dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 07:46:52

بىرھېكايەت

بىرشەھەردە كامالەتكە يەتكەن بىرئۆلىما بولۇپ،ئۇناھايىتى كۆپ شاگىر ت تەربىيلىگەن ئىكەن .ئۇنىڭ ئالىملىقى ،شاگىرتلىرىنىڭ بىلىملىك  ،ئەخلاقلىقى جىمى ئەلگە بىر كۆرەك ئىكەن .ئۇ ئالىممۇ ئەجەل شارابىنى تېتىيدىغان چاغ  كەپتۇ .بۇچاغدا ئەزرائىل ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ: ئەي ئالىم كىشى سەن ھازىر قايتىسەن –.دەپتۇ .ئالىم.كىشى كۈلۈپ تۇرۇپ :خوپ مەن تەڭرىنىڭ ماڭا پۈتكۈنىنى قۇبۇل قىلىمەن .سەن مىنىڭ جېنىمنى قايسى يۇسۇندا ئالماقچى ؟دەپ سوراپتۇ .ئەزرائىل:بۇ سەن ئۈچۈن بەرىبىر دەپ .سوغۇقلا قاراپتۇ .ئالىم كىشى بۇنى كۆرۈپ شۇنداق شۈركۈنۈپ كېتىپتۇ.ھەم :بو نىمە دىگىنىڭ ئەي ئەزرائىل دەپ سوراپتۇ. ئەزرائىل :سەن بەرىبىر جەھەننەمگەبارىسەن .دەپتۇ.ئالىم كىشى بۇنى ئاڭلاپ شۇنداق جاقىلداپ تىتىرەپ كېتىپتۇ.ھەم :نىمىشقا  ئەي ئەزرائىل. دەپ سوراپتۇ ھەم قىلغان  ياخشى ئىشلرىنى بىر–بىردىن سۆزلەپتۇ.ئەزرائىل :مەن پەقەت شۇنىڭ ئۈچۈنلا ساڭا بارار جايىڭنى ئاۋۋال دەپ قويدۇم .دەپتۇ.ئالىم كىشى ئەزرائىلنىڭ چاقچاق قىلمايدىغىنىنى بىلىدىكەن .ئۇ ھەيران ھەس بوپتۇ ،ھەم قورقۇپتۇ،ھەم جىدلىشىپتۇ ھەم بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلمەككە ئىنتىزار بوپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەزرائىلدىن ئۆزىنىڭ يەنە قالغان ۋاقتىنى سوراپتۇ.ئەزرائىل بىر ئاش پىشىم  قالغىنىنى دەپتۇ .ئالىم كىشى قەسىردىكى بارلىق شاگىرتلىرىنى يېغىپ بۇئىشنى مۇھاكىمە قىلىشنى ئېيتىپتۇ.ئەزرائىل تەييارلان دىگەندىلا ئاندىن ئەتراپقا ھەقىقەتەن ئامالسىز ھەم بىچارە ھالدا قاراپتۇ.ئۇنىڭ ئۇ بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان لىكىن بارلىق شاگىرت ھەم دەرس ئۇستازلىرى ھۆرمەتلەيدىغان بىر شاگىرتى دەس تۇرۇپ :ئۇستاز مەن سىلىگە سىلى ماڭا بەرگەن تەلىم بويىچە ھەم سىلىنىڭ تەپەككۈر لىرى بويىچە دىسەم سىلى دوۋزاققا ئەڭ لايىق كىشى بىرى :سىلىنىڭ  بىزلەرنى بىركۆرىدىغان كۆزلىرى ئىككى ئەمەس ،يەنە بىرى :سىلى مەدرىستىكى ئەڭ بىلىملىك كىشى ،ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشى سىلى لىكىن يىڭى كەلگەن ئۇستازلارنى ئەمەلدە مەنسىتمەيلا،بىرىنى قېتىپ قوياي :سىلىنىڭ مۇشۇ مەدرىستىكى دوستلىرى كىملىكىنى بىلەملا .دەپتۇ.ئالىم كىشى ئەجەل ئالدىدا راس سۆزلەپ كېتەي دەپ :دېگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسى راس .دەپتۇ.ئەزرائىل ئۇنى دۇئا قىلىشقا قويمايلا روھىنى ئېلىپ مېڭىپتۇ.
مەنبەئۆز قەلىمىم .

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 11:14:08

كىبىرلىكتىن ساقلىسۇن ،،،،،،،،،،
بەت: [1]
: بىرھېكايەت