ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 09:50:36

ئىككى تامچە ياش

ئىككى تامچە ياش
شېن چۈنخۇا

بالىلىق بولغاندىن كېيىن كاماندىروپكىغا چىققاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەزەلدىن ئۆيدىن بۇنچە ئۇزۇن ئايرىلىپ باقمىغانىدىم.
يولغا چىقىدىغان كۈننىڭ ھارپا ئاخشىمى مەن يۈك-تاقلىرىمنى يىغىشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدىم، قىزىم يېنىمدىن چۆرگىلەپ كېتەلمەيتتى، بىراق گەپ قىلمايتتى. بىر ئازدىن كېيىن ئۇ يېنىمغا كېلىپ ماڭا قىيالمىغاندەك تەلەپپۇزدا:
-مەن...ئىككى تامچىنى ئۇنىڭ ئىچىگە...
-ئىككى تامچە، نېمە ئۇ؟ نېمىنىڭ ئىچىگە؟-دەپ سورىدىم كىيىم-كېچەكلىرىمنى يىغىشتۇرغاچ، بىراق ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ۋاژىلداپ كەتتى.
-مەن چامادانىڭىزغا ئىككى تامچە يېشىمنى سېلىپ قويدۇم، ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىشىڭىزنى تىلەيمەن ئانا!-دېگىنىدى قىزىم كۆزىنى چىمىقلىتىپ. شۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭ كۆزىدىن يەنە ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى.
شۇ كۈنى كېچىچە مەن شۇ ئىككى تامچە ياشنىڭ ھارارىتىنى سېزىپ ياتتىم، چۈنكى ئۆزۈمنىڭ دۇنيادىكى «بەختلىك ئانا» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانىدىم.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

banker007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 10:59:05

تەسىرلىككەن.

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 11:03:23

ياخشى چىقىپتۇ،،
بەت: [1]
: ئىككى تامچە ياش