«بۇ ئائىلىگە قاراڭ» نى كۆرىۋاتامسىلەر؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا murad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-25 22:20شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى 9- قانىلىدا ھەركۈنى كەچ 8:00 دە ئىككى قىسىمدىن بېرىلىۋاتقان ئۆي ئىچى كومىدىيىسى «بۇ ئائىلىگە قاراڭ» نى كۆرىۋاتامسىلەر؟ تونۇش- بىلىشلەرنىڭ باھاسىنى ئاڭلاپ بۇ فىلىمدىن بىرنەچچە قىسىم كۆرۈپ چىقتىم. ماڭا بەرگەن دەسلەپكى تەسىرى: تېما تاللاش، ئۆرپ- ئادەت، مەدەنىيىتىمىزنى چىن ئىپادىلەش، چوڭ- كىچىك ئارتسىتلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى، ئاۋاز بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇمەن ياخشى، مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ. بالىلارغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلىپتۇ. فىلىمنىڭ تىلى تەبىئىي، يېقىشلىق چىقىپتۇ. ياسالما، كىشىنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغان گەپلەرنى ئۇچراتمىدىم. ئابدۇكېرىم ئابلىز تىرىشچان يازغۇچى، مەسئۇلىيەتچان ئاتىنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپتۇ. خاسىيەت قۇربانمۇ ئانا رولىنى بەلەن ئاپتۇ. ئۈچ بالىنىڭ رولىنى ئالغان بالىلار رولنى كونا ئارتىستلاردەك شۇنداق ياخشى ئويناپتۇ. ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ئۆي ئىچى كومىدىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى، شۇنداقلا خېلىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوتتۇرىغا چىقىشى مېنى خۇرسەن قىلدى. فىلىمدە كەمچلىك دەپ قارىغان تەرىپىم فىلىم ناخشىسىغا سەبىيرەك ئاۋاز ماس كېلەتتىكەن، ئابدۇللانىڭ ئاۋازى سەل چوڭ كەلگەندەك بىلىندى.
قىسقىسى، ئاتا- ئانىلار كۈندە كەچتە ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ بالىلىرىڭلار بىلەن بىللە كۆرسەڭلار بولىدىغان، كورىيە فىلىملىرىدىن كۆپ ئەھمىيەتلىك فىلىمكەن.
فىلىمغا مۇناسىۋەتلىك باشقا تەپسىلاتلار:
بۇ ئائىلىگە قاراڭ قالدۇرغان ئادرىس خاتامۇ يا، ئېچىلمايۋاتىدۇ. تۈزىتىپ قويدۇم. http://www.25yax.com/read.php?vid-3384.html ما ئادرېستا باركەن. بۇ يەردىن كۆرگىلى بولىدىكەن:
http://uyntv.cntv.cn/2014/11/21/VIDA1416534484082894.shtml ئۆيدىكى چوڭلارنىڭ بۇ كىنوغا بولغان ئىنكاسى ياخشى ئەمەس. ھەربىر قىسىم فىلىمنىڭ تەربيۋى ئەھمىيىتى بار ئىكەن چوڭلارنىڭمۇ رول ئىلىش قابىلىيتى ياخشى ،ئەمما كىچىكلەرنىڭ ئۆزىنى سەل قويۋىتەلمىگەن يىرى بار ،سۆز قىلغاندا بولسا تەبىيرەك بولسا مىنىڭچە كىتاپ يادلىغاندەك بولۇپ قاپتۇ.
