10 جۈملە راست گەپ2008
10 جۈملە راست گەپ
1 . تىلەمچى سىزدىن ئاش تىلىسە پۇل ، پۇل تىلىسە ئاش بېرىڭ .
2. ئاممىۋى ئاپتوبۇسدا قېرى ، ئاجىز ، كېسەلچان ، مېيىپ ۋە ئىككى قات ئاياللارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورۇن بېرىڭ . قارشى تەرەپنىڭ رەھمىتىگە كۈلۈمسىرەپ قويسىڭىزلا بولدى . ئورنىڭىزنى بوشىتىپ بەرگەندىن كېيىن ئاپتونوستىن چۈشىدىغان قىياپەتتە ئۇ كىشىدىن يىراقراق تۇرۇڭ . شۇنداق قىلسىڭىز ، ئورنىڭىزدا ئولتۇرغان كىشى ئوڭايسىزلىنىپ قالمايدۇ .
3. ھاۋا سوغۇق ياكى يامغۇر ، قار ياغقان كۈنلەردە كۆكتات ، مىۋە - چېۋە ، گېزىت - ژۇرنال سېتىۋاتقانلارغا ئازراق بولسىمۇ سودا قىلىپ بېرىڭ ، بۇ ئۇلارغا قىلغان ياردىمىڭىز .
4. يولدىن ئېزىپ قالغان بالا ياكى بوۋاي - مومايغا يولۇققىنىڭىزدا ئامال بار ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇڭ . ئەگەر ئۆيىگە ئاپىرىپ قويالمىسڭىز ئاپتوبوسقا سېلىپ قويۇڭ ، ساقچىخانىغا ئاپىرىپ قويسڭىزمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە تېلېفون بېرىپ ئۇچۇر بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ .
5. يولدىن ئېزىپ قالغانلارنىڭ باشقىلاردىن يول سوراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالسىڭىز ، ئۇلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يادەم قىلىڭ .
6. بىرەرسىنىڭ پورتمىلىنى تېپىۋالسىڭىز ، دەرھال ئىگىسىگە قايتۇرپ بېرىڭ . ئەگەر پۇلغا بەكلا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز ، ئىچىدىكى نەق پۇلنى ئېلىپ قېلىپ ، پورتمالنىڭ ئىگىسىگە تېلېفون قىلىپ « پالانىچى يەردىن تېپىۋالدىم » دېسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئۇنىڭدىكى ئىناۋەتلىك كارتا ، كىملىك ، پراۋا قاتارلىقلارنى ئۆز پېتىچە ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرسىڭىز ئۇ كىشى يوقالغان ئازراق پۇل ئۈچۈن ئانچە قىلىپمۇ كەتمەيدۇ . بىراق سىز ئۇنىڭ ئادرېسىنى يېزىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . كېيىنچە پۇل تاپقاندا ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .
7. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى قامداش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى قەدىرلەشكە تېگىشلىك روھ ، ئوتتورا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ، بولۇپمۇ قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ شۇنداق . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىرەر ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ياكى نەرسە - كېرەك سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە چوقۇم ئۇنىڭغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ ، ئەگەر ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولمىسا ھەرگىزمۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلمايدۇ . ئۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەيرىتىگە بارىكاللا ! ئۇلارغا كۆپرەك ئىلھام بېرىپ كۆيۈنۈش كېرەك .
8. كېچىلىك بازاردا يايما يايغانلاردىن ئازراق بولسىمۇ نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىڭ . ئۇلارنىڭ سېتىۋاتقانلىرى ئەرزان باھالىق نەرسىلەر ، شۇڭا ئارتۇقچە باھا تالىشىپمۇ ئولتۇرماڭ . ئەگەر ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولسا ، ئۇلار شۇ كېچىدە ، شۇ سوغۇقتا توڭلاپ يايما يېيىپ ئولتۇرارمىدى ؟
9. ئەگەر ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭىز ياخشى بولسا ، پۇللىرىڭىزنى ئەيشى - ئىشرەت ، كەيپى - ساپاغا ئىشلەتمەستىن ، بىرەر خەيرلىك ئىشقا سەرپ قىلىڭ ، يەنى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالغان نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ . ئۆزىڭىزنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىمىسىڭىز ، قىلغان ئىشىڭىز تېخىمۇ ساۋابلىق بولىدۇ .
10. ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرسە ، ھەم يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئاساسىي بار ، دەپ قارىسىڭىز ، ئۇلارنى باشقىلارغىمۇ يەتكۈرۈپ قويۇڭ ، چۈنكى ئىناقلىق تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيەتتە ياخشىلار كۆپەيسە ، ھەممىمىز بەخت ئىچىدە ياشايمىز !
مەنبە :ئۈرۈمچى كەچلىك گېزى مۇنبەردىن ئۈندىدارغا ئۇندىداردىن يەنە مۇنبەرگە قايتىپ كەپتۇ ... hiyalqi يوللىغان ۋاقتى2014-11-26 08:26 static/image/common/back.gif
مۇنبەردىن ئۈندىدارغا ئۇندىداردىن يەنە مۇنبەرگە قايتى ...
جىڭ ماۋزۇسىنىڭ كەينىگە 2008دىگەننى يىزىپ قويغىنىڭىز نىمنى ئىپادىلەيدۇ؟
1 . تىلەمچى سىزدىن ئاش تىلىسە پۇل ، پۇل تىلىسە ئاش بېرىڭ .
---------------------------------
بۇنى پەقەت چۈشەنمىدىم، نىمىشقا ئۇنداق قىلىمىز؟ Mahir512 يوللىغان ۋاقتى2014-11-26 08:54 static/image/common/back.gif
1 . تىلەمچى سىزدىن ئاش تىلىسە پۇل ، پۇل تىلىسە ئاش بېرىڭ...
ئاشنى ئۆيدە تىلەيدۇ ئۇۋاقىتتا پۇل، پۇلنى سېرتتا تىلەيدۇ ئۇ ۋاقىتتا ئاش.:o ئەسلى 2008 يىلى مەن ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتىدىن كۆرۇپ ياختۇرۇپ ئىزدىنىشقا يوللىغان ئىدىم كېيىن باشقىلار مەن يازغان دەپ يوللاپتىكەن شۇڭا قايتا يوللىغان ئىدىم. KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى2014-11-26 09:12 static/image/common/back.gif
ئاشنى ئۆيدە تىلەيدۇ ئۇۋاقىتتا پۇل، پۇلنى سېرتتا تىلە ...
يەنىلا.....
چۈشەنمىدىم. perwazqil يوللىغان ۋاقتى2014-11-26 08:51 static/image/common/back.gif
ماۋزۇسىنىڭ كەينىگە 2008دىگەننى يىزىپ قويغىنىڭىز نىمنى...
2008 -يىللىرى مۇنبەرلەردە يۈرگەندۇ بەلكىم مۇشۇ ھىكمەتلەر
بەت:
[1]