ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 10:50:00

(ئۆزھال) ھايات مەرغۇلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozhal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-26 10:51  


ھايات مەرغۇلى

راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

ئىنسان ھاياتى ئۈزىنىڭ قەدىرلەشكە تىگىشلىك ئەجىر مىھنىتى بىلەن مەڭگۈلۈك قەدىر قىممەتكە ئىگە بۇلىدۇ ، دۇنيادا ئىككى خىل تىپتىكى ئىنسانلار بۇلىدۇ ، بىرى يول باشلىغۇچى، يەنە بىرى بولسا ئەرگەشكۇچى . دۇنيادا نام نىشانسىز ئۈلۈپ كەتكەن ئەسكەر ساناقسىز لىكىن يول باشلىغۇچى قۇمانداننىڭ سانى چەكلىك بولغىنىدەك دۇنيادا ھەر بىر ئىش ، كەسىپنىڭ باشلامچىسى بۇلۇپ ئۆچمەس ماياكتەك تارىخ بەتلىرىدە ئۈزىنىڭ يارقىن شولسىنى قالدۇرۇپ كىتىش بەكلا ئاز ھەم ئامەتلىك ئادەملەرگە نىسىپ بۇلۇپ كەلدى ،
ئۇيغۇر سەنئىتىدىمۇ يول باشلىغۇچى ۋە ئۈزىنىڭ كەسپى سەۋىيسى ئارقىلىق دۇنياۋى ئۆلچەمگە يىقىنلاشقان ئىسلاھاتچىلار ناھايىتى ئاز سانلىقنى ئىگەللەيدۇ .  
ئۇيغۇر سەنئىتىدە باشلامچى ۋە يول ئاچقۇچىلارنىڭ بىرى بولغان رابىيە مۇھەممەد خانىم ئۆزبىكلەرنىڭ ئۆز سەنئەتكارلىرىنى ئەزىزلەپ تەرىپلەيدىغان سۆزى بويىچە قىلىپ ئىيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان «بىتەكرار سەنئەتكار» لىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى . نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تىخى ئۆزىنىڭ ئىزىنى باسىدىغان بىر تۈركۈم سەنئەت نوتىلىرىنى تەربىيلەپ قاتارغا قېتىۋاتقان مەغرۇر ۋە مەردانە ھالىتىدىن مەڭگۈ ياشايدىغاندەك مەزمۇت كۆرۇنگەن رابىيە مۇھەممەد خانىم كېسەللىك سەۋەبىدىن بىز بىلەن ۋاقىتسىز ۋىدالاشقان بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ ئىيتقان ناخشىلىرى ئۈزىنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلغان ئەگەشكۈچىلىرى تەرىپىدىن  تېلېۋۇزۇرلاردا تەكرار – تەكرار نامايەن بۇلۇپ سەنئەت ساھەسىدە ئەڭ تەسىرى كۆچلۈك . ئەگەشكۈچىلىرى ئەڭ كۆپ ، ئوقۇغان ناخشىلىرىنىڭ خەلقىمىز ئىچىدە ئەڭ ئالقىشقا ئىگە بۈيۈك بىر سەنئەتكار ئىكەنلىگىنى قايتا – قايتا نامايەن قىلىپ بەرگەن چىغىدا بىز بۇ « بىتەكرار» سەنئەتكارىمىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالغانلىغىمىز ئۈچۈن كۆزىمىزگە ياش ئىلىپ مۇڭغا چۈمدۇق ، ئويلاندۇق ، ئازاپلاندۇق ، ئاخىرىدا بولسا بىز بۇ سەنئەتكارىمىزنىڭ ئەجىر مىھنەتلىرى بىلەن سەنئەت تارىخىمىزدا مەڭگۈ ئورۇن تۇتىدىغان قىممەتلىك ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئارىمىزدا مەڭگۈ ياشايدىغانلىغىنى ئېسىمىزگە ئىلىپ ئۈزىمىزگە تەسەللى بەردۇق .
ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە سەنئەتنىڭ بىخ تارتىشىدا ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىرەر ناخشا ياكى ناخشىچى بۇلىدۇ . مەن كىچىك چىغىمدا ئانام ئىتىزدا ئىشلىگەچ بەزى ناخشىلارنى بوش ئاۋازدا ئىيتقاچ ئەمگەك قىلاتتى،  مەن كىچىك بولغاچقا ئانام ياخشى كۆرىدىغان ئاشۇ ناخشىلارنى ئىيتقۇچىنىڭ رابىيە مۇھەممەد ئىكەنلىگىنى بىلمەيتتىم . كىين مەھەللىگە توك كىلىپ ئۆيلەردە تېلېۋۇزۇر پەيدا بولغاندىن كىين ئاندىن ئانامنىڭ رابىيە مۇھەممەد خانىمنىڭ مەستانىسى ئىكەنلىگىنى بىلدىم . ئانام ئامراق بۇ سەنئەتكارنىڭ ناخشىلىرى مىنىڭ باللىق ھىسياتىمغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەندى . بىزنىڭ مەھەللىنىڭ بىر چىتى چەكسىز كەتكەن ئىتىزلىق بولسا يەنە بىر تەرىپى قۇملۇققا تۇتىشىپ كىتەتتى . مەن ھەر قىتىم يولدىن ماڭغىچە پايانسىز قۇملۇققا قارىسام « كارۋان» ناخشىسىدا ئەكىس ئەتكەن مۇڭلۇق ھىسيات . لەرزان ، لىرىك ناخشا ساداسى مىڭەمنى ئىگەللەيتتى . مەن قۇملۇققا قاراپ قاتار كەتكەن كارۋان توپىنىڭ كولدۇرمىلىرىنىڭ ساداسىنى ئاڭلاۋاتقاندەك ھىسيات بىلەن ئاشۇ ناخشىنىڭ ئاھاڭىنى ئويلاپ ئۆز ئۈزۇمگە ئىرىپ كىتەتتىم ، نەچچە يىل ئۆتمەي دادام ئابدۇرىھىم ئەھمىدىنىڭ ناخشىلىرى بار ئۇنئالغۇ لېنتسنى ئۇنئالغۇ بىلەن قوشۇپ ئىلىپ كەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بىز  ئائىلە بويىچە ياخشى كۆرىدىغان سەنئەتكار ئىككى بولدى . ئابدۇرىھىم ئەخمىدى بىلەن رابىيە مۇھەممەد خانىمنىڭ ناخشىلىرى  ئىغىر سۈكۈتكە چۈمگەن سەھرا ھاياتىغا مەنىۋى زوق ئاتا قىلاتتى . بىزنىڭ ئىشتىن چارچاپ ئارام ئالغاچ ئاڭلايدىغان ئاشۇ ناخشىلارنى مىڭ قېتىملاپ ئاڭلىغىنىمىز ئېسىمدە يوق ، لىكىن ھەر قېتىم ئاڭلىسام  ئوخشىمايدىغان يىڭى ھىسيات ئاتا قىلىدىغان ئاشۇ ناخشىلاردىن «زىرىكىش» دىگەن تۇيغۇنى ھىس قىلمىغاندىم ، ئاكام ئىككىمىز مەكتەپتىن يىنىپ پادا باققاچ ئاشۇ ناخشىلارنى دوراپ ئىيتىپ يۇرۇپ ئاخىرى سەنئەت بىغىغا قوشولۇپ قالىدىغانلىغىمىزنى قىياسمۇ قىلماستىن مەشىق قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى پەلەك تەقدىر مىنىمۇ ئاشۇ بۈيۈك سەنئەتكارلار خىزمەت قىلىدىغان بىر ئىدارىغا ئەكىلىپ تاشلىدى . ئەگەر ئاشۇ ناخشىلار بىزنىڭ باللىق قەلبىمىزگە تەسىر كۆرسەتمىگەن بولسا بىز باشقا قىرىنداشلارغا ئوخشاش « ئەتىيازدا تېرىپ ، كۆزدە ئورۇپ يېغىش» تەك تەكرارلىققا مەھكۇم بولغان دىھقانچىلىقنىڭ تۈگىمەس قايتىلىنىشى ئاستىدا تۇرمۇش كەچۇرگەن بۇلاتتۇق دەپ ئويلاپ كىتىمەن .
مەن ناخشا كەسپىگە مۇھەببەت باغلاپ مەشىق قىلىپ ، قوشۇمچە ساز چىلىشنى ئۈگۈنۈش ئارقىلىق ئالدى بىلەن قەشقەر سەنئەت مەكتەپنىڭ ناخشا كەسپىگە قۇبۇل قىلىندىم ، بىر يىلدىن كىين مەركىزى تىياتىر ئىنىستۇتىغا قۇبۇل قىلىندىم . بىز ئوپىرا ئۆمەككە مەخسۇس تەربىيلەنگەن بىر سىنىپ ئوقۇغۇچى بولغاچقا ناخشا دەرسىدە تەلەپ بەك چىڭ قويۇلاتتى . مەن بىر تەرەپتىن خەنزۇچە ناخشىلارنى ئۈگەنگەچ يەنە باللىغىمىدا ماڭا تەسىر كۆرسەتكەن ئاشۇ ناخشىلارنى ئىچىمدە ئىيتاتتىم . شۇنداق قىلىپ ئوقۇپ، خىزمەتكە چىقىپ ، ھايىت ھۇيىت دەپ بولغىچە 25 يىل ئۆتۈپ كەتتى . بىزمۇ ئۇيغۇر خەلىقنىڭ سەنئىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش جەھەتلەردە ئويلىنىپ ئىجادى ئەمگەكلىرىمىز ئارقىلىق ئاز تولا ئىش قىلىۋاتقان چىغىمىزدا ئاندىن ئارقىمىزغا ئۆرۈلۈپ قاراپ ئىش قىلىشنىڭ قىينلىغىنى . سەنئەتكار ئاتالماقنىڭ تولىمۇ مۈشكۈل ئىكەنلگىنى . ئەرگەشكۈچى بۇلامدۇق ياكى باشلامچىمۇ ؟ دىگەن مەسىللەر ئۈستىدە ئويلانغان چىغىمىدا  ئاندىن رابىيە مۇھەممەد خانىمنىڭ مەن سەھرادا چىغىمىدىكى يۈكسەك ئورنى يەنە نەچچە ھەسسە يۈكسەكتە كۆرۇندى . ئەمدى مەن باللىق ھىسياتىم بىلەن ئەمەس ھەقىقى سەنئەتكارغا خاس بىر كۆز بىلەن رابىيە مۇھەممەدنىڭ ئىش ئىزلىرىغا قايتا نەزەر سالغاندىن كىين ئۇنىڭ قەدىر قىممىتىنى ۋە باسقان يوللىرىدىكى خىزمەتلىرىنى ھىس قىلىپ يىتىپ ئۇنىڭ مەن ئويلىغاندىنمۇ نەچچە ھەسسە ئېسىل مەنىۋى ئەمگەكلەرنى قىلغانلىغىنى ئويلاپ يەتكەندە رابىيە مۇھەممەد ئاللىقاچان بىز بىلەن ۋىدالاشقان ئىدى .
مەن ھەسرەت ۋە ئۆرتىنىش ئىچىدە بۈگۈنكىدەك ئازاپلىق ھىسياتتا قالارمەن دەپ ئويلىمىغان ئىكەنمەن ، بولمىسا سەمىمى ھىسياتىمنى ئۆزىگە بىر دەۋالغان بولسام قانچىلىك ياخشى بۇلار ئىدى دىگەن تۇيغۇدا ئولتۇرۇپ ئاخىرى ئارمان بىلەن تۈگەللەنگەن بۇ تۇيغۇلىرىمنى ئوقۇرمەن دوسلار بىلەن ئورتاقلىشىش قارارىغا كىلىپ قەلەم تەۋىرىتىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
ئۇيغۇر خەلقى رابىيە مۇھەممەد خانىمنىڭ ناخشىلىرىنى نىمىشقا شۇ قەدەر ياخشى كۆرىدۇ ؟ دەپ تالاي قېتىم ئويلاندىم . رابىيە مۇھەممەد ئالدى بىلەن مۇشۇ كەسىپتە سېسىتىملىق تەربىيلەنگەن ئۇستازلارنىڭ بىرى بۇلۇپ دۇنياغا مەشھۇر سەنئەت ئوچاقلىرىنىڭ بىرى بولغان شاڭخەي موزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى . ئۇنىڭ تەبىئى تالانتى بىلەن توغرا ئۇسۇلدا يىتەكلەشكە ئىرىشكەنلىگىدەك ئەمەلىيەت ئۇنىڭ كىينكى كەسپى تەقدىرىنى بەلگىلىگەن بولسا رابىيە مۇھەممەد ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىين چۇڭقۇر ئىزدىنىش ئىچىدە ياۋرۇپا ئۇسلۇبتىكى « گۈزەل ئاۋاز» نى قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر ناخشىچىلىغى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغىلى بۇلىدۇ دىگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق ئاخىرىدا ياۋرۇپاچە ناخشا ئىيتىش ئۇسلۇبى بىلەن ئۇيغۇرچە ناخشا ئىيتىشنى بىرىكتۇرۇش ئارقىلىق ياۋرۇپا بىلەن ئۇيغۇر ناخشىچىلىغنىڭ كسىشىكەن نوقتىسدا تۇرۇپ ناخشىچىلىق تاجىنى كىيىش ئارقىلىق ھەقىقى « رابىيە مۇھەممەت » ئۇسلۇبىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . بۇ خىل بىرلەشتۇرۇش دىمەككە ئاسان بولغان بىلەن سەھنىگە چىقىپ بىر ناخشىنى باشتىن ئاياق تولۇق ئىيتىش ئۈچۈن كىتىدىغان ئىزدىنىش . تىرىشچانلىق ۋە تەتقىقات ھەرگىزمۇ سەل چاغلايدىغان ، ئاسان ھەل قىلغىلى بۇلىدىغان ئاددى ئىش ئەمەس . مانا ئەللىك يىلدىن بىرى مەركىزى موزىكا ئىنستىتۇتى ، شاڭخەت موزىكا ئىنىستىتۇتى ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدىن ئىبارەت مەرىپەت ئوچاقلىرى ئۇيغۇر جەميىتىگە يۈزلىگەن ناخشىچىلارنى« گۈزەل ئاۋاز » كەسپى بويىچە تەربىيلەپ بەردى . ئەمما رابىيە مۇھەممەدكە ئوخشاش مىللىك بىلەن ئىلمىلىكنى توغرا ھەل قىلىپ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقانلار يوق دىيەرلىك .
