tahlil يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 13:22:17

نەخ مال سودىسى قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلارغا خىتاپ

[ بۇ يازمىنى tahlil تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-11-26 13:29 ]\n\nيېقىندىن بۇيان مەن تۇنۇيدىغان ۋە رايۇنىمىز شىنجاڭ ئىچىدىكى بەزى نەخ ئالتۇن-كۈمۈشكە، ياۋرۇغا، پايلارغا مەبلەغ سالغۇچىلارمەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەبلىغىنىڭ پارتلاش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ مەبلىغىنىڭ يېرىمى قالغانلىقىنى، تەقلىدى سودا قىلسا نىمىشقا شۇنچە كۆپ پايدا چىقىپ، ھەقىقى سودا قىلسا نىمىشقا دائىم زىيان چىقىدىغانلىقى، بۇ سودىنى زادى قانداق قىلسا بىخەتەر پايدا ئالغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە مەندىن ياردەم سورىدى. بەلكىم مەندىن ياردەم تەلەپ قىلمىغان يەنە خېلىپ كۆپ دوستلىرىمىزمۇ شۇتاپتا قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرىۋاتقان بولىشى مۇمكىن. مەن بۇ مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ئويلىشىش،قايتا-قايتا تەھلىل قىلىش ئارقىلىق زىيان تارتىۋاتقان ياكى پايدا ئالالمايۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ دەل يىڭىدىن سودا سېپىمىزغا يىڭىدىن قۇشۇلغانلار، ياكى مەبلىغى ئاز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن مال سانى كۆپ، مەبلەغ بازارتەۋرىنىشىگە بەرداشلىق بىرەلمەسلىك سەۋەپتىن پارتلاش، سودا تارىخىغا خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ سودا تاكتىكىسى يوق مەبلەغ سالغۇچىلار ئىكەنلىكىنى، ئاز-تۇلا سودا تاكتىكىسى بارلارمۇ قالايمىقان سودا سانىنى ھەددىدىن زىيادە قىلىۋېتىش سەۋەپلىك ياكى تۈزۈكرەك بىرەر ئالتۇن-كۈمۈش، ياۋرۇ سودا تەھلىلچىسىگە ئىرىشەلمەسلىك،ياكى شۇنداق ياخشى تەھلىل يوللانغان تەھلىللەر تۇرۇقلۇقمۇ پايدىلانماي، ئۆزەم تاپقان پۇلغا ئۆزەم بىلىپ سودا قىلىمەن، سىنىڭ نىمە كارىڭ...دىگەندەك ئۆزى بىلگەنچە قالايمىقان سودا قىلىش سەۋەپتىن زىيان تارىتقانلىقىنى ۋە ياكى مىڭ تەستە يىغقان مەبلىغىنى بازار تەھلىل قىلىشنى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن، كۆرسەتكۈچلەرنى سىناق قىلىش ئۈچۈن ئۆزى بىلىپ بىلمەي قالايمىقان سودا قىلىپ قۇيۇش سەۋەپلىك بىھۇدە زىيان تارتىۋالىدىغانلىقىنى مۇجەسسەملەشتۈردۈم. شۇنىڭغا ئاساسەن مەن تۈۋەندە ئۆز تەجىربەمگە بىرلەشتۈرۈپ سەبداشلارغا ئىككى ئېغىز سۆزلىمەكچىمەن:
بىرىنجى: سىز يۇقاردا تىلغا ئالغان قايسى تۈردىكى مەغلۇپ بولغان مەبلەغ سالغۇچى بۇلۇڭ، چۇقۇم ئالدى بىلەن سىز نەخ مال سودىسىنىڭ خەۋىپ-خەتىرىنى ئاز تۇلا بىلىدىغانلاردىن سوراپ بىلىۋېلىڭ، ھەم بۇ خەۋىپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى چۇقۇم سوراپ بىلىۋېلىڭ~~~بولسا تەجىربىسى موللاردىن سورىسىڭىز تېخىمۇ ياخىشى.
ئىككىنجى: سىز ئىشىنىدىغان، مەبلەغ بىخەتەرلىكى ئىشەنچىلىك، ئىناۋەتكە ئالاھىدە ئىتىبار بىرىدىغان، مۇلازىمىتى ئەلا، تەھلىلچىلىرىنىڭ بازار تەھلىل قىلىش سەۋىيىسى يۇقۇرى،،، تەھلىلى دەل چىقىدىغان،،، مەسئۇلىيەتچان شىركەتنى تاللاڭ!