سىنارىيەنى يادلاپ ئەمەس بەلكى ھىسىياتى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ رولغا چىقىدىغان گەپ. تەرجىمە قىپتۇ ھە؟{:92:} پەچچەت ئىشلەپتۇ بۇ فىلىمنى، مۇشۇنداق فىلىملەرنى جىقراق قويسا بولاتتى تېلىۋىزوردا ئەسلى. بولسا ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى داۋاملىق تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە كۆپرەك ئىپادىلەپ، جەمئىيەتتىكى بەزى يامان ئىللەتلەرنى تېخىمۇ بەك قامچىلاپ، جەمئىيىتىمىزدە بىر ئويغىنىش ھاسىل قىلالىسا ياخشى بولاتتى. مېنىڭ نەزىرىمدە يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كىيىنكى ئەڭ ياخشى چىققان بىر ئۆزىمىزنىڭ فىلىمى بولدى. كۆرۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇپ، كىيىنكى بۈلۈملىرىنىڭمۇ داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى ئىشلىنىپ چىقىشىنى ئۈمىد قېلىمەن.
ئۈستىدىكى قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆيىدىكى چوڭلارنىڭ بۇ فىلىمنىڭ قايسى تەرىپىگە ئىنكاسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلگۈم بار. مەن بۇ فىلىمنى ھەقىقەتەن ياقتۇردۇم،مۇشۇ كەمدە تېلىۋۇزۇردا قوڭلىرىنى،ساغرىلىرىنى،كۆكسىنى ئېچىپ قويۇپ يۈرۈيدىغان كىنولار دەستىدىن بىر ئائىلە كىشىلىرى يۈرەكلىك ئولتۇرۇپ تېلىۋۇزۇرمۇ كۆرگىلى بولمايتتى.ئاخىرى ئائىلىدە ئاتا-بالا جەم بولۇپ ئولتۇرۇپ كۆرگىدەك ئۆزىمىزنىڭ كىنوسى بار بولدى!كورىيەنىڭ،مېكسىكىنىڭ تۇزسىز،تەتەمپەتى كىنولىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈدەك چىرايلىق،سۈپەتلىك،تېتىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى بوپتۇ.مەن ئاۋۇ بىر زاماندا نىمىتتى ھېلىقى؟سېرىق چىش لىتسىيە دىگەن ماز كىنونى باشلىغاندا تۈكۈرۈپ تۇرۇپ ئۆچۈرىۋەتكەن پېتى توپا بېسىپ ياتقان تېلىۋۇزۇرنى قايتا ئېچىپ پەقەت سەككىزدىن توققۇز يېرىمگىچىلا تولۇق كۆرىدىغان بولدۇم.شىنجاڭ دىيەنشى ئىستەنجى مۇشۇ فىلىمنى بىزلەر ئۈچۈن كۈندە ئىككى قىسىمدىن قويۇپ بېرىپ كارامەت ياخشى ئىش قىلدى،ئۇلارغا چىن كۆڭلۈمىزدىن تەشەككۈر!لىكىن زە ئېۋۇ ئېلانلارنى فىلىمنى باشلاپ ئاياقلاشتۇرغاندا كېكىرىپ كەتكۈدەك بېرىۋاتقاندىكىن،فىلىمنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە ژۇتۇق ئىشتاندىن بىژمە چىققاندەك قويىۋالمىسىمۇ بولاتتى!پەقەت شۇ يېرىلا غىدىقىمنى كەلتۈرگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا فىلىمدە گەپ يوق.ئۆز كىنويىمىزنى،ئۆز ئارتىسلىرىمىزنى كۆرۈپ شۇنداق سۆيۈندۈم،ئابدۇكېرىم ئاكا بۇ ئوبرازنى ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئاپتۇ،خاسىيەت ھەدىمىزمۇ ئىللىق چىراي،مىھرىۋان ئانا ئوبرازىنى بەك يېقىملىق يارىتىپتۇ،ئىلگىرى «ھاشىمەك ھاشىمەك» دەيدىغان ئىتوتلىرىدا سەھرا ئاياللىرىنىڭ ئوبرازىنى مەتۇ،تۇتۇرۇقسىز يارىتىپ ماڭا ئانچە ياقمىغان ئىدى،ئەمدى ھەقىقىي ئۇتۇق قازىنىپتۇ،ئابدۇكېرىمكامغا ۋە خاسىيەت ھەدەمگە كۆز تەگمىسۇن!تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە قول يەتكۈزۈشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!ئەۋۇ ئوماق ئۇكاشلىرىممۇ بار تېخى!……:victory::handshake:) ئىسىت مەن توردىنلا كۆرىۋاتىمەن .لىكىن ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ. ياخشىكەن ، مەنمۇ توردىن كۈرىۋاتقان ، بالىلىرىم تېپىپتىكەن ... خەنزۇلارنىڭ بىر تېلىۋىزىيە تىياتىرى بار 家有儿女 ئارتىسلار موشۇ فىلىمدىكىسى بىلەن ئوخشاش رول ئالغان. ئەلۋەتتە ۋەقەلىكى ئوخشىمايدۇ. ساپ ئىجادچانلىق يوق بولسىمۇ ، بۇفىلىم يەنىلا ياخشى چىققان، نۇرغۇن ئادەملەرىنڭ قىزىقىپ كۆرىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم.