رابىيە مۇھەممەد ياراتقان پەللە ھەرگىزمۇ بىز يۈزەكى جەھەتتىنلا باھا بىرىپ ئالدىراپ،  سالدىراپ ئۆتۈپ كىتىدىغان پەللە ئەمەسلىگىنى بىز قايتا قايتا ھىس قىلماقتىمىز ،
مەن بۇنىڭدىن تۆت يىل بۇرۇن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ ئالدىدا « ئۆزھال سەنئەت كارىدۇرى » نى ئاچقان بۇلۇپ سەنئەتكە ھىرىسىمەنلىگىم ئاخىرى مىنى مۇشۇنداق بىر چالغۇ ئەسۋاپ ۋە ناخشا موزىكا ئامبىرىنى قۇرۇشقا ھەيدەكچى بولغاندى . مەن 20 يىلدىن بىرى يىغىپ ساقلىغان ناخشا موزىكىلاردىن خەلقىمىزنىمۇ بەھرىمەن قىلىش مەخسىدىدە ئاچقان بۇ دۇكان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ۋە سەنئەت ھىرىسمەنلىرىنىڭ ۋاقىت بولسىلا يوقلاپ ئۆتىدىغان ئاۋات بىر ماكانىغا ئايلىنىپ قالدى .
مەندە ئابدۇرىھىم ئەخمىدى . مۇساجان روھى ، داۋۇتجان ناسىر . ئايشەم قىييۇم ، پاشا ئىشان ، رىسالەت ھاپىز ، ئابدۇرىھىم ھىيىت قاتارلىق تەۋەرۈك سەنئەتكارلىرىنىڭ بۇرۇنقى ناخشىلىرى بار ئىدى . لىكىن ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئىزدەيدىغان ناخشىچىنىڭ ناخشىسى رابىيە مۇھەممەد ئىدى . ئەللەي بالام ، كارۋان ناخشىسى . تەڭرىتاغ قارغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش ، كۆركەم تەڭرى تاغلىرى ، ئەزىم دەريا ، سىياھ بولسا ، زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار ، ئەسمەرەم ، شىرىن جان ، ئالمىچى ئانارىڭ . دىگەندەك ناخشىلار بۇلۇپ ھەتتا بەزى بىر پىشقەدەملەر مەندىن رابىيە مۇھەممەد ئىيتقان تاتارچە ناخشىلار بارمۇ ؟ ياكى ھىندىستانچە ئىيتقان رىتا ناخشىسى بارمۇ دەپ سورايتتى . مەندە باشقا ناخشىچىلارنىڭ ناخشىلىرى تولۇق بولسىمۇ لىكىن رابىيە مۇھەممەدنىڭ بىرمۇ ناخشىسى يوق ئىدى . ھەتتا باشقىلار دەۋاتقان نۇرغۇن ناخشىلارنى ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقمىغان بولغاچقا نىمە دىيشنى بىلمەي تۇرۇپ قالاتتىم ، شۇڭا ئامالسىز قىلىپ موھىم لازىمتى دەپ ئىزدىگەنلەرنى كىين تىپىپ قوياي دەپ يولغا سالاتتىم . مەن دۇكاننى ئاچقان تۆت يىل جەريانىدا « رابىيە مۇھەممەد ناخشىلىرى » قىينچىلىغىنى تارتىپ كەلدىم . شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ رابىيە مۇھەممەد ناخشىلىرىنى ئىزدەش قىزغىنلىغىنى كۆرۈپ بىر تۇرۇپ ھاياجانلانسام يەنە بىر تۇرۇپ يەنە ئويلىناتتىم .
خەلقىمىز رابىيە مۇھەممەدنىڭ ناخشىلىرىنى نىمىشقا شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدۇ ؟ سەۋەپ نىمە ؟ بۇ ھەقتە تىخىمۇ ئىزدىنىشىم كىرەكلىگىنى تونۇپ يەتكەنسىرى سەنئەتكارنىڭ قەلبىمدىكى ئورنى تىخىمۇ يۇقۇرلاپ باراتتى  
