پوۋېست تاللاپ بەرگەن بولساڭلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا ئۇتۇق ۋە ساغلاملىق تىلەيمەن. بىز ئىدارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن رادىئو دىراممىسى ئىشلىمەكچى بولغانتۇق. ھېكايىنى دىرامما قىلايلى دېسەك قىسقا بولۇپ قالغۇدەك. روماننى قىلايلى دېسەك ئۇزۇن بولۇپ قالغۇدەك.، شۇڭا پوۋېست ئەڭ مۇۋاپىققەن. كۆپچىلىكنىڭ پوۋېست تاللىشىپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.تەۋسىيە:
1.ئاتايىن رادىئو داراممىسى قىلىپ ئىشلەيدىغىنىمىز ئۈچۈن كىچىك، ئاددى ۋەقەلىكلار سۆزلەنگەن پوۋېستلار بولسا تازا ياخشى بولمايدىكەن. شۇڭا چوڭراق تېمىلاردا يېزىلغان، مول مەزمونلۇق پوۋېست بولغان بولسا.
2.رادىئو دىراممىسىدا بايان كۆپ بولمايدىكەن. شۇڭا بايان، تەسۋىرلەر ئۇزۇنراق، ۋەقەلىك ئازراق بولغان پوۋېستلار بولمايدىكەن.
3.ۋەقىلىك راۋاجى ئۆزگۈرۈشچان، كىشىنى جەلىپ قىلىۋالىدىغان پوۋېستلار بولسا بەك ياخشى بولاتتى.
4.ئۆزىمىزنىڭ يازغۇچىلىرى يازغان پوۋېستلار بولسىمۇ ياكى تەرجىمە پوۋېستلار بولسىمۇ بولىدۇ.
5.ئەگەر سىنارىيە يېزىشىقا قىزىقىدىغانلار بولسا بىرەر پوۋېستنى سىنارىيە قىلىپ يېزىپ باقسا، نازارەتتىن ئۆتسىلا مۇۋاپىق قەلەم ھەققى ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىمەن.
كۆپچىلىككە رەھمەت چەت ئەلنىڭكىنى ئىشلەتسەڭلار، سىتېپان زىۋېگنىڭ ئىككى قىسىملىق پوۋېستلار توپلىمى بار. شۇنىڭدىن ئېلىڭلار. ئادەمنى جەلىپ قىلىش جەھەتتە شۇنىڭ پوۋېستلىرىغا تەڭ كېلىدىغاننى ئوقۇپ باقماپتىمەن. بىر-بىرىدىن ئېسىل. رادىيو دىراممىسىغا تازا باپ كېلىدۇ. مەمتىمىن ھۇشۇر پوۋىسىتلىرىدىن «ساۋاقداشلار» ، «خاسىيەتلىك قار» ، ئەختەم ئۆمەر پوۋىستلىرىدىن « زىمىن قارا ئادەملىرىڭگە » ....خېلى بوپقۇيىدۇ ، ئىشقىلىپ ئاڭلاتساڭلار مەن ئاڭلايمەن ... ئۆزھالكام سىنارىيە يازغىلى ئۇستا ـتۈركىيە يازغۇچىسى امىنە شەللىكنىڭ "اياللارنى اياللارمۇ ىزىدۇ" ناملىق ەسىرىمۇ بولىدۇ Toghrak يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 20:41 static/image/common/back.gif
ـتۈركىيە يازغۇچىسى امىنە شەللىكنىڭ "اياللارنى اياللار ...
قازاقچە يازىدىغان بۇلۇپ كەتتىڭىزمۇ ياكى ھەپتىيەكنى جىق ئۇقۇغانمۇ كىچىگىزدە ؟ زوردىن سابىرنىڭ ‹‹ئارچا ياپرىقى›› نى تەۋسىيە قىلاي. يەنە ئەختەم ئۆمەرنىڭ ‹‹ئاھ، رەھىمسىز دەريا›› مۇ ياخشى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-25 21:05
مەن ئۇزەم يىزىۋاتقان كوپ قىسىملىق فانتازىيىلىك روماننىڭ بىرىنچى قىسىمىنى تەۋسىيە قىلاي ، بىر قىسمى بىر پوۋىسىت ئولچىمىگە چۇشۇپمۇ قالىدۇ ، دىئالۇگ ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدۇ ، كۇرۇپ باقساڭلار تەلىۋىڭلەرگە ئويغۇن كەلسە ئويغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ بەرسەممۇ ياكى سىنارىيەگە ئوزگەرتىپ بەرسەممۇ بۇلىدۇ، رەھمەت. مەنزىل: http://yuedu.163.com/book_reader/36dc2835600241e3ac5aac15802e8353_4
bugday يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 20:57 static/image/common/back.gif
زوردىن سابىرنىڭ ‹‹ئارچا ياپرىقى›› نى تەۋسىيە قىلاي. يە ...
