىكى ھەممىسى بىلىدۇ. خىرستىيان چىركاۋلارنى قوغداشقا مايىلراقچۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 08:46:26

مۇشۇنىمۇ كۆرەلمەيۋاتقاندەك تەسىرگە كەلتۈرۈپ قۇيۇشتىن ساقلىنايلى !!!

    بۇ تېما گەرچە ھەرخىل شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ ( مەيلى راست ۋەقە ، ياكى تۇقۇلما بولسۇن ) بىر كۈرۈپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ ...

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 08:59:42

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 08:37 static/image/common/back.gif
ئەگەر مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىنىڭ پىكىرلىرىگە بەزىلەرنىڭ  ...

ساقتۇ قارىم ، قىزىپ قالمىغانلا ؟
قۇرئاننى بىرەرسى يالغان دىمىگەندۇ بۇ يەردە ؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 09:12:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltersh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-28 09:13  

Typography يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 08:39 static/image/common/back.gif
بۇ بالىنىڭ گېپنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسىڭزلا بولدى. مۇسۇلم ...

توغرا دىدىڭىز

مەن ئېتىقادىمنى سىلەردەك بۇنداق يازمىلارنى ئوقۇپ چىڭىتىپ تۇرمىساممۇ بوشاپ قالمايدۇ،مەن بۇنداق نەرسىلەرگە ئېھتىياجىلق ئەمەس، مەن شۇنداق كۆزۈمنى ئېچىپ كۆرگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى،ماڭا مۇشۇلارنىڭ ئۆزى يېتەرلىك.
ھېلىقى پىروفېسسوردىن 100ى مېنى يېڭىۋالسىمۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر !
بۇنداق تۆۋەن سەۋىيىلىك ، ئۇقۇملار ئۇماچ قىلىۋېتىلگەن ئەخلەت ماقالە ئارقىلىق ساقاللىرىنى سىلاپ سۇبھاناللا ئېيتىشىپ ئىمانىنى يەنىمۇ چىڭىتىدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىمانىنى بىر ئويلىشىپ باققاي ، پىروفېسسورلار يېڭىۋالسا ئىمانى تەۋرەپ قالىدىغان ھەتتا دىندىن يېنىپ كېتىدىغانلار دەل مۇشۇنداق ئادەملەردىن چىقىدۇ!

Typography دوستۇم
مەن بالىغا  قالپاق كىيگۈزمىسەڭلا قانداق ، مەدەنىيەت ئىنقىلابى بولمىغاندىكىن ، قالپاق كىيگۈزۈشكە تەييار تۇرىدىكەنسىلە
ئىمان ئېتىقاد ھەممە ئادەمنىڭ ، ئاللاھ بىر كىمگە ھۆددىگە بەرمەپتىكەن ۋاكالەتچىلىكىنى........

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 10:41:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-28 11:09  

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 08:59 static/image/common/back.gif
ساقتۇ قارىم ، قىزىپ قالمىغانلا ؟
قۇرئاننى بىرەرسى يال ...

    ئىلتەرىش ئەپەندىم، سىز بۇ كىتابنى يالغان دەپ ئېغىزىڭىزدا دىمىگەن بىلەن 7-قەۋەتتىكى(anw8735 ) تورداش ساقاللىق ئوقۇغۇچى مۇسۇلماننىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى 10نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى چاينىلىپ كىلىۋاتقان ئەپسانە!!.دەپ ئېنىق دىدىغۇ. مەن يا سىز نەقىل ئالغان ئىنكاسىمدا ئىسمىڭىزنى ئاتاپ گەپ قىلمىغان تۇرسام سىز ئۆزىڭىزگە ئېلىۋالغاندەكلا تۇيۇلدىغۇ بۇ ئىنكاسىڭىز(ئەگەر راستىنلا ئۆزىڭىزگە ئېلىۋالغان بولسىڭىز سىزنىڭمۇ ئىچىڭىز ئاچچىق بولدى دىگەن گەپ ). سىزنى بىر خىرىستىيان ھەر قانچە قايىل قىلىۋەتسىمۇ يەنىلا ئىسلامدا چىڭ تۇرىدىغانلىق ئىرادىڭىزگە قايىلمەن!{:112:}   ئەمما « ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيىلىك ئەخلەت ماقالە!» دىگەن باھايىڭىز بىلەن «قۇرئاننى بىرەرسى يالغان دىمىگەندۇ بۇ يەردە ؟» دىگەن سۆزىڭىزنى ھەر قانداق قىلىپمۇ كېلىشتۈرگىلى بولمىدى.
بەت: [1] 2
: [ساكتېكىن]مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى بىلەن پروفىسسورنىڭ دېئالوگى(تەرجىمە)