ئالدىنقى يىلى « يىڭى ناۋا » پىرگىراممىسى يولغا قويۇلغاندىن كىين مەن « يىڭى ناۋا » پىرگىراممىسىنىڭ رىجسۇرلىرىنىڭ بىرى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن رىجسۇرلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئالدىم ، بۇ پىرگىرامما جەمىيەتتىكى كەسپى ھەم كەسپى ناخشىچى بولمىغان بىر تۈركۈم ناخشا ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن يىڭى بىر سەھنە ھازىرلاپ خەلقىمىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نادىر پىرگىراممىغا ئايلىنىشىدا ئۆمىت زور ئىدى . مۇسابىقە شەكلىنى ئالغان بۇ كۆڭۈل ئېچىش پىرگىراممىسى باشلانغاندىن كىين بارلىق رىجسۇرلار مۇنداق بىر باش قېتىنچىلىغغا دۇچ كەلدى .
ناۋاغا قاتناشقان ئايال ماھىرلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن دىگىدەك « كارۋان ناخشىسى » بىلەن « كۆركەم تەڭرى تاغلىرى » نى ئىلىپ كىلەتتى ، بىز ماھىرلارنى ئەسكەرتىپ بۇ ناخشا بەك قايتىلىنىپ كەتتى ، باشقا ناخشا تاللاڭ دەپ چىڭ تۇراتتۇق . بەزىلىرى ماقۇل دەيتتى لىكىن بەزىلىرى  شاللىنىپ كەتسەممۇ مۇشۇ ناخشىنى بىر ئىيتىۋالاي دەپ بىز بىلەن مۇرەسسە قىلاتتى . ئاخىرى ۋەسلىۋود شىركىتى ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار بۇ باش قىتىنچلىغىنى ھەل قىلالماي نىمە دىگەن تولا « كارۋان ناخشىسى »  نىمە دىگەن تولا « كۆركەم تەڭرى تاغلىرى » بۇ ؟ بۇ ناخشىچىلار بۇ ئىككى ناخشىدىن باشقا ناخشىنى بىلمەمدىكەن ؟ رىجسۇرلار دىققەت قىلىڭلار . بۇ ئىككى ناخشا ئەمدى قايتىلانمىسۇن دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەندە مەن كۈلۈپ تاشلىدىم ، « رابىيە مۇھەممەد » غەلبە قىلغاندى . ئۇنىڭ خەلىق قەلبىدىكى تەسىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايتتى . دىمىسمۇ بىر پىرگىراممىدا يىل بويى ئىككى ناخشا ئىيتىلىۋەرسە ياخشى بولمايتتى . بىز دەل مۇشۇ زىددىيەت ئىچىدە تۇرغان چىغىمىزدا مەن مەسئۇل سانغا خوتەندىن 50 ياشتىن ئاشقان بىر ھەدىمىز قاتناشقىلى كەلدى . ئۇنىڭ ئىلىپ كەلگەن ناخشىلىرى ئىچىدە « كۆركەم تەڭرى تاغلىرى » بار ئىدى . مەن ئۇ ئايالغان چۈشەندۇرۇپ بۇ ناخشا بەك قايتىلىنىپ كەتتى ، باشقا ناخشا تاللاڭ دىسەم ئۇ ھەدىمىز شۇ ھامان كۆزلىرىگە مۆللىدە ياش ئىلىپ تۇرۇپ ، ئۇكام . مەن خوتەندىن مۇشۇ بىر ناخشىنى ئىيتىۋالاي دەپ كەلگەن بۇ ناخشىنى ئوقۇغۇلى قويمىساڭلا قانداق كەلگەن بولسام شۇ پىتى قايتىپ كىتەي دىدى . مەن تەڭلىكتە قىلىپ باشقا خىزمەتداشلار بىلەن مەسلىھەت قىلىشىش ئارقىلىق ئۇ ناخشىنى ئىيتىشقا روخسەت قىلدۇق . ئۇ ھەدىمىز ناخشىنى دىگەندەك ياخشى ئىيتالمىغان بولسىمۇ ھەر ھالدا يامان ئەمەس ئىيتتى . ئۇ ناخشىسىنى ئىيتىپ بولغاندىن كىين سۆز قىلىپ ، مەن كىچىگىمدىن تارتىپ رابىيە مۇھەممەتنىڭ ناخشىلىرىنى ئىيتىپ چوڭ بولغان ، بۇگۈن مۇشۇ سەھنىگىمۇ مۇشۇ ناخشىنى ئىيتىمەن دەپ چىققان ، مەن بۈگۈن مۇرادىمغا يەتتىم . مۇشۇ باھانىدە مەن رابىيە مۇھەممەد ئۇستازىمغا چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر ئىيتىمەن . خانىم سالامەت بولسۇن ، ئۆمىرى ئۇزۇن بولسۇن . مۇشۇ ناخشا ئارقىلىق سەھنىگە چىقىپ رابىيە مۇھەممەتكە ھۆرمىتىمنى بىلدۇرۋىلىش مىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئىدى دەپ گىپىنى تۈگەتتى . سەھنە بىر دەم سۈكۈتكە پاتقاندىن كىين تاماششبىنلارنىڭ ئالقىش سادالىرى زالنى بىر ئالدى . مىنىڭ كۆڭلۈمدە نىمىنى ئويلاۋاتقانلىغىمىنى ئۈزۈمدىن باشقا ھىچكىم بىلمەيتتى .