家有儿女 بىر قاملاشمىغان يىرى، باش ئارتىسنىڭ ئۆيىگە نۇرغۇن
قىتىم مىھمان كىرىدىكەنيۇ ھەممىسىلا كىرىپلا پاراڭنى
باشلاپ كىتىدىكەن، ئامېن! دەپ دۇئانى قىلىۋىتىپ
باشلىسىمۇ بولاتتى.
بۇرۇن ئىتوتلاردىمۇ ئامېن! دەۋىتىپ ئاندىن ئىش
باشلايتتى ھازىر ئۇنداق قىلغىنىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان
بوپ كەتتى. ئاساسى جەھەتتىن ياخشى چىقىپتۇ. مەنمۇ كۆرۈپ قوياۋاتمەن. لىكىن كومدىيە دىگەننى قاتمىسا بولغىدەك مىنىڭچە.. كۈلىدىغان جايلىرىغا «يالغان پاراق :lol » ئاۋازىنى قوشۇۋەتكەن بولسا، خۇددى ئامېرىكىنىڭ growing pains ۋە خەنزۇچە 家有儿女 تەك ياخشى چىقاركەن، بۇپتۇ ، تۇنجى ئەمەسمۇ، كېيىنكى ئۆي كومىدىيىلىرىدە قۇشۇلۇپ قالار .{:112:} ياخشى باشلىنىش بوپتۇ. بىزمۇ زوقلىنىپ ئولتۇرۇپ كۆرىۋاتىمىز. توردىن چۈشۈرۈپ.
www.tizyol.net كۈندە 2 قىسىمدىن چۈشۈرۈش ئادرىسىنى يوللاۋېتىپتۇ. aLKaMaL1 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 07:52 static/image/common/back.gif
بىر قاملاشمىغان يىرى، باش ئارتىسنىڭ ئۆيىگە نۇرغۇن
قىت ...
فىلىمدىمۇ دەل سىز كۆزدە تۇتىۋاتقان ناچار ، بى تەربىي خوشنىلارنى قامچىلاۋېتىپتۇ .
سەل نورمالراق مېھمانلار دەسلەپتە دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇپباقمىدى . كومىدىيەلىك فىلىم بولغانكىن ھەربىر كۆرنىشتە بىرەتالدىن يۇمۇرلۇق گەپ-سۆز ياكى ھەركەتلەر چىقسا ئىسىل بولاتتى. بەزىدە ئادەتتىكى نۇرمال فىلىملەردەك تەسىر بىردىكەن.
ئامېركىنىڭ بۇرۇنقى Growing Pains بىلەن يېقىندا ئىشلەنگەن Good Luck Charlie فىلىملىرى ھەقىقەتەن پەيزى چىققان بۇ فىلىمنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ ئىشلەۋاتامدىكىن دەيمەن...:shutup:
ئابدۇكېرىم ئابلىز بىلەن زىۋەر قېتىقچىدىن باشقىلىرى پەقەت ئۆزىنى قويۋىتىپ ئەركىن چىقالماپتۇ، (ئۇ ئىككىسى دىگەن كەسپى دە..)
ئائىلە يىغىنى ئاچقان يېرى بەك تىتىقسىز بىلىندى..