ئۈچۈنجى: سىز ھىساب ئاچقۇزۇپ بولغاندىن كىيىن مەبلەغ كىرگۈزۈشكە ئالدىراپ كەتمەي، ئەڭ ئاۋال سىزگە ھىساب ئېچىپ بەرگەن ۋاكالەتچىدىن مال ئېلىش، سېتىش، چۈشۈشكە ئېلىش، ئۈسۈشكە ئېلىش، زىيان-پايدىنى قانداق كونتىرول قىلىش مەشخۇلاتىنى پۇختا ئىگەللەپ بولغاندىن كىيىن يەنە مەخپى نۇمۇرنى قانداق ئۆزگەرتىش بىلىملىرىنى، مەبلەغ كىرگۈزۈش، مەبلەغ چىقىرىش مەشخۇلاتىنى پۇختا ئىگەللەڭ...
تۆتىنجى: مەبلەغ كىرگۈزۈڭ. ئادەتتە مەبلەغ ئاز بولسا مالنى مۇ ئاز ئېلىشقا توغرا كىلىدۇ، بەزىدە بۇ ئاز مەبلەغ بازارتەۋرىنىشىگە بەرداشلىق بىرەلمەي، بىھۇدە مەبلەغ پارتلايدۇ. شۇڭا، ئاز دىگەندىمۇ5000-4 دوللار مەبلەغ كىرگۈزەلمىسىڭىز بۇ سودىنى سىز ئەڭ ياخشىسى قىلمىغىنىڭىزتۈزۈك. مەبلەغ كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىيىنمۇ ھەقىقى سودىنى باشلاشقا ئالدىراپ كەتمەي، سىز تاللىغان شىركەتنىڭ تەھلىلچىلىرىنىڭ تەھلىلىدىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، شۇ تەھلىلچى يوللىغان تەھلىلدىكى تىلغا ئېلىنغان نوقتىلار يىتىپ كەلمىگۈچە چىداپ ئولتۇرۇپ بازار كۆزىتىشنى، شۇ نوقتىلارغا كەلگەندە ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي زىياننى تەھلىلچى تىلغا ئالغان نوقتىنىڭ 5 ياكى 10 نوقتا ئاستى - ئۈستىدە كونتىرول قىلغان ئاساستا مال ئېلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈڭ. مەسىلەن: تەھلىلچى 1340نىڭ ئۈستىدە زىياننى كونتىرول قىلىڭ، دىگەن بولسا سىز 1340 تىلا زىياننى كونتىرول قىلسىڭىز بۇ خاتا، بۇنداقتا بازار ئازراق ئاستىن-ئۈستۈن قالايمىقان تەۋرىنىپ قويغاندا مال ئېلىنغان يۈلىنىش توغرا بولسىمۇ، بىھۇدە سېتىلىپ كىتىدىغان ئىشلاركۆرىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، بىز بۇ بىھۇدە زىياننى تارتىۋالماسلىق ئۈچۈن 1345 ياكى1350 تە زىياننى كونتىرول قىلساق بىخەتەر بولىدۇ.
بەشىنجى: بۈگۈن تارتقان ياكى ئىلگىرى تارقان زىيانلىرىمنى بىر يولىلا قايتۇرۋالاي، بازاردىن ئۈچۈمنى ئېلىۋالاي دىگەن ئويدا سودا قىلىشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى: بازار جانسىز، ھەرقانچە زىيان تارتسىڭىزمۇ بازار«ئوھوي» دىمەيدۇ. پايدا ئېلىۋالغان ۋاقتىڭىزدا «ۋاييەي» دىمەيدۇ، بازار ھىسياتسىز، ئۇ سىزگە ھىسداشلىق قىلمايدۇ، بازار رەھىمسىز، مەبلىغىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغاندا ئۇسىزگە قايتا پۇرسەت بىرىپ: ئەمدى دىققەت قىل، پۇلۇڭنى قايتۇرۇپ بىرەي، دىمەيدۇ. شۇڭا دەيمەنكى، بازاردىن ئۆچ ئالىمەن، ئاچچىقىمدا تارتقان زىيىنىمنى قايتۇرۋالىمەن دىمەي، بىر قېتىملىق خاتا سودىڭىزنى ئىتىراپ قىلىپ، قايتا سودا پۇرسىتى كىلىشىنى كۈتۈڭ.
ئالتىنجى: توردا بىرقىسىم ئادەم ئالدايدىغان، قارىماققا ناھايتى توغرا چىقىدىغاندەك، ئۇ كۆرسەتكۈچنى پۇلغا سېتىۋېلىپ، شۇ كۆرسەتكۈچنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە سودا قىلغان ھامان ئارقىمۇ ئارقا خاتالىق چىقىدىغان، چوڭ چۈشۈشكە دۇچ كەلگەندىمۇ ئۈسۈشكە مال ئال دەپ كۆرسىتىپ تۇرىدىغان، بۇلۇپ بولغان ئىشلارنى ناھايتى توغرا دوكلات قىلىدىغان ئۇنداق كۆرسەتكۈچلەرنى تاشلىۋېتىڭ!