ئارچا ياپرىقى دىگەن پوۋىستنىڭ
PDFنۇسخىسنى شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم ، سىزدە بارمۇ ؟بولسا ھەمبەھىرلەپ قويىڭە . hiyalqi يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 20:44 static/image/common/back.gif
قازاقچە يازىدىغان بۇلۇپ كەتتىڭىزمۇ ياكى ھەپتىيەكنى ج ...
ئايپاتەم ئايپەدنى ماختاۋاتىدۇ :lol hiyalqi يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 20:44 static/image/common/back.gif
قازاقچە يازىدىغان بۇلۇپ كەتتىڭىزمۇ ياكى ھەپتىيەكنى ج ...
ـتىلىفۇننىڭ بولىشى شۇ:( alip يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 21:14 static/image/common/back.gif
ئايپاتەم ئايپەدنى ماختاۋاتىدۇ
چوڭ بىلمىگەچ ىشلەتمەيلا قويدۇق جۇمۇ:) hiyalqi يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 20:36 static/image/common/back.gif
مەمتىمىن ھۇشۇر پوۋىسىتلىرىدىن «ساۋاقداشلار» ، «خاسىي ...
« مۇساپىرلار قاۋىقى» چۇ؟ bugday يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 20:57 static/image/common/back.gif
زوردىن سابىرنىڭ ‹‹ئارچا ياپرىقى›› نى تەۋسىيە قىلاي. يە ...
قوللايمەن.
زوردۇن سابىر بىلەن ئەختەم ئۆمەرنىڭ پوۋېستلىرى، ھېكايىلىرى رادىيو دىراممىسى قىلىشقا تازا باپ كېلىدۇ، ۋەقەلىكى جەلپ قىلارلىق، تىلى يېنىك ۋە قىزىقارلىق، بولۇپمۇ دىيالوگلىرى بەك تەبىئىي. «سۈبھى»، «ئارچا ياپرىغى»... مەيلى قايسى ھېكايە پوۋېستىنى ئىشلىتىڭلار، ياقتۇرۇپ ئاڭلايمىز. Toghrak يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 21:18:10 static/image/common/back.gif
ـتىلىفۇننىڭ بولىشى شۇ:(
ئىككى ئايدىن بىرى مۇنبەرنىڭ ئەپ دېتالىدىلا چىقىۋاتىمەن. شۇنداق كۆنۈپ قالدىم. شۇنى سىناپ بېقىڭ. توغراقنىڭ مۇنبەرگە مۇناسىۋەتلىك باھانىسىدە بىر سۇئال سورىۋالسام:
( يۇقىرىدىكىسى مۇنبەرنىڭ يانفۇن ئەپ دېتالىدىن تۇتۇلغان كۆرۈنۈش)
1. ئوڭ تەرەپتىكى ئەزالارنىڭ باش سۈرىتى خېلى كۆپ قىسىمنى ئىگەللىۋالغاچقا، يازما خېتى كىچىك كۆرۈنۈپ كۆزنى ئاسان تالدۇرۇپ قويىدىكەن. باش سۈرەتنى كۆرۈنمەيدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بولماسمۇ؟
2. سول تەرەپ ئۈستى بۈرجەكتىكى كۆپۈچكە شەكىللىك نەرسىنى يوقاتقىلى بولماسمۇ؟
3. كۆزنەكنىڭ ياكى خەتنىڭ چوڭ_كىچىكلىكىنى تەڭشىگىلى بولماسمۇ؟
.... 4. ئەڭ ئاستىدا كۆرۈنىدىغان بەت نومۇرىنى ئەڭ ئۈستىدىمۇ كۆرۈنىدىغان قىلغىلى بولماسمۇ؟ salambay يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 22:04 static/image/common/back.gif
ئىككى ئايدىن بىرى مۇنبەرنىڭ ئەپ دېتالىدىلا چىقىۋاتىم ...
قانداق چىقىدۇ؟ يامىشىپ چىقىدۇ
بەت:
[1]
2