ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 09:48:05

ياخشى خوجايىن

                                                                                                ياخشى خوجايىن               
رۇخسارى ئابدۇرېشىت
«گۇگول» شىركىتىنى لارىي پېيچ 1998-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى قۇرغانىدى، ھازىر ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش تورى، يىللىق تىجارەت كىرىمى 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ، 30 نەچچە مىڭ خىزمەتچىسى بار. بىر كۈنى شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شىمىت مۇخبىرنىڭ شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى سوئالىغا دۇچ كەلدى، شىمىت مۇخبىرغا ئۇ ئويلىغاندەك بازار ياكى تېخنىكا تەرەققىياتى ھەققىدە گەپ ساتماستىن، ئەكسىچە مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:«ھەل قىلغۇچ نۇقتا دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر تالانت ئىگىلىرىنى ئىزدەش، ئۇلارنى تاپقان ھامان قولدىن چىقارماسلىق بىزنىڭ تەرەققىيات نىشانىمىز».
دېمىسىمۇ قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ بۇ شىركەت ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەشنى شىركەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلىپ كەلدى، ئىختىساسلىقلارنى يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى يارىتىشنى تەرەققىيات سۇپىسى قىلدى. تور  شىركىتىدە ئىنتېرنېت تېخنىكىسى يادرو ئىكەنلىكىدە شەك يوق، شۇڭا «گۇگول» تەكلىپ قىلغان خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى پروگرامما ئىنژېنېرى ئىدى.
بىراق ئىنژېنېرلارغا ئورتاق ئىلگىرىلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، «گۇگول» شىركىتى «قوش لىنىيە تۈزۈمى»نى يولغا قويۇپ، ئەگەر بىر ئىنژېنېر تېخنىكىغا پۇختا بولسا، ئۇ باش نازارەتچى ياكى باش دىرېكتورلۇق مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، دېگەن تۈزۈمنى يولغا قويغان. بۇ ئىنژېنېرلار باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىمىسىمۇ، باشقۇرغۇچىلىق
مۇئامىلىسىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، دېگەنلىك. مۇشۇنداق ئىلمىي باشقۇرۇش تۈزۈمى بولغاچقا، «گۇگول» شىركىتىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى ئوىشاش ساھەدىكىلەرنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈن بولىۋاتىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ:«گۇگول ئىختىساسلىقلارنى بايقاش ۋە ئۇلارنى تۈزۈم ئارقىلىق تۇتۇپ قېلىش روھىدىن ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا ئىختىساسلىقلارنى تۇتۇپ قالالىغان ھەم ئۇلارنى يېڭىلىق يارىتىپ كارخانا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشالىغان خوجايىننى ياخشى خوجايىن، دېيىشكە تامامەن بولىدۇ».
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 13:23:20

بىزنىڭ كارخانىلار باشقۇرغۇچى ياكى دېرىكتورلۇق مۇئامىلىسىدىن بەھرىمان قىلىش ئەمەس، بەزىدە تازلىقچىنىڭ ئورنىدا كۆرمەيدۇ.
بۇلار شۇنداق قىلالىغاچ بۈگۈنكى گوگىلنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ چىقتى

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 14:26:13

مەن بىر ياخشى خوجايىن ...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 19:26:20

مانچە يىل ئۇقۇغانلارنىڭ تاپىدىغىنى ساۋاتسىزلارنىڭكى بىلەن تەڭلەشسە ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە ئاندىن ئىختىساس ئىگىلىرىنى جەلپ قىلغىلى بۇلىدۇ ...
بەت: [1]
: ياخشى خوجايىن