مۇشۇ ئارلىقتا مەن خىزمەت ئىشى بىلەن باشقا شەھەرگە كېتىپ بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت تۇرۇپ قايتىپ كەلدىم ، قايتىپ كىلىپ ئاڭلسام ئۈزۈمزار رىستۇرانىدا « رابىيە مۇھەممەد » نىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش، شۇنداقلا « كارۋان ناخشىسى » نامىلىق ناخشا تكېسىتلىرى بىلەن نوتىلىرى بىرىلگەن كىتاپ ھەم بارلىق جەۋھەر ناخشىلىرىدىن تۇزۇلگەن بىر تال CD پىلاستىنكسىنى نەشىر قىلىپ تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپتۇ . ھاياتىمىدا چوڭ بىلىپ، ئۇلۇغلىغان ئۇستازنىڭ مۇشۇنداق بىر پائالىيىتىگە قاتنىشالمىغانلىغىم ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىپ تۇرغان شۇ كۈنلەردە تېلېفۇنۇمغا ئوت كەتتى .تېلېفۇن ئۇچۇرى  ، ئۈندىدار ، ئىللىكتىرۇنلۇق خەت ساندۇقىغا ئۇچۇر كىلىۋاتاتتى، ئۇچۇر يوللاۋاتقانلار ۋە تېلېفۇن قىلىۋاتقانلار چەتئەلدىكى سەنئەت مۇخلىسىلىرى بىلەن رابىيە مۇھەممەدنى ياخشى كۆرىدىغان ھەۋەسكارلار بۇلۇپ ئۇلار مەندىن « كارۋان ناخشىسى » توپلىمىنى نەدىن تاپىمىز ؟ سىز سەنئەت ساھەسىدە بولغاندىن كىين چوقۇم بىلىسىز . ماڭا شۇ توپلام لازىم ئىدى ، ئۇچۇر بەرگەن بولسڭىز دەپ سورايتتى . بۇلارنىڭ ئىچىدە يىغىپ ساقلىغۇچىلار . ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ موزىكا ئوقۇتقۇچىلىرى . سەنئەت ئۆمەكنىڭ كەسپى ناخشىچى ھەم موزىكانىتلىرى ، كومپوزىتۇرلار . موزىكا تەتقىقاتچىلىرى بۇلۇپ ھەر ساھەدىكى زاتلار ئىدى . مەن رابىيە مۇھەممەدنىڭ چوڭ ئوغلى . ئاكا ئاغىنەم جۇرئەت سەيپۇلنى بۇ ئىش ئۈچۈن ئاۋارە قىلىشنى خالىماي بىرەر پۈرسەتتە ئۇدۇل كىلىپ قالسا يۈز تۇرانە سورارمەن دەپ ئويلاپ يۈرگەن بىر ۋاقىتتا رابىيە مۇھەممەد خانىم بۇ دۇنيا بىلەن ۋاقىتسىز ۋىدالاشتى دىگەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ،
ئۇستاز كەتكەندى . نۇرغۇنلىغان قەلىبلەرنى ئۆزىنىڭ ئوتلۇق سادالىرى بىلەن زىلزىلىگە سالغان ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە مەنىۋى ئۇستاز ۋە مەنىۋى باشلامچى بۇلۇپ، قەلبىگە سەنئەت ئۇرۇغىنىڭ بىخ تارتىشىغا سەۋەپچى بۇلۇش ئارقىلىق گۈدەك قەلبىلەرنىڭ« سەنئەتكار» لىق قەدىمىنى ئىلىشى ئۈچۈن مەنىۋى ئىلھام بولغان بۇ بۈيۈك سەنئەتكار ئارىمىزدىن كەتكەندى .