يەتتىنجى: سىز ئىشىنىپ تاللىغان شىركەتنىڭ تەھلىلچىسى بولغاندىكىن، شۇ تەھلىلچىنىڭ تەھلىلى بۇيىچە سودا مەشخۇلاتى ئېلىپ بېرىڭ. سودا تەھلىلى شۇنداق چۈشۈنۈشلۈك تۇرسىمۇ، بازار بىر نوقتا ئاستى-ئۈستىگە تەۋرىنىپ بولغۇچە دىلغۇلە بۇلۇپ، ئۈسۈشكە ئالايمۇ، چۈشۈشكىمۇ دەپ خالىغان ئادەمدىن سوراۋەرمەي سالماقلىق بىلەن، تەھلىلدە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان نوقتىلاردا مال ئېلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈڭ. بەك سورىمىسا بولمايدىغان يەرگە يەتتى دەپ قارىسىڭىز تەھلىلچىدىن سوراڭ!
سەككىزىنجى: ھېچقانداق تەجىربىسىزلا ياكى بىر قانچە كۈن «گۇا گۇا، ۋاي-ۋاي» دا دەرس ئاڭلاپلا، ئۆز ئالدىڭىزغا بازار «تەھلىل»قىلىپ مال ئالسىڭىز: بۇ دەل ئەمانىڭ ئايرىپىلان ھەيدەيمەن، دىگىنى بولماي نىمە؟ يىڭى بازارغا كىرگەنلەر بازار تەھلىل قىلىشنى ئۆگىنىش نىيىتىنىڭ بولغىنى ياخشى. لېكىن، ھەر بىر ئۆگەنگەن تېخنىكىلارنى ماس كەلمەيدىغان ۋاقىتتا ئىشلىتىپ، زىيان تارتىش ھىساۋىغا تېخنىكىنى سىناق قىلغىنىڭىز بولمىغىنى. مۇشۇنداق سىناق قىلىپ كۈنىگە 100دوللاردىن سىناق قىلسىڭىز، 20 كۈندە 2000 دوللارغا سىناق قىلىسىز، 200 كۈندە 20000دوللارغا سىناق قىلىسىز. بىر دوللار ھازىر تەخمىنەن 6.20 يۈۋەنگە تەڭ،،،قېنى سىزئويلاپ كۈرۈڭ،،،سىزنىڭ مەخسىتىڭىز پۇل تېپىشمۇ ياكى زورىغا زىيان تارتىشمۇ،،،مىنىڭچە سىز ئەڭ ياخشىسى تەھلىلچىلىكنى ئۆگىنىمەن دىمەي، ئاۋال تەھلىلچىنىڭ تەھلىلىگە ئاساسەن قانداق پۇل تېپىشنى ئۆگەنگىنىڭىز ياخشى. ئەگەر تەھلىلچىلىكنى ئۆگىنىش نىيىتىڭىز بولسا بۇمۇ تەس ئەمەس، بىر مەزگىل شۇ سىز تاللىغان تەھلىلچى توپتا بىۋاستە بازار تەھلىل قىلغاندا كۆپرەك سوراڭ، ئۇلاردىن كۆپرەك ئۆگىنىڭ~~~!!!
توققۇزىنجى: ئۆزىڭىزدە بازارغا نىسپەتەن سالماق خاراكتىر يىتىشتۈرۈڭ، بازارغا قالايمىقان كىرىپ قالمىسىڭىزلا پۇل تاپالايسىز. تەھلىلچىلەر تەھلىل يوللىمىغان ۋاقىتلاردا سىزمۇ تەھلىلچىلەر بىلەن بىرگە بازار كۆزۈتۈڭ ياكى دەم ئېلىڭ، ئەگەر تەھلىل يوللانسا مال ئېلىشقا ئالدىراپ كەتمەي، ماۋۇ تەھلىلچى زادى نىمە دەپتۇ، قانداق سودا قىلىش كىرەككەن، دىگەنلەرنى ئىنىق چۈشىنىۋېلىڭ، ھەم تەھلىلچى تىلغا ئالغان ئەڭ ياخشى مال ئېلىش باھاسىنى ساقلاڭ، زادى شۇ يەرگە يەتمىگۈچە بازارغا كىرمەڭ، يەتتىمۇ ئالدى كەينىڭىزگە قارىماي تەھلىلدە دىگىنى بۇيىچە مال ئېلىڭ، تەھلىلگە ئىشىنىڭ، چۈنكى بۇ تەھلىلچى ھەم بۇتەھلىلچىنىڭ تەھلىلى سىزنىڭ خېلى ئۇزۇن سىنىشىڭىزدىن ئۆتكەندە ئاندىن بۇتەھلىلچىنى تاللىدىڭىز ئەمەسمۇ...
ئونىنچى: ئەگەر سىزنىڭ قىلىۋاتقىنىڭىز ئوتتۇرا، ئوزاق مەزگىللىك سودابولمىسا سىز ئەڭ ياخشىسى، شۇ كۈنى ئالغان مالنى شۇ كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىۋېتىڭ، داۋاملىق ساقلاپ قۇيۇپ ياكى مالنى ئالدىن زاكاس قىلىۋېتىپ بىخارامان سىرتلاردا ئويناپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىڭىزدا بەلكىم بۇ مال پۈتۈن مەبلىغىڭىزنىڭ پارتلىشىغا سەۋەپچى بۇلىشى مۇمكىن. جىددى ئىشىڭىز چىققان ۋاقىتلاردا سودا قىلىش سىزگە ۋەزىپە ئەمەسقۇ، جىددى ئىشىڭىز تۈگىگەندە، ۋاقىت چىقىرالىغاندا ئاندىن قاراپ ئولتۇرۇپ سودا قىلمامسىز، مەبلىغىڭىزگە، سودىڭىزغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ!

ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازمىنىڭ كىلىش مەنبەسى: دىيارىم تاشقى پىرۋوت سودا تەھلىل تورى
                                                                        http://www.tahlil.cn

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 15:26:29

راسدىگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق، مەنمۇ باشتا شۇنداققىلغان،چىچىيەنگە چىدىماي باچىيەنگە چىدىغاندەك ئەھۋاللارمۇ بولغان، ئەڭ مۇھىمى پىسخىكا ۋە روھى جەھەتلەردىن ئۆزىنى كونتىرول قىلىشنى ئۆگىنۋىلىشى لازىمكەن، بەك ھاياجان بىلەن سودا قىلىش ئەڭ خەتەرلىككەن ، شۇڭا ئېغىر-بىسىق بۇلشىمىز لازىم.

tahlil يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 18:25:26

شۇنداق، توردا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەيلى قىممەتلىك مىتال سودىسى بولسۇن ، تاشقى پىرۋوت سودىسى بولسۇن ۋە ياكى پاي سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بىخەتەر سودا قىلىمەن دەيدىكەن چۇقۇم ئالدى بىلەن ئاساسى يۈلىنىشنى كۆزدە تۇتقان ھالدا بازارغا كىرىش ۋە زىياننى قايسى نوقتىلاردا كونتىرول قىلىشنى ئۆگۈنىۋېلىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا مەبلەغنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. زىياننى كونتىرول قىلىشنى بىلمىگەن ئادەم 9 قېتىم پايدا ئالغان بىلەن 10-قېتىمدا چوڭ بازار يۈزلىنىشىگە توغرا كەلگەندە بازارغا خاتا كىرىپ قالسا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە زىياننى قانداق كونتىرول قىلىشنى بىلمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئالغان پايدىسى ۋە مەبلىغىدىن بىراقلا ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولىشى مۇمكىن.
بەت: [1]
: نەخ مال سودىسى قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلارغا خىتاپ