ئۇنىڭ بۇلاق سۈيىدەك پاكىز ۋە يىقىملىق ،  كارۋان كولدۇرمىلىرىدەك جاراڭلىق ئاۋازىنى ئۆز ئاۋازىدىن ئاڭلاش ئەمدى بىزگە نىسىپ بولمايتتى . مەن ئازاپ ئىچىدە باللىغىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان 30 نەچچە يىللىق جەرياننى ئەسلىدىم . قەلبىم ئازاپتىن مۇجۇلدى . بىراق كۆز يىشى ۋە ھەسرەتتىن بەكرەك ماڭا تەسەللى بىرىدىغان مەنىۋى كۈچ مەۋجۇت ئىدى ، ئۇ ئۈزى كەتسىمۇ لىكىن بۇ تۇپراققا ئۆزىنىڭ يىلتىزىنى قارغاي كەبى چۇڭقۇر ھەم كەڭلىككە ئىگە قىلىپ قويۇپ ئاندىن كەتكەندى . ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى يىغلاپ تۇرۇپ . يىلىنىپ تۇرۇپ « كارۋان ناخشىسى » بىلەن « كۆركەم تەڭرى تاغلىرى » ئىيتىشنى مەڭگۇ داۋاملاشتۇراتتى . بىزدە ئىجادكار شۇنچىلىك كۆپ . خەلىق ناخشىلىرى شۇنچىلىك كۆپ . ناخشىچى شۈنچىلىك كۆپ ، ئەمما رابىيە مەھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئىيتقان ناخشىلىرىدەك ئادەمنىڭ قەلبىنىڭ قات قېتىغىچە سىڭىپ كىتىدىغان،  دەۋىر تەۋەلىگىدىن ھالقىپ . ياش پاسىلىدىن ھالقىپ ئۈزۈلمەس كۆيلەرگە ئايلانغان كۈي ھەم ناخشىچى كۆپ ئەمەس ئىدى ، ئاشۇ ناخشىلار ئىجاد قىلىنغاندىن كىينمۇ يەنە نۇرغۇن ناخشىلار ئىجاد قىلىندى . نۇرغۇن ناخشىچىلار سەپكە قېتىلدى . لىكىن ئۇنداق ئاۋاز بىلەن ئۇنداق ناخشىچىنى بىز نەدىن تاپىمىز ؟ مەن  ماڭا مەنىۋى ئۇستاز بولۇپ مىنىڭ سەنئەت ساھەسىگە قەدەم قويۇشۇمدا باشلامچى بولغان قەدىردان ناخشىچىغا ئەلۋىدا دەپ ئېچىمدە دۇئا قىلدىم ، ئۇنىڭ كەسپى جەھەتتىكى ئەمەلى نەتجىلىرى . ئەھمىيەتلىك ھاياتىنى كۆز ئالدىمدىكى رىئاللىق سۆزلەپ تۇرۇپتۇ ، مەن بۇ كەمتۇك تىلىم بىلەن يەنە نىمىلەرنى دەي ؟ نىمىلەرنى دىيشىم مۆمكىن ؟ بەزى بۈيۈك ئىختىرالارغا تەسۋىر ئاجىزلىق قىلىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا ئىنساننىڭ قولىدىن بىردىن بىر كىلىدىغىنى ئاشۇ مىھنەت ئىگىلىرىگە سەمىمى ئىھتىرام بىلدۇرۇش خالاس .
رابىيە مۇھەممەد ئەللىك يىللىق سەنئەت ھاياتىدا ئۆزىنىڭ كەسپىدە يۈكسەك پەللە ياراتقاندىن سىرىت يەنە رەھبەرلىك خىزمىتنىمۇ تەڭ ئىلىپ مىڭىپ ، ئارامغا چىققاندىن كىين يەنە تىنىم تاپماي ياش غۇنچىلارنى تەربىيلەپ قاتارغا قىتىش جەھەتتە ئۇيغۇر جەمىيىتىدە مىسىلسىز تەسىرگە ئىگە بولدى . ئوقۇغۇچىلار تەلەپچان ئۇستازنىڭ قولىدا مۇنتىزىم كەسپى تەربىيە ئالغاندىن كىين  بەزىلىرى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۆمەكلەردە قىلىپ غۇللۇق ناخشىچىلارغا ئايلانسا بەزىلىرى ۋىلايەت – ناھىيلىك ئۆمەكلەردە خىزمەت قىلىپ ئۇيغۇر سەنئەت غەزىنىسىنى بىيتىشتا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشماقتا ، ئاتنىڭ ئىزىنى تاي باسىدۇ دىگەندەك ئۈزىنىڭ ھىسيات تۇيغۇسىنى ، كەسپى ماھارىتىنى مىڭغا بۆلۈپ چىچىۋەتكەن ھارماس ۋە تەلەپچان ئۇستازنىڭ ھايات مەرغۇلى مەڭگۇ داۋام ئېتىپ ئۆزىگە خاتىرجەملىك تىلەش بىلەن بىرگە ئائلىسىدىكى پەرزەنىتلىرىگە بەخىت سائادەت . خاتىرجەملىك تىلەش بىلەن بىرگە ئاشۇ ناخشىلارنىڭ تېكستىنى يازغان مۇھەممەد ئىلى زۇنۇن ، مۇھەممەت روزى يارقىن ۋە بۇ ناخشىلارنىڭ موزىكا ئىجاتچىسى ، زامانىمىزدىكى مەشھۇر كومپازىتۇر ئابدۇرىشىت توختى ئەپەندىگە سەمىمى رەھمتىمىزنى ۋە ھۆرمەت ، ئىھتىرامىمىزنى بىلدۇرىمىز . كەتكەنلەرنىڭ روھى خاتىرجەم بولغاي . ھاياتلار سالامەت ، ئىشلىرى ئۇتۇغلۇق ، ئائىلىسى بەخىت سائادەتكە تولغاي .        

            
      
بۇ ماقالە « شىنجاڭ ياشلىرى » ژۇرنىلىنىڭ 2014- يىللىق 8- سانىدا ئىلان قىلىنغان

faxist يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 11:52:24

   مەن باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاختىمدا مەكتەپتە ئۇيۇشتۇرغان بىر قىتىملىق پائالىيەتتە بىزنىڭ سىنىپتىكى بىر قىز ‹‹كۆركەم تەڭرى تاغلىرى ›› دىگەن ناخشىنى يۇمران ئاۋازى بىلەن شۇنداق ياخشى ئيتقان ئېدى. بۇ 99-يىللىرى بولسا كىرەك . ئۇ ۋاختىدا كۆپ نەرسىلەرنى ئويلىماپتىكەنمەن .
        ھازىر ئويلاپ باقسام رابىيە مۇھەممەت خانىمنىڭ ناخشىلرنىڭ بىزگە بولغان تەسىرى بىزنىڭ تەسەۋۇرىمىزدىن كۆپ ھالقىپ كىتىپتۇ.   ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قەلىپ تورىمىزدىكى ئەڭ سۆيۇملۇك سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ بىرى.

faxist يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 11:52:27

   مەن باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاختىمدا مەكتەپتە ئۇيۇشتۇرغان بىر قىتىملىق پائالىيەتتە بىزنىڭ سىنىپتىكى بىر قىز ‹‹كۆركەم تەڭرى تاغلىرى ›› دىگەن ناخشىنى يۇمران ئاۋازى بىلەن شۇنداق ياخشى ئيتقان ئېدى. بۇ 99-يىللىرى بولسا كىرەك . ئۇ ۋاختىدا كۆپ نەرسىلەرنى ئويلىماپتىكەنمەن .
        ھازىر ئويلاپ باقسام رابىيە مۇھەممەت خانىمنىڭ ناخشىلرنىڭ بىزگە بولغان تەسىرى بىزنىڭ تەسەۋۇرىمىزدىن كۆپ ھالقىپ كىتىپتۇ.   ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قەلىپ تورىمىزدىكى ئەڭ سۆيۇملۇك سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ بىرى.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 20:07:12

ياخشى يېزىپسىز ،

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 22:43:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   chataxchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-26 22:47  

بۇرۇن تەمبۇر ئۈگەنگەندە  كۆركەم تەڭرى تاغلىرى  دىگەن بۇ ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى بەك سۈيۈپ ئۈگەنگەنتىم،  
ھەراس ،كىمدە ھۈسەنجان جامىنىڭ چالغان ، ئەجەم ، كورت  قاتارلىق مۇزىكىسى بار ؟

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 22:04:39

ماۋۇ تېما كۈمۈلۈپ كىتىپتۇغۇ
بەت: [1]
: (ئۆزھال) ھايات مەرغۇلى